مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 14

بەشىنچى ئەركىنلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88173
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-12-6
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 09:57:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەشىنچى ئەركىنلىك

سىمورسېنىت جون)(Seymore St.John)ئامېرىكا(

تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن بەزىلەر ئۆز ۋەتىنىدە ئېرىشەلمىگەن ئەركىنلىكنى قوغلۇشۇپ، جامىس تاۋىن(Jamestown)، پىلىي مىس(Plymouth) قاتارلىقجايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يوقسۇزلۇقتىن خالىي ئەركىنلىك، قورقۇنچتىن خالىي ئەركىنلىك، نوتۇق ئەركىنلىكى، دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىكى، مانا بۇلار بىزنىڭ تا ھازىرغىچە قوغداپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئەركىنلىكلىرىمىزدۇر. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋەتىنىمزدە ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۇشۇ ئەركىنلىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. بىزنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان لېكىن مۇشۇ تۆت ئەركىنلىكىمىزنىڭ ھۇلى بولغان تېخمۇ مۇھىم بىر ئەركىنلىكىمىز-بەشىنچى ئەركىنلىك بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى.

سەنىت ئېگزۇپېرى (St.Exupery)كىيىملىرىجۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن، چىرايىدىن زېرەكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، جەنۇبىي ئافرىقا سەھراسىدا ئويناپ يۈرگەن ئەرەب بالىنى مۇزىكا تەربىيىسى كۆرمىگەن، بىراق كۆمۈلۈپ قالغان موزارىت(Mozart) قىلىپتەسۋىرلەيدۇ. سىزنىڭچە ئۇ بالا ئەركىنمۇ؟ بەلكىم سىزدە سىزنى كەلگۈسىدە داڭلىق يازغۇچى، ئاتاقلىق مۇزىكانت ياكى ئاستىرونوم قىلالايدىغان تۇغما تالانت بولىشى مۇمكىن. بىراق ھېچكىممۇ سىزدىكى مۇشۇنداق تۇغما تالانتنى بايقاشقا ئۈندىمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ تالانتىڭىز كۆمۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بەشىنچى ئەركىنلىك دەل ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز ئامېرىكىلىقلار نېمە ئۈچۈن بەشىنچى ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىشقا باشلىدۇق؟ ئۇنى قانداق قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قايتۇرۇپ بېرەلەيمىز؟ مېنىڭچە بىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خاتالىقلىرىمىز سەۋەبلىك بۇ خىل ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز.

بىرىنچى خاتالىقىمىز دېموكراتىيىنى توغرا چۈشنەلمىگەنلىكىمىز.

فلادېلفىيە(Philadelphia) شىتاتىدىكى داڭلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە سىنىپ تەسىس قىلىنغانلىقىنى دېموكراتسىزلىق دەپ قاراپ، مەكتەپ مۇدىرى بۇ خىل تۈزۈمگە قارشى چىققان. مېمفىستا (Memphis)بىر شەخسىي ئىگىلىكتىكى مەكتەپ تاقىلىپ قالغان چاغدا، بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئۇ مەكتەپنى مەخسۇس ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىنغان .سەۋەبىبۇنداق قىلىش دېموكراتسىزلىقمىش. شۇڭلاشقا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى ئوتتۇراھال سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلدى .نەتىجسىنېمە بولدى؟ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار كۈچلۈك رىقابەت بولمىغاچقا، ئاسانلا چېكىنىشكە باشلىدى. دەرىسكە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلار 60 نومۇر بىلەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شاھادەتنامىنى ئېلىۋەردى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي بىلىم قۇرۇلمىسى ياكى ئوقۇتۇش سۈپىتىدە ھېچقانداق كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى. مانا بۇ ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا يېتەلەيدىغان ئۆلچەم ئاتالمىش دېموكراتىيە دەپ ئاتالدى.

ئىككىنچى خاتالىقىمىز نېمىنىڭ بەخت ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىمىز.

ھازىر تۇرمۇشىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ تۈپ مەقسىدى راھەت-پاراغەت قوغلىشىش بولۇپ قالدى. خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت قىسقىراپ كېتىۋاتىدۇ؛ ئىشلىگىنىمىزنىڭ تايىنى يوق؛ ئالىدىغىنىمىز جىق؛ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قاتتىق ۋە توغرا بولغان تەلەپ يوق؛ يوقىلاڭ باھانىلەر ۋە ئاسانلا ئەپۇ قىلىۋېتىش كۆپ. بۇ خىل پاسسىپلىق مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىكى جازا تايىقىنىڭ يوقاپ، ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىك تەربىيە بېرىدىغان دوختۇرلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. جازا تايىقىنىڭ خاتالىقلىرى گەۋدىلەندۈرلۈپ، پىسخىك دوختۇرلارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۈچەپ تەرىپلىنىۋاتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ھەممە ئىشنى توغرا چۈشىنىش ئۇنى ئەپۇ قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

تۇرمۇشمىزدىكى ئەشۇ كۈنسايىن يۇمشاپ كېتىۋاتقان ئۆلچەملىرىمىز بىزگە بەخت ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ ئەجەبا بىر قىسىم مائارىپشۇناسلىرىمىز ئېيتقاندەك كلاسسىك ئەدەبىيات، ماتىماتىكىدەك قېيىن دەرىسلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دەرسلەرنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى بالىلار قونچاق ئوينىغانغا ئوخشاش قىلىپ بەرسەك، بۇ بىزنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ چىقارغان قارارىمىز بولارمۇ؟

لىۋاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چارلىس مەلكى(Charles Malik) «غەرىپتە >ئامېرىكىدا<ئەخلاق ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىۋاتىدۇ» دېگەن. مانا بۇ رەھبەرلىكىمىزنىڭ دەۋرنىڭ تارىختىن بۇيان كۆرۈلمىگەن خىرىسلىرى ئالدىدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈچىنچى خاتالىقىمىز بولسا قىممەت قارىشىمىزدا.

تۆۋەندە مەن يېقىنى  50يىلمابەينىدە پىداگوگىكا)دارىلمۇئەللىمىن( مائارىپىدائېقىپ يۈرگەن، تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئىدىيىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. 1مەڭگۈلۈك ھەقىقەت مەۋجۈت ئەمەس.  2مۇتلەق ئەخلاق ئۆلچىمى يوق. 3خۇدا مەۋجۈت ئەمەس. بىراق تارىخ بىزگە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردىكى، يۇقارقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماي ئادەم ياكى بىرەر دۆلەتنى ئالەمنىڭ مەركىزىگە قويۇپ مۇئامىلە قىلىش ئاچكۆزلۈك ۋە چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

ئارنولىد تويىنبى(Arnold Toynee) مۇنداقدەيدۇ:«تەرەققىياتۋە ئالغا ئىلگىرلەش كۈچلۈك خىرىس ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاس تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. خىرىس بولمىسا، خىرىسقا بولغان ئىنكاسىمىز مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنداقتا تەرەققىيات، ئەركىنلىكدېگەنلەر نەدە تۇرۇپتۇ.» شۇڭلاشقا بىز بالىلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ئېقتىدارى يول قويغان دائىرە ئىچىدە تەلىپى يۇقىرى، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى بىلەن تەربىيىلىشىمىز كېرەك.

مىكىلانجىلونىڭ (Michelangelo)رەسساملىقتالانتى ئىچى پۇشۇپ قالايمىقان رەسىم سىزىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئەمەس. موزارىت سەككىز ياش ۋاقىتلىرىدا كۈنلىرىنى ھازىرقى بالىلاردەك تېلېۋىزور ئالدىدا ئۆتكۈزگەن بولسا ھەرگىزمۇ داڭلىق مۇزىكانت بولالمىغان بولاتتى. كىيورى(Eve Curie) خانىم، خېللىنكېللىر(Helen Keller) قاتارلىقلارمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئارقىلىق يولۇققان خىرىس ۋە قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرىدا يېڭى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن.

ئوغۇل-قىزلىرىمىزغا بېرەلەيدىغان يەنە بىر پۇرسىتىمىز بولسا مەغلۇبىيەتنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر. دىنوي(De Nouy) ئەركىنلىكھەرگىزمۇ ئىمتىياز ئەمەس، ئۇ بىر خىل سىناق دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .ھېچكىم مەغلۇپ بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قايسى خىل ئەركىنلىك، قانداق سىناق ھېسابلىنىدۇ؟ ئامېرىكا مائارىپىنىڭ تۆت يىلنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ، ھېچقانداق كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانمىسىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ شاھادەتنامسى بېرىۋېرىدىغان كۈنلىرى كەلمەسكە كەتتى. بىز كۈنسايىن تارىيىۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا رېئاللىققا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. رېئاللىق بىزدىن بىز يېتەلەيدىغان ياكى مەغلۇپ بولىدىغان بىر ئۆلچەم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سۆزلەر ئاڭلىماققا قوپالدەك تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ بىر ھەقىقەت. بىز بالىلىرىمىزنىڭ مەغلۇبىيەتنى ھېس قىلىش ھوقۇقنى تارتىۋالساق، ئۇلار دۇنيانىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشۈنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

ئاخىرىدا دەيدىغىنم شۇكى، بىز بالىلىرىمىزغا تارىخ سىنىقىدىن ئۆتكەن توغرا قىممەت قارىشىنى بېرەلىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشىمىزنى ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن باغلاپ، تارىخ ئىسپاتلىغان ھەقىقەت نۇرى بىلەن تولغان تۇرمۇش مەنتىقىسىنى يورۇتالىساق، قۇلاق تۈۋىمىزدە ھەردەم جاراڭلاپ تۇرىدىغان تۈرىتكە تاپالىشىمز مۇمكىن. بۇخل تۈرىتكىگە كىشىگە ئارامبەخىش ئاتا قىلىدىغان، ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى پارلىتىپ تۇرىدىغان، كىشىنى ھەر ۋاقىت ئالغا ئۈندەپ تۇرىدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ يوشۇرۇنغان. مانا مۇشۇنداق كۈچلا كىشگە مەڭگۈلۈك بەخت، كۈچ-قۇدىرەت ۋە قۇل قىلىنىشقا قارشى يېڭلمەس روھ ئاتا قىلايدۇ.








ئىزاھات:

1 سىمور سېنىت جون-)ئەر (ئامېرىكاكونېكتىكات(Connecticut) شىتاتىدىكى بىر شەخسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ ماقالە تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان «شەنبىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىغا بېسىلغان. ماقالىدە ئاپتۇر ئامېرىكا مائارىپى ئۈستىدە تەنقىىدى مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

2 جامىس تاۋىن-ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئەنگىلىيە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە رايون. -1607 يىلى-5 ئاينىڭ -14كۈنى ئەنگىلىيىلىك 104 كىشى يۇرتىنى تاشلاپ كېمە ئارقىلىق مۇشۇ يەرگە كەلگەن. بۇ يەر تاكى -1699يىلغىچە ۋېرگىنىيەنىڭ پايتەختى بولغان.

3پىلىي مىس–ئامېرىكا شەرىقى جەنۇبىي ماساچۇستىس شىتاتىنىڭ پىلىي مىس قولتۇقىدىكى بىر بازار. بۇ يەر -1620يىلى ئەنگىلىيىدىن دىنىي يەكلەش سەۋەبىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم پروتىستانت دىنى مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

4سەنىت ئىگزىپۇرى- فرانسىيە يازغۇچىسى .ئۇبۇرۇن ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ ئۇچۇش ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان «كىچىك شاھزادە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

5موزارىت-ئاۋىستىرىيىلىك كومپوزىتۇر. كلاسسىك مۇزىكا پىشۋاسى. ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن مۇزىكا ئۆگىنىشكە باشلىغان، ئالتە يېشىدا مۇزىكا كېچىلىكلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، تالانتىنىنامايەن قىلىشقا باشلىغان .

6مېمفىس-ئامېرىكا غەربىي جەنۇبىي تېنسىي(Tennessee) شىتاتىمېسسىسىپى (Mississippi)دەريابويىغا جايلاشقان بىر شەھەر.

7ئارنولىد تويىنبى- ئەنگىلىيىلىك تارىخچى. ئۇ  (1919-1955) لوندونئۈنىۋېرسىتېتىداتارىخ پروفىسسورى بولغان. ئۇنىڭ «تارىخ تەتقىقاتى»، «دۇنيا ۋە غەرب» دېگەن ئەسەرلىرى بار.

8مىكلانجىلو- ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ھەيكەلتاراش، رەسسام، ئارخىتېكتۇر، شائىر.

9ئىۋ كىيۇرى- )ئايال(فرانسىيىلىكمۇزىكانت ۋە يازغۇچى. ئۇنىڭ «كىيۇرى خانىم»، «جەڭچىلەر ئارىسىدا زىيارەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

10 خېللىن كىللىر-)ئايال (ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ئۇ ئىككى يېشىدىن باشلاپلا ئەما ھەم گاس بولۇپ قالغان.


ئەسلى ئىنگىلىزچە نۇسخىسى


More than three centuries ago a handful of pioneers crossed the ocean to Jamestown and Plymouth in search of freedoms they were unable to find in their own countries, the freedoms of we still cherish today: freedom from want, freedom from fear, freedom of speech, freedom of religion. Today the descendants of the early settlers, and those who have joined them since, are fighting to protect these freedoms at home and throughout the world.
And yet there is a fifth freedom — basic to those four — that we are in danger of losing: the freedom to be one's best. St. Exupery describes a ragged, sensitive-faced Arab child, haunting the streets of a North African town, as a lost Mozart: he would never be trained or developed. Was he free? "No one grasped you by the shoulder while there was still time; and nought will awaken in you the sleeping poet or musician or astronomer that possibly inhabited you from the beginning." The freedom to be one's best is the chance for the development of each person to his highest power.
How is it that we in America have begun to lose this freedom, and how can we regain it for our nation's youth? I believe it has started slipping away from us because of three misunderstandings.
First, the misunderstanding of the meaning of democracy. The principal of a great Philadelphia high school is driven to cry for help in combating the notion that it is undemocratic to run a special program of studies for outstanding boys and girls. Again, when a good independent school in Memphis recently closed, some thoughtful citizens urged that it be taken over by the public school system and used for boys and girls of high ability, what it have entrance requirements and give an advanced program of studies to superior students who were interested and able to take it. The proposal was rejected because it was undemocratic! Thus, courses are geared to the middle of the class. The good student is unchallenged, bored. The loafer receives his passing grade. And the lack of an outstanding course for the outstanding student, the lack of a standard which a boy or girl must meet, passes for democracy.
The second misunderstanding concerns what makes for happiness. The aims of our present-day culture are avowedly ease and material well-being: shorter hours; a shorter week; more return for less accomplishment; more softsoap excuses and fewer honest, realistic demands. In our schools this is reflected by the vanishing hickory stick and the emerging psychiatrist. The hickory stick had its faults, and the psychiatrist has his strengths. But hickory stick had its faults, and the psychiatrist has his strengths. But the trend is clear. Tout comprendre c'est tout pardoner (To understand everything is to excuse everything). Do we really believe that our softening standards bring happiness? Is it our sound and considered judgment that the tougher subjects of the classics and mathematics should be thrown aside, as suggested by some educators, for doll-playing? Small wonder that Charles Malik, Lebanese delegate at the U.N., writes: "There is in the West" (in the United States) "a general weakening of moral fiber. (Our) leadership does not seem to be adequate to the unprecedented challenges of the age."
The last misunderstanding is in the area of values. Here are some of the most influential tenets of teacher education over the past fifty years: there is no eternal truth; there is no absolute moral law; there is no God. Yet all of history has taught us that the denial of these ultimates, the placement of man or state at the core of the universe, results in a paralyzing mass selfishness; and the first signs of it are already frighteningly evident.
Arnold Toynbee has said that all progress, all development come from challenge and a consequent response. Without challenge there is no response, no development, no freedom. So first we owe to our children the most demanding, challenging curriculum that is within their capabilities. Michelangelo did not learn to paint by spending his time doodling. Mozart was not an accomplished pianist at the age of eight as the result or spending his days in front of a television set. Like Eve Curie, like Helen Keller, they responded to the challenge of their lives by a disciplined training: and they gained a new freedom.
The second opportunity we can give our boys and girls is the right to failure. "Freedom is not only a privilege, it is a test," writes De Nouy. What kind of a test is it, what kind of freedom where no one can fail? The day is past when the United States can afford to give high school diplomas to all who sit through four years of instruction, regardless of whether any visible results can be discerned. We live in a narrowed world where we must be alert, awake to realism; and realism demands a standard which either must be met or result in failure. These are hard words, but they are brutally true. If we deprive our children of the right to fail we deprive them of their knowledge of the world as it is.
Finally, we can expose our children to the best values we have found. By relating our lives to the evidences of the ages, by judging our philosophy in the light of values that history has proven truest, perhaps we shall be able to produce that "ringing message, full of content and truth, satisfying the mind, appealing to the heart, firing the will, a message on which one can stake his whole life." This is the message that could mean joy and strength and leadership — freedom as opposed to serfdom.



http://www.unz.org/Pub/SaturdayRev-1953oct10-00024

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-2 04:50 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 02:02:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىكىمىزنىڭ ھۇلى بولغان تېخمۇ مۇھىم بىر ئەركىنلىكىمىز-بەشىنچى ئەركىنلىك بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى.

بىز ئامېرىكىلىقلار نېمە ئۈچۈن بەشىنچى ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىشقا باشلىدۇق؟ ئۇنى قانداق قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قايتۇرۇپ بېرەلەيمىز؟ مېنىڭچە بىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خاتالىقلىرىمىز سەۋەبلىك بۇ خىل ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز.

بىرىنچى خاتالىقىمىز دېموكراتىيىنى توغرا چۈشنەلمىگەنلىكىمىز.

چۈنكى؛-دېموگىراتىيە دىگەننىڭ مەنىسى؛-باراۋەرلىك ، باراۋەرلىك يوقالسا  پونكىسيەلىك ئامىللار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي ،ئىشنىڭ ئۈنۈمى تۆنلەپ كىتىدۇ،--

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 02:03:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىنلىكىمىزنىڭ ھۇلى بولغان تېخمۇ مۇھىم بىر ئەركىنلىكىمىز-بەشىنچى ئەركىنلىك بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكى.

بىز ئامېرىكىلىقلار نېمە ئۈچۈن بەشىنچى ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىشقا باشلىدۇق؟ ئۇنى قانداق قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قايتۇرۇپ بېرەلەيمىز؟ مېنىڭچە بىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خاتالىقلىرىمىز سەۋەبلىك بۇ خىل ئەركىنلىكىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز.

بىرىنچى خاتالىقىمىز دېموكراتىيىنى توغرا چۈشنەلمىگەنلىكىمىز.

چۈنكى؛-دېموگىراتىيە دىگەننىڭ مەنىسى؛-باراۋەرلىك ، باراۋەرلىك يوقالسا  پونكىسيەلىك ئامىللار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي ،ئىشنىڭ ئۈنۈمى تۆنلەپ كىتىدۇ،--

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88173
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 228
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-12-6
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 08:09:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم جامائەتچىلىكى. مەن بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى مىنى بەك جەلىپ قىلغاچ ئۆزۈم بىلگەن پەدىدە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئۇستازلارنىڭ تەلىم بىرىشنى قارشى ئالىمەن. بىراق مۇنبەرگە يوللاپ بولۇپ قارىسام بەزى سۆزلەر بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ قاپتۇ. بۇنى قانداق ئوڭشاشنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلىدىغانلار بولسا ئۈگۈتۈپ قويغان بولساڭلار.

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 11:32:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەشىنچى ئەركىنلىك ........... ئەركىنلىك دىگەن بۇ سۆز

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97527
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 11:34:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئادەم جەننەتىتن 3كۇندە زېرىكىپ ،دۋزاخقا 3كۇندە كۇنۇپ قالارمىش .
   بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئىشى دۋلەت رەھبەرلىرىنڭكىدىنمۇ تولا . ئادەمنىڭ كوتۇرۇش كۇچى چەكلىك بۇلىدۇ ئەلۋەتتە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94175
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 12:47:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەق ئوزىدە بار بار بولغان 4خىل ئەركىنلىكتىن رازى بولماي 5-خىل ئەركىنلىككە يۇرۇش قىپتۇ..  مەن بۇلاردىن نىمانداق يىراقتا ھە.،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 02:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abm165 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-2 11:34 AM
ئادەم جەننەتىتن 3كۇندە زېرىكىپ ،دۋزاخقا 3كۇندە كۇنۇپ  ...

ھەي ئاغىزىڭغا.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 03:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abm165 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-2 11:34 AM
ئادەم جەننەتىتن 3كۇندە زېرىكىپ ،دۋزاخقا 3كۇندە كۇنۇپ  ...

توۋا مۇشۇمۇگەپ مۇ.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-2 05:07:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھلىل چوڭقۇر، قايىل قىلارلىق ماقالە ئىكەن تەشەككۇر!

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش