مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6155|ئىنكاس: 59

مەن قانداق قىلاي...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98292
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 03:11:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم مەن بىر تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان بىر ياش...
مەن گەپنى نەدىن باشلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن . ئويلىسام يۈرەكلىرىم تىتىرەپ كىتىدۇ . مەن بۇ يۈرۈگىمدىكى گەپلىرىمىنى ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا دىيىشقا پەقەت كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، دىمەي دىسەم چىدىمىدىم ، ئامال يوق مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ مۇنبەردىكى دوستلىرىمغا دەپ ئىچىمنى بوشىتىۋىلىش ۋە توغرا بولغان يوللارنى كۆرسىتىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مەن توي قىلغىلى 4 يىل بولدى بۇ 4 يىل جەريانىدا ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىز ، بىر ئوغۇل پەرزەنتىلىك بولدۇم ئۇلۇغ ئاللاغا شۈكۈرلەر ئىيتىمەن . ئامما مەن بۇ 4 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تۇرمۇشتىكى خىجالەتچىلىكلەرنى ھارغىچە تاتتىم . يەنە شۇ كىلىن بىلەن قىينئانا مۇناسىۋىتى . بىز توي قىلىپ چوڭ ئۆيدە ئۈچ ئايلا ئارانلا تۇرالىدۇق . ھازىر بىز ئايرىم ئۆيدە تۇرىمىز ئاپام بولسا مىنىڭ تەقۋادار ھاجىم ئانا ، ئايالىم بولسا بىر ئۇسۇلچى ،ئاپام مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن بۇ تويغا قوشۇلمىغان ئىدى بىراق مەن خوتۇنغا دۈم چۈشۈپتىكەنمەن ، مەن سۆيۈپ ياخشى كۆرۈپ ئالغان خوتۇنۇم ماڭا كۆڭلۈمدىكىدەك جاۋاپ قايتۇرالمىدى . بىراق ئۇنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى بار ، ئۇ ئۆي تۇتۇشقا ماھىر ، پاكىز ، بالا بىقىشقا بەك ئىپى بار . ئامما ئۇ ئاپام بىلەن پەقەت چىقىشالمايدۇ ، ئاپام ئازىراق گەپنى ئۇشۇق قىپ قويسا ئايلاپ يىللاپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيگە قەدەم باسمايدۇ ، ئۆزەمنىڭ راسلا دەپ تۇرىۋالىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇرۇشۇپمۇ پەقەت گەپكە كىرگۈزەلمىدىم . مىنىڭمۇ شۇ مىنى بىقىپ جاپالاردا چوڭ قىلغان ئانام ئۇچۇن ئايالىمنى ئاپامنىڭ خىزمىتىگە سىلىش ئۈمۈدۈم بار ئىدى ئەپسۇس بۇ ئارزۇلارنى چۈشۈمدىكى كۆرەلمىدىم قانداق قىلاي ئەمدى ئاجىرشىپ كىتەي دىسەم ئىككى بالام يىتىم بولىدۇ ئاجىراشماي دىسەم بەك تەڭ قىسلىقتا قالدىم .
بۇ 4 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جەڭگى جىدەللارنى بىشىمدىن ئۆتكۈزدىم ، باشقىلارنىڭمۇ ئالدىدا سازايى بولۇپ كەتتىم .بىر كۈنى ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق ، ئايالىم مىنىڭ ۋىجدانىم - غورۇرۇمغا تىگىدىغان گەپتىن بىرنى قىلدى بۇ گەپلەرنى دىمەي بولدى ................. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى بىر تەستەك سالدىم . ئۇ شۇ ئاچچىغىدا ئاپىسىغا تىلفۇن قىلىپ .. ئاپا مەن ئاجىرىشىپ كىتىمەن چىدىغۇچىلىگىم قالمىدى .... دەپ تىلىفۇننى قويۇۋەتتى .. كىم بىلىدۇ بىردەمدىلا ئاپىسى بىزنىڭ ئۆيگە يىتىپ كەلدى . ئىشىكتىن كىرىپلا چىرايلىق گەپ قىلماي ماڭا سۆزلەپ مىنى سىلكىشلەپ كەتتى .. مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشەندۇرۈپ تۇرسام قىينانام كىلىپ يۈزۈمگە بىر تەستەك سالدى .. مەن يەنە ئوشۇق گەپ قىلمىدىم .. ئويلاپ بىقىڭلار قايسۇ قىينانا كۈيئوغۇلنى ئۇرىدۇ .. بەك ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى . قارسام يەنە ماڭا نىمە دەيدۇ دەڭ . ... قىزىم سىلەگە نىمە قىلغان .. ئاپاڭ مىنىڭ قىزىمنى پاتۇرمايدۇ . سىنى قانداق چوڭ قىلغان بولسا مەنمۇ تەستە چوڭ قىلغان قىزىمنى دەپ سۆزلەپ كەتتى .. ئۇ خوتۇننىڭ شۇ جاپاكەش ئاپامنىڭ ماڭا يامان گىپىنى قىلىپ بىرىدىغان نىمە يولى بار ئويلاپ بقىڭلار .. سىلەرنىڭ ئاناڭلارنى بىرەسى كىلىپ تىللاپ بەرسە سىلەر گەپ قىلماي تۇرامسىلە .. ئانام ساراڭ ياكى ئەسكى بولسىمۇ ئۇ مىنىڭ ئانامدە .. مىنىڭ ئاپامنى ئەسكى دىيىش ھەققىم يوقتە .. شۇ ئاچچىغىمدا ئايالم بىلەن ئاپىسىنى ئۆيۈمدىن چىقىرۋەتتىم .
بۇ ئىشلەرنى ئاپامغا پەقەت دىگۈم كەلمىدى .. دىسەم بولمايتى . بۇ ئىشلەر چىدىماي يەڭگەمگە دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم . يەڭگە ماڭا ياخشى نەسھەتلەرنى قىلىپ ئۆيۈمنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىنى پەقەت خالىمىدى . مەن شۇ يەڭگەمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئايالىم بىلەن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كۆرۈشتىم . مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ئچىمدىكى بارلىق ئاداۋەتلەرنى چىقىرۋىتىپ ئەپلىشىپ قىلىشنى دىدىم . ئۇمۇ ماقۇل بولدى ئامما ئۇ ماڭا بىر شەرىت قويدى . ئۇ شەرىت بولسا ئاپىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ كەچۈرۈم سوراپ ئۆزىنى ئەكىتىش ئويى ئىدى .
مەن يەنە شۇ تۇرمۇشۇمنى ۋە باللىرىمنى دەپ شۇ خوتۇننىڭ قىشىغا باردىم .. ئۆيىگە كىرسەم ماڭا يۈرۈگىمگە تەككىدەك گەپلەرنى قىلدى ئامما ئۆزىمنى تۇتىۋىلىپ ئولتۇردۇم . گىپىنى تۈككەندىن كىيىن ئايالىمنى ياندۇرۇپ كەلدىم . مەن يەنە مۇشۇنداق جىدەللەرنىڭ چىقىپ قىلىشىدىن قورقۇپ باشتىن نىكاھ قىلغۇزدۇم .بۇلانىڭ ھەممىسى شۇ تۇرمۇش ئىدى .
مەن شۇنچىلىك قۇربانلىقلارنى بىرىۋاتسام مىنىڭ ئاپامنىى نىمە ئۈچۈن ئانا ئورنىدا كۆرمەيدۇ .. ئويلاپ بىقىڭلار دوستلىرىم ئاپىسى مىنى بىر تەستەك سالغاندەك ، مىنىڭ ئاپاممۇ ئۇنى بىر تەستەك سالغان بولسا تۇرمۇشىم راس بۇزۇلغان بولاتتى چۈنكى ئۇنىڭدىكى ئاداۋەت ئاسانلىقچە يوقىمايدىغان ئاداۋەت ... مەن ئاداۋەت ساقلاشتىن قورقىمەن چۈنكى مەن خۇدادىن قورقىمەن ...
بىز ئەپلىشىپ قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن يەنە جىدەل باشلاندى . ئۇنىڭ ئاپىسى كىچىك قىزىنى ھەم ئاكىسىنى ئىلىپ ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى كەتتى . ئۇنىڭ چوڭ ئۆيىگە قارايدىغان ئىش بىزنىڭ ئۆستىمىزگە يۈكلەندى . مەن ئۇنىڭغا بارمايمەن ئۆيدە كەشتە ئىشلەيدىغان تۇرسام مىنىڭ ئىششىم توختاپ قالسا بولمايدۇ دەپ چۈشەندۇرسەم پەقەت گىپىمگە كىرمەي مەن بىلەن سوقۇشۇپ ..... مىنىڭ دۇنيالىقتا بىر ئاپام قالدى مەن شۇ ئاپامنغا قارىشىپ بەرمىسەم مىنىڭ ئۇ ئائىلىگە نىمە كىرىكىم دەيدۇ .. مەنچۇ بىر ئوغۇل بالىغۇ .. نىمە ئۈچۈن ئايالىمنى ئاپامنىڭ ئالدىغا ئاپىرالمايمەن . ئۇ مىنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ ئۆيىگە قاراۋوللۇققا قويىۋاتىدۇ دەپ ئىچىم بەك ئاچچىق بوپ كەتتى.. مەن يەنە جىدەل چوڭىيىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭ گىپىگە كۆندۈم ھەم شۇلانىڭ چوڭ ئۆيىدە قوندۇم .. مىنىڭ ئەمدى قانداق ئەر بوپ قالدىم . ئۇ ئەر ، مەن بىر ئايال بولۇپ قالدىم ،.. كونىلار دەپتىكەن .. ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەپ . بەك توغرا ئىيتىلغان گەپ ئىكەن ..
مەن شۇلانىڭ ئۆيىدە قونۇش جەريانىدا ئۆيدە ئىشلەيدىغان بەك مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالدى مەن ئۇنىڭغا ھەدەڭ مۇشۇ مەھەللىدە چوڭ ئۆيگە يىقىن بىر كۈن ساڭا ئاچاڭ ھەمراھ بولۇپ كونۇشۇپ بەرسۇن دىسەم ماڭا خاپا بۇلۇپ ھەدەملەرنىڭ كەپتىرى بار ئۇلار بۇ ئۆيگە چىقىپ قونسا كەپتەرلىرىنى ئوغرى ئالىدۇ دەپ كوتۇلداپ كەتتى . ماڭىمۇ ئامال يوقتە . ئاچىسىغا دەپ قويۇپ ئىششىمغا كەتتىم . كەش سائەت 11 بولغاندا ماڭا تىلىفۇن قىلىپ تىلفۇنىمنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكى دەپ مەن بىرلەن بىرمۇنچە سوقۇشۇپ كەتتى ... مەن ئۇنىڭغا تىلفۇنىمدا توك تۇگەپ توك قاچىلىدىم دەپ چۈشەندۈرسەممۇ مىنى ۋاي بۇزۇق مەينەت . كوچىدا ئويناپ يۈردۈڭ سەن دەپ بەك ئاچچىغىمنى كەلتۈردى . شۇمۇ گەپ بولدىمۇ مەن تىرىشىپ شۇ تۇرمۇشىمىز بارللىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ كىتىۋاتسام مىنى ئاشۇنداق دەپ ھاقارەتلىسە توغرا بولامدۇ ... كوچىدا بۇلۇڭ پۇشقاقتا رەڭلىك سورۇنلاردا يۈرگەن ئەركەكلەر ماڭا ئوخشاش ئەركەكلەر، قىمار ئويناپ ئەسلى ۋەسلىنى تۈگىتىۋەتكەن ئەركەكلەر بىزگە ئوخشاش ئەركەكلەر . مەنغۇ ئۇلادەك قىلمايمەن ھەم قىلىشتىنمۇ قورقىمەن ... چۈنكى ئۈستىمىزدە ئۇلۇغ ئاللا بار ...
شۇنىڭدىن كيىن مەن ئۇنىڭ قىشىغىمۇ بارمىدىم باللىرىمنى خۇداغا تاپشۇردۇم بەك زىرىكتىم ...بەكلا... ئادەم شەخسىيەتچى بولسا باشقىلارغا ئادەمدەك كۆرۈنمەيدىكەن .. مىنىڭ ئايالىمدىن بەك كۆڭلۈم قالدى ...
ھە راس ئالدىنقى كۆنى ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلسام يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلغان ئىدى مەن باشقا گەپ قىلماي بولدى قىزىمغا تىلىفۇننىڭ بەر كۆرىشىۋالاي سىغىنىپ كەتتىم دىسەم قىزىمغا تىلىفۇننى بىرىپ 3 ياشقا كىرگەن شۇ قىزىمغا مىنى تىللاپ بىرىۋاتىدۇ توۋۋا دەپ قالدىم ... يەنە ماڭا نىم دەيدۇ دەڭ ... سىنى ئاپاڭ دىمىدە ئىشكۈزۈپ ، تامىقىڭغا بىر نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ سىنىڭ بىشىڭنى ئايلاندۇرۇپ تۇرمۇشىڭنى بۇزىۋاتىدۇ دەيدۇ قاراڭ .. بۇ گەپلەرنى ئاڭلا يۈرۈگۈمگە پىچاق تىققاندەك بوپ كەتتى ..مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتسا يەنە مەن سەن بىلەن ئۆي تۇتاي دىگىسى كىلەمدۇ ئادەمنىڭ ... خۇدايىم ساقلىسۇن جاۋۇلداق خوتۇندىن ... ئۇنداق خوتۇن باشقا بىر بالا ... تۇرمۇشقا بىر ئاپەت بولىدىكەن .. ھەي ... ئىچىم بەك سىقىلدى . باللىرىمنى بەك كۆرگۈم كەلدى ... ئاز كۈندىن كىيىن بىز ئاجىراشماقچى بولىۋاتىمىز .. باللىرىمنى ئويلىسام ................... بولدىلا .... گەپنى مۇشۇ يەرگىچە قىلاي .. سىلەنىڭمۇ ھاغىچە دەردىڭلار باردۇر بەلكىم .. سىلەردىن بىر تەلىپىم ، ماڭا مىنى قايىل قىلغۇدەك بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلا .. خۇدامۇ رازى بولغان بولاتتى ..........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48136
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3620
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2011-7-17
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلاشقىلى بولمايدۇلەر..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:48:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنى يىتىم قىلمىغان بولساڭلار ياخشى بۇلاتتى ، گىپىڭىزغا قارىغاندا يارىشىنىڭ ئورنىمۇ قالماپتۇ.
ئەسلىدە ئانىڭىزنىڭ گىپىگە كىرگەن ياخشى بۇلاتتى ، ئانىڭىز ھاجىم ، ئايالىڭىز ئۇسۇلچى ، ئىككىسى ئىككى خىل .
قاملىشالمايدۇ ئەلۋەتتە. سىزمۇ قايتا بەختىڭىزنى تاپقىنىڭىز ياخشىمىكىن دەيمەن ، بۇ مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم قېنى بالىلار نىمە دەيدۇ .
يەنە بىر گەپ
قوشناڭدىن مەسلىھەت ئال ،
ئۈزەڭنىڭ بىلگىنىنى قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:04:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولىغا سىلىپ قويۇڭ ئۇنداق خۇتۇننى باللىرىڭىزغا ئاللاھ بار

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4044 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمان جۈملىسىدىن ئورۇن ئالمىغان تۇرمۇش بۇ دۇنيادىكى دوزاخ مىسالى. ئايال كىشىنىڭ ئېغىزى ئېغىر، پۇت- قولى يىنىك بولغىنى ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ئايالىڭىزنىڭ كەسپى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى يوق قىلىۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ سۇسلاشتۇرۇپ بىر يەرلەرگە ئاپارغان بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا ئۇنى خىزمىتىدىن كەچتۈرۈڭ، ئاندىن سىستېمىلىق دىنىي تەربىيە ئالغۇزۇڭ. (ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق «تەۋھىيد» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمما ماڭىمۇ ئوقۇشقا نىسىپ بولمىدى تېخى) ھەقنى چۈشەنگەندە ئەر ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئەقلى بولسىلا ئىككى بالىنى يىتىم قىلىپ، ئىككى بالىنىڭ تۇل ئاپىسى بولۇپ يەنە ئىككىنچى قېتىملىق نىكاھنى كۈتۈۋالمايدۇ. ئەگەر ئەقلى بولمىسا ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۇنداقلار بالىغىمۇ خۇشتار ئەمەس. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئەرلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ بالىنى باقمىساڭ ئۆزۈم باقىمەن دەپ ئىككىلىسىنى بېقىپ تالىقىنى بىرىڭ. ئاللاھ سالىھ ئايال ئاتا قىلغاي قېرىندىشىم. (يۇقاردىكىلەر مېنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم، ئىنكاسىمنى ھەزىم قىلالمايدىغانلەر خاپا بولۇشماي ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭ).

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4422
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 999 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكام ئەسلى بۇ توينى قىلمايدىغان ئىشكەنتۇق ئانىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئەمدى ئىككى بالىلىق بوپسىز،ئاجراشسىڭىز بالىلار يىتىم بولىدۇ، ئۆي تۇتسىڭىز بىشەم خوتۇنغا ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ،ئەسلى ئايال كىشىنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئېپى بولسا بولمايدۇ، ساپالىق ئايال دىگەن ئەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىككى تەرەپنىڭ تۇققانلىرىنى تەڭ كۆرۈپ،پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولالايدىغان بولۇشى لازىمتى،سىزنى قېيىن ئانىڭىز بىر شاپىلاق ئۇرۇپتۇ، ئەسلى مەسىلە مۇشۇ يەردە،شۇ خوتۇننىڭ قولىدا چوڭ بولغان ئايالىڭىز ئەلۋەتتە سىز بايان قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىدۇ-دە!
چوڭلار دىگەن:‹‹ گىرۋەك كۆرۈپ بوز ئال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال››-دەپ! ئۇكام ئاجرىشىڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن بىر ئۆمۈر دەرتتە ئۆتىسىز،ئانىڭىزمۇ سىزدىن رازى بولمايدۇ،ئەرگە ئايال،ئايالغا ئەر تېپىلىدۇ، ئاتا-ئانا تېپىلمايدۇ،سىز ئايالىڭىزنىڭ ئانىسىنى ۋاي دەيسىزيۇ ئايالىڭىز سىزنىڭ ئانىڭىزنى ۋاي دىمەمدا؟ سىزنىمۇ ئاران بېقىپ چوڭ قىلغان، ئۇنداق ئەرنى ھۆرمەت قىلمغان، يۈزىنى قىلمغان ئايالدىن ھېچنىمە كۈتكىنى بولمايدۇ. قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!
hudayar6 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:34:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hudayar6 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:38:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇسۇلچى خوتون بىلەن ئۆي تۇتمايمىز.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98292
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 01:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ماڭا ياخشى بولغان مەسلەھەتلەرنى بەرگەن دوستلىرىمغا .... كۆپ رەخمەت..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش