|
|
|
|
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئستانسسى ئۇنۋېرسال خەۋەرلەر رادىيوسىنىڭ پىروگرامما بۆلۈم مۇدىرى. ئۇنۋانى: مۇدىر دېكتور. پۈتتۈرگەن مەكتپى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ۋەزپىسى: ئۇنۋېرسال خەۋەرلەر دىكتورى، قاتناش قىزىق لىنىيسى پىروگرامىسنىڭ رىياسەتچىسى، تەكلىپلىك ئاۋاز ئارتىسى. تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى. قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى: دىكتورلۇق كەسپىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، ئاۋاز جەھەتتىكى خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، تەجرىبە يەكۈنلەش نەتىجىسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان، رادىيودا خەۋەر، ماقالە ئوقۇش، ھەرخىل چوڭ يىغىن، پائالىيەتلەرنى، تۈرلۈك سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىش، تۈرلۈك ژانېرىدكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاڭلىتىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلار ۋە رەھبەرلىكنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئون مۇنەۋۋەر دىكتور رىياسەتچىنڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، ئاپتونوم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە دىكتور رىياسەتچىلىك پروگرامىللىرنى باھالاشتا بىرىنچى، ئككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. ئون پارچىغا يېقىن ماقالىسى «زامانىمىز ئاخباراتچىلقى»، «ئۈن-سېن گۈلزارى »قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. پاتىگۈل مەسۇم كەسپىي جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ كەسپىي جەھەتتە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە تەربىيەلىنىشكە كەلگەن دېكتور رىياسەتچىلەرنىمۇ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەپ ، رادىيو ـ تېلېۋېزىيە مەكتىپى ۋە رادىيو ـ كىنو ـ تېلېۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ دېكتور رىياسەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئىشتىن سرتقى ۋاقىتلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى: ئۆزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل ئوبرازغا ئۆلچەملىك ئاۋاز بېرىشتەك ئالاھىدىلكى بىلەن نۇرغۇنلىغان كىنولارغا تەكلىپ بىلەن ئاۋاز بەرگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى: شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئستانسسى تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلغان «مەلىكە خۇۋەنجۇ»فىلىمدە ئىجابى ئوبراز زىۋىي بىلەن سەلبىي ئوبراز رۇڭ ئنىكئانادىن ئىبارەت ئككى ئوبرازغا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز بېرىپ خاراكتېرى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئككى ئوبرازنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپ كەسىپداشلىرى ۋە تېلۋۇزۇر كۆرگۈچلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇندىن باشقا، شىجاڭ رادىيو -كىنو تېلۋىزىيە مەكتىپىدە تەكلىپ قىلشى بىلەن «دىكتورلۇق ئۇسلۇبى»، «دىكتور-رىياسەتچىلىكتىكى جەلىپكارلىق»، «رادىيو دىكتورلۇقى»، «دىكتورلۇق نەزىرىيەسى»، «دىكتورلۇق ئەسەرلىردىن ھۇزۇرلىنىش» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈش بىلەن بىرگە نازارەت كادىرلار بۆلۈمنىڭ ئورونلاشتۇرشىغا ئاساسەن ئۆزلۈكسىز مائارىپقا تەربىيە ئېلىشقا كەلگەن دىكتور-رىياسەتچى، ئاۋاز ئارتىسلىرغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تەلەپپۇزنىڭ رادىيو-تېلۋىزىيەدە قولىنىلشى»، «تىلىمىزدا ساقلىنىلۋاتقان مەسىللەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش» تېمىسىدا دەرىس سۆزلەپ كەلمەكتە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-5 02:39 AM
|
|
|
|
|
|