يەر ناملىرمىزنىڭ ئەھمىيتىنى بىلەمسىز ؟
ئاپتۇرى : سۇلتان مامۇت ئىبراھىم
(ئاپتۇر يەكەن ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىيىنسىيۇنىرى )
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇلار ئاشۇ قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئىتەكلىردە ياشاپ كەلگەن ، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزلىرى ماكانلاشقان جايلارغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بويچە نام بەرگەن بولۇپ ، بۇ يەر ناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن . بۇنى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىردىن تارتىپ تۈزۈلۈشكە باشلىغان يەر ناملىرى تەزكىرلىرى ئوبدان ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .
شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ، ئەجداتلىرىمىز قوللانغان ئەشۇ يەر ناملىرى ئانا تىلىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەۋەررۈك، يىزىقسىز تارىخى خاتېرە سۈپىتىدە مىراس ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزى سۈپىتىدە تارىخى ھۆججەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەشۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئانا ماكانى توغۇرسىدىكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان نەخ پاكىت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ نوقتىنى 1962- يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى چىگىرسىدىكى << ئاق سايچىن >> دىگەن يەر نامىنىڭ ئۇيغۇرچە يەر نامى ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگۇ پۇخراسى ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا << ئاق سايچىن >> نىڭ جۇڭگۇغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، ھىندىستان تەرەپنى مات قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمىلى مىسال ئارقىلىق ئوبدان ئىسپاتلاشقا بولدۇ. شۇڭا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كاتىپى بولغان ئابدىقادىر ئىممەت ئەپەندى مېنىڭ << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> نىڭ 2001- يىلى 12- ئۆكتەبىر ساندا ئېلان قىلىنغان << زەرەپشان دەرياسى دىگەن نام توغۇرسىدا >> دىگەن ماقالەمنى قوللاش يۈزسىدىن << << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> نىڭ 2002- يىلى 19- ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان << زەرەپشان ئاتالغۇسى توغۇرسىدا >> دىگەن ماقالىسىدە : << ئەگەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئېچىپ . گۈللەندۈرۈپ ياشاپ كەلگەن بۇ زىمندىكى < يەكەن دەرياسى > < يەكەن ناھىيسى > دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر < زەرەپشان دەرياسى > < زەرەپشان ناھىيسى > دىگەن پارىسچە سۆزگە ئۆزگۈرۈپ كەتسە ، كۈنلەرنىڭ بىردە پارىسچە سۆزلىشىدىغان بىرسى چىقىپ << بۇ زىمىن بىزنىڭ چۈنكى بۇ يەرنىڭ زەرەپشان دىگەن نامىنى بىز قويغان >> دەپ دەۋا قىلسا ، ھازىرقى زەرەپشان زەرەپشان خۇمارلىرىنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ھىندىستان دىپلۇماتلىرى ئوسال بولغاندەك ئاقىۋەتكە قالمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ ؟ شۇڭا << زەرەپشان>> دىگەن سۆزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنى << يەكەن >> بىلەن بىر مەندە ئىشلىتىۋاتقانلارغا << ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە >> دىگەن ئەقلىيە سۆزنى تەقدىم قىلىمەن >> دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدى .
تولىمۇ ئەپسۇسكى يەر ناملىرىمىزنىڭ يۇقىرقىدەك ئالاھىدە ئەھمىيتى ھەققىدە توغرا تونۇشنىڭ بولمىغانلىقىدىنمۇ ؟ ياكى ئىنسانغا خاس بىر خىل مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇنىڭ يوقلىقىدىنمۇ ؟ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ - قانداق ؟ بىر قىسىم كىشىلىرمىزنىڭ يەر ناملىرمىزنى خالغانچە تاشلىۋىتىشتەك قىلمىشلىرى سادىر بولۇپ كەلمەكتە . بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئەھۋالنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولدۇ . بىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىىپىدىن ھەر بىر ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە يىزىلغان ئەسلىدىكى كەنىت ناملىرىنى ئىشلەتمەي ، ئەكسىچە رەقەم بىلەن يەنى 1- كەنىت ،2- كەنىت دەپ ئاتاشتەك ئەھۋال ، بۇنداق بولشىدا بەزى ناھىيلەردە كەنىت - مەھەللە ناملىرىنى رەقەم بىلەن ئاتاشنى بىر خىىل مەمۇرى بۇيرۇق سۈپىتىدە يولغا قويۇپ ، ھەرخىل ئاممىۋى يىغىلىشلاردا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇ بويچە ئاتاپ كىلىۋاتقانلىقى ئاساسى سەۋەپ بولماقتا . بۇنداق بولغاندا يەر ناملىرمىزدا ئىپادىلەنگەن خاسلىق پۈتۈنلەي يوقىلىپ كىتىدۇ . بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كىرەككى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەر قانداق كەنىت - مەھەللە ناملىرى بىزنىڭكىگە ئوخشاش رەقەم بىلەن ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى نامى بويچە ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەزى قەدىمكى ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى تاشلىۋىتىپ ، ئۇلارنى باشقىچە نام بىلەن ئاتىشىدەك ئەھۋال .مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە ئۇچراتقان ھەمدە كۆپچىلىك كىشىلەر بىلدىغان يەر ناملىرىمزدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر ناھىينىڭ قەدىمكى نامى بولغان << توقسۇ >> ، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى << دۆڭكۆۋرۈك >> << قىزىل تاغ >> قەشقەر شەھرىدىكى << قىزىلنىڭ كۆۋرۈكى >> يەكەن ( ئەسلى تەلەپپۇزى ياركەند ) بازىردىكى << غادىر گەرلىك >> قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولدۇ.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۈتۈش كېرەككى يەر ناملىرىمىزنى تاشلىۋىتىشتەك بۇنداق خاتا قىلىقلار بىر تەرەپتىن ئەجداتلىرىمىزغا قىلىنغان ئاسىلىق ھىساپلانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن گوۋۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەرمانلىرىغار خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئالايلۇق ، گوۋۋۇيۈەن تەرپىدىن 1986- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى >> نىڭ 3- ماددىسىدا : << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش كىرەك . يەر ناملىرىنى قويۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە نىزامىدا بەلگۈلەنگەن پىرىنسىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقوقى چەكلىمىسى بويچە يۇقىرغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك . تەستىقلاتماي تۇرۇپ ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىس ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن قارار قىلماسلىقى كىرەك >> دەپ بەلگۈلەنگەن . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈندىكى 7- نۇمۇرلۇق پەرمانى بولغان << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققدىكى يولغا قويۇش چارىسى >> نىڭ 4- ماددىسىدا << يەر ناملىرىنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش ، ھەقىقەتەن نام بىرىشكە ۋە نامىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن تەستىقلاش ھوقوق دائىرسى ۋە تەرتىپى بويچە تەستىقلىتىش لازىم . ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ جايلارغا ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بىرىشكە ۋە يەر ناملىرىنى ئۆگەرتىشكە يول قويمايدۇ >> دەپ ، 6- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا :<< نامى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا ، شۇ جايدىكى ئامما قوللىنىپ ئادەتلەنگەن يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇررۇشقا بولمايدۇ >> دەپ ، 10- ماددىسىدا << ھۆججەت - ئالاقە . خەرىتە ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى گىزىت -ژورنال ، رادىئو ، كىنو - تىياتىردە ئىشلىتىلگەن يەر ناملىرى توغرا ھەم قىلىپلاشقان بولۇش لازىم دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا كىشىلەرنىڭ يەر ناملىرىنىڭ ئەھمىيتىنى ئىنىق تونۇغان ئاساستا يەر ناملىرىغا بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، گوۋۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرىنى قوغداش ھەققىدىكى پەرمانلىرىنى تولۇق ئىجىرا قىلنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .