مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18480|ئىنكاس: 76

خاتا تاللانغان مۇھەببەت[تۇلۇق قىسىمى]   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 12:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خاتا تاللانغان مۇھەببەت



       ھەش- پەش دىگۈچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولدۇق. ئۇقۇتقۇچىمىز بىز ئۈچۈن ئالاھىتەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. گەرچە بىر ناھيىدىكى ساۋاقداشلار بولساقمۇ يەنىلا بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆيى يېزىدا بولغاچقا 3يىل بىللە ئۇقۇش جەريانىدا قېرىنداشلاردەكلا بۇلۇپ كەتكەن ئىدوق. شۇڭا ئايرىلىش بىزگە ئىغىر كىلىۋاتاتتى. ساۋاغداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى بولسا قېيدىشىپ كۆڭۈل ئاغرىتىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم  سورىشىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا رىياسەتچى بولغان ساۋاغدىشمىزنىڭ زىل جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بىزنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان تىلەكلىرىمىزنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن، سورىنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى يۇقرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان شوخ ئۇسۇللۇق ناخشىغا ھەممىمىزنى تەكلىپ قىلىدى. ھەممىمىز گۈررىدە مەيدانغا چۈشتۇق. ھارغىنىمىزنى بىلمەي ئۈستى- بېشىمىزدىن قۇيۇلۋاتقان تەرلىرىمىزنى سۈرتۈشنىمۇ ئۇنتۇپ شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن بىر مەيدان مىللىيچە ئۇسۇل بىلەن سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۈتۈردۇق. مەن ئۇقۇتقۇچىلىرمنىڭ، ساۋاغداشلىرمنىڭ تەلىۋى بۇيىچە كۇچا خەلىق ناخشىلىرىدن <مىراجىخان> نى ئېيتىپ بەردىم.
                  
                        ئۈزەڭ مۇندا بارامسەن ۋاي،مىنى بۇندا ئا ياندا قۇيامسەن ۋاي،
                        يۈرەگىم چاك چاك بولدى بالىخان، كىلەي دەپمۇ ئا يانا كەلمەيسەن.
................................
    تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ماڭا تىكىلىپ تۇرغان بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزلەر بىلەن ئۇچراشتى، پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە قىلىپ تارالغان بىرخىل سىزىم بىلەن بۇشىشىپ كەتتى، شۇ دەم شۇنچىلىك ھۇدۇقتۇمكى ھەتتا ئېيتىۋاتقان ناخشامدىنمۇ ئازدىم. تەمتىرەپ يۈگۈرگەن پېتىم ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم.يۈرۈگۈم خۇددى قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپچەكلەيتى. باشقىلار بولسا مىنى ئايرىلىشقا چىدىماي ناخشىسىنىڭ ئاخىرنى ئېيتمىدى دەپ ئويلاشتى........
    ئاسىي كۆزلىرىم ماڭا بوي سۇنمىغان ھالدا بايامقى ھۇشۇمنى يۇقاتقان بىرجۈپ كۆزنى ئىزدەۋاتاتتى.........تاپتىم!!!!......ئاھ، يەنە شۇنداق مەستانىلەرچە ئوتلۇق بېقىشلار  ،كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قالدىم.
- بۇ قانداق ھىسىيات؟؟؟؟  كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-بۇ مۇھەببەت،بىر كۈرۈپ ئاشىق بۇلۇش،- دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-بۇ قاراشلىرىڭ نىمە سەۋەپتىن؟
-سىنى سۆيەتتىم.....بۇرۇندىن ،كىچىكىڭدىن........
تۇيۇقسىز دۇلامغا تەككەن قولدىن ئەندىكىپ كەتتىم.يېنىمدا يېقىن دوستۇم گۈلنۇر تۇراتتى،ئۇ چاڭىلداپ سۆزلەپلا كەتتى.:< نىمە بوۋايلارنىڭ سورىنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ، بىرەر بوۋايغا كۈيۈپ قالمىغانسەن؟>دىدى ئۇ كۈزىنى ھەييارلارچە ئوينىتىپ.
-نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ نەدە بوۋاي باركەن ؟
-ئاۋۇ سەن ئاشىقلارچە قاراپ ئولتۇرغان ئۈستەلدىكىلەرنى دەيمەن.دىدى ئۇ ،قۇلى بىلەن ئىشارەت قىلىپ. شۇندىلا بۇرۇلۇپ قارىدىم.قارىدىميۇ ھەيرانلا قالدىم. چۈنكى مەن باياتىن غايىبانە سۆزلەشكەن بۇ بىرجۈپ كۆز 30-28 ياشلار ئەتراپىدىكى چاچلىرى رەتلىك تارالغان ساقال بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان پادىچىلار شىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان كۆينىكى ئۇنى خۇددى ئەمدىلا ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلاردەك كۆرستىپ تۇراتتى .نەدە كۆرگەن بولغىيتىم ئۇنى؟......خۇددى خاتىرسىنى يۇقاتقان ئادەمدەك ئۇنى نەدە كۆرگىنىم توغۇرلۇق جىددى ئەسلىمىللىرمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.
-ھىي، ئالۋاستى، سىنىپىمزدا ساڭا كۈيۈپ يۈرگەنلەر ئاز ئەمەس جۇمۇ ،-دىگىنىچە قۇلۇمغا بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى تۇتقۇزۇپ قۇيدى.
   ئختىيارسىز <ئۇ>نىڭغا قارىدىم. قارىدىميۇ پۈتۈن بەدىنىم <جىغ>قىلىپ كەتتى.ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى.يەنە شۇنداق ئوتلۇق قاراشلار ئەقلىم ھىسياتىمغا بوي سۇنمايۋاتاتتى......شۇنچە تىركەشسەممۇ ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئۈزەلمەي قېلىۋاتاتتىم.
   - قوپە ھەي جىن سىرىتقا چىقىپ كىرىمىز،-دىدى گۈلنۇر مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن قۇلۇمدىن سۆرەپ.كىچىك بالىدەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.
ئىشىكتىن چىقىشىم بىلەن ساپ ھاۋا يۈزۈمگە گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ مىنى سەگىتتى. يەنە شۇ  بىرجۈپ كۆز............ئاھ، نەقەدەر ئوتلۇق بېقىشلارھە........
-ۋەي، نىمە بولدى؟بىكار تۇرماي تېلفۇن قىلىۋېردىغان نىمىكەنسەن.ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋەرمەمسەن،-بىرسى كەينىڭگە قارا دىگەندەك كەينىمگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. يەنە شۇ كۆزلەر،ئەقلىمنى ئالغان شۇ كۆزلەر......ئۇمۇ مىنى كۆردى.تېلفۇن قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى.بىر-بىرمىزگە قارشىپ تۇرۇپلا قالدۇق.ئارلىقىمىز بارا-بارا يېقىنلاۋاتقاندەك  يۈرۈگۈم شىددەت بىلەن سوقماقتا.  
-ۋوي مۇراتكامغۇ بۇ؟ نىمىش قىلۋاتىسىز بۇ يەردە؟ -گۈلنۇرنىڭ ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز خىيالى چۈش مەيدانىمىزدىن قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق.
-ھە، دوسلار بىلەن تاماق يىگىلى كەلگەن.سىزچۇ؟- دىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق چىقاتتى.
-بىز تۇلۇق ئوتتۇرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش زىياپىتى قىلۋاتىمىز.ھەراس تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي بۇمىنىڭ يېقىن دوستۇم رازىيە،بۇ مىنىڭ نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى مۇراتكام بۇلىدۇ.
<يولدىشى!!!!!!!!> بېشىمدا چاقماق چېقىلغاندەك شۇنداق قاتتىق سىلكىندىمكى ناۋادا كۈندۈز بولغان بولسا مىنىڭ چىرايىمنى كۆرگەن كىشى مىنى بىرەر نىمىسى ئۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قېلىشى مومكىن ئىدى.ئۇنىڭغا قارىدىم.چىرايمنىڭ قانداق ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيمەن.ئۇمۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىدىيۇ يەرگە قارىۋالدى. كۈزۈم غۇۋالىشىشقا باشلىدى.يېنىمدا بىرى مىنى توۋلاۋاتىدۇ،مەن نىمە بولغاندىمەن...........كۈزۈمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ئاپپاق تام، ئاسما ئۇكۇلنىڭ پوتولكىسى،ئاڭلىغىنىم تۇنۇش ھەم ناتۇنۇش بولغان< رازىيە كۈزىڭىزنى ئېچىڭە> دىگەن ئاۋاز بولدى.كۈزۈمنىڭ قارچۇقلىرنى ئاستا ھەركەتكە كەلتۈردۈم. يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلەر جىددىيچىلىك بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.پۈتۈن بەدىنىم شۇررىدە ئىرىپ كەتتى .<نىمىشقا ؟نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟> دەپ توختىماي ئۆز ئۈزۈمگە سۇئال قۇياتتىم. ئۇ بولسا خۇددى گۇناھكاردەك بېشىنى ئۈستۈن قىلماي يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.
- يەردىن ئالتۇن تېپىۋالىدىغاندەك قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز مۇراتكا؟- گۈلنۇرنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ مۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ.
-ئۇنداق ئەمەسقۇ،-دىدى دۇدۇقلاپ ،-مەن دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ كىرەي.دەپ مېڭىشقا تەمشىلىشىگە رازىيە:
- بولدى ،ئاۋارە بولماڭ مۇراتكا،مەن دوختۇر بىلەن كۈرۈشۈپ چىقتىم، دوختۇردىن چىقساق بۇلىدىكەن دىدى.
- نىمانچە تېز؟ بايا نىمىشقا.......
-كاللىسىغا بىر ئىش قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ دەيدۇ، نەچچە كۈن ئارام ئالسا ياخشى بۇلۇپ كىتىدىكەن،-دىدى گۈلنۇر ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.
-ھە، ئەمسە مەن ماشىنىنى ئەكىلەي،سىز رازىيەنى ئېلىپ چىقىڭ،-دەپ چىقىپ كەتتى.
گۈلنۇر توختىماي چۇڭۇلدايتى <نىمىش بولدى؟ ئىچىڭدە ماڭا دېمىگەن بىرەر مەخپىيەتلىك باركەن. ياكى بايىقى بوۋايلارنىڭ سورىنىدا بىرەرسىگە كۈيۈپ قالدىڭمۇ يا؟......> مەن پەقەت ئەلەم بىلەن كۈلۈپلا قۇياتتىم خالاس.
   ماشىنىدا كىتىپ بارىمىز، ئالدى ئەينەكتىن ئۇ پات-پات قاراپ قۇياتتى، مەن بولسام دېرىزىدىن سىرىتقا قارىغىنىمچە ئاللىقانداقتۇر بىر خىياللارغا غەرىق بۇلغان ئىدىم. ماشىنىنىڭ تۇرمۇز قىسىشى بىلەن ئەسلىمگە قايىتتىم. ماشىنا ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىغان ئىدى. گۈلنۇر ھەيران بولغاندەك بىر ماڭا بىر مۇراتقا قارىۋىتىپ :‹ مۇراتكا ،رازىيەنىڭ ئۈيىنى سىز قانداق بىلىسىز؟›دىدى ئۇ.مۇرات :
ـ شۇ رازىيەنىڭ ئاكىسى مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاغدىشىم.بۇرۇن بىر كەلگەن ،- دىدى ئۇ ھۈپپۈدە قىزارغىنىچە دۇدۇقلاپ.
ـ ھە،مۇنداق دەڭ….لىكىن سىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغاندۇ؟! ئەجەپ ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە!؟ -گۈلنۇر بىرخىل گۇمان بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدى.
- شۇ ……………………………..مەن……….
ـ ئىككىڭلار ئۆيگە كىرڭلار ، بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ ئىچىپ چىقىڭلار ،-دىدىم مەن ئۇنى ئۇڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغاندەك ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.ئاسىي كۆزلىرىم بولسا ئۇنىڭ شۇ سىھىرلىك كۆزلىرىنى ئىزدەيتى.ئۇ مىنىڭ كۆزلىرىمدىن كۈزىنى قاچۇرۇپ ،– بولدى ،سىزمۇ ئارام ئېلىڭ ،بىز قايتايلى ،- دەپ ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلدى.
-بولدى، ئارامنى ياخشى ئېلىپ ئەتە بالدۇرراق تەييار بۇلۇپ تۇر ياتاقداش قىزلار تاھىر-زۆھرە قەبرىسىگە بېرىپ ئويناپ كىلىمىز ،-دىدى ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
-ماقۇل، -دىدىم مەنمۇ رايىشلىق بىلەن.
    ئۇ كەتتى.ئەڭ مۇھىم نەرسەمنى ئېلىپ كەتكەندەك شۇنداق تولغۇنۇپ كەتتىم.
كۈنلىرىم شۇنچىلىك تەستە ئۈتىۋاتاتتى. ئاشۇ بىر جۈپ كۆز خىيالىمدىن چىقمايۋاتاتتى.ئۇمۇ شۇ كەتكىنىچە خۇددى بۇ دۇنيادىن يۇقالغاندەك غايىپ بولغان ئىدى.
    ئۇنى ئىزدىدىم، مەقسەتسىزلا كوچىلارنى ئايلىناتتىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئوخشايدىغان ماشىنىلارنى كۆرگىنىمدە شۇنچىلىك ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ كىتەتتم.ھەتتا تاماق يىيىش ئۈچۈن ئالاھىتەن نەچچە كىلومىتىر يولنى پىيادە بېسىپ مىنى ئەسىر قىلغان ئاشۇ كۆزلەرنى ئۇچراتقان رېستۇرانغا باراتتىم. ھەممە يەرگە قارايتىم.ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتىم.بەزىدە ئۆز-ئۈزۈمگە :‹ھەي،رازىيە نىمىش قىلىۋاتىسەن، كاللاڭنى سىلكىۋەت ،ئۇ دىگەن ئائىلىسى بار ئادەم. سەن تېخى ئەمدىلا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈڭ.ئۇ سەندىن كەم دىگەندە 7-8ياش چوڭ…..›دەپ ئۈزەمنى بۇ تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇشقا تېرىشاتتىم- يۇ،ھەممە ئۇرۇنىشلىرىم يەنىلا ئۇرۇنسىز بۇلۇپ چىقاتتى.
    شۇنداق قىلىپ نەتىجىمىزمۇ ئىلان قىلىندى.ئويلىغىنمىدىنمۇ يۇقرى نۇمۇر ئالغان ئىدىم.شۇنداق خۇشال بولغان ئىدىم.ئاتا-ئانام مەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىشتى. دادام پىشانەمدىن سۈيۈپ تۇرۇپ:‹جېنىم قىزىم.ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.› دىدى.ئانام بىچارە بولسا مىنى باغرىغا باسقىنىچە ‹ئەمدى ئالىي مەكتەپكە كەتسىڭىز قانداق قىلارمەن›دەپ  باياتىن بىرى زورىغا بېسىپ تۇرغان كۆزياشلىرىنى قۇيۇۋەتتى. مەنمۇ قۇشۇلۇپ مىشىلداشقا باشلىدىم.ئاكام ئانامنى بەزلەپ:‹بولدى ،ئانا مەن مەكتەپكە ماڭغاندىمۇ بۇنچىلىك يىغلىمىغان ئىدىڭىز،بۇ جىن ماڭماي تۇرسا ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭىزا ئادەمنى ئىچىنى قاينىتىپ…›دىدى ئۇ ئانامغا ئەركىلەپ.
-يۇرۇڭلا، بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي ھەممىمىز چۈشلۈك تاماقنى سىرىتقا چىقىپ يەپ كىرەيلى ،-دىدى دادام خۇشاللىقتىن.
    بىز كىيىملىرمىزنى ئالماشتۇرۇپ ماڭايلى دىيىشىمىزگە بىرى ئىشىكنى چەكتى.ئاكام ‹مەن قاراپ باقاي› دەپ چىقىپ كىتىپ بىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مەن‹ ئادەمنى ئارامىدا بىر يەرگە ماڭغىلى قويماي كىمدۇ بۇ كەلگەن ›دەپ غودوڭشىغىنمچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بىرئازدىن كىيىن ئاكام:‹ رازىيە،چاي تەييارلىغىنە ئۇكام›دەپ توۋلىدى.مەن غودوڭشىغىنىمچە مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم.
چىقتىم يۇ يۈرۈگۈم ‹جىغ› قىلىپ كەتتى.كۆزئالدىمدا نەچچە ۋاقىتتىن بىر زارقىپ كۈتكەن ساراڭلاردەك ئىزدىگەن  ئادىمىم تۇراتتى. ئۇماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى.
جىددىيلەشكىنىمدىن پۇتلۇرۇمغا بىر نەرسە يۆگىشىۋالغاندەك كالامپايلىشىپ ئۈزەمنى يۇقۇتۇپ قۇيىۋاتاتتىم.نەپسىم سىقىلىپ ،يۈرۈگۈم تېز تېز سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى. چايخانا ئۆيگە كىرگىچە تاس قالدىم كىرىسلوغا پۇتلۇشۇپ يىقىلغىلى.چاينى دەملەپ ئۈستەل ئۈستىدىكى تەييار داستىخاننى ئېچىپلا چاينى قۇيدۇم. قوللىرىم بىلىنەرلىك تىترەۋاتاتتى. ئاكام؛‹ نىمە بولدۇڭ شۇمتىكىم،مىجەزىڭ يوقما؟ قوللۇرۇڭ تىترەۋاتىدىغۇ؟› دىدى ئاكام مىنى ئەركىلىتىپ.
-ياقەي ھېچنىمە بولمىدىم دىدىم مەن بېشىمنى يەردىن كۈتۈرمەي.
-ھەرقاچان نەتىجىسىنى بىلىپ ھاياجانلىنىۋاتقاندۇ.دىدى مۇرات ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ.
-ۋوي، ئاغىنە، بۇ شۇمتەكنىڭ نەتىجىسىنى سەن قانداق بىلدىڭ.دىدى ئاكام ھەيرانلىقتىن.
-شۇ.....ھۈپپىدە قىزاردى ئۇ –گۈلنۇردىن بىلدىم.
-ھە....مۇنداق دە. راس ئۆتكەندە سىنى  باللار مىھراي بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىغان بوپتۇ دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىۋاتاتتىغۇ.زادى ئاجراشمىساڭ بولمايدىغان يەرگە يەتتىڭمۇ ئاخىرى.
مۇرات يەنە شۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن لەپپىدە ماڭا بىر قارىۋىتىپ: بىر-بىرمىزگە كۆڭلىمىز بولمىسا،بىر ئۆيدە ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىمىزدە باشقا- باشقا ئادەمنى ئويلاپ ئتكەن ئىدۇق .توي قىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئىكىكىمىز ئىككى ئۆيدە تۇرۋاتىمىز. چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان توي ئىدى ئۈزۈڭمۇ بىلىسەن.ئەمدى داۋاملاشتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى. دەپ سۈزىنى ئاياغلاشتۇردى ئۇ.
-قۇپۇڭلار باللىرىم. مۇرات بالاممۇ كەپتۇ مانا. ھەممىمىز بىرلىكتە سىرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى دىدى دادام چاپىنىنى كىيگەچ.
مۇراتمۇ گەپ سۆز قىلماي بىز بىلەن ماڭدى. دادام ماشىنغا چىققاندىن كىيىن :
- قايسى رېستۇرانغا بارساق بۇلار دىدى.
-شاھدىيار رېستۇرانىغا بارايلى. مۇرات بىلەن ئىككىمىز تەڭلا دىگەن بۇ سۆزدىن يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ كەتتى. خۇددى ئۇ مىنىڭ كۈندە دىگۈدەك ئۇ يەرگە بارغىنىمنى بىلۋالغاندەك.
  ماشىنا سىيلىق مېڭىپ رېستۇراننىڭ ئالدىدا توختىدى.  . بىز رېستۇرانغا كىرىشىمىزگە  مۇلازىم يىگىت بىزنى ئالدىن تەييارلانغان بىر ئۈستەلگە باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن تاماق بۇيرۇتايلى دەپ تۇرساق رېستۇراندىكى رىياسەتچىنىڭ زىل ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارىتتى.
‹تۆۋەندە بىزنىڭ بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يۇقرى نەتىجە بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان سىڭلىمىز رازىيە ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بۇ سورىنىمىزنى ھازىر باشلايمىز. ئالدى بىلەن تامىقىڭلارنىڭ سىڭىشلىك بۇلىشى ئۈچۈن مۇڭلۇق مۇزىكا ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ.› رىياسەتچىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدى.يەنە شۇ ئوتلۇق بېقىشلار.
-سىز ئۇرۇنلاشتۇردىڭىزمۇ؟كۆزلىرىم ئۇنىڭدىن سوراۋاتاتتى.
-شۇنداق .....مەن .دەيتى ئۇنىڭ كۆزلىرى.
-نىمىشقا؟
-سىزنى سۈيمەن.
-بۇ نىمە گەپ بۇلۇپ كەتتى. كىمنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇ .دىدى دادام ھەيرانلىق بىلەن ئاكامغا قاراپ.ئاكام مۈرىسىنى چىقىرىپ بىلمەيمەن دىدى.
-مەن .ئۇرۇنلاشتۇرغان تاغا دىدى مۇرات.سىلەر بىلەنمۇ سودا ئىشى دەپ ئىزدىشىپ بۇلالماي قالدىم.شۇڭا بۇگۈن گۈلنۇردىن رازىيەنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىۋىتىپ ئۇدۇل سىلەرنىڭ ئۆيگە بارغان ئىدىم.دىدى
-نىمانچە ئاۋارە بۇلاتتىڭ جېنىم بالام دىدى دادام مەمنۇنلۇق بىلەن.
بىردەمدىن كىيىن يىيىش-ئىچىشلەر ئاخىرلىشىپ ئاكام سەھنىگە چىقىپ كەتتى،
-تۈۋەندە ئەزىز مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە دوستۇم مۇراتنى بىر ناخشا ئېيتىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. قېنى مۇرات سەھنىگە مەرھەمەت.
مۇرات يەڭگىل قەدەم تاشلاپ سەھنىگە چىقتى.
-تۈۋەندە  مەن سىلەرگە  ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن  ‹ كۈتۈش› تېمىسىدىكى ناخشامنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى لەرزان مۇزىكىدەك يېقىملىق ئىدى.
شۇنچە يىل كۈتتۈم سىنى
قاچان چوڭ بۇلاركىن دەپ.
ساڭا تالىق بۇ كۆڭلۈمنى
قاچان قۇبۇل قىلاركىن دەپ
سەن مىنىڭ باغرىم جانان.
سەن مىنىڭ بەختىم  جانان.
سەن ئاسمانمدا پارلىغان
ئۆچمەس يۇلتۇزۇم جانان.
ئۇنىڭ ناخشا ئېيىتقاندىكى شۇ مەستانىلارچە قاراشلىرى.......خۇددى  بۇيەردە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بالقىپ چىققان نۇر باغرىمنى تىشىپ ئۈتۈپ ۋۇجۇدۇمنى ئاجايىپ تاتلىق سىزىملەر بىلەن ئەللەيلىتەتتى.
-بالاموي، دىدى دادام ئاكامغا قاراپ. مۇرات بالام ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىدىكەن دىگەندەك گەپلەر بۇلۋاتاتتى.قاندىقى قانداق بۇلۇپ كەتتى ،ئۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرسى.   مۇراتنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن قۇلىقىمنى دىڭ قىلدىم. كۆزلىرىم مۇراتتا بولغىنى بىلەن قۇلاقلىرىم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاكامنىڭ ئاغزىدا ئىدى.
-شۇ ئاجرىشىپ كىتىدىغان بۇلۇپتۇ. بۇ مۇراتنىڭ بەك ئىچى كۈچلۈك. بىز تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مەكتەپتە ‹ مۇرات بىر باشلانغۇچنىڭ ئۇقۇغۇچىسىغا كۈيۈپ قاپتۇ ›دەپ قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ كەتكەن .كىيىن ئۇ مەلۇم سەۋەپ بىلەن مەكتەپتىن چىكىندى، كىيىن ئانچە ئىزدىشىپ بۇلالمىدۇق. ئاڭلىسام دادىسىغا ئەگىشىپ سودا قىلىۋېتىپتىكەن. بۇلتۇر بىز ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىلىغا چىققان يىلىمىز ئۇنىڭ تۇيى بولدى، ھەپتىگە قالماي دادىسى رەھمەتلىكمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.دىدى ئاكام مەيۈسلەنگىنىچە. كىيىن ئارلىقتا بىر ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مىھراي بىلەن پەقەت دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈنلا توي قىلغانلىقى،مىھراينىڭمۇ بۇ تويغا مەجبۇرلانغانلىقىدەك ئاشۇنداق بىر گەپلەر بۇلۇنغانتى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار راسلا بۇ يالغان توينى ئاخىرلاشتۇرماقچى ئوخشايدۇ. دەپ گىپىنى ئاياغلاشتۇردى ئاكام. كۆڭلۈمدە ئىپادىلەپ بولمايدىغان بىرخىل خوشلۇق بار.نىمىشقا بۇنچە خۇشال بۇلىدىغنىنمنى نىمىشقا بۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن. دەرۋەقە ئۇقۇرمەنلىرىمىز ھىس قىلىپ بولغىنىدەك كۆڭلۈمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى چېچىلىشقا باشلىغان ئىدى.
مۇرات ناخشىسىنى تۈگۈتۈپ چۈشكەندە  ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. بىز بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن  قايتىش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلدۇق. نىمىشقىكىن پۇت قوللىرىم قولاشماي قېلىۋاتاتتى. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە پىيالىنى ئۆرۈۋەتتىم. يۈزۈم بۇيۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتم.بىر قەدەم ئالا-ئالمايلا ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ تاس قالدىم بېشىمنى يەردە پۇتۇمنى ئاسماندا كۆرگىلى. ئاران تەستە پۇتلىشىپ  يۇرۇپ سىرىتقا چىققىنىمدا ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ھېچكىم تېيىلمىغان باناننىڭ شۈپىكىگە تېيىلدىم. ‹ئانام!!!› دىيىشىم بىلەن كاپپىدە ئۇنىڭ قۇچىقىغا چۈشتۈم. تىنىقلىرىمىز بىر- بىرمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. لەسسىدە بۇشىشىپ كەتتىم. كۆزلىرىمىزنى بىر- بىرمىزدىن ئۈزەلمىدۇق.ئاھ!.....نىمىدىگەن شىرىن مىنۇتلار ،ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسىچۇ كاشكى.
-ۋوي ،ماۋۇ بالىنى، نىمە بولدى بۈگۈن سىزگە ؟پۇتلىشىپلا يۈرسىزغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ يە. ئانامنىڭ ئاۋازى بىلەن ھەرئىككىمىز چۈچۈپ شىرىن ھىسلار قاينىمىدىن قايتىپ چىقتۇق.
-رەھمەت.دىدىم مەن ئۈزۈم ئاران ئاڭلىغۇدەك قىلىپ .
-ھېچقىسى يوق ، دىدى ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋىتىپ . قېنى ماشىنىغا چىقايلى تاغا .دەپ ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئاچتى ئۇ دادامغا قاراپ. بىز ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن مۇرات كەينىگە قاراپ. :- تاغا ، ھامما بۇگۈن ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇشاللىق كۈن.شۇڭا خاتىرە بۇلۇپ قالسۇن ئۈچۈن خالىساڭلار چىمەنتاغقا يېڭى ئۇيۇنلار كەپتۇ ئاشۇ يەرگە بېرىپ ئوينىتىپ كىلەي.دىدى ئۇ ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا. مىنىڭ ئوتتەك بارغۇم بولسىمۇ لىكىن قىزلىق غۇرۇرۇم ئالدىمنى تۇسۇپ تۇراتتى.
- بولدى ،رەھمەت بالام ، ئەتتىگەندىن بىر كۆپ چىقىمدار قىلىۋەتتۇق. دىدى دادام تەكەللۇپ بىلەن.
-ياقەي تاغا ،نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز. مىنى ئۆز كۆرمەيدىكەنسىز دىدى ئۇ قېيدىغاندەك قىلىپ.
- ماقۇل دەڭلا دادىسى. باللار ئوينىۋالسۇن .نەدىكەن شۇنداق كۈندە بۇنداق جەم بۇلىدىغان پۇرسەت.دىدى ئانام گەپ قىستۇرۇپ. داداممۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەي قۇشۇلدى.  ماشىنا سىلىق رېتىمدا ئاستا –ئاستا ئىلگىرلىمەكتە. بىز چىمەنتاغقا كەلگەن چاغ تېخى يۇرۇق بولغاچقا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. دادام-ئاناملار  بىز قېرىدۇق سىلەرگە يىتىشەلمەيمىز دىگەننى باھانە قىلىپ  سوغوق ئىچىملىك ئىچىكەچ ئولتۇرۇپ قالدى. بىز ئۇيۇن  ئوينىغاچ مېڭىپ 恐怖世界 دىگەن يەرنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن شۇنچىلىك ئامراق بۇنداق يەرگە كىرىشكە ئاكام بولسا قىز بالىدەكلا بەك قورقىدۇ كىرىشتىن. مەن ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئاكام ئالدىمغا ئۈتۈپ:
-كىرگۈڭ بولسا ئۈزۈڭ كىر .مىنى كىرىشىپ بىرەمدىكىن دىمە.
-خاتىرجەم بول. كىرىشىپ بەر دىمەيمەن. سەن كىرىشىپ بەرسەڭ سىنىڭ يېشىڭنى ئېيتىدىغانغا قەغەز ئالىدىغان پۇلۇم يوق دىدىم ئۇنىڭ بىلەن قېيىشىپ. مىنىڭ دىگەن گىپىمدىن مۇرات قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- قويە ئاداش سىنى مۇشۇ سىڭلىڭچىلىكمۇ بۇلالمامسەن؟
-ۋاي ئاداش سەن بى كىرىپ چىقە .ماۋۇ ئالۋاستى ئانىڭ ئىچىدىكى ئالۋاستىلاردىنمۇ ئەسكى. دىدى ئاكام بۇرنۇمنى چىمدىپ قۇيۇپ.
-قېنى مەن ئالۋاستىدىن قورقامدىم ياكى ئالۋاستى مەندىنمۇ. دىدى مۇرات ھەييارلىق بىلەن. يۈرۈڭە دىدى ئۇ  ئالدىمدا يول باشلاپ.
ئۇ ئالدىمدا كىرىپ كەتتى.
ئىچىنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغان ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئالدىمغا قاراپ ماڭادىم. تۇيۇقسىز ئاخشام كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنۇدىكى مۇشۇنداق جايغا ئۇرۇنلىشۋالغان ئادەم پارچىلايدىغان ئالۋاستى يادىمغا يىتىپ بىرخىل تىترەك بېسىپ رەسمىي قورقۇشقا باشلىدىم. ئالدىمدىن ئۇدۇل كەلگەن ئاق چاچلىق ،ئاق كىيىم كىيدۈرۈلگەن قونچاقنى كۈرۈپ چىررىدە چىرقىراپ كەينىمگە قاچتىم .قاچانلاردا كەينمگە ئۈتۈپ قالدىكىن بېرىپ مۇراتقا ئۈسسۈپتىمەن.ئۇنى كۈرۈپ قورقىنىچتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم. سوغوقتا تالادا قالغان ئادەمدەك دىر-دىر تىترەيتىم. ئۇ مىنى باغرىغا تېخىمۇ بەكرەك چىڭ باستى.ئۈگىللىرمنى ئۇگىۋىتىدىغاندەك. توۋا بۇنىڭدىن مەن ئاغرىش ئەمەس بەلكى ھۇزۇر ھىس قىلۋاتاتتىم. ‹رازىيە، ھايا قىل، سەن بىر نامەھرەمنىڭ قوينىدا،›دىدى ئەقلىم مىنى ئويغىتىپ .دەرھال ئۇنىڭدىن ئۈزۈمنى تارىتتىم.ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ باياقى ئاق چاچلىق ئالۋاستى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
-قورقىمامسىز؟ يەنە چىرقىراتمىسۇن ھېلقى ئالۋاستى دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ ئارىدىكى ئۇڭايسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولغىنىنى ھىس قىلىپ مەنمۇ دەرھال چ:
- قورقىمايمەن. ئەسلى بايا سىزنى قورقىتىۋېتەي دەپ ۋارقىراپ باققان .دىدىم مەن ھەييارلارچە كۈلۈپ.
-مەن قورقىمىدىم. ئەكسىچە بەك خۇشال بۇلۇپ كەتتىم.دىدى ئۇ مىنى ئۈزىگە قارتىپ.ئۇنىڭ بىلىكىمدىن تارىتقان قوللىردىن تارىغان ھارارەت بىلەن پۈتۈن جىسمىم كۆيگەندەك ئىرىپ كىتىۋاتاتتىم.‹ياق ،رازىيە سەن بىر ھايالىق قىز. يەنە كىلىپ ئۇدىگەن بىر ئائىلىسى بار ئادەم ،دەرھال ئۇنىڭ قۇلىنى چۈشۈرۋەت›دەيتى.ھىسياتىم بولسا‹ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارا رازىيە، ئۈزۈڭمۇ ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالدىڭ.ئۇنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ يۈرەك سۇقىشىنى ئاڭلىۋال›دەيتى. ئەقلىم ھىسياتىمدىن ئۈستۈن كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چۈشۈرۋەتتىم.
-رازىيە ،گىپىمنى ئاڭلاڭ دىدى ئۇ ئۇزۇن بىر ئوھسىنىۋېتىپ.
-مۇراتكا،دىدىم مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم ئىسمىغا ئاكا دىگەن سۆزنى قۇشۇپ، سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن. لىكىن سىز ئويلىدىڭىزمۇ سىز بىر ئائىلىسى بار ئادەم. مەن بولسام بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ماڭىمەن.سىزنىڭچە يەنە بىزنىڭ دىيىشكۈدەك نىمە گىپىمىز باردۇر؟!!.دىدىم مەن كۆڭلۈمدىكى ئەمدىلەتىن يىلتىز تارتىشقا باشلىغان تۇنجى مۇھەببىتىمنى رەھىمسىزلەرچە چەيلەپ.
-بۇ، مەن چۈشەندۈرەي رازىيە، ماڭا پۇرسەت بىرىڭ........
-بولدى قىلىڭ، دىدىم ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈپ.نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ يۈگۈرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم.
-رازىيە....توختاڭ رازىيە.....ئۇنىڭ ئاۋازى ئالۋاستىلار ماكانىدىكى ۋەھىمىلىك ئاۋازلارغا قۇشۇلۇپ كەتتى. سىرىتقا چىقتىم.ئاكام يوق تۇراتتى. بىردەمدا نامازشامبۇلۇپ قاپتۇ. ئادەملەرمۇ خېلى كۈپىيىپ قاپتۇ. يۈرۈگۈم رېتىمسىز سوقماقتا،ئۇنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك ئۇدۇل دادام-ئاناملار ئولتۇرۇپ قالغان جايغا قاراپ ماڭدىم. ئاكاممۇ باركەن.
-ھوي،ئالۋاستى، مۇراتنى جىنلىرىڭغا يەم قىلۋەتمىگەنسەن دىدى ئاكام مەن بىلەن چېقىشىپ .
-مەن رازىيەنىڭ ئالدىنى توسقان جىنلارنى بىرتەرەپ قىلىۋىتىپ چىقتىم.دىدى مۇرات كۈلۈپ. ئۇ كەينىمدىنلا كەلگەن ئىدى.  
-ۋوي،ما گەپنى كۈرۈڭ. بۇنىڭدىن قورقىماي ئالدىنى تۇسىدىغان جىنلار بارمىكەن تېخى.دىدى ئاكام مەن بىلەن تېخىمۇ قېيىشىپ.تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقىۋاتقاندا بۇ جىن 6-سىنىپتا ئۇقۇيتى.بىر كۈنى دادام بىزنى ئويناتقىلى مۇشۇنداق بىر يەرگە ئاپارغان شۇ چاغدا تاس قالغان مىنى قورقىتىپ ساراڭ قىلىپ قويغىلى.
-چىقىپ بىر سوم زىيان تارىتتىم شۇ ساڭا يېشىڭنى ئېيىتقىلى قەغەز ئېلىپ بىرمەن دەپ. دىدىم مەنمۇ ھەييارلارچە كۈلۈپ.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى‹ سىر›يەنىلا‹ سىر› پېتى قالدى مەنمۇ ئۇمۇ بىر- بىرمىزنىڭ چىرايىغا قاراشمىدۇق.
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بىركۈنلۈك پائالىيتىمىز ئاخىرلىشىپ ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەي قايتىپ كىرىپ ئۇدۇل ھۇجرامغا كىرىپ ئۈزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. باياقى كۈرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى   
تەرەپ تەرەپتىن كەلگەن يىغا لەشكەرلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرماقتا، ئۈزۈمنى شۇنچە زورىغا بېسىۋالساممۇ كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك دوملاپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئاۋازىمنىڭ سىرىتقا چىقىپ كىتىشىدن ئەنسىرگەندەك لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىگىنىمچە يوتقاننى بېشىمغا پۈركۈدۈم.....نىمىشقا ،نىمە ئۈچۈن بۇنچە يىغلايدىغىنىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيتىم.قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالدىمكىن،سەھەردە شۇنچىلىك روھسىز قۇپۇپتىمەن.ئىككى چىكەم لوقۇلداپ ئاغرىيتى،قاپاقلىرىم ئىششىپ كەتكەن بولسا كىرەك ئانام چىرايىمغا قاراپ،‹ نىمە بولدى سىزگە قاپاقلىرىڭىز ئىششىپ كىتىپتىغۇ،يىغلىدىڭىزمۇ نىمە؟›دىدى بىر ئىشتىن ئەنسىرگەندەك ئالدىمغا كىلىپ.
-ياقەي ئانا، زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن.كاللام ئېغىرلا تۇرىدۇ دىدىم مەن ئانامدىن كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.
-ۋېيېي، مابالىنىڭ كالپۇكلىرىمۇ كۈكۈرۈپ كىتىپتىغۇ؟ قورقاق تەپكەن ئوخشايدۇ....چاپسان ناشتا قىلىپ تارتمىدا زۇكام دورىسى بار ئىچىۋېلىڭ.دىدى ئانام ئەنسىرگىنىدىن جىددىيلىشىپ.
-ماقۇل دىدىم رايىشلىق بىلەن. ئەينەككە قارىدىم .توۋا ئاخشام ما بىچارە كالپۇكۇمنى چىشلەپ قان ئۇيۇتۇپ قۇيۇپتىمەن دىسە، جېنىم ئاغرىمغانمۇدۇ دەپ كۈلگۈم كەلدى ئۈزۈمچە.
  
كۈنلەر بىرخىل رېتىمدا ئۆتمەكتە،ئۇمۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىن غايىپ بولدى.مەنمۇ چاقىرىق قايسى مەكتەپتىن كىلەر دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئۇنى بۇرۇنقىدەك سەۋدايىلارچە ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم. شۇنداقتىمۇ ھۇجرامنىڭ ئىچىگە كىرىشىم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتىم.سىردىشاتتىم.  بۇ مۇھەببەتنىڭ ئۈزۈمگە نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ قەلبىمدە ھامان بىر ئۈمۈتنىڭ نۇرى يېلىنجايتى. ئارىدىن 15-20كۈنلەر ئۈتۈپ ماڭا شىنجاڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرسىتىتنىڭ چاقىرقى كەلدى. نىمىشقىكىن بۇ قېتىم چاقىرىقنى ئېلىپ نەتىجەمنى بىلگەندەك ئۇنچە خۇشال بۇلالمىدىم.سەۋەبىنى ئۈزۈممۇ دەپ بىرەلمەيتىم. ئۆيگە كەلسەم ئىشىك ئالدىدا بىرقەغەز قاپ تۇرىدۇ. بۇ نىمىدۇ دەپ ئېچپ قارىدىم.ئىچىدە سىپتا ئورالغان يەنە بىر قاپ....بۇنىڭ ئىچىدىكى قانداق نەرسىدۇ دىگەن قىزقىش بىلەن ئۆيگە كىرمەيلا بۇ قاپنىمۇ ئاچتىم.‹پاھ!......›دەۋەتتىم.نىمىدىگەن چىرايلىق ......بىر قىز بىلەن بىر ئۇغۇل بالىنىڭ سۈيۈشۈپ تۇرغان ھەيكىلى سېلىنغان ئەينەك شارچە ئىكەن. يەنە تېخى مۇزىكىسىمۇ باركەن دىسە....لىكىن بۇنى كىم بۇيەرگە قۇيۇپ قويغاندۇ دەپ ئەتراپقا قارىدىم.ئادەم يوق ،قاپنىڭ ئىچىدە قاتلاقلىق بىر ۋاراقچە تۇراتتى. ۋاراقچنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ئالدى بىلەن كۈزۈمگە چېلىققنى يوغان قىلپ يېزىلغان:       I LOVE YOU>› دىگەن خەت بولدى. يۈرۈگۈم ‹جىغ› قىلىپ قالدى.ئەجىبا مۇراتمىدۇ دىگەن خىيال چاقماق تىزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى.خەتنى ئۇقۇشقا ئالدىراپ خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۈم، خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى.
  ‹قەدىرلىك رازىيە، كەچۈر ‹قەدىرلىك ›دەپ ئاتىدىم چۈنكى بۇنۇڭدىن ياخشىراق سۆز تاپالمىدىم.سۈيۈملۈگۈم.جېنىم...دىگەن دەب دەبىلىك سۆزلەر بەزى ياشلىرمىز سەۋەبىدىن قەدىرنى يۇقىتىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەشنى خالغىنىم ئۈچۈن قەدىرلىك دەپ ئاتاۋەردىم.
سىنى ياخشى كۈرەتتىم. كىچىكىڭدىن تارتىپلا،شۇ سەۋەپتىن ساۋاغداشلىرىم ئارسىدا كۈلكىگە قالغىنىم ھازىرمۇ يادىمدا. قايسى كۈندىكى ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈر. مەن چۇقۇم سىنىڭ ئالدىڭغا سەن مۇھەببىتىمنى رەت قىلشقا باھانە تاپالمىغۇدەك ھالەتتە قايتىپ كىلىمەن.
مۇرات ›.
خەت قىسقىلا يېزىلغان ئىدى.لىكىن ماڭا نۇرغۇن بىر ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندەك   ھىسياتتا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۆيگە كىرىپ دادام –ئاناملارغا چاقىرىق قەغىزىمنى بىرىپ  ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئانام مىنىڭ تەييارلىقىمغا چۈشۈپ كەتتى. چۈنكى مەكتەپكە يەنە 4كۈندىن كىيىن ماڭاتتىم. نىمىشقىكىن شۇنچە روھسىز ئىدىم. چىن يۈرۈگۈمدىكى گەپنى قىلغىنىمدا بۇيەردىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى.چۈنكى بۇيەردە مىنىڭ ئىزلىرىم نۇرغۇن بالىلىق ئۆسمۈرلۈك ،ياشلىق ئەسلىمىللىرىم بار ئىدى. يەنە تېخى يۈرۈگۈمگە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئۇرۇقى مۇشۇ يەردە چېچىلغان ئىدى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 4كۈنمۇ ئۈتۈپ كەتتى. ئاكاممۇ مەن ئۇقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپنى بۇيىل پۈتتۈرگەن بولغاچقا ئۇ مىنى ئاپىرىپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيدىغان بولدى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈنى بولغاچقىمۇ بىكەت ئىچى تىقما-تىقما ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم .يىراق شەھەرگە ئۇقۇشقا ماڭغىنىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن ئايىرىلىپ قالغىنىمدىن بەكرەك كۆڭلۈم يېرىم ئىدى. كۆزلىرىم ھەريان-ھەرياندىن تۇنۇش گەۋدىنى ئىزدەيتى.  بىلەت ئېلىش تۇلىمۇ تەس كەلدى ،نەچچە كۈن بۇرۇن ئاكامغا بىلەت ئېلىپ قۇيۇشنى دىسەم‹ بېرىپلا ئالىمىز› دەپ ئالغىلى ئۇنۇمىغىنىغا ئۈزىمۇ پۇشايمان قىلىۋاتاتتى.ئىككىمىز ئىككى رەتتە ئۆچرەتتە تۇرۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئاكامنىڭ تېلفۇنى سايرىدى.ئاكام تېلفۇننى قۇيۇپلا مىنى سىرىتقا چىقىشقا شەرەت قىلدى، زالنىڭ سىرتىغا چىقىپ نىمە بولغىنىنى سوراي دەپ بولغۇچە مۇرات قاياقتىن كەلدىكىن قۇلۇمدىكى سومكىغا ئېسىلدى.
-ئەكىلىڭ مەن ئالاي.دىدى ئۇ سومكىنى قۇلۇمدىن ئېلىپ.
-بولدى ئۈزۈم كۈتۈرەي.دىدىم تەكەللۇپ بىلەن. ئۇ چاققانلىق بىلەن قۇلۇمدىن سومكىنى ئېلىپ ئاكام بىلەن ئالدىمدا مېڭىپ كەتتى.دىمەك ئۇ بىزگە خالىس خىزمەت قىلماقچى بولغان ئىدى.ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ :  ئۈرۈمچىگە بىر سودا ئىشى بىلەن بارماقچىتىم. ئويلاپ باقسام بۈگۈن رازىيەنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭىدىكەنسەن شۇڭا ئالغاچ كىتەي دەپ تېلفۇن ئۇرغان ئىدىم.دىدى مۇرات ماشىنا ئالدى ئەينىكنى ماڭا توغۇرلاپ .
-بەك بەلەن ۋاقىتتا ئەسقاتتىڭ ئاغىنە. نەچچە كۈن بۇرۇن بىلەت ئېلىپ قويماپتىمەن.بۈگۈن يۇك-تاقىلار بەك ئېغىر بەك تەس كەلدى ئۆرە تۇرۇش.دىدى ئاكام .
-ئۇنداق دەپ كەتمىگىنە ئاغىنە ....قۇلۇمدىن كەلگىنى شۇنچلىككەن دىدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن.  مەن ھېچبىر گەپكە ئارلاشماي بېشىمنى ئارقىغا تاشلاپ ئولتۇردۇم.
ماشىنا بىرخىل رېتىمدا كىتىپ بارتتى،كۈزۈمدىن سىرغىپ چىققان ياش ئۇنىڭ دىققىتىنى تارىتتىمۇ مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئاۋازىنى ئۈچۈرۋەتتى، ئاكام ھاردىمۇ قانداق يەڭگىل خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مۇزىكىنىڭ ئۈچۈرلىش بىلەن ھاپلا- شاپلا كۆزيېشىمنى سۈرۈتتۈم. ئۇ ماڭا يەنە شۇ ئوتلۇق نەزەر بىلەن ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن قاراۋاتاتتى. كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئادەمنى مەسىت قىلغۇچى كۆزلىرىدىن ئېلىپ قاپالمايۋاتاتتىم.<پاپ.....پاپ....>قىلىپ چېلىغان سىگىنال ئاۋازى بىلەن تەڭ دىققىتىمنى سىرىتقا ئاغدۇردۇم. ماشىنا يولدىن چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ ئالدى تەرەپتىن كەلگەن چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسغا سۇقۇلغىلى ئاز قالغان ئىدى. تەلىيمىزگە مۇرات ماشىنىنى تۇرمۇزلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.ئاكام بۇ جىددى قىسىلغان تۇرمۇزدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئالاق –جالاق قىلىپ
-نىمە بولدى؟
-نىمە بۇلاتتى. سەن خورەك تارتىپ مىنىمۇ تاس قالدىڭ ئۇخلىتىپ قويغىلى دىدى ئۇ ۋىللىدە قىزىرىپ چاق-چاققا ئايلاندۇرۇپ.
-ماقۇل ئەمسە ئۇخلىماي. ئەمسە ئى تۇرمۇشۇڭ توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمەمسەن؟  كىچىك قىزبالىغا كۈيۈپ قالغاننىڭ دەردىنى تارتىپ بۇلالماي مەكتەپتىن قاچقىنىڭدىن بىرى سەن بىلەن كۈرۈشكىلىمۇ بولمىدى.دىدى ئاكام ئۇ تەرەپكە بەدىنى بۇراپ ئولتۇرۇپ. چۇڭقۇربىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن مۇرات گىپىنى باشلىدى.
- نىمىسىنى دەي ئاداش. يادىڭدىمۇ بىز نەچچىمىزتۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تەتىلدە سۇغا چۈشكىلى بارغان كۈنى . شۇكۈنى مەن سىلەردىن ئايرىلىپ ئۆيگە ماڭدىم يولدا كىتىۋېتىپ ئالدىمدىن كىلىۋاتقان بىركىچىك قىزنى ئۇچراتتىم. ئۇ قىز شۇنچىلىك چىرايلىق شۇنچىلىك يېقىشلىق ئىكەن ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. بىرچاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز 5-6 مىتىرچە قالغاندا يان تەرەپتىن بىر ئىت يۈگۈرۈپ چىقىچپ قىزغا قاراپ ئېتىلدى.قىز <ئاپا.....>دىگىنىچە قورقۇپ ئالدىغا يۈگۈردى . مەنمۇ ناھايتى چاققان كەلدىم. ئۇنى كەينىمگە ئۆتكۈزۈپ ئىتقا قاراپ يەرگە ئىڭىشتىم ئېتىلىپ كەلگەن ئىت دەررۇ ئارقىغا قاچتى. قىزنىڭ ماڭا چاپلىشىپ تۇرغان بەدىنى دىر-دىر تىترەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ مىنىڭ بىلىمنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىردىن تارىغان بىرخىل ئىسسقلق ۋۇجۇدۇمنى ئاستا-ئاستا كۆيدۈرۋاتاتتى.............بۇ قانداق سىزىملىكىنى بىلمەيتىم.......قىز ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كىرىپ كەتتى. قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى . قۇشۇما قاشلىق .چوڭ قوي كۆزلىرىگە تال تال كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئويماقتەك ئاغزى بولسا ئەمدىلا قىزىرىشقا باشلىغان پەمىدۇرنى ئەسلىتەتتى. شۇ كۈندىن بىرى قىزنىڭ سىمايى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. ئۈزمنىڭ نىمە بۇلۇپ قالغىنىنى بىلمەيتىم. ئۆز-ئۈزۈمگە كۈلگۈم كىلەتتى. شۇنداق قىلىپ شۇ ئوتنىڭ دەردىدە شئېر يازىدىغان بۇلۇپ كەتتى. شۇ كىچىك قىز ئۈچۈن بىر خاتىرىنىمۇ توشقۇزۇپ ئۈلگۈردۈم. لىكىن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتىم شۇڭا ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شئېرلارنى  شۇمتىكىم  ئۈچۈن دەپ يازاتتىم. تەتىلمۇ تۇشۇپ قالدى. كىيىن بىز ئىككىمىز يەنە بىر سىنىپقا بۈلۈندۇق.  بىر تەنتەربىيە دەرىس سائىتىدە سىنىپىمىزدىكى ھېلىقى پەرھات ئىسىڭدە بار شۇ مەن  ئۇ شۇمتىكىمگە ئاتاپ يازغان خاتىرىنى كۈرۈپ قاپتۇ.شۇنداق قىلىپ مىنىڭ مەكتەپتە  بىر كىچىك قىزغا كۈيۈپ قالغىنىم توغۇرلۇق گەپ سۆزلەر تارقىلىپ كەتتى.ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدىم. خۇددى مىنى بىرسى كۈزۈتىۋاتقاندەك .كۈندە ئۇنىڭ مەكتىۋىنىڭ ئالدىغا  ئۇنى كۈرۈش ئۈچۈن  بارىدىغىنىمنى  بىرەرسى كۈرۈپ قالغاندەك تىپىرلاپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ ئاز كۈن ئۆتمەي دادامنى خۇشال قىلىپ مەكتەپتىن چىكىندىم.  شۇندىمۇ ئۇنىڭ  مەكتىۋىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى كۈرۈشتىن توختاپ قالمىدىم.كۈنلەر ئۈتۈپ كەتتى. مەن ئالدىرغانچە ئۇ چوڭ بۇلاي دىمەيتى.سەن ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا تۇيۇقسىز دادام  قاتتىق ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. دادامنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇشلىرى بىلەن ئامالسىز مىھراي بىلەن كۈرۈشتۈم  .بىلدىمكى ئۇمۇ مەن بىلەن كۈرۈشۈشكە مەجبۇرلانغان ئىدى. ئۇنىڭمۇ كۆڭلىدە ئاللىقاچان باشقا بىرى ئۇرۇن تۇتۇپ بولغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە مىھراي بىلەن داغدۇغسىز ئاددىيلا توي قىلدۇق.توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن دادام خاتىرجەم كۆز يۇمدى. يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ يىل نەزىرسىنى بىرىۋېتىپ مىھراي بىلەن ئاجراشماقچى بولغان ئىدۇق. لىكىن مىھراينىڭ دادىسنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا كەينىگە سوزىلىپ كەتتى. بىز رازىيەنىڭ نەتىجىسى چىققان كۈنى ئاجراشتۇق لىكىن ھازىرچە بۇ ئىشنى ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.ئۆينى ئۇنىڭغا بىرىپ  قايتىپ چىقتىم ........شۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇم ھازىرچە.
-سىنىڭ ھېلقى شۇمتىكىڭچۇ؟دىدى ئاكام تېخىمۇ قىزىققان ھالدا ئىچكىرلەپ سوراپ.
مۇرات ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن< ئۇ ھازىر ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا ماڭدى.مەنمۇ ئۈرۈمچىدىكى سودىنى بىر تەرەپ قىلغاچ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يىراقتىن كۈزۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزىمەن ئەمدى.>دىدى كۈلگىنىچە.
-ئۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلار ؟ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ئاندىن ئۇنى قوغدا ئاداش، ئالىيى مەكتەپ بەك مۇرەككەپ . ئاللاھ شۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.يامان يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىسۇن.
-مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئاداش. ئۇ بەك ئەقىللىق.دىدى مۇرات يەنە ماڭا مەنىلىك قاراپ قۇيۇپ. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۆڭلۈم يايراپ كىتىۋاتاتتى. بۇندىن 7يىل بۇرۇنقى ئىت قوغلاپ كىتىش ۋەقەسى خىيال ئىكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى.قورقۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئىسىمدىن كۈتۈرلۈپ كەتكەن ئىدى. لىكىن شۇندىن بىرى دائىملا بىر سايە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەن دەك ھىس قىلاتتىم يۇ بەك ئىچكىرلەپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم.مانا بۈگۈن ئۇ ھەممىنى ئاكامغا دىيىش ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۋاتاتتى. گەپ بىلەن بۇلۇپ سەپەرمۇ سەپەردەك تۇيۇلمىدى. ئەتىگەن سائەت9لاردا مېڭىپ چۈشتىن كىيىن 3لەر بىلەن مەكتەپكە يىتىپ كەلدۇق. ئاكام مىنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ قۇيۇپ مۇرات بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇغىلى كىرىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئۇلار چىقىپ كەلدى.
-بولدى ،جىنتەك. ئىشىڭ پۈتتى.ئەتە ئەتتىگەن كىلىپ ياتىقىڭنى تاپساڭ بۇلىدۇ.دىدى ئاكام ماشىنىغا چىقىپ.
-ھازىرچۇ؟ ياتاقنىمۇ تىزىملىتىۋەتسەڭچۇ تايىنلىق دىدىم مەن دومسىيىپ.
-مانا بۇ ياتاقنىڭ ئاچقۇچى.222-ياتاق دىدى مۇرات بىر تال ئاچقۇچنى ماڭا سۇنۇپ. ئاچقۇچنى ئۇنىڭ قۇلىىدىن ئالغۇچە قوللىرىمىز تىگىشىپ كەتتى. بارمىقىمدىن تارالغان ئىللىق بىر سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترىتپ ئۈتۈپ كەتتى.
-ھازىر ئەمدى مىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشۇمغا بوي سۇنىسىلەر دىدى مۇرات ماشىنى قوزغىتىپ.  ماشىنا يەڭگىل تەۋرىنىپ  بارا-بارا مەكتەپتىن يىراقلاشتى. ماشىنا يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن <زىبا يەل قازان شورپىخانىسى>نىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. قىزلار ئاچچىق چۈچۈككە ئامراق دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىمغۇ دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ .ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا ئاشخانا ئىچىدىن قولتۇقلىشىپ  چىققان بىر قىز بىلەن بىر يىگىت بىزنى كۈرۈپ تۇرۇپلا قالدى.
-مىھراي؟؟؟؟؟؟ قاچان كەلگەنتىڭىز؟دىدى مۇرات ھەيرانلىق بىلەن.مۇراتنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ مۇراتنىڭ بۇرۇنقى ئايالى مىھراي ئىكەنلىكىنى بىلدىم
-ئەتتىگەن كەلگەن.سىزچۇ؟دىدى مىھراي ماڭا كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ تىنى شۈركۈنگىدەك سوغوق بىر نۇر چاچرىتىپ قاراپ قۇيۇپ.
-مەنمۇ بايا كەلگەن دوستۇمنىڭ سىڭلىسىنى مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كەلدۇق.
-ھە.....دىدى مىھراي چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇ سىزنىڭ ھېلىقى كۆيگىنىڭىز شۇ ئوخشىمامدۇ؟.........
-قالايمىقان گەپ قىلماڭ .دىدى  باياتىن بىرى مىھراينىڭ يېنىدا تۇرغان يىگىت گەپكە ئارلىشىپ.-خاپا بولماڭ ، ئۇنىڭ ئاغزى ئاشۇنداق ئىتتىك دىدى يىگىت ماڭا سەمىيمىيلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-يۈرۈڭە كىرىپ كىتەيلى ، دىگىنىچە قۇلۇمنى تارتىپ ماڭدى مۇرات.
-توختاڭ ئاكام كەلسۇن.دىدىم مەن ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ.كۆزلىرىم ماڭا  ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ تۇران مىھراينىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن تەنلىرىم جىغىلداپ كەتتى. قانداق كەلگەن غەيرەتكىن مۇراتنى قولتۇقلىۋالدىم دە.-يۈرۈڭ بولمىسا بىز كىرىپ كىتىۋېرەيلى دىدىم دە مۇراتنى قولتۇقلاپ كىرىپ كەتتىم.مۇرات بولسا ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق بىلەن بىردە بىردە ماڭا قاراپ قۇياتتى.ئىككىنچى قەۋەتنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپلا ئاستا قۇلۇمنى مۇراتنىڭ قولتۇقىدىن تارتىپ چىقاردىم
- ۋوي بىردەمدە  چىقىپ بوپسىلەرغۇ؟دەپ يېنىمىزغا كەلدى ئاكام. ئۇنىڭ قۇلىدا بىر نەچچە پوتۇلكا ئىچىملىك سېلىنغان خالتا بار ئىدى.
ھە....چىققاچ تۇردۇق......سىنى ساقلاپ بۇلالماي......دىدى مۇرات دۇدۇقلاپ
بىز ئىككىنچى قەۋەتتىكە چىقىپ ئالاھىدە بىزەلگەن بىر ئايرىم خانىگە ئۇرۇنلاشتۇق. يىيىش ئىچىش ئاخىرلىشىپ ماشىنا مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە كىردى.ئۇ بىزنى يېڭى سېلىنغان بۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئالاھىدە مىللىيچە نەقىشلەنگەن بىر ئۆيگە باشلىدى. ئۆينىڭ ئىچى لىققىدە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ خۇددى يېڭى توي قىلغانلار ئۈچۈن جابدۇلغاندەك ئىدى.
- قاچاندىن بىرى تەييار قىلىپ قويغان بۇ ئۆينى؟ مىھراي بىلەن ئۇياندىن ئاجرىشىپ بۇياندىنلا ھېلقى شۇمتىكىڭنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتمايلا تۇيۇڭنى قىلىۋالاي دەمسەن يا؟...دىدى ئاكام چاقچاق قىلىپ.
-ياقەي، ئەمدى مىنىڭ تىجارىتىم ئاساسەن مۇشۇ يەردە بۇلۇپ قالدى. خەۋىرىڭ بار ئاتا-ئاناممۇ  قازا قىلىپ كەتتى. مىنىڭ يا ئالدى كەينىمدە  قېرىنداشلىرىم يوق شۇڭا مۇشۇ يەرگە قايتىپ كىلىپ تۇرۇنى قارار قىلىپ بۇ ئۆينى ئېلىپ بىزەپ  قويدۇم، دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى مۇرات.ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل بىلىپ بولمايدىغان ئازاپنىڭ شولىسى ئەكىس ئىتەتتى.
-بولدى ئاغىنە كۆڭلىڭنى بۇزما .مانا مەن سىنىڭ قېرىندىشىڭ ،.دىدى ئاكام مۇراتنى دۇلىسىدىن تۇتۇپ ئۈزىگە تارتىپ.
-رەھمەت ساڭا ئاغىنە ......دىدى مۇرات ئارىدىكى كۈڭۈلسىز كەيپىياتنى ئوڭشىماق بۇلۇپ-رازىيە ،ئاشخانا ئۆيدە توڭلاتقۇدا ئىچىملىك بار ئېچىقىڭە دىدى ماڭا قاراپ، ئاشخانا ئۆينى كۆرسىتىپ. مەن ئىچىملكنى ئېلىپ چىققاندا ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.....مەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىق ئۈچۈن ئۇدۇلدىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم. ئالدى بىلەن كۈزۈمگە كۈرۈنگىنى دېرىزە تەكچىسىگە قۇيۇلغان رەسىم جازىىدىكى بىز كىچىك قىز بىلەن ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىۋاتقان  بىركۈچۈك نىڭ  قولدا سىزىلغان رەسىمى ئىدى. رەسىمنىڭ ئاستىغا  چوڭ قىلىپ مىنىڭ ئىسمىمنىڭ باش ھەرپى يېزىلغان ئىدى.< بۇ ئىشلار ئىسىڭىزدە بارمۇ؟> قۇلىقىمنىڭ يېنىدىلا چىققان بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئۇنىڭ بۇرنلىرى بىلەن بۇرنۇمنىڭ ئۇچى تىگىشىپلا قالغان ئىدى. بۇرنىمدىن تارىغان ئىللىق سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بۇشاشتۇرماقتا ئىدى. ئۈزۈمنى ئاران ئارن تۇتۇپ تۇرۋاتاتتىم.
-مۇرات!!!! ئاكامنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز چۈچۈشتۇق، مومكىن بولسا ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسا...نىمىدىەەن شىرىن سىزىملار.......
ئۇ كۈزۈمگە قاراپ تاتلىققىنا بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم ،باياتىن دەقىقە ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىشلارخىيالىممۇدۇ دەپ ھەم ئاستا يۈزۈمنى چىمىپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
-مۇرات!!!! ئاكامنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ھەر ئىككىمىز چۈچۈشتۇق، مومكىن بولسا ۋاقىت مۇشۇ ئىزدا توختاپ قالغان بولسا...نىمىدىەەن شىرىن سىزىملار.......
ئۇ كۈزۈمگە قاراپ تاتلىققىنا بىرنى كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئورنۇمدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم ،باياتىن دەقىقە ئىچىدە يۈزبەرگەن ئىشلارخىيالىممۇدۇ دەپ ھەم ئاستا يۈزۈمنى چىمىپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
بۇلۇڭغا قۇيۇلغان كومپىيوتىرغا كۈزۈم چۈشتى.بېرىپ كومپىيوتىرنى قوزغىتىشىمغا ئاكام مىنى چاقىرىپ قالدى.
-ھە، دەپ چىقىتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا
- قارا سىڭلىم مۇرات ئىككىمىزنىڭ قىلىدىغان ئازراق ئىشىمىز بار ،سەن ئارىمىڭنى ئېلىپ تۇرغىن.سەل كەچرەك قايتىپ كىلىمىز.بۇلامدۇ؟
- ماقۇلە،سىلەر بالدۇرراق كىلىڭلار ئەمسە. دىدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ،
-زىرىككۈدەك بولسىڭىز باياقى ئۆيدە كومپىيوتىر بار. تورغا ئۇلاغلىق.دىدى ئۇ باياقى ئۆينى ئىشارەت قىلىپ . بېشىمنى يىنىككىنە لىڭشىتتىم. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كىرىپ بايا قوزغىتىپ قۇيۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭ چ چ سى ئاپتۇماتىك قوزغىلىشقا تەڭشەگلىك ئىكەن.ئۈچۈرۋېتىشنى ئويلىدىميۇلىكىن ئۇنىڭ چ چ رىغا قىزىقىپ ئاچتىم.<كوت-كوت-كوت>...ۋاي-ۋۇي نىمانچە كىلىدىغان خەتتۇ بۇ.ئۇنىڭ چ چ سىدا لىققىدە قىزلار قاچىلاغلىق ئىكەن. يېقىنلىرىم دىگەن كۆزنەكتە 3ئايال كىشى قاچىلاغلىق تۇراتتى. تۇساتتىن 3ئايالنىڭ بىرى بولغان شەھلا دىگەن ئايالدىن خىت كەلدى.ئۇنىڭ شەخسى سىرىغا ھۆرمەت قىلاي دىدىميۇ لىكىن قوللىرىم ئۈزۈمگە بويسۇنمىغان ئاساستا مائوس ئۈستىدە مىدىراشقا باشلىدى.
<جېنىم، سىزنى سېغىندىم، ئاشۇ كۈنى كىچە يۈز بەرگەن ئىشلار خىيالىمدىن كەتمىدى. سىز بىلەن كۈرۈشكۈم بار.> بىرى ئاسماندىن يەرگە تاشلىغاندەك شۇنچىلىك قاتتىق سىلكىندىمكى  كۆزلىرىم خىرەلىشىپ پۇتلىرىم ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. كاللام قۇپقۇرۇق، بىرەر ئىشنى خىيال قىلىشقىمۇ كۈچۈم يەتمەيۋاتاتتى.قاچانلاردا ئىسىمنى بىلدىمكى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.بۇ ئۆينىڭ ھەممە يىرىدىن مەينەتچىلىك تۈكۈلۈپ تۇرغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم. ئاستا تالاغا چىقتىم نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتىم. نىشانسىز كىتىۋاتىمەن.بىرچاغدا ئالدىمدىن كەلگەن بىر گەۋدىگە سۇقۇلۇپ يىقىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يىغامنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يۈتىۋىتەلمىدىم. كۆزياشلىرىم ماڭا بوي سۇنماي ئېتىلىپ ئېتىلىپ چىقماقتا ئىدى،كىشىلەر ماڭا قاراپ بىر نىملەرنى دەپ ئۈتۈپ كىتىشۋاتاتتى.تۇساتتىن بىرى مىنى يۈلەپ تۇرغۇزدى.
-ۋوي،رازىيەكەنغۇ بۇ؟ نىمە قىلۋاتىسىز بۇيەردە؟ تۇنۇشلا بىر ئاۋاز.بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىدىم،مەن بىلەن 3يىل بىر سىنىپتا ئۇقۇغان قاچانلا قارىسا غەمكىن يۈرىدىغان ئەزىمەت ئىسىملىك بالا ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.نىمىدەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتىم.شۇڭا< ئاكاملارنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم>دىدىم يالغاندىن.
-مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلىغان بارمۇ ، ئۇششۇق قىز بالىكىنا ماۋۇ.دىدى ئەزمەتنىڭ يېنىدىكى ناتۇنۇش بىرى كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھە راس تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي،بۇ مىنىڭ ياتاقدىشىم ئىسمى ئابلەت قەشقەردىن .دىدى ئەزمەت ئۇنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ،مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى يىنىككىنە لىڭشىتپ سالام قىلغان بولدۇم.ياز بولغاچقا ئالدىراپ قاراڭغۇ چۈشمەيتى.ئەزىمەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بلەن ئۇلارنىڭ مەكتىۋىگە كەتتىم. نىمىگە بۇنچىلىك ئۆز بېشىمچلىك قىلارمەن ئەمدى.ئۆز-ئۈزەمنى ئەيىپلەيتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيگە پەقەتلا بارغۇم يوق ئىدى. ئەزىمەت مىنى قىزلارنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى، ياتاقتا مەن بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپە پارالىل ئۇقىغان بىر قىز بار ئىدى. مەكتەپتە مۇنداقلا باش لىڭشىتىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان بۇ قىز بىلەن ئەمدى ياقا يۇرۇتتا يېقىن سىرداشلاردەك قۇچاقلىشىپ مەڭزىمىزنى يېقىشىپ كۈرۈشۈپ كەتتۇق.ئۇنىڭ بىلەن ئۇيەر بۇيەرنىڭ گىپىنى قىلىشىپ بالدۇرلا يېتىپ قېلىشتۇق.كۈزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،ھېلىقى ئىكراندا لىپىلداپ تۇرغان باش سۆرەت ھېلىقى خەت!!!!!!گېلىمغا قاپلىشىپ كىلىۋاتقان ئىسەدەش،كۈزۈمدىن چىقىۋاتقان ياش ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئەقلىم :بولدى بەس !رازىيە ،ئۇ سىنى ياخشى كۈرۈمەن دىدىمۇ؟ بولدى قىل رازىيە سەندىكى بۇ دىگەن پەقەت بىر ئۆتكۈنچى ھىسىيات.ئۈزۈڭنى قىينىما دەيتى.ھىسياتىم بولسا ئەقلىمگە بوي سۇنمىغان ھالدا :ئۇسىنى ياخشى كۈرىدۇ،يۇشۇرۇن بولسۇمۇ ساڭا ئاڭلىتىپ دىدى. بياقى ئىشلار چۇقۇم بىرەر ئۇقۇشماسلىق،ئالدىرىما دەيتى. خىياللار بىلەن يېتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن كۈزۈمنى ئاچسام بامداتنىڭ ۋاختى ئاللىقاچان ئۈتۈپ كىتىپتۇ.باشلىرىم شۇنچىلىك لوقۇلداپ ئاغريتى.شۇنداقتىمۇ دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ نامىزىمنى ئۇقۇدۇم .جاينامازدا دۇئاغا قول كۈتۈرگىنىمدە  شۇنچىلىك ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئىسىمنى بىلىپ دادام ناماز ئۇقۇشنى ئۈگەتكەندىن بىرى دائىم شۇنداق ئىدىم خاپا بولساممۇ خوش بولساممۇ جايناماز تۈپىدە دۇئاغا قول كۈتۈرۈپ يىغلىۋالاتتىم. بۇگۈنمۇ شۇنداق بولدى.ئۇنىڭغىچە زوھرە<ئاخشامقى قىز> ئويغىنىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن بىر كىرىلىۋىتىپ تۇرۇپ كەتتى،
-قانداقراق تۇرۇپسىز ؟دىدى ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە.
-ياخشى ئۈزىڭىزچۇ؟دىدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ جاۋاپ قايتۇرۇپ،راس سائەت نەچچە بولغاندۇ؟
-تېخى بالدۇر ،يەنە بىرەر سائەتتىن كىيىن تاماق ۋاختى بۇلىدۇ بىردەم يېتىڭە
-مەن ماڭايمىكىن بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئارلىقى ئۇنچە يېقىنمۇ ئەمەسكەن.
-ئۇنچە ئالدىراپ نىمە قىلىسىز ؟ سەل تۇرۇپ ماڭسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ؟
-رەھمەت ھېلىمۇ سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم.دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپ،ئۇ مەن بىلەن ياتاقنىڭ ئالدىغا چىقىپ خوشلاشتى.مەن سىرىتقا چىقىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ئەزىمەت بىلەن ئابلەت قاياقتىن پەيدا بولدىكى:
-ھېي،قاچقۇن ئەتتىگەندە  بىزگىمۇ خوش دىمەي نەگە ماڭدۇق دىدى ئابلەت شوخلۇق بىلەن.
-شۇ، مەكتەپكە ماڭدىم ،دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ[.
- يۈرۈڭ،ئاۋال تائام ئاندىن كالام دەپتىكەن ئاۋال ناشتا قىلايلى ئاندىن يولغا سېلىپ قۇيلى بۇلامدۇ دىدى ئەزمەت مىنى ئاشخانا تەرەپكە تارتىپ، راستىمنى دىگەندە مەنمۇ يولغا چىققىنىم بىلەن مەكتەپكە قانچىنچى يولنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارىدغىنىمنى بىلمەيتىم.شۇڭا ئۇلار بىلەن گەپ سۆزسىز ماڭدىم. ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرى بىئارام بۇلاتتى. تۇرۇپ تۇرۇپ چۇڭقۇر ئۇھ تارتاتتىم.
ناشتىنىمۇ شۇنچىلك ئىشتىھاسىز قىلدىم. ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن  ئۇلار مىنى بىكەتكە ئېچىقىپ يولغا سېلىپ قۇيۇشتى. مەن ئەزمەت دەپ بەرمىسە نەدە چۈشۈشنىمۇ بىلمىگەن بۇلاتتىم. مەكتەپتىن 50مىتىرچە مېڭىپ ئاپتۇۋۇزدىن چۈشتۈم. ئاللىقاچان كۈن چىقىپ ھاۋامۇ ئىسىسشقا باشلىغان ئىدى. مەكتەپنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغان تۇنۇش بولغان ماشىشنىنى كۈرۈپ ئۈزۈمنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئاكام بىلەن مۇرات ماشىنىدىن چۈشتى. ئاكامنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ مەندىن قانچىلىك ئەنسىرگەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى، ئىختىيارسىز مۇراتقا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ چۆرىسى قارداپ بىر كىچىدىلا ئۇرۇقلاپ كەتكەندەك كۈرۈنۈپ كەتتى.
-نەگە باردىڭ؟ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتقاننىڭ سازايىسىنى تولىتامسەن نىمە كىلە كەلمەيلا ؟دىدى ئاكام ماڭا ئاچچىقلاپ.
-شۇ ...... ئاخشا پەسكە چۈشكەن ئىدىم، ئۇنى بۇنى كۈرۈپ يولدىن ئادىشىپ قالدىم. كىيىن ئىككى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ئۆينىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ دەپ بىرەلمىگەندىن كىيىن ئۇلار مىنى مەكتىۋىدىكى قىزلار ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى  دىدىم مەن باياتىن يولدا كىلىۋاتقاچ تەييارلىۋالغان يالغان گەپلىرىمنى . ئاكام مىنى باغرىغا بېسىپ :خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ. ئاشۇ ساۋاغداشلىرىڭ بىلەن چۈشتە كۈرۈشتۈر بىللە  تاماق يىگەچ ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇياي .دىدى.
-ماقۇل دىدىم مەن. مۇرات بىر چەتتە ماڭا ئەلەم بىلەن بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭغا شۇنداق نەپرەت بىلەن بىر ئالايدىمكى ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.  بىز كىرىپ ياتاققا ئۇرۇنلىشىپ بولدۇق مەكتەپ سىرتىدىكى دۇكاندىن لازىملىق نەرسىللىرىمنى تۇلۇقلاپ جايلىشىپ بولغىچىمۇ چۈش بۇلاي دىگەن ئىدى. ئاكاملار بىلەن ئەزىمەتنىڭ مەكتىۋى ئادىغا كىلىپ ئۇنىڭ ماڭا يېزىپ بەرگەن تېلفۇن نۇمۇرىغا تېلفۇن قىلدۇق. ئۇ ياتاقتا بار ئىكەن . 5-10 مىنۇتتىن كىيىن ئەزمەت بىلەن ئابلەت بىللە چىقتى. ئۇلار ئاكام بىلەن قىزغىن كۈرۈشكەندىن كىيىن  بىز مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىدۇق.
سىز قەشقەردىن ئوخشايسىز ھە؟ دەپ سورىدى ئاكام ئابلەتتىن
-شۇنداق مەن قەشقەردىن. ئۈرۈمچىدە ئۇقۇۋاتقىلىمۇ 4يىل بۇلۇپ قالدى.كىلەر يىلى پۈتىدىۇ ئۇقۇشۇم .دىدى ئابلەت تەمكىنلىك بىلەن.
-ئەزمەت، ئاخشام ياتاقدىشىم دەۋاتمامتىڭىز؟.دىدىم مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا ئەزمەتكە قاراپ.
-ئاخشام ھالىتىڭىزگە قاراپ باشقا گەپ ئېغىزىمغا كەلمەپتۇ، بۇ مىنىڭ قەشقەردىكى تاغامنىڭ ئوغلى مىنىڭ نەۋرە ئاكام. ئەمدى تۇنۇشتۇرساممۇ بۇلار دىدى ئەزىمەت كۈلۈپ.
-ھە، ئىككىڭلار بولمىغان بولساڭلار قانداقمۇ قىلاتتىكى بۇ جىن. ئۆينى تاپالمايدىغان ھالىغا تالاغا چىقىپ.دىد ئاكام مىنىڭ بۇرنۇمنى چىمدىپ. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆزلىرىم ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان مۇراتقا چۈشتى .ئۇنىڭ چىرايى نەچچە ئاي كىسەل تارىتقان ئادەمدەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. دىمەك ئۇ ئاخشام مىنىڭ نىمىشقا چىقىپ كەتكىنىمنى بىلگەن ئىدى. تاماقنىمۇ كۈلكە چاقچاقلار بىلەن بىردەمدىلا يەپ بولغان ئىدۇق. ئەزمەت بىلەن ئابلەت مەكتىپىگە كىرىپ كىتىشتى. مىنىمۇ ئاكام مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇلار مىنى مەكتەپكە ئىەكىلىپ قۇيۇپ ئاكام قايتىدىغىنىنى دەپ  مەن بىلەن خوشلاشتى.مۇراتقىمۇ ئامالسىز خوش دەپ قويدۇم .ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇ ھەتتا ئاۋازىنى ئاڭلىغۇممۇ يوق ئىدى. ئۇلار كەتتى. مەنمۇ ياتىقىمغا كىردىم.ياتاقتا سەككىزىمىز بىللە ياتاتتۇق. ئۇلار بىلەن تۇنۇشۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. ئۇلاردىن بىرى غۇلجىدىن يەنە ئىككىسى كۇچادىن يەنە بىرى خوتەندىن يەنە بىرى قەشقەردىن قالغان ئىككىمىز كورلىدىن<باشقا  ناھيىدىن> بۇلۇپ يەنە بىر بوش ئۇرۇنغا تېخىچە ئادەم كىرمىگەن ئىدى. بىردەمدىن كىيىن ئىشىك تاراقشىپ ئېچىلىپ يۈك تاقلىرنى كۈتۈرەلمەي قالغان گۇلنۇر كىردى .يۈگۈۈپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى نەرسىللىرنى ئالدىم ،ئۇ ماڭىمۇ قارىمايلا <رەھمەت سىزگە >دىدى.
-ئەرزىيدۇ خېنىم.دىدىم مەن ئاۋازىمنى ئۆزگەرتىپ ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭا قاراپ
-ۋاي ئالۋاستى مەن تېخى سىنى ئەرگە تىگىۋالدىمىكىن دەپتىمەن دىگىنىچە ماڭا قوللىرنى كەڭ ئاچتى.ئۇنىڭ بىلەن قۇچاغلىشىپ قىزغىن كۈرۈشۈپ كەتتۇق.ئۇنىڭ كەينىدىن ھەسىرەپ-ھۆمۈدىگىنىچە كىرگەن ئانىسى ئازراق دىمىنى ئېلىۋالغاننىڭزى ھەممىمىز بىلەن كۈرۈشتى،مىنى كۈرۈپ ۋوي ازىيە قىزىمكەنغۇ بۇ دىگىنىچە مىنى باغرىغا بېسىپ پىشانەمگە سۈيۈپ: جىنىم بالام ،گۈلنۇر بىلەن ياخشى ئۈتۈڭلار ،تاماققا چىقساڭلارمۇ بىللە چىقىڭلار .دەپ بىرمۇنچە تاپىلاپ يەنە كەچنىڭ ماشىنىسدا قايتىمەن دەپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.گۈلنۇر ئىككىمىز ئانىسىنى ماشىنىغا سېلىپ قۇيۇپ ياتاققا كىرسەك .خوتەنلىك قىز: رازىيە ،سىزگە بىر ئوغۇل بالىدىن تىپۇن كەپتى،ھېلى كىرىتتۇ دىدىم.دەپ مىنى ھەيران قالدۇردى. تېلفۇن يەنە جىرىڭلىدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
-ۋەئەلەيكۇم ئەسالام ،رازىيەمۇ سىز؟ تۇنۇش بىر ئاۋاز قۇلۇقۇم يېنىدا
-ھە،مەن .دىدىم كىملىكىنى ھىس قىلىپ قىلالماي.
-مەن مەكتەپ ئالدىدا ،چىقىقپ مىنىڭ چۈشەندۈرشۈمنى ئاڭلاڭ بۇلامدۇ؟
-ئارىمىزدا چۈشەندۈرگۈدەك نىمە ئىش بار؟ سىز مىنىڭ نىمەم ؟مەن سىزنىڭ نىمىڭىز؟دىدىم مەن ئۈزەمنى بېسىۋېلىپ.
-سىزنى ياخشى كۈرمەن رازىيە.ئەجىبا سىز مىنى ياخشى كۆرمەمسىز؟ تېلفۇننى تۇتۇپ تۇرۇشقا ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى.تېلفۇننى قۇيۋېتىپ كارۋىتىمغا چىقىۋالدىم.خىياللىرىم چېچىلاڭغۇ نىمىنى خىيال قىلۋاتقىنىمننمۇ بىلمەيتىم.بىر چاغدا گۇلنۇر: ۋوي مۇراتكامغۇ بۇ؟ نىمىش قىلۋاتقاندۇ بۇ يەردە ؟ دەپ دېرىزىدىن پەسكە قاراپ ۋرقىردى. :مۇراتكا!!!.......
ئۇنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىم سەزگۈرلىشىپ كۆزلىرىم يۇغىنىدى.
گۈلنۇر ساپما كەش بىلەنلا يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى. ئۇ بىردەمدىلا قايتىپ كىرىپ :رازىيە تېز بول! مۇراتكام بىلەن تاماققا چىقىمىز.دىدى مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ.
-بايا يىگەن تاماق نەگە كەتتى. مىنىڭ قورسۇقۇم توق.ئۈزەڭ چىق دىدىم مەن باھانە كۆرسىتىپ.
-ۋېيەي خېنىم بىرچوكا لەغمەن مىنىڭ بۇ قورسۇمنىڭ بۇرجىكىگىمۇ بارمىدى. دىدى ئۇ قورسۇقىنى سىيلاپ.
-ئۇرۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان دەپ يىسەڭ يىسەڭ تويمايدىغان نىمىكەنسەن. دىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ.
-بولە بولە. سىمىز كالا. مۇراتكام سىنى چۇقۇم چىقسۇن دەيدۇ.دەپ كىيىملىرنى ئالماشتۇرۇشقا تۇتۇشتى گۈلنۇر.يەنە چىقمايمەن تارتىشىپ ئولتۇرسام گۈلنۇرنىڭ گۇمان قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىمنى سۆرىگەندەك گۈلنۇرنىڭ كەينىدىن چىقتىم. بىز مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ شۇ يەردىلا تاماق يىمەكچى بولدۇق.مۇراتقا ئىمكان بار قارماسلىققا تىرىشاتتىم. .گۈلنۇر مۇراتكا دىسە مۇراتكا دەپ ئۇنىڭدىن  بۇ شەھەر توغۇرلۇق ئۇنى بۇنى سورايتى. تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى.  ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە مۇرات گۈلنۇر ئىككىمىزگە بىردىن ئىسىم كارتىسى ئۇزۇتۇپ: بۇ مىنىڭ ئىسىم كارتام بىرەر ئىش بولسا بىرەر نەرسە لازىم بولسا تارتىنماي تېلفۇن قىلىڭلار .دەپ كارتىنى بىزگە بىرىپ بىز بىلەن خوشلىشىپ كەتتى. ياتاققا كىرىشىمىزگە تېلفۇن جىرىڭلاپ كەتتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.دەپ تېلفۇننى ئالدى گۈلنۇر.-ھە  رازىيە بار توختاڭ. گۈلنۇر ماڭا قاراپ  تېلفۇن دەپ ماڭا تېلفۇننى بىرىپ دېرىزە تەرەپكە كەتتى.
-رازىيە ،مىنىڭ چۈشەندۈرشۈمنى بىر قېتىم ئاڭلاڭ. بولىمىسا مەن كۈندە ياتىقىڭىز ئالدىغا كىلىۋېرمەن.
-نىمىنى چۈشەندۈرسىز؟ چۈشەندۈرگۈدەك نىمىش بار؟
- سىزنىڭ مىنىڭ ھېلىقى چ چ رىمغا كەلگەن خەتنى كۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭىز شۇنداققۇ؟ھەممىسى ئۇقۇشماسلىق.مەن سىزگە چۈشەندۈرەي.
- ھەممىسى ئۇچۇق ئاشكارە تۇرمامدۇ؟ يەنە نىمىنى چۈشەندۈرسىز؟بولدى قىلىڭ.دەپ زەردە بىلەن تېلفۇننى قۇيۋەتتىم.كەينىمگە ئۆرۈلۈپ گۈلنۇرنىڭ ماڭا نەپرەتلىك تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۈرۈپ شۈركىنىپ كەتتىم.
-مۇراتكام نىمنى چۈشەندۈرمەكچىكەن ساڭا؟ئەسلى ھەدەمنىڭ ئۈينى بۇزغان سەنكەنسەندە؟ توۋا، سىنى بۇنداق يولدىن چىققان ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن.
-ئۇنداق ئەمەس!........ماڭا نەپرەت بىلەن تىكىلگەن جۈپ-جۈپ كۆزلەر..... شۇ تاپتا ئاسمان ئىگىز يەر قاتتىق بىلىنىۋاتاتتى. ياتاقتىن قانداقلارچە سىرىتقا چىققىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئېنىقلا بۇ ئىش مەكتەپكە  پۇر كىتەىتتى.تۇيۇقسىز كاللامغا كىتىش تىن ئىبارەت بىر خىيال كەلدى.ياتاققا قايتىپ كىردىم دە. ياتاقداشلارغىمۇ قارماستىن نەرسىللىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم. تېلفۇن سايرىدى. خوتەنلىك قىز تېلفۇنغا چاقىردى. يەنە شۇ مۇراتمىكىن دىگەن خىيال بىلەن تېلفۇننى ئالدىم.
-كىمو ؟  دىدىم شۇنچىلىك توڭلۇق بىلەن.
-رازىيەما؟ مەن ئەزمەتنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئابلەت.دىدى قارشى تەرەپ، بىركۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار مىنى خېلىلا ھالسىراتقان ئىدى. شۇڭا دەماللىققا ئۇنى يادىمغا ئالالماي قالدىم. ئۇ يەنىمۇ بەكرەك ئۈزىنى چۈشەندۈرۈپ: ۋاي تېخى چۈشتە بىللە تاماق يىمىدىقمۇ؟ دىدى.
-ھە، سىزمىدىڭىز؟ ئەمسە 6-ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ساخلاپ تۇرامسىز؟مەنمۇ ھازىرلا چۈشىمەن . د ەپ تېلفۇننى قويدۇم مەن ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلماي
. جايلاشتۇرالىغانلىرىمنى ئالدىم.جايلاشتۇرالمىغانلىرمنى قويدۇم دە. ئېغىر يۈك تاقامنى ئېلىپ بىر كۈنمۇ يېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن  ياتىقىمدىن چىقىپ ئابلەت بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇللا بىكەتكە يول ئالدىم.ئابلەتتىنمۇ نىمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم .ئۇمۇ مىنىڭ نىمىشقا كىتىدىغىنىمنى سورىمىدى. شۇنداق قىلىپ بىكەتكە كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسقا بىلەت ئېلىپ تاماق يىيىش ئۇچۇن ئابلەت بىلەن سىرىتتىكى ئاشخانىغا چىقتىم. تاماقنىمۇ ئۈن-تۈنسىز يىيىشتۇق. تاماق يەپ بۇلۇپ ئۇ ئېغىز ئېچىپ : رازىيە كەتمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇغۇڭىز كەلمىگەن بولسا مۇشۇ يەردە بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئۇقۇسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟دىدى ئۇ قىيماسلىق نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ.
-ياق، ئابلەت . بۇيەردە قالغۇم يوق.دىدىم مەن باياتىن ياتاقتا يۈزبەرگەن ئىشلارنى مۇرات بىلەن ئارىمىزدىكى ھىسياتىنى يۇشۇرغان ئاساستا ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.
-سىزنىڭچە يۇرتىڭىزغا كەتسىڭىزلا ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كىتەرمۇ؟ بۇ پىتنە-پاسات سىزدىن بۇرۇن يورتىڭىزغا بېرىپ بۇلىدۇ.راس دەپتىكەن دەيسىز.
-ياق، ئۇنداق بولسا بولمايدۇ. ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس.ئۇ بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز كۈتۈرەلمەيدۇ.
-دىدىمغۇ .سىز بۇيەردىن كەتسىڭىز ئۇ يالغانچىلىقلار راسقا ئايلىنىپ  قالىدۇ.شۇڭا،سىز ياخشىسى  ئالدى بىلەن بىزنىڭ  مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كەسپىي مەكتەپكە  تىزىملىتىڭ قالدى ئىشلارنى كىيىن بىر تەرەپ قىلىمىز.دىدى ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىپ.مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۇرۇنلۇق بىلىپ بىلەتنى قايتۇرۋىتىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇ دىگەن كەسپىي مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم. مەكتەپكە بارساق دىجورنى ئۇقۇتقۇچى باركەن. ئۇ ئەتە تىزىملايدىغانلىقىنى بۈگۈن ياتاققا ئۇرۇنلىشىشمنى ئېيتىپ مىنى قىزلار ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتۇردى. ياتاقتا مەندىن باشقا ئۈچ قىز بار ئىدى. ئابلەت نەرسە كىرەكلىرىمنى ئەكىرىپ بىرىپ.ياتاقنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىۋېلىپ  مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. مەن پەسكە چۈشۈپ ئاكامغا تېلفۇن قىلىپ بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي دىدىم. ھەم مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلىقىمنى قارار قىلغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئاكام بىردەم ئاچچىقلاپ سۆزلىگەندىن كىيىن ھازىرچە ئۆيدىكىلەرگە دىمەسلىكىمنى ئۈزىنىڭ نەچچە كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە  كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ  مىنى خاتىرجەم قىلدى.
ھەش-پەش دىگۈچە مەن بۇ مەكتەپكە ئۇرۇنلاشقىلىمۇ بىر ھەپتە بۇلۇپ قالدى.ياتىقىمدىكى ئىككى قىز كورلىنىڭ بۈگۈردىن يەنە بىر قىز غۇلجىدىن ئىكەن.ئۇلار  بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتىم. يەنە كىلىپ تۆتلىمىزلا كومپىيوتىرتەربىيلەش سىنىپىدا ئىدۇق. دەرىستىن چۈشسەكمۇ بىللە دەرىستىمۇ بىلە ئىدۇق.  باشقا قىز ئوغۇللار بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزغا ھەۋىسى كىلەتتى.بىزنى مەكتەپنىڭ< تۆت گۈللىرى> دەپ ئاتاشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاكام كىلىپ مەكتەپنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرۋەتكەندىن كىيىن مىنىڭ ئىشىمنى ئۆيدىكىلەرگە دىگەنلىكىنى ئەنسىرمەسلىكىمنى ياخشى ئۇقۇشىمنى دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى تاپلاپ كەچلىك ماشىنىدا قايتىمەن دەپ ماڭا بىر ۋاخ تاماقمۇ ئېلىپ بەرمەي قايتىپ كەتتى. ئىش قىلىپ مۇرات ئىسىملىك بۇ ئادەم ئاستا-ئاستا خاتىرەمدىن يۇقۇلۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا ئابلەت ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرۋاتاتتى.ئۇ كۈندە تېلفۇن قىلاتتى. كۈندە بىرۋاخ تامىقىمدا ئۇ كەم بولمايتى.ئۇنىڭغا ئاستا- ئاستا كۈنۈپ قېلىۋاتاتتىم.ھەش-پەش دىگۈچەئۇنىڭ ئۇقۇشى پۈتتى. مەنمۇ بىر يىللىق كۇرۇسنى تاماملاپ  قايتىش ئالدىدا تۇراتتىم . ئۇ مىنى يولغا سېلىش ئۈچۈن چىققان كۈنى:  رازىيە، سىز بارغاچ تۇرۇڭ. مەن ساق بىر ئاي بولغان كۈنى ئالدىڭىزدا پەيدا بۇلىمەن. دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قەتتئىيلىك بىلەن، مەن كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا قىيمايۋاتاتتىم. ئارقىمغا قارىدىم. ئۇ شۇ جايىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. بۇرنۇمنىڭ كۈمۈرچۈكى تارتىشىپ كۆزلىرىمدىن ئىككى تامچە ياش سرغىپ چۈشتى.
ئۇنىڭ بىلەن كۆزلىرىم ئارقىلىق خوشلىشىپ  بىكەتكە كىرىپ كەتتىم. بىر نەرسەمنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك بىئارام بۇلۇشقا باشلىدىم. ماشىنا قوزغىلىپ بىكەت سىرتىغا چىققاندا ئۇ بىكەت دەرۋازىسى ئالدىدا قولىدا ئۇششاق يىمەكلىك سېلىنغان بىر خالتىنى تۇتۇپ تۇراتتى. مەن شوپۇرغا دەپ ماشىنىنى توختاتتىم. ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدى. ماشىنىدىن چۈشەلمەيتىم شۇڭا ئۇنىڭ قۇلىدىكى نەرسە- كىرەكلەرنى ئالدىم. شۇپۇر ئالدىرتىپ ماشىنىنى قوزغاتتى.‹ ساقلاپ تۇر رازىيە مەن ساق بىر ئايدىن كىيىن ئالدىڭدا پەيدا بۇلىمەن.›دىدى ئابلەت ئۈزىگە ئىشەنىچ بىلەن. ماشىنا ئاستا- ئاستا مىنىڭ نۇرغۇن كۈڭۈلسىزلىكلىرىمگە،تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ قاباھىتىگە  گۇۋاھچى  بولغان شەھەرنى ئارقىدا تاشلاپ لۆمۈلدەپ مېڭىشقا باشلىدى. ماشىنىنىڭ تېلۋېزۇرىدا ئابدۇللا ئابدۇريىمنىڭ تۇنجى مۇھەببە دىگەن ناخشىسى چىقىۋاتاتتى،  يالغۇزلۇقتىنمۇ ئېيتاۋۇر بۇرۇن ئانچە تەسىز قىلمىغان بۇ ناخشا ئەمدىلىكتە يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تىگىۋاتاتتى.كەپسىز خىياللىرىم ئۆتكەن كۈنلەرگە قانات قاقتى. ئابلەتنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۈتۈشكە باشلىدى. ئائىلىمىز  ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇنچىۋالا باي ئائىلە قاتارىغا كىرمىسىمۇ خاتىرجەملىك بىزنىڭ بايلىقىمىز ئىدى. ئالىي مەكتەپتىن چىكىنىپ بىر ئايدىن كىيىن دادام ئۇقۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. مىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپكە كەلدۇق لىكىن مەن ئاللىقاچان مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئىدىم. تۈلىگەن ئۇقۇش پۇلۇممۇ زىيىنىغا كەتكەن بولدى. دادام شۇنچىلىك ئاچچچىقلاندى. مەن تاكى چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ يېشىمغىچە بىرەر قېتىممۇ ۋارقىراپ باقمىغان دادام ماڭا ۋارقىراپ سىلكۈشلەپ دىگۈدەك مەن ئۇقۇۋاتقان كەسپىي مەكتەپكە كەلدۇق. دادام مەكتەپنى بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۇرۋېتىپ رازى بولمىسىمۇ مۇئەللىمم بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن مىنى قۇيۇپ كەتتى. ئارىدىن نەچچە ئاي ئۈتۈپ دادامنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىم. باراي دىسەم مەكتەپتىن رۇخسەت بىرىشى ناتايىن.بارماي دىسەم كاللامغا دەرىسمۇ چۈشمىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى.ئابلەتمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئىدى. ئۆينىڭ تۇرمۇشى دادامنىڭ تامچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق بولغاچقا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىشى مومكىن ئىدى. ئاكام تېخى مۇقىم خىزمەتكە چۈشمىگەن ئىدى .ئۇ باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن دەرىس ئۈتۈپ ئايدا 400سوم مۇئاش ئالاتتى. 26-27ياشلىق يىگىتنىڭ بىر ئايلىق چىقىمىغىمۇ بۇنچىلىك پۇلنىڭ يىتىشى ناتايىن ئىدى.مىنىڭمۇ بارا بارا يانچۇقۇم قۇرۇغدىلىشقا باشلىدى. ئۈزەمنى تاماقتىن قىستىم، بەزىدە ھەتتا ئابلەت كەلمىگەن كۈنلىرى ئۈچ ۋاخ مەكتەپ ئالدىدىكى ناۋاينىڭ بىر سوملۇق نېنى بىلەن قورسۇقۇمنى گولدىدىم.شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكىلەر پۇلۇڭ بارمۇ دىسە بار دەپ قۇيۇپ روزا تۇتۇپ يۈرىۋەردىم. بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەر بىلمىىدى دىگىنىم بىلەن يالغانچىنىڭ ئۈلۈمى ئاشكارە دىگەندەك  ئەتتىگەندە ئاغرىغىلى تۇرغان ئاشقازىنىم  كەچلىك تاماق ۋاختى بىلەن ئابلەت كەلگۈچە بېسىقمىدى. ئابلەت چىرايىمنى كۈرۈپلا نىمە بولدى دەپمۇ سورىمايلا ئۇدۇل ماشىنا تۇسۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى .دوختۇر بىرەر قۇر قورسۇقۇمنىڭ ئۈيەر بۇيەرلىرىنى مىجىپ بېقىپ  ئاشقازىنى قاناپ كەتكەن ئوخشايدۇ  دەپ تەكشۈرۈش قەغىزى يېزىپ بەردى. تەكشۈرتۇق دەرۋەقە ئاشقازىنىم قاناپ كەتكەن ئىدى. دوختۇر بالنىسىتتا يېتىشىمنى بۇيرىدى. مەندە نەدىكى پۇل ئۇ بالنىسىتتا ياتقۇدەك ، دوختۇرغا يىلىنىشقا باشلىدىم.
-ياتاقتا ياتماي دورا بىلەن داۋالانسام بولمامدۇ دوختۇر؟
-بولمايدۇ. ھازىر قانىغان يەر چوڭ ئەمەس ھەپتە ياتساڭ ساقىيىپ كىتىسەن.دەپ قۇلۇمغا ياتاقتا يېتىش رەسمىيتىنى تۇتقۇزدى. ئابلەت قۇلۇمدىن جەدىۋەلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققۇدەك ماغدۇرۇممۇ قالمىغان ئىدى. بارغانچە تۈگۈلۈپ قېلىۋاتاتتىم.
شۇنداق قىلىپ ياتاققىمۇ ئېلىنىپ بولدۇم. ياتاقتا 8كۈن يېتىش جەريانىدا ئۇ يېنىمدىن بىردەممۇ ئايرىلماي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى.ئۇنىڭغا قەرىزدار ئىدىم ، ماددىي قەرىزلا ئەمەس ئادەمگەرچىلىكتىمۇ ئۇنىڭغا قەرىز بولغان ئىدىم.شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۇنىڭ بىلەن مىننەتدارلىق ھىسياتى بىلەن يېقىن ئۈتۈشكە باشلىدىم. بارا-بارا ئۇنىڭغا كۈنۈپ قېلىۋاتاتتىم.قەلبىمدە ئۇنىڭغا قارتا ئوخشىمايدىغان بىر يېقىنچىلىق شەكىللىنىپ قالدى.   ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان چاغلىرىمىزدا گەپلىرىمىز تۈگىمەيتى. مەكتەپتىكى ئىشلارنى سۆزلەشتىن باشلىساق جەمىيەتتىكى ئىشلارغىچە داۋاملاشتۇراتتۇق.لىكىن تۇرمۇش، مۇھەببەت دىگەن تېمىدا پەقەتلا سۆزلەشمەيتۇق. ماشىنىنىڭ توختىشى بىلەن خىياللىرىم ئۈزۈلدى. ماشىنا تۇرپان دائىرسىدىكى  بىر ئۆتەڭگە كىلىپ توختغان ئىدى. قورسۇقۇم توق بولسىمۇ بىردەم ھاۋا يىيىش ئۈچۈن ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم،ماي قاچىلاش پونكىتى ئۇنىڭ يېنىدا كىچىكلا بىر ئاشخانا ئۇنىڭ يېنىغا يانداش قىلىپ سېلىنغان ماگزىن بار ئىدى. كۈزۈم تۇنۇش بىر گەۋدىنىڭ ئۈستىدە توختاپ  قالدى، يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ گېلىمغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك نەپەسلىنىشىم تىزلىشىپ كەتتى. بۇرۇنلىرىمنىڭ كۈمۈرچىكى تارتىشىپ كۆزلىرىم خىرەلەشتى. ئۇنى ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم. لىكىن ئۇنى كۈرۈشۈم بىلەن مەندە يۈز بەرگەن بۇ ئالامەتلەردىن ئۇنى ئۇنتۇش ئەمەس بەلكى ئۇنى سېغىنغىنىم ئايان بۇلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىغا بارغۇم ، ئۇنىڭ مىنى بىر چاغلاردا ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇلارغا باشلىغان  شۇ ئوتلۇق كۆزلىرىگە قانغۇچە قارۇۋالغۇم كەلدى. تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن كەلگەن بويلىرى ئىگىز ،ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇيىۋەتكەن بىر قىز كىلىپ ئۇنىڭ  كەينىدىن دولىغا ئېسىلىپ ئۇنىڭ كۈزىنى ئېتىۋالدى. ئۇ  بىزار بولغان بىرخىل كەيپىياتتا قىزنىڭ نازۇك قوللىرىنى سىلكىپ چۈشۈرۋىتىپ مەن تەرەپكە يۈزىنى بۇرىدى. قارىدىيۇ  تۇرۇپلا قالدى. ‹ مۇرات...› دەپ ئۈنسىز نالە قىلىشقا باشلىدى يۈرۈگۈم. مۇرات ئالدىمغا قاراپ كىلىشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۈيدىكى كومپىيوتىردا كۆرگەن خەتلەت كۆز ئالدىمدا خۇددى ئىكراندا كۈرۈنگەندەك كۈرۈنۈشكە باشلىدى. يۈرۈگۈم يەنە بىر تىترىدى، ئۇنىڭغا  شۇنداق ئاچچىق  بىلەن قارىدىمكى ئۇ جايىدا توختاپلا قالدى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماشىنىغا چىقتىم. ئۈزۈمنى تۇتىۋالالماي شۇنداق ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتىم ئەتراپىمدا ئادەم بار يوقلۇقى ماڭا بەرىبىر ئىدى،يوتقاننى بېشىمغا پۈركۈم يىغلاپ ھېرىپ قالدىممۇ ئۇخلاپ قاپتىمەن.چۈش كۈرۈپتىمەن ، چۈشلىرىم شۇنچىلىك ئېنىق. ئابلەت ماڭا بىرجۈپ قىپقىزىل ئاياق سۇنغۇدەك، مەن ئاياغنى ئېلىپ پۇتۇمغا كىيىپ مېڭىپ شۇنداق قاتتىق يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن،چۇچۇپ ئويغاندىم. پۇتۇمنى ياندىكى  كارۋاتنىڭ گىرۋىكىگە ئۇرۋالغان ئىدىم .شۇنداق قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. توۋا دىدىم ئۈزەمچە. ئاياغ كىيىپ چۈش كۆرسە ئەرگە تىگىدۇ دەۋتقان بىزنىڭ ياتاقتىكى چۈش تەبىرچىللىرى....ئەجەبا...
-پۇتىڭىز ئاغرىمىغاندۇ؟ يېنىمدىن چىققان تۇنۇش ئاۋازدىن  چۇچۇپ قارىدىم
يېنىمدىكى كارۋاتتا مۇرات ماڭا قاراپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى.
-سىز نىمىش قىلىسىز بۇ ماشىنىدا؟
-سىزگە ھەمراھ بۇلاي دەپ چىقتىمغۇ.
-ماڭا بىرەرسىنىڭ ھەمرا بۇلىشى لازىم ئەمەس، بايامقى قىز يالغۇز قالمىسۇن.بېرىپ ھەمراھ بۇلۇڭ.
-مەن سىزگە دىگەنغۇ ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە مەن سىزگە ھەمراھ دەپ. مۇرات خۇددى ئارىمىزدا ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇنچە پەرۋاسىز ئىدى.
-ئەمدى يەنە 4-5 سائەت يولنى بىللە ماڭىمىز. شۇڭا مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ جىم ئولتۇرۇڭ. ئۇ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن گىپىنى داۋاملاشتۇردى : مەن ئالدىڭىزدا ئەيىپلىكمەن رازىيە ، سىزنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشىڭىزگە مەن سەۋەپچى.بۈگۈنكى بۇ كۈنلەرگە مەن سەۋەپچى،  مىنى كەچۈر دىيەلمەيمەن. پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن رازىيە. مەن گەرچە سىزگە رەسمىي يۇسۇندا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ باقمىغان بولساممۇ سىز مىنىڭ سىزنى ياخشى كۈردىغانلىقىمنى بىلدىڭىز. مەنمۇ ھەم سزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىن  مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدىم.ئاشۇ كۈنى مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بىلمەيسىز رازىيە، چۈشەندۈرۈشكە پۇرسەتمۇ ھەم بەرمىدىڭىز. بىلىمەن چ چ دىكى خەتلەرنى كۈرۈپ ئازاپلاندىڭىز، ماڭا نەپرەتلەندىڭىز. ....ئۇنىڭ گەپلىرى بىلەن ئىكراندىكى ‹ جېنىم سىزنى سېغىندىم.....›دىگەن خەتلەر يەنە كۈزۈمگە كۈرۈنۈشكە باشلىدى، خەتلەر بارغانچە ماڭا يېقىنلاپ كۆزلىرىمگە قېزىللىق تىقىلشقا باشلىدى.
-بولدى ، ھەر قانداق چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلىغۇم يوق. دىگىنمچە يوتقاننى بېشىمغا پۈركەپ دېرىزە تەرەپكە قاراپ يېتىۋالدىم. كاللام ھەرخىل زىدىيەتلىك خىياللار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ باقايمۇ يە دىدىميۇ ناھايتى تېزلا بۇ قارارىمدىن ياندىم. باياقى قىزنىڭ ھېيىقماستىن ئۇنىڭغا ئېسىلىشلىرى كۆزئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى. ئۇنى ئويلىماسلىققا تېرىشىپ  باشقا خىياللارنى قىلىشقا ئۇرۇنساممۇ يەنە شۇ مۇراتنى ئويلاپ قالاتتىم. ئۇنى قانداقلارچە بۇنداق چۇڭقۇر ياخشى كۈرۈپ قالدىمكىن دىسە......خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ماشىنا بىكەتكە كىرىپ توختىغاندىلا ئويغىنىپ مۇراتنىڭ ئورنىغا قارىدىم. ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر ئايال تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنى ئىزدەپ ماشىنا ئىچىگە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. توۋا، 6-سەزگۈم بەك ئېشىپ كەتتىمۇ نىمە. كىچىدىن بىرى چۈش كۈرۈپ چىقىپتىمەندە ئەسلى.مىيقىمدا كۈلۈپ قۇيۇپ نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم.
-يىغىشتۇرۇپ بولغان بولسىڭىز چۈشەمسىز. ئۇ ئەرۋاھتەكلا ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئەمدىلا ئاغزىنى ئەتكەن سومكام پالاققىدە قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
-توۋا، سىز ئالۋاستىمۇ يە؟ نەدىن پەيدا بولدىڭىز بىردەمدە؟
-مەن سىز ئۈچۈن ئالۋاستى. تېز چۈشۈڭە.
ماشىنىدىن چۈشۈپ تاكسى تۇسۇش ئۈچۈن يولنىڭ بۇيىغا چىقتىم. بىر ئاق رەڭلىك ماشىنا يېنمغا كىلىپ توختاپ ئىشكىنى ئاچتى قارىسام مۇرات ئىشىكنى ئېچىپ قۇيۇپ ماڭىمۇ قارايدىغان تەلەتى يوق ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ.غۇژژىدە ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنىڭ ماشىنىسنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ بىر تاكسىنى توستۇم ئەمدىلا ئىشىكنى ئاچاي دىيىشىمگە مۇرات قۇلۇمدىن تارتقىنىچە مىنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئىشىكنى جالاققىدە ياپتى.
ئۇ ماشىنىنى قوزغىتىپ ماڭدى. ئۇ مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى بۇلىشىغا قۇيۋېتىپ ماشىننىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى.قىزىل چىراغدىنمۇ توختىماي ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى.تەلىيىمگە يېرىم كىچە بولغاچقا يولدا ماشىنىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.ئۇ ماشىنىسنى ئۈيۈمنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. شۇندىلا ئۇف دىدىم.ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىننىڭ مەن تەرەپتىكى ئىشىكىنى ئېچىپ مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ چۈشۈردى. يەنە شۇ كۆزلەر ....مىنى بارا-بارا مەس قىلىشقا ئەقلىمنى ئوغۇرلاشقا باشلىدى،ئۇ تۇيۇقسىز مىنى تارتىپ باغرىغا شۇنداق چىڭ باستىكى ئۈگە-ئۈگىللىرىم ئاجراپ كىتىدىغاندەك غىرىسلاپ كەتتى. قارشىلىشىقا ماغدۇرۇم يوق ئىدى، پۈتۈن بەدىنىم مەلۇم بىر سىزىمنىڭ تەسىردىن بۇشۇشۇپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈرەك سۇقۇشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئۇ شۇنچىلىك تىزلىك بىلەن مىنى يالغۇز قۇيۇپ ماشىننى ھەيدەپ كىتىپ قالدى .نىمىش بولغىننى بىلىپ بولغىچە ماشىننىڭ قارىسى كۈرۈنمەي قالدى. ئەس ھۇشۇمنى يۇقاتقىلى ئازلا قالغان ئىدىم. دەرۋازىنىڭ تاراقلاپ ئېچىلىشى بىلەن  دەرھال ئۈزۈمنى ئوڭشىدىم. ئاكام ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ مەن بىلەن كۈرۈشكەندىن كىيىن  قۇلۇمدىكى يۈك تاقلىرىمنى ئالدى،  ئۆيگە كىردىم ،ئانام ھاردۇق ئېشى ئەتكەن ئىدى. ئاشنىڭ كۆكىنىڭ  پۇرۇقى ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالغان بۇلۇپ  تاماققا ئىشتىھاسى يوق ئادەممۇ ئىختىيارسىز ئاغزىغا سېرىق سۇ ئالاتتى. ئانام بىلەن قۇچاغلىشىپ كۈرۈشتۈم . منڭ ئالىي مەكتەپنى تاشلاپ ئادەتتىكى بىر كۇرۇستەك كەسپىي مەكتەپتە ئۇقىغىنىم ئانامغا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. شۇڭا مەكتەپتىن چىكىنىپ بىرەر ئايغىچەماڭا تېلفۇنمۇ قىلمىغان ئىدى. ئانامنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ بالىلارچە ئەركىلىدىم. ئانام خاپىلىقلىرى تۈگىگەن ئىدى. دادام  ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ چىقىپ
-ۋوي ،ۋوي، مىنىڭ قىزىم قاياقتىن كەلگەندۇ؟دەپ غۇلاچلىرىنى كەڭ ئاچتى. دادام بىلەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتۈم. قىزبالا دادىسىغا ئامراق كىلىدۇ دىگەن گەپ راسمىكىن مەن دادامغا بەكلا ئامراق ئىدىم .بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ كۆزلىرىم يىغىدىن نەمدەلدى. دادام ئالقانلىرى بىلەن يۈزۈمنى ئۈزىگە قارىتىپ پىشانەمگە مىھرى بىلەن سۆيدى.
-ھە بولدى بولدى ، نەچچە 10يىل بولغاندەك مىشىلداپ كەتكىنىنى ما قىز بالىنىڭ ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئۈلۈپ كەتسەك قانداق قىلارسىزكىن ھە.....ئۈستەلگە كىلىپ تاماق يەڭلا.دىدى ئانام تاماقنى ئۈستەلگە قۇيۇپ.
-ۋاي ئىچى يامان خوتۇن ، قىزىمنى قىزغىنۋاتىسەن ھە....مىنىڭ بىر تال قىزىم بۇ...ھاھاھاھا...
-ۋاييەي، مەنمۇ ئانامنىڭ بىر تاللا ئوغلى.دەپ ئاكاممۇ ئانامنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
-ما قېرىپ قالغان بالا نىمىش قىلۋاتقاندۇ ئەمدى. ھى ھى ھى ھى .....ئانام ئاكامنىڭ باللىلارچە قىلىقىدىن خوش بۇلۇپ ئاكامنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ قويدى. ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى شۇنداق ياخشى ئىدى. مەززىلىك ئۈگرىنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇم كىلىپ ھۇجىرامغا كىرىپ ئۇيقۇ قوينىغا غەرىق بولدۇم.
ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەن بۇلۇپ نامازنىمۇ ئۇقىيالمىغان ئىدىم . ئۆيدە ئادەم يوق ئىدى. ئورۇمدىن تۇرۇپ دەرھال تاھارەت ئېلىپ نامىزىمنى ئۇقۇدۇم. جاينامازدىن چۈشۈپ تۇرسام ئانام قوللىرىدا كۆكتات كۈتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.
-تۇردىڭىزمۇ؟ ئەتتىگەن بامداتقا چاقىرسام قاتتىق ئۇخلاپ كىتىپسىز قوپمىدىڭىز ،
-ھە،شۇ ھېرىپ قاپتىكەنمەن .دادام بىلەن ئاكام قېنى؟
-دادىڭىز ئازراق ئىشى باركەن چىقىپ كەتتى. ئاكىڭىز مەكتەپكە كەتتى.
شۇ ئەسنادا تېلفۇن سايرىدى.بېرپ تېلفۇننى ئالدىم
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەمدى تۇردىڭىزما ھۇرۇن.
-ۋوي، سىزما؟ تۇرغىلى نىكەم مەن .ئۈزىڭىز ئەمدى تۇرۇپ تېلفۇن قىلغانسىز ھەقىچان.دىدىم مەن ئابلەتكە چاقچاق قىلىپ.
-ئەتتىگەندىن بىرى نەچچە تېلفۇن ئۇرسام ئويغانمىدىڭىز ......ساق سالامەت كەلدىم دەپ قويغۇلۇق ماندا.
ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ تېلفۇننى قۇيۋەتتىم.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۈتۈپ  مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ ماڭا لايىق كەلگۈدەك بىرەر  خىزمەت ئۇچۇرى بارمىكىن دەپ تىزىملىتىپ قۇيۇپ كەلدىم.نەچچە كۈن ئۈتۈپ ماڭا بىر يېڭى ئېچىلغان شىركەتكە كاتىپ لازىملىقى توغۇرلۇق ئۇچۇر كەلدى. مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولدۇم ، ئىككى كۈندىن كىيىن بېرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرى.  ئىمتىھان خەنزۇچە ئېغىزچە ئېلىندىكەن ،ئاندىن كومپىيوتىردا پىروگىرامما تۈزۈپ دىگەندەك نەچچە تۈردىنلا ئىكەن.مەن كىچىكىمدىن خەنزۇ باللىلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقا خەنزۇ تىلى سەۋىيەم سىنىپىمزدىكى باللىلارىدىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى. كومپىيوتىردىنمۇ خېلى يىتىشىپ قالغان ئىدىم.
ئۈزەمگە چۇڭقۇر ئىشەنىچ بىلەن مەيدانغا كىردىم. تىزىملاتقان ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.‹رازىيە ،مەيدانغا كىرىڭ !›دىگەن گەپ بىلەن ئۈزەمنى سەل توختىتىۋېلىپ مەيدانغا كىردىم. كومسىيەلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتتۈم. كۈزۈم ماڭا ھەيرانلىق ھەم ئۆچمەنلىك ئارلاشقان بىر خىل سىرلىق قاراپ تۇرغان مىھراينىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىششى بىلەن ھۇدۇقۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى ‹مىنىڭ ئىرىمنى تارتىۋالدىڭ› دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ تېخىمۇ جىددىيلەشتىم.
چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن يۈرۈگۈم سەل جايىغا چۈشتى. نىمىگە بۇنچىۋالا ھۇدۇقاتتىم دىدىم ئۆز-ئۈزەمگە . قورسۇقۇمنىڭ ئاغرىقى يوق تاۋۇز يىيىشتىن قورقۇپ نىمە قىلاي.
ئىمتىھاننى بىرىپ بولدۇم. ناھايتى ياخشى بەرىدىم ھەر ئالدا، لىكىن ئىمتىھاندىن ئۆتسەممۇ قالدۇرلۇشۇمغا ئىشەنچىم بار ئىدى. چۈنكى مىھراينىڭ  قاراشلىرى ماڭا شۇ نى ھىس قىلدۇۋاتاتتى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۈتۈپ شىركەتتىن ئىشقا چۈشۈشۈم  توغۇرلۇق ئۇچۇر كەلدى.  بېرىش بارماسلىق توغۇرلۇق كۆپ ئويلاندىم. نىمىشقا بارمىغۇدەكمەن؟.ئىقتىدارىم بىلەن  ئىمتىھاندىن ئۆتكەن تۇرسام.
ئەتىىسى ئىشقا كەلدىم. ما نەسچىلىكنى كۆرمەمدىغان بىنانىڭ ئىشكىدىن كىرىپ لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلسەم مىھراي  لىفىت ساقلاپ تۇرغانكەن. كەينىمگە يانغىلى بولمىدى. ئۇ مىنى كۈرۈپ ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن
-ئىشقا چۈشىدىغان بولدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى كەلمەي قالامدىكىن دەپ بەك ئەنسىرگەن ئىدىم.
-ھەئە ،كەلدىم. دىدىم مەن ھەيرانلىقىمنى يۈشۈرالماي .
-نىمانداق ھەيران قالىسىز؟ مىنى بۇرۇن كۈرۈپ باقمىغاندەك...ھى ھى ھى ھى ....
-ياقەي ئۇنداق ئەمەس. دىيەلىدىم ئاران.
-ئوبدان ئويلاڭە، مەن مۇراتنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنى . سىز ئۇنىڭ ھازىرقى سۆيگىنى .ئۇنداق ئەمەسمۇ يە؟ دىدى ئۇ مىنى مەنسىتمىگەندەك تاپىنىمدىن بېشىمگىچە بىر قارىۋىتىپ.
-خاتالىشىپ قاپسىز. مەن مۇراتنىڭ سۆيگىنى  ئەمەس. دىدىم جىددىيلىشىپ.
-بولدى يۇشۇرماڭ. مۇرات تۇلۇق ئوتتۇردىكى ۋاختىدا سىزگە كۈيۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن مىنىڭ مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلمىدى.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام  سىزنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ  دەپ ئويلاپ  ئۇنىڭ دادىسى بىلەن دادامنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىدىن پايدىلاندىم. لىكىن مەقسىدىمگە يىتەلمىدىم.ئۇ تويدىن كىيىن مىنى ئايالى ئورنىدا كۈرۈپ باقمىدى. سىزنى بەك ئىزدەپ كەتتىم. ئۇنىڭ كىمگە كۈيۈپ قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىدە سىزنى ئۇچرىتىپ قالغاندىن كىيىن بىلدىم.
شۇ كۈنى بىرى مىنى پىرقىرتىپ تاشلىۋەتكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم. بۇلۇپمۇ سىزنىڭ كۆز ئالدىمدا مۇراتنى قولتۇقلاپ مېڭىشىڭىز ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى. بىز تېخى ئاجرىشىپ ئىككى ئاي بۇلا بولمايلا .......
لىفىتنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇ گىپىدىن توختىدى. قېنى يۈرۈڭ كىين پاراڭلىشامىز.
ئۇنىڭ گىپى مىنى ھەيران قالدۇردى ئەجەبا مۇرات  ماڭا يالغان گەپ قىلغان بۇلغىيمىدى. ئۇ مىھراينى باشقا بىرىنى ياخشى كۈرۈدۇ دىگەنتىغۇ؟
ئىشخانىغا كىردىم، چۈشكىچە ئىشخانىغا ئۇرۇنلىشىپ خىزمەتداشلار بىلەن تۇنۇشۇپ دىگەندەك ۋاقىت بىر دەمدىلا ئۈتۈپ كەتتى.
-رازىيە ، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلىمۇ؟ مىھراينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سائىتىمگە قارىدىم. بىردەمدە چۈش بۇلۇپ قالغان ئىدى،
-بۇلىدۇ، دىدىم مەن ئۇنىڭدىن مۇرات توغۇرلۇق يەنىمۇ چۇڭقۇرراق چۈشەنچىگە ئىرىشش ئۈچۈن.
بىز بىرەر كىلومىتىر ماڭغاندىن كىيىن بىر پولوخانىغا كىردۇق.
-قاراڭ رازىيە ، سىز قارىسام بەك ساددىكەنسىز. ساددا بولمىسىڭىز بىر بەلەن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇشىڭىزدىن بۇنچە تېز ۋاز كەچمەس ئىدىڭىز.مەن سىزنىڭ ھىسياتىڭىزنى چۈشۈنىمەن، مەنمۇ بىر چاغلاردا سىزدەك ئاشىق ئىدىم.ئاشىقلىقىم تۈپەيلىدىن ئاخىرقى بىر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئۇقۇشۇمنى تاماملىماي ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئىدىم.ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ۋەدىللىرى،شىرىن شىكەر گەپ سۆزلىرى مىنى ئىرىتىپ كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمىگەن ئىدى. ئۇنى سۈيەتتىم رازىيە،ھاياتىمدا ئۇ بولمىسا ياشاشنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم.......مەن ئۇنىڭدىنئىككى سىنىپ يۇقرى يىللىقتا ئۇقۇيتىم. تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇنى دائىم توپ مەيداندا كۈرەتتىم. ئۇنىڭ توپ ئويناپ تەر بىلەن ھۆل بۇلۇپ كەتكەن چاچلىرى ،ئىسسىقتىن قىزارغان يۈزلىرى ،  چىڭ بولجوڭ گۆشلىرى مەندە ئۈزەممۇ چۈشەنمەيدىغان ئاجايىپ بىرخىل تاتلىق سىزىملارنى پەيدا قىلاتتى. كىيىن بىر تەتىل كۈنى ئانام داداملار مىھمان كىلىدۇ دەپ تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. مەن بولسام مىنى ئىشقا بۇيرۇشىدىن قورقۇپ ئۈگۈنۈش قىلىمەن دەپ ھۇجۇرامغا كىرىۋالغان ئىدىم.چۈشكە يېقىن داداملارنىڭ مىھمىنىمۇ كەلدى بولغاي جىقلا ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
‹مۇراتجون......قانداراق بالام......› دىگەن دادامنىڭ ئاۋازىدىن يۈرۈگۈم جىغ قىلىپ قالدى.ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ قارىدىم. ئۇ دەل شۇ مۇرات ئىدى.ئۇ چاچلىرى ئارسىدىن تەر ئېقىپ تۇرغن يۈزلىرى قىزارغان مۇرات بولماستىن بەلكى شىم-كاستىيوم كىيگەن چوپچوڭلا يىگىت ئىدى،ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭبېقىپ قاپتىمەن.ئانامنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئىسىمگە كەلدىم دە، دەرھال ئەينەكنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم ،ھەنىم بولسا ئانام كىيىملىرىمنى مەجبۇرى ئالماشتۇرغۇزۇپتىكەن.بولمىسا ئوخلاش كىيىمىم بىلەن يۈرەركەنمەن.ئاستا مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم ،ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى مىنىڭ دادامنىڭ خېلى يېقىن دوستى ئىدى،لىكىن مۇراتنىڭ ئۇلارنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. مۇرات بىلەن كۆزلىرىم ئۇچرىششى بىلەن يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ سۇقۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداقلا بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ يەرگە قارىۋالدى، مىھماندارچىلىق خېلى بىرۋاققىچە داۋاملاشتى. مۇراتنىڭ دادىسى مىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ‹قىزىم مىھراي بۇندىن كىيىن مۇرات بىلەن ئىزدىشىپ ئۈتۈڭلار، ئاللاھ خالىسا تۇغقانمۇ بۇلۇپ قالارمىز.›دىدى، مەن خىجىل بۇلۇپ يۈگۈرۈپ ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ كەتتىم.يۈرۈگۈم ئاللىقانداقتۇر بىر تاتلىق سىزملاردىن تىپچەكلەيتى.......
تەپسىلىي سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق رازىيە ،دەپ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋىتىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى مىھراي :
شۇندىن كىيىن مۇرات بىلەن ئارلىقىمىز بارغانچە يېقىنلاشتى. دادامنىڭ يۇلى بىلەن خېلى داڭلىق ئالىي مەكتەپ چاقىرقىنى  قۇلۇمغا ئالدىم،بۇ چاغدا ئۇ ئۇقۇشنى تاشلاپ دادىسى بلەن تىجارەتكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.مەن ئالىي مەكتەپكە مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتۈم.ئۇ شۇ كۈنى ماڭا ‹يۈرۈش› تەكلىۋىنى قويدى،مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي كۆزلىرىمنى يۇغان ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ مىنى باغرىغا باستى.بىزنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى. ئۇ 10-15كۈندە بىر ئۈرۈمچىگە باراتتى. كىيىن ئۇ توغۇرلۇق ھەرخىل گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم، ھەممىسىگە قۇلىقىمنى يۇپۇرۇپ يۈردۈم. چۈنكى مۇرات بىلەن ھەر قېتىم كۈرۈشكەندە ئۇماڭا باشقا قىزلار بىلەن يۈرۈپسەن دىگۈدەك پۇرسەتمۇ بەرمەيتى. ماڭا شۇنچىلىك قىزغىن بۇلاتتى.ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا ئۇرۇنمۇ قالمايتى.مەن ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا ئۇنىڭ قىلتىقىغا چۈشتۈم رازىيە......ئۇ يالغاندىن مەسىت بۇلىۋېلىپ ئۇنىىڭ بىلەن ياتاقتا قېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ياتاققا كىردى دىگىنى مۇراتتەك نۇمۇسسىزلار ئۈچۈن قوزا بۆرنىڭ ئاغزىغا كىردى دىگىنى بۇلىدىكەن رازىيە، شۇنچە قارشىلىقىم بىكار بۇلۇپ چىقتى. يىغلىدىم ،قاقشىدىم، ئۈزەمنى ئۈزەم ئۇرۇپ چاچلىرىمى يۇلدۇم. مۇرات بولسا مىنى قۇچاقلاپ ‹مەسىت بۇلۇپ قاپتىمەن، مىنى كەچۈر  › دىگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى.
ئارىدىن بىرەر يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كىيىن مەن ئۈزەمدە بەزى نۇرمالسىزلىقلارنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم.
ئۈزەمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.  قېيىشقاندەك بۇ كۈنلەردە مۇراتمۇ مەندىن ئۈزىنى قاچۇرۋاتاتتى. بۇرۇن كۈندە بىر ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا چىدىمايدىغان مۇرات ئەمدىلىكتە مەن تېلفۇن قىلمىسام مىنى ئىزدەپمۇ قويمايۋاتاتتى.  ئۈچ كۈندىن بىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالماي تىتىلداشقا باشلىدىم،شۇڭا كەچلىك ئاپتۇۋۇز بىلەن كورلىغا قاراپ يولغا چىقتىم. يېرىم كىچىدە بىمەھەل كىلىپ قالغىنىمدىن ئۆيدىكىلەر ساراسىمگە چۈشتى.ئانام بولسا كۈزۈمگە كىرىشىپلا قالغان ئىدى. مەنمۇ ئويلانمايلا مىجەزىم يوق دەپ سالدىم. ئانام كۈزۈمگە غەيرى بىر قارۋەتكەندىن كىيىن تاڭ ئاتقاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغىنىنى ئېيىتتى.
سىمىزغىنە كەلگەن كۆزئەينەكلىك دوختۇر ئايال بى چاۋ دا تەكشۈرتۈپ كىرىشىمنى دەپ بىرتال ۋاراقنى كۈتەرتىپ قويدى. مەن دەككە-دۈككىدە تەكشۈرۈش ئۈيىگە كىرىدىم. تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تەكشۈرگەن دوختۇردىن سورىسام دوختۇرغا بەرسەڭ دەپ بىرىدۇ دەپ دەپبەرگىلى ئۇنىمىدى. ۋاراقنى كۈتۈرۈپ دوختۇرنىڭ يېنىغا كىردىم. دوختۇر تەكشۈرۈش قەغىزىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئانامغا قاراپ :< مۇبارەك بولسۇن ، قىزىڭىز ھامىلداركەن> دىدى. بېشىمدىن بىرى سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئانام بولسا دوختۇرنىڭ گىپىگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ۋاراققا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى. ئانام گەپ سۆزسىز ئالدىمدا ماڭدى. مەن بولسام يەردە ماڭدىممۇ ئاسماندىمۇ ئەلەڭ -سەلەڭ بۇلۇپ ئانامنىڭ كەينىدىن ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. ئۆيگە كىرىم ئانام مىنى ھۇجۇرامغا سولاپ ئالدى بىلەن ھارغۇچە ئۇردى ئاندىنيىغلاپ ئىچىنى بۇشىتىۋالغاندىن كىيىن مەندىن كىمنىڭ بالىسىلىقىنى سورىدى. مەن بولغان ئىشلارنى ھەممىنى ئېيىتتىم.ئانام كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كىتىپ ناماز شام بىلەن ئۆيگە قايتىپ كىردى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئازاپ بىلەن خۇشاللىق تەڭ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.ئەسلى ئانام مۇرات ھەم ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۈرۈشكەن ئىدى. بۇ چاغدا مۇراتنىڭ دادىسىنىڭ كىسىلى ئېغىرلاپ قالغان بۇلۇپ مۇراتنى توي قىلىشقا قىستاۋاتقان ئىدى. شۇڭا ئانامنىڭ ئۇيەرگە بېرىشى دەل كەلگەن ئىدى .ھەپتە ئىچىدە بىزنىڭ تويىمىز داغدۇغسىزلا ئۆتكۈزۈلدى. توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى.  مۇرات تويدىن كىيىن پەقەتلا ئېچىلىپ باقمىدى.مەن بەلكىم دادىسىنىڭ ئىچ پۇشۇقى بۇلىشى مومكىن دىدىم....كۈنلەر ئۈتىۋەردى. ھامىلدار بولغىنىمغا تۆت ئاي بولغاندا پەلەمپەيدىن يىقىلىپ كىتىپ بۇيۇمدىن ئاجراپ كەتتى. ئانامنىڭ ئۈيىدە بىرەر ئاي تۇردۇم. بۇ جەرياندا مۇراتنىڭ ئۆزئىختىيارى بىلەن يېنىمغا كەلگىنى ئىككى قېتىم. كۆڭلۈم ئازار يىدى رازىيە. لىكىن ئالدىمدا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر ئازاپنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.ئۇ تىجارەت باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆپ باراتتى. ئۇ كىتىپ ئىككىنچى كۈنى بىر قىزنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۋالدىم. ئۇ قىز مۇراتنىڭ كەينىگە كىرۋېلۋاتقانلىقىنى مىنڭ ئىرىمنى باشقۇرشۇمنى قاتارلىق بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ تېلفۇننى قۇيۋەتتى. ئاسماندىن يەرگە تا شلانغاندەك بۇلۇپ كەتتىم. دەرھال كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ  ئۈرۈمچىگە يول ئالدىم.
قايسى كۈزۈم بىلەن كۈرەي رازىيە، دەپ توختىماي تۈكۈلۋاتقان يېشىنى ئالقانلىرى بىلەن سۈرۈتكەن ھالدا گىپىنى داۋاملاشتۇردى مىھراي، كىچە سائەت 12لەر بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم. ئۇدۇل ئۆيگە باردىم<ئۈرۈمچىدىمۇ  ئاددىي بىزەلگەن بىر ئۆي بارئىدى>.ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىردىم، مىھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى ياندۇرۇغلۇق ئىدى. ئۈستەلدە يېرىم ئىچىپ تاشلانغان ھاراق پوتولكىللىرى، ئوڭدا دۈمدە تاشلانغان پىيالىلەر، توخۇنىڭ سۈڭەكلىرى ، چالا يەپ تاشلانغان كاۋاپ .....ئىش قىلىپ ئۈستەلنىڭ يۈزى كۈرۈنمەي قالغان ئىدى. قۇلۇم تىترىگەن ھالدا بېرىپ ھۇجۇرا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، يېرىم يالىڭاچ  مۇرات بىلەن چاچلىرى ئۇزۇن  بەدەنلىرى سۈتتەك ئاق بىر قىز  ئەدىيال بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسىمنى ياپقان ھالەتتە ياتاتتى. ھالسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئىككىسى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تۇيىمىغىدەك دەرىجىدە مەس بۇلۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. كىتىۋاتىمەن ،نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن، باشلىرىم چىڭقىلپ پۇتلىرىم تېلىپ كەتتى، سائىتىمگە قارىسام سەھەر ئۈچتىن ئاشقان ئىدى. يەنە ئۆيگە باردىم. بۇ قېتىم ئىشىكنى زەردە بىلەن ئېچىپ كىردىم. مۇرات بىلەن ھېلىقى قىز ئويغاندى بولغاي ھۇجۇرا ئۆينىڭ ئىچىدىن دۈكۈرلەشكەن ئاۋاز ئاڭلاندى كەينىدىن ئىشىك ئىچىلىپ ئەمدىلا ئىشتىنىنى كىيىشكە ئۈلگۈرگەن مۇرات بىر قۇلىدا ئىشتىنىنىڭ بېغىنى كۈتۈرگەن ھالدا چىقتى، مىنى كۈرۈپ شۇنداق چۈچۈپ كەتتيۇ  يەنە دەرھال ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارىۋېىتپ ھۇجۇرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بۇ قانداق ئەلەم رازىيە .....مىھراي ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى. ھۇجۇرا ئۆيگە كىردىم، ھېلىقى قىزنىڭ چىرايى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى ،خۇددى ئۇستا رەسسام كۆڭۈل قۇيۇپ سىزىپ چىققان رەسىمدەكلا قاپقارا ئۇزۇن چاچلار،قۇشۇما قاشلار ،قۇيۇق كىرپىك ئوراپ تۇرغان يۇغان شەھلا كۆزلەر، ئېقىپ چۈشكەن ئىنچىكە قاڭشار،ئۇيۇپ قويغاندەك لەۋلەر، قېشىنىڭ ئۈستىگە چىكىپ قويغاندەك ئۇرۇنلاشقان بۇغدايچىلىك قارا مەڭ شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى.ئىش قىلىپ ئاللاھ ئىگەم بۇ قىزغا تاشقى گۈزەللىكنى ئايىماي بەرگەن ئىدى.
-ھە، كەپقاپتۇققۇ؟دىدى مۇرات توڭلۇق بىلەن. نىمە دىيىشنى بىلمەيتىم. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم مىنىڭ زۇۋانىمنى ئاچۇرمىدى . ھېلىقى قىزمۇ بايامقى خىجىل بولغان تۇرقىنى بىراقلا ماڭا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئالماشتۇردى.قىز ئالدىمدىن ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى كىيىن تاراقشىتىپ دەسسەپ ئۈتۈپ مۇراتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى چوككىدە بىرنى سۈيۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدىكى ھىسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن،
-گەپ قىلىپ بەرسىلە خان ،كەپقاپلىغۇ؟ مىنى سېغىنىپ قالغان ئوخشىماملا.مۇرات ماڭا قاراپمۇ قويماي .
-ئاجرىشايلى.دىدىم شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىلەن قارشۇلاشقۇدەكمۇ ھالىم يوق ئىدى.
-قاچان دەركىن دەپ تۇراتتىم. رەھمەت......
ھەي ... تۇرمۇش دىگەننىڭ سىناقلىرى تۇلىمۇ كۇپ، ئادەم شۇنچە مۇشەققەتلەرنى تارتسىمۇ ،يەنىلا شۇ خاپىلىق مۇشەققەت ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ئەشۇ كىچىككىنە ھاياتلىققا تۇيماي ئۇتىدۇ،مۇشتۇمغا تۇككەننى ئەمەس ،پىشانىگە پۇتكەننى كۇرمەي نەچارە؟..........
ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشتىم. شۇنچىلىك قىيماسلىق ئىلىكىدە .
بىز ئاجراشقان كۈنى ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى، نىمىشقا دىمەمسىز؟ ئۇ كۆڭلىدە باشقا بىرىنىڭ بارئىكەنلىكىنى مەن بىلەن  پەقەت مۇشۇ كەمگىچە  كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئۈتۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى، نىمىدىگەن ئېغىر ئازاپ بۇ رازىيە.ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىن ئىنىم بىلەن بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالدۇق.ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۇقىۋاتاتتى.ھېلىقى چاغدا ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا يېنىمدىكى دەل شۇ. مەن مۇراتنىڭ بىر قىزنى ياخشى كۈرىدىغىنىنى بىلسەممۇ لىكىن ئۇنىڭ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيتىم.ھەقىقەتەن مۇرات سىزنى ياخشى كۈرىدۇ مەن بۇنىڭغا قايىل لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن مۇرات بىلەن ياشاش ئۈچۈن زور چىدام ،سەۋېر-تاقىتىڭىز بۇلىشى كىرەك. ئۇ سىزنى ياخشى كۈرۈپ تۇرۇپ يەنە كۈزى چۈشكەن چىرايلىق قىزلارنى قوغلاشنى بىلىدۇ.
كاللام ئېلىشىپلا كەتتى. مىھرايغا نىمىدەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەيتىم.ئۈزەمنى ھەم قانداق خىياللار بىلەن بەزلەشنىمۇ ھەم بىلمىدىم.مىھراينىڭ گەپلىرى بىلەن ھەپتە بۇرۇن ئۇنى بىر قىزبىلەن ئۇچراتقىنىم يادىمغا يەتتى.ئۇ قىز دەل مىھراي تەسۋېرلەپ بەرگەندەك چىرايلىق ئىدى.
بىز سۇيۇپ قالغان تامىقىمىزنى بىرەر چوكىدىن يەپلا ئىشخانىغا قايتىپ كەلدۇق. قۇلۇم ئىشقا بارمايتى، پۇت-قوللىرىم كالۋالىشىپ ئۇنىڭغا بۇنىڭغا پۇتلىشىپ يۈرۈشكە باشلىدىم. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئانام ئابلەتنىڭ تىلفۇن قىلغانلىقىنى جىددى تىلفۇن قايتۇرۇشۇمنى ئېيتتى.
توۋا، ئابلەت ئىسىملىك بىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە، ئۇنىڭغا تېلفۇن قايتۇردۇم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ياخشى، ئۈزىڭىزچۇ؟
-ياخشىغۇ.......
بىردەملىك سۈكۈتتىن كىيىن ئۇ:
-مەن يەنە بىر سائەتتىن كىيىن كورلىغا قاراپ يولغا چىقىمەن. ئەتە سەھەردە بەلكىم يىتىپ بارارمەنمىكىن.
-ۋوي،نىمانداق ياخشى.بىر ئايدىن كىيىن بارمەن دىگەنتىڭىزغۇ؟!
-بولماپتىما؟مەن سېغىندىم سىز سېغىنمىغان بىلەن. ئۇنىڭ سېغىندىم دىگەن گىپى بىلەن نىمە دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.
-ئەمسە مەن بارغاندا تېلفۇن قىلىمەن،خوش.
ئۇ تېلفۇننى قۇيۋەتتى.
ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتى يېقىن ئۈتۈپتىمەن ئۇنىڭ ئالدىمدا بىرەر قىز بالىنىڭ گىپىنى قىلغىننى بىلمەيتىم، ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتەن بىر ئەخلاخلىق بالا ئىدى.مۇرات بىلەن ئابلەتنىڭ سىمايى دەممۇ دەم كۆز ئالدىمدا ئالمىشاتتى، قىزلار بىلەن ھاياسىزلارچە قىلىقلارنى قىلىۋاتقان مۇرات، قىزلار تىكىلىپ قاراپ قويسىمۇ قىز بالىدەك قىزىرىدىغان ئابلەت........... خىيال بىلەن بۇلۇپ قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن.يەنە شۇ چۈش........ئابلەت ماڭا سۇنغان قىپقىزىل بىر جۈپ ئاياغ.........
جىرىڭ جىرىڭ........تېلفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى بىلەن ئاشخانىغا ماڭغان قەدىمىمنى مىھمانخانىغا بۇرىدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەلىڭىزگە كەلسەم چىقايمۇ دىمەيسىزغۇ؟
-كەپ بولدىڭىزما؟ سىز نەدە؟
-دەرۋازىڭىزنىڭ ئالدىدا.
-چاقچاق قىلماڭە دىدىم مەن ئىشەنمەي،
-راس، تېز چىقىڭە.دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتى. مەن ئىختىيارىسىز ئەينەك ئالدىغا كىلىپ چاچلىرىمنى تۈزەشتۈردۈم، دەرۋازىنى ئېچىپ كۆرگىنىم بىر قۇچاق ئەتىرگۈل بولدى.ئابلەت ئالدىمدا بىر قۇچاق ئەتىرگۈلنى تۇتۇپ  كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
ئابلەتنى كۈرۈپ يۈرۈگۈم تاتلىق بىر سىزىمدىن شۇررىدە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناشتا قىلپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشلىك ئارامدا كۈرۈشىدىغان بۇلۇپ ئىشقا كىرىپ كەتىتىم. چۈشمۇ بىردەمدە بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەپ ئۇيەر بۇيەردىن پاراڭلىشىپ ۋاقىتمۇ تۇشۇپ كەتتى. ئۇ ماڭا چۈشتىن كىيىن رۇخسەت سورىشىمنى چۈشتىن كىيىن ئۈزىنىڭ قەشقەرگە ماڭىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .ماقۇل بۇلۇپ رۇخسەت سوراپ چىقتىم.ناھينىڭ چىتىگىرەك جايلاشقان بىر باغچىغا كەلدۇق. باغچا ناھيىنىڭ چېتىدە بۇلۇشىغا قارىماي خېلىلا ئاۋات ئىدى.جۈپ جۈپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشقان قىز يىگىتلەر ....بەزىللىرى ئەتراپىدا ئادەم بار يوقلۇقى بىلەن كارى يوق بىر بىرلىرىگە چىڭ گىرە سېلىۋالغان ،يەنە بەزىللىرى باشلىرىنى بىرلىرنىڭ مۆرىسىگە قۇيۋېلىپ شىرىن پاراڭلارنى قىلىشۋاتقان ئىدى......بىز قۇيۇق يۇپۇرماقلىق دەرەخنىڭ ئاستىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇردۇق. نىمىشقىكىن ئالدىمدا سۆزلەپ ھارمايدىغان ئابلەت بۈگۈن باشقىچىلا بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بىردەم بىردەم ماڭا قارايتى،ئاغزىنى ئۆمەللىتىپ گەپ قىلىشقا تەمشىلەتتىيۇ يەنە توختاپ قالاتتى.ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىدىن مەنمۇ بىرنىمىنى سەزگەندەك ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك قاراشقا پېتىنالماي قالدىم. ئۇزاق سۈكۈتتىن كىيىن ئۇماڭا
-رازىيە،بىلىسىز ،مەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈم، خىزمەت ئورنۇم مەن ئۇقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بەلگىلىنىپ بولغان،مىنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە كىلىشتىكى مەخسىدىم، بىر يېرىم يىلدىن بىرى بىز ياخشى ئۆتتۇق،مىنى ھەرھالدا چۈشۈنۈپمۇ قالدىڭىز..................ئاتا- ئانام مىنى بارساملا ئۆيلىمەكچى، ئانامنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ قىزى...............بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرى ئۇنى يېنىمدىن تارتىپ ئېلىپ كىتىۋاتقاندەك تولغىنىپ كەتتىم. ئۇ چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋىتىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى، مىنىڭ كۆڭلۈم ئاللىقاچان باشقا بىرىگە باغلىنىپ بولغان،چەۋرە سىڭلىم بىلەن توي قىلسام ئۈزەمنىمۇ ئۇنىمۇ بەخىتسىز قىلىپ قۇيىمەن،شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلمىدىم، ماڭا بىر يول كۆرسىتىڭ رازىيە. دىدى ئۇ يەرگە قاراپ.
-مەن...مەن...سىزگە قانداق يول كۆرسىتەرمەن ئەمدى،سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئالغان ئۇ قىزچۇ؟ نىمىش قىلىدۇ؟ نەدە؟
-ئۇ يىراق دىسەم جاھاننىڭ چېتىدە ،يېقىن دىسەم يېنىمدا..........شۇنداق رازىيە سىزنى ياخشى كۈرىمەن، ھاياتىمدىكى تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن سىزنى سۈيىمەن. ماڭا ياتلىق بۇلۇڭ ،بۇلامدۇ؟ تۇنجى قېتىم بىر يىگىتنىڭ ئاغزىدىن رەسمى يۇسۇندا توي قىلىش تەكلىۋىنى ئاڭلىغاچقىمىكىن  يۈرۈگۈم ھاياجاندىن گۈپۈلدەپ سۇقۇپ كەتتى،ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئىتىم قالمىدى. كۆز ئالدىمدىن ئۇنىڭ ماڭا مەكتەپتە قىلغان ياخشىلىقلىرى بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى.ئۇنى رەت قىلىشقا يۈزۈم چىدىمايتى،رەت قىلماسلىققا ھەم باھانەم يوق ئىدى.ئۇنىڭغا ئويلىنىپ بېقىش ئۇچۇرىنى بەردىم.ئۇ خۇددى مەندىن ماقۇل جاۋابىنى ئالغاندەكلا خۇشال بۇلۇپ كەتتى.ئۇ كەتتى. ئويلاندىم،ئۇنىڭ بىلەن مۇراتنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.مۇرات توغۇرلۇق ئاڭلىغىنىم بىلەن كۆرگىنىمنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى يوققا چىقارغان بولدۇم. كۈنلەر ئۈتىۋەردى،ئابلەت بىلەن كۈندە تېلفۇنلىشاتتۇق، ئۇنىڭ قىززىق پاراڭلىرى چارچاپ قالغان نىرۋېللىرىمنى ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپقۇزاتتى.ئۇنىڭ تېلفۇننى ئېلىپلا ‹جېنىم،سىزنى سېغىندىم › دىيىشلىرى مىنى كۆندۈرۈپلاۋالغانئىدى. ئارىدىن بىرەر يېرىم ئاي ئۈتۈپ تۇيۇقسىز بىر كۈنى گۈلنۇر ئىش ئورنۇمدا پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۇ ماڭا باشتىن ئاياق، مەنسىتمىگەندەك بىرخىل قاراپ قۇيۇپ مىھراي بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشۈپ:‹ ئاۋۇ ، ياۋا تىكەن نىمىش قىلىدۇ بۇ يەردە؟› دىدى. مىھراي ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنىملەرنى دەپ ئىككىسى كۈلۈشكىنىچە چىقىپ كەتتى.ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلۇپ كەتتىم.توۋا يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەندەكلا بىر ئىش بولدىدە بۇ.ئارىدىن نەچچە كۈن ئۈتۈپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم ئانام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ،مىنڭ كىرگىنىمنى كۈرۈپلا چالۋاقاپ بىرتەرەپتىن مىنى تىللاپ بىر تەرەپتىن يىغلاپ مىنى زادى بۇيۇرۇتتا ياشىغىلى قۇيامسەن يوق........ساڭا ئاشۇ مۇراتتىن باشقىسى چىقماسمىدى؟ نىمىدەپ خەخنىڭ ئۈيىنى بۇزىسەن؟ۋاي ئىسىت ،نىمە قىلار بولغىيتىم سەن شۇمنى بېقىپ.....يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ قالدى.مەن قانداقسىگە ئەمدى مۇراتنىڭ ئۈيىنى بۇزغان بۇلاي؟ بۇ ئاھانەتكە چىدىمىدىممۇ ياكى ئانامنىڭ مىنى تىللاپ چىمدىشلىرىغا چىدىمىدممۇ ئىش قىلىپ مەنمۇ يىغلىدىم.ئانامنىڭ يىغىسى پەسلىگەندىن كىيىن مۇرات بىلەن مىھراي ئوتتۇرسىدىكى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزەم كۆرگىنىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانامغا سۆزلەپ بەردىم. ئانام مىنى خاتا ئەيىپلىگىنىدىن ماڭا ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن قورۇقۇشقىمۇ ئەندىشىگىمۇئوخشايدىغان بىرخىل ھىسيات ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە بولغان بۇ ئىشلاردىن ئابلەتمۇ خەۋەرسىز قالمىدى.بۇ ئىش ئۇنىڭغا مىنى توي قىلىشقا ئالدىرتىشتىكى ياخشى بىر دەستەك بۇلۇپ قالدى.بۇ كۈنلەردە دوقمۇشتىكى غەيۋەتچى خوتۇنلار دەستىدىن سىرىتقىمۇ چىققۇم كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغىنىمدا كەينىمدىن بىرنىملەرنى دەپ كۈلۈشۈپ قالغان خوتۇنلار كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەممۇ كۇسۇر كۇسۇر پاراڭلىرى بىلەن مىنى قارشى ئالاتتى.
-ۋوي، بۇ ئەر سارىڭمۇ بوش ئەمەسكەن، ئۈزىدىن چوڭ ئادەمنىڭ ئۈينى بۇزالىغاندىكىن......
-نەخ جايىدىلا تۇتىۋاپتۇ ئەمەسما!~~~
-تازا قويماپتۇ!~~~~
-ئىۋۇ، ئەرلىرىمزگە ئاگاھ بۇلىلى جۇما.
بۇنداق گەپلەر دەستىدىن ئىش ئورنۇمدىنمۇ ئىستىپا بەردىم.
ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئابلەتنىڭ 25ئادەم بىلەن كىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئۇچۇنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. كاللام زىدىيەت بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بۇ غەيۋەتلەردىن قۇتۇلماقچى بۇلاتتىم،يەنە بىر تۇرۇپ تېخى ئەمدىلا 19ياشقا كىرىپ قورغاننىڭ ئىچىگە كىرەرمەنمۇ دەپ ئىككىلىنەتتىم،ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بۇ غەيۋەتلەردىن قۇتۇلماقچى بۇلۇپ كىلىدىغان مىھمانلار توغۇرلۇق ئانام بىلەن پاراڭلاشتىم.
   تويىمىز ناھايىتى ئاددىي-ساددا داغدۇغىسىز ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە مەن ئابلەتنىڭ توي تەكلىبىگە رازى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولساممۇ، كىيىنكى تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى قەشقەرگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ. كۆز ئالدىمدا بولسا بايا مىھراي بىلەن گۈلنۇرنىڭ مېنى مازاق قىلىپ كۈلگەن قىياپىتى، قۇلاق تۈۋىمدە بولسا ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ‹‹ كىم نېمە دىسە ئىشىنىدىغان دۆت قىز مانا بۈگۈن ئۆز بەختىگە ئولتۇردى ›› دىگەن گەپلىرى توختىماي ئەگىپ يۈرۈپ مېنى بىئارام قىلاتتى. ئۆيدىن چىقىپ ماشىنىغا چىقىدىغان ۋاقىتتا مۇراتنىڭ ‹‹ قىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەممىمىز بىر دۇئا قىلىۋىتەيلى كۆپچىلىك ! ›› دەپ ياش ئەگىگەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قىيالماسلىق نەزەرىدە بىقىشى مېنى بىئارام قىلاتتى. ئاھ ..... ئەمدى نېمىلا قىلسام بەرىبىر ئىدى. مەن ئەمدى ئابلەتنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ بولغان ئايال ئىدىم. شۇڭلاشقا قىزلىق ھەققى-ھۆرمىتىم ئۈچۈن، ئاياللىق نامىم ئۈچۈن يات ئەرلەرنى خىيال قىلسام ئەسلا بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتاتتى. بۇ كۆز ياشلار قاراپ تۇرۇپ مېھراينىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئالدانغىنىم ئۈچۈنمۇ، مۇراتنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى قىزلىق نازاكىتىم ئۈچۈنمۇ بۇ ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى ئۇزۇن مۇساپىنى بىسىپ قەشقەرگە يەنى ئابلەتنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى.
   شۇنداق قىلىپ مىنىڭ كىلىنلىك سەپىرىم باشلاندى. جامائەت بامدات نامىزىدىن يىنىپ بولغۇچە ھويلا-ئارامنى، ئىشىك ئالدىنى پاك-پاكىزە تازىلاش بىلەن بىر كۈنلۈك ئىشىم باشلىناتتى. ئاش-تاماق ئىتىش، كىر-قات يۇيۇش دىگەندەك ئۆي ئىشلىرى مېنى خىلىلا ھالسىرىتىپ قويسىمۇ، لىكىن ئابلەتنىڭ يۇمۇرىستىك گەپلىرى، خۇشچاقچاق مۇئامىلىسى بىلەن بارلىق ھارغىنلىقىم بىر يولىلا كۆتۈرۈلۈپ كىتەتتى. ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. قېيىنئانام بىلەن يەڭگەم ئابلەتنىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سېسىق گەپ قىلىۋالاتتى. ياقا يۇرتلۇق، سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ھامىلدار بولۇپ قىلىشىم بىلەن بالايىئاپەتنىڭ تېغى گۆمۈرۈلدى.
   -ھۇيت خىنىم، ئەتتىگەندىن كەچكىچە تۇغالمىغان ئىشەكتەك ئىنجىقلاپ ياتماي مەيەرگە چىقسىلا. ئاۋۇ قارا قازان سىلىگە قاراپ تۇرىدۇ....
   -ھۇيت ئاسماندىن چۈشكەن كۆز مۇنچاق، ئاۋۇ ئېشەك جىنىدا ياتىدىغان ئورنىنى سۈپىرىۋىتىپ ياتىدۇ. كۈن چۈش بولغىچە ياتماي بۇ ياققا چىقسىلا ....
   قېيىنئانام بىلەن يەڭگەمنىڭ ھىڭدىن سىسىق گەپلىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆتۈپ كىتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزىكىم بەك قاتتىق بولۇپ، قېرىشقاندەك ئۇيقۇغا سىزىك تارتىپ قالغانىدىم. يىنىم يەر تارتىپ، بىر دەم بىكار قالسام ئۇخلىۋىلىشنىلا ئويلايتتىم. لىكىن كىچىككىنە ئۇخلاپ قالسام ئۇلار ئالەمنى-مالەم قىلىپ مېنى تىل-ئاھانەتكە كۆمىۋىتەتتى. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مۇرات كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ ماڭا يىلىنغاندەك نەزەردە تىكىلىپ تۇرىدىغان شۇ نۇرلۇق كۆزلىرى مېنى ئازاب دىڭىزىغا غەرق قىلاتتى. سەۋرنىڭمۇ چىكى بولىدىكەن. نەچچە ئايغىچە كۆتۈرگەن تىل-ھاقارەت بارغانسىرى ئېغىر كەلگەچكە بىر كۈنى كەچتە يىتىشتىن بۇرۇن ئابلەت مېنىڭ كۆزلىرىمنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىڭىكىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتتى.
   -گۈلۈم، نېمە بولدى؟ كۆڭلۈڭ نېمىگە يىرىم بولۇپ قالدى؟
   -ھىچنىمە بولمىدىم.
   دىدىم مەن ئامال بار يىغلاپ سالماسلىققا تېرىشىپ.
   -ماڭا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن. راستىنى دە، ساڭا زادى نېمە ئىش بولدى؟
   ئۇنىڭ شۇنداق دىيىشىنى كۈتكەندەكلا پاڭڭىدە قىلىپ يىغلىۋەتتىم. لىكىن ئاۋازىم چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئېغىزىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم. ئۇ مۈرەمگە پەپىلەپ قويۇپ مېنى ئۆز ئەركىمگە قويىۋەتتى. بىردەم يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئەمما ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. مەن ‹‹ ئابلەت ماڭا تەسەللى بىرىدۇ. خاپا بولما دەپ كۆڭلۈمنى ياسايدۇ ›› دەپ ئويلىغانىدىم لىكىن........
   -سەنمۇ ئۆيگە كىرىپ يېتىۋالمىغىن. ھورۇنلۇق قىلساڭ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ شۇ.
   ئۇ شۇنداق دەپلا سىلىقلىق ئورۇنغا كىرىپ ماڭا كەينىنى قىلىپ بىردەمدىلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. مەن ئىشىنىپ، ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئابلەت مۇشۇ شۇمىدۇ؟ ھىچ بولمىسا ماڭ تەسەللىي بېرىشى كىرەكتىغۇ؟ نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ مەن نېمانداق شور پىشانە ؟ ......پۈتۈن بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم. توي قىلىپ تۇنجى قېتىم ئابلەتتىن خاپا بولۇپ قالغانىدىم. لىكىن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى بارلىق ئىشلىرىمدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن.
   شۇنىڭدىن كىيىن ئابلەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئەتتىگىنى سەھەردە ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، تۈن يېرىمدا كىرىپ مېنىڭ سۇئاللىرىمنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتى. دەم ئالغان كۈنلىرى ماڭا قوپال مۇئامىلە قىلىپ يۈرىكىمنى ئاغىرتاتتى. چوڭلاردىن ئاڭلىغان تىل-ھاقارەت ئاز كەلگەندەك ئەمدى ئابلەتمۇ قوشۇلغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ توي قىلغىنىمغا، قىسقىسى ئابلەت بىلەن توي قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. لىكىن ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ،دە . چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ تۇغۇت ۋاقتىم يېقىنلاشقىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم. قورسىقىمدىكى ھامىلە 8 ئايلىق بولۇپ ئاشقاندا مەن ئاتا-ئانام تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلدىم.
بۇ تۇغۇت مىنىڭ تىراگىددىيەمنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەپتىكەنمەن، تېخى ئۈزەمچە ئۈمۈتلىنىپ بالا تۇغۇلسا ھەممە ئىش ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. قايتىپ كىلىپ ئۈزەمنى شۇنچىلىك يەڭگىل ھىس قىلىپ قالدىم. دوختۇرنىڭ مۆلچەرلەپ بەرگەن تۇغۇت ۋاختىدىن دەل 17كۈن ئۈتۈپ كەتكەندە دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇرلار بىرمۇنچە سۆزلىشىپ ئانا بىلان بالا ئىككىسىدىن بىرنى ساخلاپ قالالايدىغىننى ئېيتىشتى . بۇ ۋاقىتتىككى ھىسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋېرلەپ بىرىشكە ئاجىزمەن . ئۈلۈم مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغان جىنايەتچىدەك سېستىرانىڭ كەينىدىن ئوپراتسىيە ئۈيىگە ماڭدىم. ئوپراتسىيە كارۋىتىغا چىققىنىمنى بىلىمەن ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن كۈزۈمنى ئاچسام ئاتا-ئانام يېنىمدا ئىكەن.ئانامنىڭ قۇلىدا يۆگەككە يۆگەلگەن بالا...............يۈرۈگۈم ئېيىتقۇسىز خۇشاللىقتىن تىپچەكلەيتى، بالىنى قۇلۇمغا ئېلىپ پۇرۇغۇم كەلدى،قىزىم شۇنچىلىك سەبى شۇنچىلىك ئۇماق ئىدىكى ماڭا خۇددى پەرىشتىدەكلا كۈرۈندى.ئانامنىڭ دىيىشىچە مەن ئوپراتسىيەگە كىرىشتىن بۇرۇن ئابلەتكە خەۋەر قىلغان ئىكەن ،لىكىن تاكى  بىر ئايغىچە نە قېينى ئانام نە ئاتالمىش ئىرىم تېلفۇن قىلىپمۇ سالمىدى. مەنمۇ كارىم بولماي يۈردۈم، خۇددى ھاياتىمدا ئۇنداق ئادەم بۇلۇپ باقمىغاندەكلا.ساق بالام ئىككى ئايلىق بولغاندا قېينى ئانام قاتارلىق 7-8 ئادەم كىلىپ جاھاندا بار ياخشى گەپنى قىلىپ ئېلىپ كىتىشتى. قەشقەرگە كىلىپ نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى، ئابلەت ئالدىمىزغا چىققان ئىدى ئۇ بالىنى قۇلۇمدىن ئېلىپ مېڭىۋىدى قېينى ئانام:‹ئانىسىغا بىرە بالىنى ئۆيگە بارغاندا كۈتۈرسەڭمۇ بۇلىدۇ › ەپ بالىنى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئېلىپ ماڭا تۇتقۇزدى، ئابلەت بىلەن كۆزلىرىم ئۇچراشتى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىلىپ بولمايدىغان بىر دىلغۇللۇق چىقىىپ تۇراتتى.ئۆيگە كەلدۇق. ئىگىز تاملار ھەشەمەتلىك دەرۋازا شۇنچىلىك سۇغۇق بىلىنىپ كەتتى. بۇ ئۆيدىكى تۇرمۇشۇم باشلاندى. ئابلەتنىڭ كىچىللىرى.‹ئىشلەيدىغان›كۈنلىرى كۈپىيىشكە باشلىدى، دەسلەپ يىغلىدىم،كىيىن كۈنۈپمۇ قالدىم.بالام تۆت ئايلىق بولغاندا تۇيۇقسىز كىچىسى قىززىپ ئۇخلىيالمىدى ، ئابلەت يوق، دورىمۇ يوق.......شۇنچىلىك تەستە تاق ئاتقۇزدۇم.سەھەردە قېينى ئانامغا چىقىپ بالىنىڭ قىززىپ كەتكىنىنى دىۋىدىم كۈتكەن تەسەللىنىڭ ئورنىغا :« نىم بۇلاپتا؟ بىژ بالىنىمۇ ئوڭشاپ باقالمىغان، قوڭلىرى ئاغرىماي توغقان بالا بولغاندىكىن...........» يەنە نىمىلەرنى دىدىكىن بىلمىدىم ئۈيۈمگە كىرىپ تويلۇق ئالتۇنۇم بىلەن بالامنى يۆگەپ چىقىپ كەتتىم، ئالاھەزەل ئۈچ كىلومىتىرچە يول ماڭغاندىن كىيىن  بازارنىڭ تۆت كۇچا دوقمۇشىغا كەلدىم. تەلىيىمگە مەسجىتنىڭ ئۇدۇلىدىكى زەرگەرخانىنى ئېچىپ تۇرۇپتىكەن، ئۇ يەرگە كىرىپ ئىككى تال ئۈزۈكۈمنى 1200سومغا سېتىپ چىقتىم، زەرگەر ئۇستام ھەقنى تۇنۇيدىغان ياخشى نىيەتلىك ئادەم ئىكەن ھەتتا مىنىڭ ھاجەتمەن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ بازار باھاسىدىن 20سوم يۇقرى باھادا سېتىۋالدى.‹ئاللاھ .ۇنىڭدىن رازى بولسۇن›. دەرھال تاكسى تۇسۇپ كىرامباغ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردىم. دوختۇرلار ئۆپكىىسگە سوغوق ئۈتۈپ قالغان دىگەن دىئاگىنوزنى قويدى.بالامنى تۆت كۈن داۋالىتىپ شۇ كۈنى كەچلىك ماشىنىدىلا كورلىغا يولغا چىقتىم. ئەمدى منىڭ ئۇ ئۆيدە تارتىشقۇدەك ئېچ نىمەم قالمىغان ئىدى.ئادەم دىگەن مۈشۈكى يۈتۈپ كەتسىمۇ ئىزدەيدىغان توۋا دەيمەن .................
      يۈك-تاقىسىز بىمەھەل كەلگىنىمدىن ئانام دادام ئانچە ھەيرانمۇ قالمىدى خۇددى ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك، شۇنچىلىك خاتىرجەم تۇرۇشقا باشلىدىم،قىزمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى چىقىشقا باشلىدى، ئاتا-ئانام ئۇنىڭغا مەندىنمۇ بەكرەك ئامراق ئىدى. قىزىم دەل يېشىغا تىگىپ 17كۈن ئاشقاندا ئىرىم قۇشۇن باشلاپ ئاجراشقىلى كەلدى، مەن ئۈچۈن ئاجرىشىش ئاجراشماسلىق مۇھىم ئەمەس ئىدى. قىزىمنى مەن ئالىدىغان بۇلۇپ ئۇ ھېچنىمىگە ئىگە بولمايدىغانغا كىلىشىپ ئاجراشتۇق. ياخشى ئىش ئاسان تارقالمىغىنى بىلەن مىنىڭ ئاجراشقان ئىشىم بىردەمدىلا ئەتراپقا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. توۋا ماۋۇ خەخلەر مەھەللىدە قىز بالا قالمىغاندەك بىرى كەينىدىن بىرى ئەلچىلىككە كىرىپ مىنى ئەنسىرتىپ قۇيىۋاتاتى. ئەمدىلىكتە ئابلەت بىلەن ئاجراشقىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قېلىۋاتاتتىم.
ئەلچىلەردىن قېچىپ ئاتا-ئانامنى تەسلىكتە قايىل قىلىپ دادامنىڭ بىر دوستى ئارقىلىق شەھەر ئىچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ شەھەرگە كىرىپ كەتتۇق. تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۈيىمىزدىن بىر بىكەت يېراقتا بىر تىجارەت زالىنىڭ ئۈتۈنۈپ بىرىدىغانلىقىنى كۈرۈپ دادامغا دىدىم، دادام بىلەن كىلىپ كۈرۈپ بۇ زالنى ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۋالدۇق. ئەمدى كۈنلىرىم دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقىدا ئۈتۈشكە باشلىدى. ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئەتتىگەن ئىشقا ماڭغىنىمدا بىر ماشىنىنىڭ كەينىمگە چۈشكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.دۇكان ئالدىغا كىلىپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، قارىدىميۇ يۈرۈگۈم «قارىت»لا قىلىپ قالدى.
كاللام قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قالدى، ئىشىكنى قانداقلارچە ئاچتىم دۇكانغا قانداق ھالەتتە كىردىم بىلمىدىم. ئىسىمگە كەلگىنىمدە بولسا ئىشىكنىڭ يېنىدا تامغا يۈلىنىپ تۇرۇپتىمەن، ئاستا ئىشىكتىن بېشىمنى چىقاردىم. بايىقى ماشىنا يوق....يولدىمۇ بىرنەچچە خەنزۇ ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى. دۇكانغا كىردىم دە ئۈزەمنى ئۇرۇندۇققا تاشلاپ ئولتۇردۇم.گەرچە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ‹سىنى ياخشى كۈرمەن› دىگەن بىر ئېغىز گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم.لىكىن ئابلەتنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئويلىساملا مىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشىمغا ئۇ سەۋەپچىدەك ئۈزەممۇ خالىمىغان ھالدا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەتىم، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنى ئۈنسىز سېغىناتتىم. بۈگۈن دۇكاندىمۇ خېرىدار ئاز ئىدى شۇڭا ئۆيگە بالدۇر قايتتىم. قىزىمنىڭ تاتلىق ئەركىلەپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ چىقىشى مىنڭ ھاردۇقۇمنى ھەم بۈگۈنكى كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىمنى بىراقلا ئۇنتۇلدۇردى. كەچكە يېقىن چ چ رىمغا  مەن دۇكان ئېچىۋاتقان رايۇنغا مەسئۇل بۈلۈم باشلىقىنىڭ ئەتە تەكشۈرۈش بار دىگەن ئۇچۇرى كەلگەنلىكى ئۈچۈن  بۈگۈن ماتىريال رەتلەش ئىشلىرى بىلەن  باشقا ھەممە ئىشلارنى ھەم ھېلىقى مىنى ساراسىمىگە سالغان ماشىنىنىمۇ ئۇنۇتقان ئىدىم. ئارىدىن ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كەچقۇرۇنلۇقى دۇكاننى تاقاپ ئۆيگە كەلدىم ، ئۆينىڭ ئالدىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ئاق رەڭلىك ماشىنىنى كۈرۈپ يۈرۈگۈم دۈپلدەپ سۇقۇپ كەتتى. ئەسلى خاتا كۆرمەپتىمەن راستىنلا ئۇكەندە...........
      ئۆيگە كىرگىنىمدە مۇراتنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان قىزىم ئەركىلىگىنىچە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.قىزىمنى كۈتۈرۈپ باغرىمغا باستىم دە ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى. ئۇ سەل ئۇرۇقلاپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۆزگەرمىگەن ئىدى، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ قاراشلىرى.....ئەلۋەتتە ئۆزگەرمەيدۇ دە ئۇنىڭ ئەتراپىدا شۇنچە كۆپ قىزلار تۇرسا، دىدىم ئىچىمدە ، ئۇنىڭغا نەپرىتىم بىلەن بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ ھۇجۇرامغا كىرىپ كەتتىم.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن  ئۇ  دادام ئاناملارنىڭ تۇتۇپ قېلىشىغمۇ ئۇنىماي چىقىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۇزىراپ ھەتتا دۇكانغىمۇ كىرىپ گەپ سۆزسىز ئولتۇرۇپ- ئولتۇرۇپ چىقىپ كىتىدىغان بۇلىۋالدى ، خەپ ،ئەتە كىرسە چىقىپ كىتىڭ  دەيمەن دەيتىميۇ ئۇ كىرگەندە بولسا ھېچنىمە دىيەلمەيىتم. مۇشۇنداق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى داۋاملىشىپ بىرەر ئايچە بولغاندا تۇيۇقسىز مىھراي پەيدا بۇلۇپ قالدى.: ئوھوي ، ئەمدى بۇ بۇلۇڭ پۇچقاققا كىلىۋېلىپ ئاقمىغان دۇكاننى ئېچىپ قۇيۇپ يەنە خەخنىڭ ئەرلىرىنى ئازدۇرۇپ يۈرۈپسىزدە!....
-كىمنىڭ ئىرىنى ئازدۇرۇپتىمەن، دىدىم ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا قارىغاچ، چاچلىرى كۆپتۇرۇپ قوشنىڭ چاڭگىسىدەك قىلىۋالغان قىلغان گىرىملىرى شۇنچىلىك قېنىق  ئاق كوپتىسىنىڭ ئالدى كۆكسىنىڭ  يېرىمى دىگۈدەك ئۇچۇق قارا يوپكىسى بولسا سەللا دىققەت قىلمىسا كالتا ئىشتىنى كۈرۈنۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە قىسقا ئىدى ،دەرھال كۆڭلۈمگە كەلگىنى بولسا مىھراي يامان يولغا كىرىپ قالدىمۇ نىمە دىگەن ئوي بولدى.
-موراتنىچۇ ؟ ئەرگە تېگىپ بولغان ئادەم  ئىرىڭىزنى مۇراتقا ئوخشىتالماي قالمىدىڭىزمۇ يە؟ ئىرىڭىز ####### چىقالمىدىمۇ يە؟
-پەسكەش...دىدىم مەن شۇ تاپ غەزەپتىن تىترەپ كۆزلىرىم لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى،
‹چاڭ› قىلىپ چىققان ئاۋازدىن كۈزۈمدىكى تۇلۇپ قالغان ياشنى ئېيتىپ قارىدىم مۇرات كەلگەن ئىدى .مىھراينىڭ بولسا ئاغزى بۇرنى قانغا مىلىنىپ كەتكەن ئىدى.
-ۋۇ ،مەينەت پاسكىنا ، سىنىڭ زادى نىمە ئۈچۈڭ بار ئۇنىڭدا ؟ مەندىچۇ؟ ساڭا قىلغان ياخشلىقىمغا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسەن؟ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ ھارامدىن تاپقان بالاڭغا ئىگە بولدۇم ، ئاجراشقاندىن كىيىن گەرچە سەن بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ بىرمۇنچە مۈلۈك بەردىم، ئايال كىشى يامان يولغا كىرىپ قالمىسۇن دىگىنىمنىڭ جازاسى مۇشۇمۇ؟ سىڭلىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مىنىڭ ئارقامدىن  ئۆسەك گەپ قىلىپ ئاخىرى ئۇنى مۇشۇ كۈنگە مىنى نەچچە يىللىق ھىجران كۇچىسىغا تاشلىدىڭ....يەنە نىمىگە ئۇنىڭ ئەمدىلا ئارام تاپقان كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىسەن؟
مۇرات غەزەپتىن تىترەۋاتاتتى. ئىشلارنىڭ سىرى ئاشكارلانغان ئىدى، مىنى بۇ كويلارغا بۇ ئازاپلارغا سالغان مىنىڭ ساددىلىقىمدىن پايدىلىنىپ مىنى بەخىتسىزلىك كوچىسىغا ئىتتىرگەن مىھراي ئىدى.  مۇرات مىھراينى ئىتتىرىپ سىرىتقا چىقىرۋەتتى.
- رازىيە ، مىنى كەچۈرۈڭ سىزنى يەنە بىسەرەمجان قىلىپ قويدۇم. مىنىڭ سەۋەبىمدىن دىلىڭىز ئازار يىدى، مەن ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلمىسەم بولغۇدەك. مۇرات شۇنداق دەپ چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋىتىپ  ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتىم. ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدىم، نەپەسلىرىم ئىتتىكلەپ پۇتلىرىم تىترەيتى،ئاغزىم بولسا ‹كەتمەڭ، سىزدىن ئەمدى ئايرىلىپ قالغۇم يوق› دىگەن بىرلا گەپنى تەكرارلايتى.



خاتىمە
رازىيە بىلەن مۇرات توي قىلدى، ئۇلار گەرچە توي قىلغىلى تۆت يىل بولغان بولسىمۇ يېڭى مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك ئۆتمەكتە. رازىيەنىڭ ئابلەتتىن بولغان قىزىمۇ مۇراتنى ئۆز دادام دەپ تۇنۇيدۇ،  مۇراتمۇ  زۇلھايات دىسە زۇلھايات دەپ قىزىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ ئوغلى مىرادىلمۇ ئىككى ياشقا كىردى. ئاللاھ بۇ بىرجۈپ ياشنى ئۆز پاناھىدا ساخلىسۇن.


ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 09:54:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 11:05:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايىكەن . بېشىنى ئۇقۇپلا قىزىقىپ قالدىم . ساقلىۋېلىپ ئالدىرىماي ئۇقۇي

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36546
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 11:46:51 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Razya zadi tegden buzuhkan....maunat

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ziba0996 + 10 مانا ئۈچۈرۋىتە دىسەم .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98192
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2014-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 01:14:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف ئاخىرنى بۇ مۇنبەدىن كوردۈم ...قىشتىن بىشىنى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن قىزىقىپ ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقالمىغان ئىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 01:45:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئەسەر كەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4689
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 01:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىنى  ئوقۇپ  ئاخرىنى  پەرەز  قىپ  بولدۇم   ..  كىيىنچە  ئوقامەن   ..  ئاۋۋال  ئىنكاس  بىلەن  ساقلىۋالاي   ...

ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 02:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رازىيەنى بۇزۇق دېگەنلەر ئەسەرنى تولۇق ئۇقۇمىغان ئوخشايسىلەر.    قىز بالا رازىيەدەك ساددا بۇلۇپ كەسە ئاخرىدا ئۆزى پۇشايمان قىلدۇ خالاس.  ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى بىلەن برلەشتۇرۇپ ئۇقۇڭلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulak83 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-3 02:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 02:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زارى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-3 12:24 PM
مۇشۇنداق رازىگە ئوخشاش پاسكىنا خوتۇنلارنىڭ دەستىدىن،  ...

سىزنڭچە  رازىيە بۇزۇقما ؟ مەن ئۇنداق چۈشەنمىدىمغۇ؟  مەن ئەسەرنى خاتا چۈشنىۋالدىممىيا ؟؟؟؟  كەچۈرسىز ،

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11579
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1493 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-3 02:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزلىپتۇ

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش