جىمىپ كېتەر زۇۋانسىز ئۈستەل،
سوغۇق تۈندە سىردىشىپ ئۇزاق.
شەيتان تۇيغۇ كۆيدۈرەر جاننى،
ياساپ ئازغۇن كۆڭۈلگە دۇزاق.
جىمىپ كېتەر زۇۋانسىز ئۈستەل،
تۇتۇپ ھالسىز، مۇزلىغان قولنى.
تۇرار غەمكىن ئىشارەت قىلىپ،
چولپان يۇلتۇز باشلىغان يولنى.
جىمىپ كېتەر زۇۋانسىز ئۈستەل،
گۇنۇس ھالدىن رەڭلىنىپ ساما.
تۈندە ئۇچقان مۇساپىر قۇشلار،
چوقان سالار قىلىشپ ناۋا.
جىمىپ كېتەر زۇۋانسىز ئۈستەل،
بالقىپ تۇرغان خىيالغا كۈنۈپ.
پۇراق چاچار ئېچىلىپ گۈللەر،
گۈزەل تاڭنىڭ باغرىدا ئۈنۈپ.
جىمىپ كېتەر زۇۋانسىز ئۈستەل،
قۇچاق ئېچىپ جىلۋىلىك سەھەر.
ھۇزۇر بېرەر شائىرغا قەلەم،
تارقاپ سۇلغۇن روھىدىن زەھەر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم