مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1946|ئىنكاس: 12

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9664
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1778 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 07:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ


    پەرزەنت ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ كەلدى. قانداق قىلغانداپەرزەنتلەرنى ساغلام ھەم ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ؟ بۇ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ باش قاتتۇرىدىغان مەسلىسى. مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبەمنى بىرلەشتۈرۈپ قىشقىچە ھالدا پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدىكى بىر نەچچە نوقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتسەم.

    بىرىنچى:بالىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر نوقتىدا تۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش.

    نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئەڭ كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى بۇيرۇق ئىشلىتىش،ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋىلىپ بالىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئورنى بىلەن ئويلاشماي ئۇلارغا بۇيرۇق ئىشلىتىش. بالىغا مۇستەقىللىق ئېڭى، ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى بېرەلمەي،پەرزەنت بىلەن ئەركىن ئازادە، دوستانە سىردىشىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.پەرزەنت كۆڭلىدە ئاستا-ئاستا ئاتا-ئانىغا بولغان بېكىنمىچىلىك، ئۆزىگە بولغان تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ. بۇ بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خاراكتىرىنىڭ ئاجىز، مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتا لايغەزەل، كۆپچىلىككە ئارلاشماي بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىشىگە ئاساسىي سەۋەب بولىدۇ. ئىلگىرىكى ‹تاياق توقماق ئاستىدا ۋاپادارپەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ› دېگەن ئىدىيە گەرچە ئەنئەنىۋى جوڭگو جەمىيىتىدە مەلۇم ئاساسى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇسولنى قوللىنىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئورنىغا ‹بالىنى ھۆرمەتلەش› تەك ئىللىق ئۇسولنى قوللانساق، بالىنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆزقەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلىشى ئاستا-ئاستا يۇقىرلاپ ئىناق بولغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىپ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

    ئىككىنچى:بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ تەربىيلىنىشىگە دىققەت قىلىش.

    بالىدائاكتىپ ھالدا قول سېلىپ ئىشلەش، كاللا ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزى يولۇققان مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا، ھەل قىلىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان زىيادەئامراقلىقى بەزىدە بىرخىل زىيانكەشلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنى ئاسراش كۈيۈنىش پىسخىكىسى بىلەن ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما بۇ پەرزەنتلەرنىڭ مۇستەقىل ھالدادۇنيانى تونۇش، جەمىيەت بىلەن ئۇچرىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ئىقتىدارىغازور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دە مەسلىگە يۇلۇققاندا ئامال ئىزدىمەستىن ئاتا-ئانىغا يۆلىنىۋىلىش پىسخىكىسى كۈچىيىدۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز-تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىشى ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ. ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنى مەسلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى،ھەرخىل مەجبورىيەت ئەمگەكلىرىگە قاتناشتۇرۇشى بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ  مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، مۇستەقىل مەسىلەبىرتەرەپ قىلالايدىغان ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچى:بالىدا ساغلام بولغان كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈش.

    يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن پەرزەنتلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ چوڭ بولغاندا بىرەر ئوڭۇشسىزلىققائۇچرىسىلا بېكىنىۋىلىش، چېكىنىش ھالىتىدە بولماقتا. يەنە بەزىدە توساتتىن ئويلىمىغان خىياللارنى تېپىپ چىقىپ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ خۇدادىن زارلىنىپ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىتكە ئۇچراتماقتا. بۇنداق مەسلىلەرنىڭ چىقىشىنى نۇرغۇن ئامىللاردىن كۆرسەكمۇ ئەمما شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى: ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ بالىنىڭ ساغلام كىشىلىك پەزىلىتىگە سەل قارىغانلىقى تۈپ سەۋەبتۇر. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكا،توغرا بولغان دۇنيا قاراش، ئېسىل كىشىلىك قىممەت قارىشى تىكلەش، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويالايدىغان، ھەمما تەرەپتىن پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەشكېرەك.

    تۆتىنچى:بالىنىڭ شەخسىيەتسىز ھالدا تۆھپە قوشۇش ۋە بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەتبېرىش.

    ھەممەيلەنگەمەلۇم، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا بىلەن ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇنى تەربىيلەيدۇ. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئۇل تېشىنى سېلىشقا ئاساس بولىدۇ. بالا گۈدەك ۋاقتىدا بىر نەرسىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئىش-ھەركىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئىش قىلىشتامەنپەئەتنى كۆزلىمەي بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىنىڭ قانداق ئىشقا يۇلۇقىشىدىن قەتئىينەزەر باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيىسىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەت، راھەت-پاراغەتتە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىككە تولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

    يۇقارقى پىكىرلەر بالا تەربىيلەشتىكى بىر نەچچە يۈزەكى تەھلىللەردۇر. ئوقۇتۇش ۋە بالاتەربىيىسى بولسا ئۇزاق مەزگىللىك ۋە تەخىرسىز بولۇپ، ھەر قايسى ئاتا-ئانابولغۇچىلارنىڭ بالا بىلەن ئورتاق تونۇش، ئورتاق نىشان ھاسىل قىلىپ، گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام ۋە لاياقەتلىك بولغان، مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغان ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىنى، ئىناق، خۇشال-خورام بولغانئائىلە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ ئۇماق پەرزەنتلەرنىڭ سەبىي قەلبىنى مۇھەببەت نۇرلىرىبىلەن جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   idikut510 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-29 08:05 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
adeljan51 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 08:22:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار سىمىنا ئالمىشىپتۇ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 08:42:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز!!.........باشقۇرغۇچىلار ئاز قالدىمۇ نېمە؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 08:48:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
apchil يوللىغان ۋاقتى  2013-9-29 08:22 PM
باشقۇرغۇچىلار سىمىنا ئالمىشىپتۇ

ئالماشمىسا بولامتى ئەسلى ؟

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 09:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاتا -ئانا بولغۇچى بالىسىنى دىنى تەرەپتىن تەربىيلەشكىمۇ ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98175
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 09:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاۋال ئاشۇ بالىنى ئاپىرىندى قىلغان ئۇلۇغ ئانىدا ئۇنۋېرسال ساپا بۇلۇش كېرەك. ئائىلە چوقۇم ئىناق ،بالىغا ئىللىقلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىش كېرەك. ئاتا -ئانىدا يۈكسەك بالىغا بولغان مەسۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلۇش كېرەك. ئائىلە ئەتراپىدىكى مۇھىت ، مەكتەپ جەمىيەتتە ئورتاق ھالدا بالىلارغا بولغا ئىدىيە ئەخلاق، ئادىمىلىك ئىزچىل ئۆگۈتۈلسە، ئاتا ئانىلار مۇئەللىملەرگىلا ئېسىلۋالماي ئۆزلىرىمۇ ئائىلىدە ئوقۇتقۇچى بولسا ، زىيادە كۆيۈنۈپ بالىنى ئەركە قىلىپ چوڭ قىلىپ قويمىسىلا چوقۇم  ئياخشى تەربىلىگىلى بولىدۇ. (شەخسى كۆز قارشىم، مەن بۇ جەھەتتە مۇتەخەسىس ئەمەس)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 09:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ ؟

ئەلبەتتە مۇشۇ ماقالىدا كۆرستىلگەن قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش شەرت ئاستىدا،چوقوم ئائىلە،مەكتەپ ۋە جەمىيەت ئورتاق ھالدا بالىلارنى تەربىيلەشكە ئۆز-ئارا ماسلىششى كىرەك.چۈنكى؛-

بالىلارنى تەربىيلەش دۆۋلەتنىڭ پىلانى،ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى،بالىلارنىڭ ئىھتىياجى،جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى تەلىۋى.شۇڭا ،بارلىقىمىزنى بالىلارنى تەربىيلەشكە بېغىشلىشىمىز كىرەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95977
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 09:50:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا   نىكا  قانۇنىدىن   مەسلەھەت   لازىم   ئىدى    بۇنداق   قانۇندىن   بىلىمى  بار  دۇستلار  بۇلساڭلار  ماڭا  ياردەم  قىلساڭلار   

shahzada1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 11:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 10:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shahzada1 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-29 11:50 PM
قۇرئان ، ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيلەش كېرەك ،  ...

قوللايمەن ئەگىشىمەن

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش