بۆشۈك  
 
 
  
 
 
غىچىرلىشىڭ ئەڭ قەدىمىي سۈپسۈزۈك ئاھاڭ،  
باغرىڭ مېھىر ئاققان دەريا دىلغا سىلىپ ئىز .  
سەندە تاتلىق ئۇخلاپ چىقار ئەتىكى قۇياش ،  
ئانا  كۆكسى ساڭا  مەھكەم تارتىدۇ  يىلتىز .  
 
  
«غىچىر-غىچىر» بۇ نەقەدەر مۇقەددەس ناخشا،  
ئەللەيلەرنى  چايقار  ئانا  ئىزگۈ   ئاھاڭدا .  
رىشتىلەردىن   تاراملايدۇ  پاكلىق  جىلۋىسى ،  
بىر مۇھەببەت مەۋجۇج ئۇرىدۇ يىپيىڭى قاندا.  
 
  
قەبرىلەرمۇ  ياسىلىدۇ    بۆشۈك   سىياقتا،  
ئېھ،بۆشۈكتىن يەرگە كۆچەر ئۇلۇغ بىر تۇيغۇ.  
بۆشۈكلەرنى، قەبرىلەرنى تەۋرىتەر بىر روھ،  
تېنەپ يۈرەر تەۋرىنىشنىڭ باغرىدا ئۇيقۇ....  
 
 
    ئاپتۇرى: جۈرئەت نۇرۇللا. « شاۋقۇنسىز دەريا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئىلىندى.  
    مەن بەك ياقتۇردۇم شۇڭا كۆپچۈلۈكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.  
 
  
 
  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muyas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-4 11:21 PM   
 
  |