مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1564|ئىنكاس: 6

يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 02:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         تەبىئەتنىڭ << كېپىنەك ئېففېكتى>> دېگەن نېمە؟

  18-ئەسىردىكى فرانسىيىلىك ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە فىزىك لاپلاس ، ئەگەر بىر تالانت ئىگىسى ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەممە مۇناسىۋەتلىرىنى بىلسە، ئۇ چوقۇم بۇ شەيئىلەرنىڭ <<ئۆتمۈشى>> ۋە <<كەلگۈسىنى>> دەپ بېرەلەيدۇ، ئۇ تەبىئەتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققى قىلىشىنىڭ ھەممىسىنى مۆلچەرلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، دەپ ئېيتقان ئىدى. مەسىلەن، ئاسترونوملار بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئون يىل، ھەتتا بىر نەچچە يۈز يىلدىكى كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ھالدا تەجرىبىدىن ۋە بىۋاستە سېزىمىدىن پايدىلىنىپ مۆلچەرلەش ئېلىپ بارىدۇ. بىر ماھىر ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى گارغا توپ تاشلىغاندا يۈزدە يۈز چۈشۈرىدۇ. بىر تىكتاك توپ ماھىرى توغرا ھالدا قارشى تەرەپ ئۇرغان يايسىمان پىرقىرىما توپنى ئۇرالايدۇ ۋە قايتۇرما زەربە بېرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ مۆلچەرلەش ئىقتىدارى زۆرۈر بولىدۇ.
  كىشىلەرنىڭ <<ھازىر>> دىن <<كەلگۈسى>> نى مۆلچەرلەشتە ئەڭ تونۇش بولغىنى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بولۇشى مۇمكىن. كومپىيوتىر ۋە سۈنئىي ھەمرا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھاۋارايىنىڭ خالىغانچە قالايمىقان قىلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپلا قالماستىن، يەنە ھاۋارايىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلماقتا. ئەگەر ئالىملار يامغۇر ياغدۇرالىسا ۋە توختىتالىسا، ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىسسىق بەلۋاغ بوران-چاپقۇنلىرىنى يۆتكىيەلىسە، قاتتىق سوغۇق، ئىسسىق تومۇزلارنى ھەيدىۋىتەلىسە، قانچە ياخشى بولاتتى!
  ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەر ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ مەلۇم خىلدىكى مۆلچەر بولۇپ، ئىككى، ئۈچ كۈن ئىچىدىكى ئالدىن مەلۇماتنىڭ ئەمەلىي ھاۋارايى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدىغانلىقىنى، بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئالدىن مەلۇماتنىڭ ئەمەلىي ھاۋارايىدىن بەك يىراقلاپ كېتىپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش قىممىتىنى پۈتۇنلەي يوقىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئامىرىكا مېتېئورولوگى لورىنتىس كومپىيۇتېردا بىر ئويۇنچۇق ھاۋارايى مودىلىنى ياساپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىككى گورۇپپا ھاۋارايى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن كىرگۈزۈلگەن نەتىجىنىڭ ناھايىتى كىچىك خاتالىقى بولسا << پەرق قىلدەك، خاتالىق بولار مىڭ چاقىرىمدەك>> نەتىجە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭدىن ئۇ، ھاۋارايىدىن يىغىۋېلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئازغىنا خاتالىق بولسىمۇ (بۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن) كومپىيۇتېردا ئېرىشكەنلەر مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت بولىدۇ دەپ تونىدى. 1972-يىلى لورىنتس بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە ئوبرازلىق سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق: <<بىر كېپىنەك برازىلىيىدە قانات قاقسا، ئامېرىكىنىڭ تىكساس شتاتىدا قارا قۇيۇن كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ؟>> دەپ سورىغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇنداق ھادىسىنى تەبئەتنىڭ <<كېپىنەك ئېففېكتى>> دەپ ئاتاشتى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى يوقىتىشىدىكى سەۋەپ دەل كېپىنەك ئېففېكتىدىن كېلىدۇ.
  كېپىنەك ئېففېكتى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ بۇنىڭغا مىساللار ئاز ئەمەس. پەرەز قىلايلى، پۈتۈنلەي ئىدېئال بىليارت ئويۇنىدا، بىليارت ئوينىغۇچى مەلۇم بىر بۇلۇڭدىن بىر ساقىنى ئۇرغاندىن كېيىن، بورت ئۈستىدىكى ساقىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سوقۇلىدۇ ۋە ئوخشاشمىغان يۆنىلىشلەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ. ساقا ئۇرغۇچى ئىشلەتكەن كۈچىنى قاتتىق كونترول قىلالايدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ئىككىنجى نۆۋەتتە بىرىنجى قىتىمدىكى نەتىجىنى قايتا پەيدا قىلالامدۇ؟ ئۇ تەجرىبىسىگە تايىنىپ مەلۇم بىر ساقىنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايسى ئورۇنغا ماڭىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلەمدۇ؟ مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ساقىنى ئۇرغاندا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئازراق پەرققىمۇ سەل قاراپ قالسا ، مەسىلەن، بورت يۈزىنىڭ سەل-پەل تەۋرىنىشى،ھەتتا ساقا ئۇرغۇچى نەپەس ئالغاندىكى ساقىغا بولغان ناھايىتى ئاجىز تەسىرمۇ ئۇنىڭ مۆلچەرىنى ئەھمىيەتسىز قىلىۋىتىدۇ.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 10:01:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟
  كىشىلەرنىڭ <<ھازىر>> دىن <<كەلگۈسى>> نى مۆلچەرلەشتە ئەڭ تونۇش بولغىنى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداق. تەپەككۇرنىڭ  قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەلەيدىغان،تەپەككۇر قىلىپ بىلەلەيدىغان،بىلگەنلىرىگە ئاساسەن دۇنيانىڭ ئۆزگۈرۈش ھالەتلىرىگە باھا بىرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە يامان مەخلۇقتۇر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 10:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟
  كىشىلەرنىڭ <<ھازىر>> دىن <<كەلگۈسى>> نى مۆلچەرلەشتە ئەڭ تونۇش بولغىنى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداق. تەپەككۇرنىڭ  قانۇنىيتىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەر تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەلەيدىغان،تەپەككۇر قىلىپ بىلەلەيدىغان،بىلگەنلىرىگە ئاساسەن دۇنيانىڭ ئۆزگۈرۈش ھالەتلىرىگە باھا بىرەلەيدىغانئىقتىدارغا ئىگە يامان مەخلۇقتۇر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 12:54:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 12:00:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاۋارايىدىن  ئالدىن  مەلۇماتنىڭمۇ  ئاساسى  بار  ، چۈنكى  بىز  ئاللاھ  ياراتقان  قانۇنىيەتلەرنى  بىلەلىدۇق  ،

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 11:54:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاۋارايىدىن  ئالدىن  مەلۇماتنىڭمۇ  ئاساسى  بار  ، چۈنكى  بىز  ئاللاھ  ياراتقان  قانۇنىيەتلەرنى  بىلەلىدۇق  ،

سىزنىڭ مۇشۇ كۆز-قارشىڭىز مىنىڭ ھىسياتىمغا ئوت تۇتاشتۇرۋەتتى.رەھمەت سىزگە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 11:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاۋارايىدىن  ئالدىن  مەلۇماتنىڭمۇ  ئاساسى  بار  ، چۈنكى  بىز  ئاللاھ  ياراتقان  قانۇنىيەتلەرنى  بىلەلىدۇق  ،

سىزنىڭ مۇشۇ كۆز-قارشىڭىز مىنىڭ ھىسياتىمغا ئوت تۇتاشتۇرۋەتتى.رەھمەت سىزگە

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش