ئاسىيانىڭ چېگرىسىز ئويۇنى
ئاپتورى: جاسۋوت سىنگى (ھىندىستان)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ
بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت مەسىلىسى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا بارغانسېرى سۇسلاشتى، چۈنكى ئىنتېرنېت ئۇلارنى يىراقتىكى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. ئەمما دۆلەت چېگرا داۋالغۇشىغا يەنىلا ئىنتايىن سەزگۈر. نېمىلا بولمىسۇن، يەر، دېڭىز، ھاۋا، دەريا ئېقىمى ۋە دېڭىز كارۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلار دۆلەت سالاھىيىتىنىڭ يادروسى، ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېپلوماتىيە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ.
زېمىن ماجىراسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت بەزى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ (ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچى ئاجىزلىغانلىقى سەۋەبلىك)، ھەم تېخىمۇ مۇقىم دۆلەت مۇداپىئە ئىستىراتىگىيىسى قوللنىپ، نۆۋەتتىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كەلگۈسىدە تەھدىت بولىدىغان نىشاننى يوقاتسا بولىدۇ. بۈگۈنكى كۆپلىگەن ئاسىيا دۆلەتلىرى كېيىنكى ئىستراتىگىيىنى تاللىدى. ھىندى ئوكيان ۋە شەرىقى ئاسىيادىكى باشقا زېمىن ماجىرالىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، جۇڭگو قايتا-قايتا ھەمدە بارغانسېرى قەتئىي ھالدا كەڭ دېڭىز-ئوكيان دۆلەت زېمىنىنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىقى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ ھازىر مەجۇت بولغان ئىختىلاپىغا قايتا ئوت ياقتى، پۈتكۈل ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىستراتىگىيىلىك مەيدانىنى قايتىدىن ئويلاشماقتا.
مەسىلەن، فىلىپپىن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، مەزكۇر رايوندا جۇڭگو بىلەن بەسلىشىش كۈچى بولغان ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى، 20 يىل ئىلگىرى، فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى بولغان سۇبىك قولتۇقى دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە كلارك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. ۋېيتناممۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى. ئامېرىكىنىڭ ھىندونېزىيە ئارمىيىسىنى مەشىقلەندۈرۈش پىلانىمۇ نەچچە ئون يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن قايتا باشلاندى.
تېخىمۇ مۇھىمى، ياپونىيە رەھبەرلىرى دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تىنچلىقپەرۋەرلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى، تېخىمۇ قەتئىي مىللەتچىلىكنى يولغا قويدى. ئەمەلىيەتتە، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ تىك ئۇچار ئېلىپ يۈرىدىغان قوغلىغۇچى پاراخوتى «ئىزۇمو» سۇغا چۈشتى، بۇ پاراخوتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى ئاۋىئاماتكا بىلەن تەڭداش بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ. يېڭى پەيدا بولغان بۇ ئىستراتىگىيىلىك ئۆزگىرىش ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ شەرىقى دېڭىزدىكى ئاراللاردا دو تىكىشىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن.
ئەمما، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى پۈتكۈل يەر شارى مېدىيەلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى ئىستراتىگىيىلىك تىركىشىش كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىكى ئاسىيا ئەمەلىي كۈچلەر ھەرىكەتچانلىقىنى تېخىمۇ بەلگىلىشى مۇمكىن. ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا قارىتا كۆڭلىدە سان بارلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.
4-ئايدا، جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسى چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ بىر ۋزۋود ئەسكىرى ئاتالمىش «ئەمەلىي كونترول سىزىقى» نى ھالقىپ ئۆتۈپ، لاداق رايونىنىڭ دەپسەڭ جىلغىسىغا كىرپ گازارما قۇردى ھەمدە ئۈچ ھەپتىگە يېقىن تۇرۇپ قالدى. جۇڭگو رەھبەرلىرى نېمە ئىش بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىققا تۈرتكە بولغانلىقىنى تېخى چۈشەندۈرمىدى (ئەمما گۇمانىي سادالار ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى).
بەزىلەر ئازادلىق ئارمىيەنىڭ يەرلىك كوماندىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى «قاتمال ۋەزىيەت» نى قوزغاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى جۇڭگونىڭ يېڭى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئازادلىق ئارمىيەدىكى ھەيۋىسىنى جاكارلىشى دەپ قارىدى. بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىقنى ھەتتا چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ قولغا ئېلىنغان سابىق سېكرىتارى بو شىلەيگىمۇ باغلىۋالدى، بو شىلەي ئازادلىق ئارمىيە ە قوراللىق ساقچىلار قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئەمما مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاددىي بىرى بولۇپ: جۇڭگو مەقسەتلىك ھالدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرىغا خوجايىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
ھىندىستان بىلەن جۇڭگو يەنە سىرىلانكا، بېرما، نېپال ۋە بېنگالدىكى تەسىر كۈچتە رىقابەتلەشمەكتە. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ رىقابىتى يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئىقتىساد ۋە سودا مېخانىزمىغا، بولۇپمۇ پورت قۇرۇش ۋە نېفىت ئۇزۇتۇش تۇرۇبا قۇرۇلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تايىنىدۇ.
جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى ھەمدە ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سودا مەنپەئەتى تىرىشچانلىقىنىڭ يوققا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. جۇڭگو كېنىيە، تانزانىيە ۋە بېنگالدا چوڭقۇر سۇلۇق پورت قۇرۇلىشىغا مەبلەغ سالدى ياكى قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى، ھەم بېرما، سىرىلانكا ۋە پاكىستاندا ھىندى ئوكيان پورتى قۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا بىۋاسىتە قاتناشتى.
جۇڭگو پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى ئېچىشىغا ياردەم بەرگىنىدەك، ھىندىستانمۇ ئىراننىڭ چاباھار پورتىنى ئېچىشىغا ياردەم بەرمەكتە، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى پەقەت 70 كىلومېتىر كېلىدۇ. چاباھار پورتى كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپلا قالماي، ھىندىستاننىڭ ئەشيالىرىنى ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا رايونلارغا توشۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ قالىدۇ. ھىندىستان ھەتتا چاباھار پورتىنى تۈگۈن قىلىپ مۇھىم ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزى قۇرالايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان يەنە ئۆز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگودىن ئۈستۈنلىكىنى تىرىشىپ قوغدىماقتا. 2013-يىلى 8-ئايدا، ھىندىستان ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان بىرىنچى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «Arihant» ناملىقنىڭ يادرو رېئاكتورىغا ئوت يېقىلدى، ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان «يادرو ئۈچ تەرەپ» (قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن يادرو قورالى ئېتىش) نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ بىرىنچى ئاۋىئاماتكىسى « Vikrant» ناملىق سۇغا چۈشتى.
ئەمما، «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى كۆزىتىشىچە، «تەلۋىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان مەغلۇبىيەت جازاسى مۇنچە تېز كېلىپ باقمىغان». ئەمەلىيەتتە، « Vikrant» سۇغا چۈشۈپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، بومباي دېڭىز ئارمىيە دوكىدا يۈز بەرگەن پارتلاش «Sindhurakshak» ناملىقنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 18 كېمە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى. «Sindhurakshak» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى ھىندىستاننىڭ كۈنسېرى كونىراۋاتقان ئەنئەنىۋى سۇ ئاستى پاراخوت كۈچلىرىنىڭ ئۇ تېشى بولغان كىلو (Kilo) دەرىجىدىكى 10 پاراخوتىنىڭ بىرى.
ئېھتىمال جۇڭگونىڭ ناھايىتى روشەن كۆرىنىپ تۇرىدىغان ئىقتىساد، ئىستراتىگىيە ۋە ھەربىي ئۈستۈنلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ كىچىك بولىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئاسىيا «تايانچ نۇقتىسى» پىلانى پەيدا قىلغان مۇجمەل ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن بىر ئۇرۇش سېپىدا تۇرۇش ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ ۋەزىيتىدە بۇرۇلۇش ياسايدۇ، پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. ئەمما بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى: ئاسىيا چوڭ دۆلەتلىرى ئارىسىدا چوڭ ئويۇن ئوينالماقتا، بۇ ئويۇننىڭ قانداق قانات يايىدىغانلىقى ھەققىدە بىزدە ھۆكۈم قىلغۇدەك ھېچقانداق پرىنسىپ يوق.
مەنبە: ئوكيان تورى ؛ئاپتورى جاسۋونت سىنگى ھىندىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى (1996-يىلى، 2002~2004 )، دېپلوماتىيە مىنىستىرى (1998~2004) ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى (2000~2001) بولغان؛ نەپرەت تەرجىمە قىلدى.