|
|
|
|
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن تالانتلىق دىكتور- رىياسەتچىسى پاتىگۈل مەسۈم كۆپ يىللاردىن بۇيان يېقىملىق ئاۋازى بىلەن كەڭ ئاڭلۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە، بۇ قېتىملىق 20 مۇنەۋەر دېكتۇر— رىياسەتچى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاشلىغان بىلىتىڭىز ئۇنىڭ بۇنۇڭدىن كېيىنكى خىزمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت بولغۇسى...
پاتگۈل مەسۈم رىياسەتچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر قانىلى( 101.7 چاستۇتىسى) 2011- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «قاتناش قىززىق لىنىيىسى» پروگراممىسىنى يولغا قويغان ئىدى. ۋاقتى 5:30 _ 6:30 غىچە بىر سائەت. مەزكۈر پروگرامما «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»غا دائىر ساۋاتلار، ئايروپىلان، پويىز قاتارلىق ئۇزۇن يوللۇق ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بېلەت باھاسى، يولغا چىقىش قاتارلىق ۋاقىت جەدۋەللىرى، ئاپتوموبىل ئاسراش، بىخەتەر يول يۈرۈش، ئاپتوموبىل رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ۋە ئۇنى يۆتكەشكە دائىر ئەمەلىي بىلىملەر، قاتناشقا دائىر ساقلانغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاممىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ماشىنا ئاسراش ۋە رىمونت قىلىش جەھەتتىنمۇ مۇتەخەسىسلەرنى بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا نەق مەيداندا جاۋاپ بېرىۋاتىدۇ ھەم نەچچە يىللاردىن بۇيان بىز ئۈچۈن ئەلە مۇلازىمەت قىلىپ كەلدى ..
بۇ قېتىملىق 20 مۇنەۋەر دېكتۇر— رىياسەتچى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاشلىغان بىلىتىڭىز ئۇنىڭ بۇنۇڭدىن كېيىنكى خىزمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت بولغۇسى...
بىلەت تاشلاش شەكلى :
تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ ، http://www.xjbs.com.cn/zt/node_3272.shtml ،ئۈستىدىن سانىغاندا ئىككىنجى رەتتىكى بادام دوپپا ، ئەتلەس كۆينەك كەيگەن 855维语综合广播侯选人:帕提古丽·买斯木 پاتىگۈل مەسۈم شۇ ،
2 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (22.29 KB)
رەسىمنىڭ ئاستىدىكى كىچىك كاتەكچىگە بەلگە قۇيۇپ ئاستىدىكى 投票 دىگەن خەتنى باسساقلا بۇلىدۇ ، بىر قېتىمدا كۆپ بىلەت تاشلىغىلى بۇلىدۇ ، تورداشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن بۇ ھەدىمىزنى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ، ھەمدە بۇ يازمىنى باشقا مۇنبەرلەر ،مىكرو بىلوگ ،بىكەتلەرگە يوللاپ قۇيغايسىلەر ..
بىلەت تاشلاش ئاللاقاچان باشلانغان بۇلۇپ ، ئاخىرلىشىش ۋاقتى 10 -ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە .. قېرىندىشىمىزنى قوللايلى ..
|
|
|
|
|
|