رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ناچار
ھەقنى يالغان دىگەنلەر ناچار،
يات رىزىنى يىگەنلەر ناچار.
ئەل قەلبىگە سانجىلغان دائىم،
ئادەم سىياق تىكەنلەر ناچار.
چىن دوسلۇقنىڭ يەتمەي قەدرىگە،
دوستقا ئازار بەرگەنلەر ناچار.
ياۋغا ئاتماي ئۆزگە ئوق ئاتقان،
ئەلگە ئاسى مەرگەنلەر ناچار.
قان-قېرىنداش تۇمۇرداش تۇرۇپ،
يىراقلىشىپ كەتكەنلەر ناچار.
كەلسە ماتەم بىر كۈن بېشىغا،
مىراسنى دەپ كەلگەنلەر ناچار.
ۋىجدانى يوق ئادىمىيلىك يوق،
ئاق نىجىسنى چەككەنلەر ناچار.
بالام دىگەن ئاتا -ئانىنىڭ،
كۆز يېشىنى تۈككەنلەر ناچار.
ئېچىلمىغان غۇنچە بويىنى،
تۆت تەڭگىگە ئەككەنلەر ناچار.
سۆيگەن يارنى ھىجرانغاقۇيۇپ،
مال-دۇنياغا تەككەنلەر ناچار.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-29 07:52 PM