|
|
|
|
كۆزنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى كۆرۈش
探望肉眼以外的世界 ئاپتورى_ پەرھات ئەمەت
چەتئەلگە چىقشقا قىزىقمايدىغان ئادەم بولمسا كېرەك.شەخسەن مەن شۇنداق ئويلايمەن.شۇ قەدەر كەڭرى دۇنيانى كۆرۇش، ساياھەت قىلىش تىلغا ئېلىنسا ، كۆپىنچىمىز ئۇھ تارتىپ « ئارمانغا چۈشلۈق دەرمان يوقتە!» دەيمىز،شارائىتىمىز يېتشمسە شۇنىڭ ئۈچۈن بىر تىرشىپ باقساق، شارائىت بار بولسىمۇ يوقتەك ياشاۋەرمىسەك دەيمەن . بوسۇغىدىن ئاتلىماي بىر جايغا قېقىۋەتكەن قوزۇقتەك مىخلىنپ بىر كېلىدىغان ھاياتنى ئۆتكۈزۋىتىش،قانداقتۇر يۇرۇت- ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ئىپادسى بولماستىن بەلكى جاھىل ،بېكىنمچلىكتۇر.تەڭرىمۇ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ بېپايان دۇنياسىنى كۆرسۇن ،چۈشەنسۇن دەپ ئاۋال كۆزىمىزنى ئىككى قىلىپ ئاندىن دۇنيانى شۇ قەدەركەڭرى ياراتقان بولسا كېرەك.شۇڭلاشقا ئۇ ياراتقان زىمنلارنى سەيرە قىلىشمىز ،شۇ ئارقىلىق كاللمىزنى ئېچشمىز،دۇنيانى سېلشتۇرما قىلىپ ئۆزىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك. غەربلىكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ دۇنيانى بىزدىن بۇرۇن كۆرگەنلىكىدە دېسەم خاتا كەتمەس . دېڭىز ئۇلارغا چەكسىزلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلغان.ئاشۇ دېڭىز بويىغا كەلگەندە چەكسىز سۇنىڭ ئايىقىدا زادى قانداق ئادەملەر ياشايدىغاندۇ دەپ ئويلىغان ماركوپولا قاتارلىقلار تەۋەككۇل قولۋىقىنى يىراق سەپەر ئۈچۈن سۇغا سالغان، دۇنيا كەزگەن ئىكەن.غەربلىكلەرنىڭ دۇنيا ساياھىتى بولغاچقا ئامىرىكا قۇرۇقلۇقى بايقالغان،ئاسىيا -ئافرىقدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كېينچە مۇستەملىكە قىلىۋالغان،دۇنيا كۆرمىگەن ئەل خەلقىلەر خەرىتىنىڭ نېملىكىنى بىلمەي ،ئۆز يەرلىرنى ئۇلۇغ بىلىشىپ شۇ يەرلەرنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆز زىمىنىنى ئۇلارغا تۇتقۇزۇپ قويغان. يىراق ئوكياننى كېسىپ كەلگەن ئەنگىليە پاراخوتلىرى ئىشك ئالدىمىزغا كېلىپ توپ زەمبىرەكلەر ئاتقاندا ئاندىن چۆچۈپ ئويغاندۇق. شۇڭا بىزنڭ ئەقىللىق ئاتا-بۇۋىلىرىمىز‹شەھەر كۆرگەن ئىشەكتىن قورۇق› دەپتكەن.
كىچىكمدە دادام مېنى ئۇيەر بۇيەرلەرگە بارسا ماشنسىغا سېلىۋالاتتى. ئۇبارغان جايلارمۇ يىراق بولماستىن پەقەت ئەتراپتىكى ناھىيە،شەھەرلەر ئىدى. مەن بىر خىل رېتمدا مېڭىۋاتقان ماشنىدا ئولتۇرۇپ سىرتقى مەنزىرىگە تويماي قارايتتىم قانداقتۇر بىر يىڭى مەنزىرە كۆزۈمگە نىگاھان چېلىققاندا ئاۋۇنى قارا ! دەپ ۋارقىراپ كېتەتتىم. .دادام بۇ يوللاردا تولا مېڭىپ مەنزىرلەر يادا بولۇپ كەتكەچكىمۇ ئەيتاۋۇر ھە ،دەپ بېشنى لىڭىشتقانچە كۈلۈپ قويۇپ ئالدىغا قاراپ ماشىنىسنى ھەيدەۋىرەتتى. 90-يىللاردا يۇرتىمىزدا شوپورلار ئەتىۋا،ماشىنلار كەمدىدار ۋاقىتلار بولغاچقا مەن دېمەتلىك بالىلارنىڭ ھەممسى بۇنداق پۇرسەتكە ئىگە ئەمەستەك ئويلايتتىم.خۇددى ئۆزەمنى دۇنيا كېزىۋاتقان سەيياھلاردەك ھېس قىلىپ كېتەتتىم.كېينچە زامان ئۆزگىرىپ جەمئىيتمىز ماشنىلىشپ كەتتى. مەن بارغان يەرلەرگە ئون يىگىرمە كوي قاتناش پۇلنى بەرسىلا ماشىنلار كۈندە نەچچە رەت ئاپىرىپ كېلەلەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بولۇپ كەتتىم. ياز كېلىشى بىلەنلا يۇرتىمىزدىكى تاغ- دەريالارنى تەتىل مەزگىلدە يىلدا بىر رەت كۆرۇپ كېلەتتىم.تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرسى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسراتلارنى قالدۇراتتى. بەزىدەئىگىز تاغلارنىڭ كەينگە ئۆتۈپ باقسا قانداق بولار؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.تەڭرىنىڭ تاغلىرىدىن ئېلھام ئېلىپ يازغان باش ئايىقى يوق،تاقا-تۇقا ساياھەت خاتىرەمنى ئاپاملارغا ئوقۇپ بېرەتتىم.
ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن نېمشقىدۇر ئانچە پائالىيەتچان بولالمىدىم.كەم سۆز بىر بالىغا ئايلاندىم.ساۋاقداشلار يىغلىشى دېگەنلەرگە كەمدىن كەم باراتتىم.كۆپىنچە بالىلار تەتىلدە ئۆيگە قايتماي ساۋاقداشلارنىڭ يۇرۇتلىرىغا بېرىپ كۆرۇپ كېلەتتى.ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئەڭ يېقىن تۇرپان بىلەن قۇمۇلغا بېرىپ باقىمىدىم. خۇددى كىتاب خالتىسدەك ھە دېسلا كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇيتتىم.
ئوقۇش پۈتتۇرۇپ خىزمەت ئىزدەش ئاۋارىچلىقىغا پېتىپ قالدىم. كېينچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە قالدىم.لىكىن ساياھەتكە نېسبەتەن دۇنيانى كۆرۇشكە نېسبەتەن قىزىقشىم قايتىدىن بالىلىق ۋاقتىمدىكدەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇڭلاشقا ساياھەت توغرسىدا يېزىلغان كىتابلارنى كۆرۇپ قالسام سېتىۋلىپ ئىشتياق بىلەن ئوقۇپ چىققاتتىم. يېقىنقى يىللاردا بىزدە چەتئەللەرگە چىققان ئالىم شائىر يازغۇچىلار كۆپەيدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى دېگۈدەك چەتئەل تەسراتلىرنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ بۇ يەردە بېكىنىپ ،ئۆز مەھەللىسى يۇرتىدا مىدىرماي ياشاۋاتقان خەلقىگە سۇندى.ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدە،ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بويىچە كۆرگەن،كۈزەتكەن دۇنيا يەنە باشقىچە بولىدىكەن.
كېينكى كۈنلەردە دادام شوپورلۇقتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن غۇلجا بىلەن قازاقستانغا چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسنى ھەيدەپ قالدى. ئىلگىرى قازاقستاندىكى ئۇرۇق -تۇغقانلار ھەر يىلدا دېگۈدەك كېلىپ كېتىپ تۇراتتى. ئۇلارغا قاراپ _نە قەدەر بەختلىك ئادەملەر ھە ! دەپ ئويلاپ كېتەتتىم ئۇلار ئۈچۈن خىتايغا كېلىش(ئۇلار بىزنىڭ بۇ تەرەپلەرنى شۇنداق ئاتايدىكەن) شۇ قەدەر ئاسان ئىكەن.قازاقستانلىق چوڭ ئاپامنىڭ ئېيتىشچە،ئۇلار قولىدا خەرىتە بولسىلا ساياھەت قىلىپ كېتىۋردىكەن. بىزدەك يېرىم يولدا ۋەقەگە ئۇچراپ جاندىن ئايرىلىپ قالارمىزمۇ دەپ ئەندىشە قىلىپ يۈرمەيدىكەن. بۇ قېتىم دادام ئۆتۈپ قىلىۋىدى ئۇرۇق تۇغقانلار ناھايىتى خوشال بولۇپتۇ.كۆزلىىرگە ياش ئېلىپ :_خۇداغاشۇكىرى سىلەرمۇ بۇ ياققا كېلىدىكەنسلەر.دېيشپتۇ.
دادام بىر يىلدەك مېڭىپ خېلى پۇل تاپقان بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئاپامغىمۇ ۋىيزا كېلىپ پاسپورىت بېجىرشكە باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئاپىمىز ئىككەيلەن بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا قازاقستانغا بېرىپ بىر ئايدىن ئوشۇق تۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ خاتىرە ئۈچۈن چۈشكەن رەسىم سۈرەتلىردىن قازاقستاندىكى ئۇرۇق تۇغقانلارنى،بالا- چاقا ئەۋلاتلارنى كۆردۇم. ئاشۇ قېرىپ قالغىنغا قارىماي دۆلەت ئاتلاپ ئۇرۇق تۇغقانلىرنى يوقلاپ تۇرىدىغان چوڭ ئاپامنىڭ :__<<بىز ئۆلۈپ كەتسەك ئىككى تەرەپتىكى تۇغقانلار
ئىزدەشمەي،بىر بىرىڭلارنى ئۇنتۇپ ئىككى تەرەپتىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمسىۇن دەپ ھەر قېتىم بالىلارىمنى ئېلىپ كېلىۋاتىمەن.بىزدىن قالساڭلار يادلىشپ كەتمەسلىك ئۈچۈن سىلەرمۇ كۆپرەك بېرىپ ئىزدىشپ تۇرۇڭلار.>> دېگەن سۆزلىرنى ئەسلىدىم. چوڭلارنىڭ دانالىقى ،مەقسەتسىز ئىش قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىغۇ ئۇلار باي بىز نامرات ئىدۇق.يۇرتىمىز بىلەن قازاقستاننىڭ ئىقتىسادى پەرقىلىق ئىدى.لىكىن ھازىر تەرەققىياتتا تەڭلىشپ قالدۇق .ھەر ھالدا يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادىمۇ خېلى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ قالدى.پۇل تاپتۇق. شۇڭلاشقا خوشنا دۆلەتلەرگە بولسىمۇ بارساق،كۆزىمىز كىچكىنىا بولسمۇ ئېچىلسا بولاتتى. مانا ئەمدىلىكتە مېنىڭ دۇنيانى كۆرۇش ئارزۇيۇم بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.ئادەم بىر ئورۇندا ئۇزاق ياشىسا كېسەلمۇ بولۇپ كېتەر دەپ ئويلايمەن.
شۇڭلاشقا بۇ قېتىم تېجارەت قىلىپ تاپقان پۇللىرىمنى يېغىپ ئاۋال شىنجاڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ ،ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە،ئاللاھ خالىسا قوشنا دۆلەتلەرگە بىر چىقىپ باقسام دەيمەن.چۈنكى كۈندە ئىشقا كېلىپ كېتىپ ئادەم بەزىدە خۇددى ماشىنا ئادەمدەك بولۇپ قالدىكەن.پەقەت نېرۋىلىرىمىز سەل پەل چارچىغاندا ،ياز كېلىپ ئەتراپ گۈزەللىككە چۆمگەندە<بىرەر جايغا بارساق بولاتتى>دەپ قويمىزكەن،لىكىن يەنە شۇ تۈگىمەس تۇرمۇش ھەلەكچىلىكگە پېتىپ قالىمىزكەن.دۇنيانى كۆرۇش پۇرسىتى ماڭا نېسپ بولارمۇ بىلمەيمەن.لىكىن كونىلار ئېيتقاندەك":كۆزۇڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر،چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە"دىگەن يەرگە كەلدىم.
تېخى بايىلا بىر خەۋەر كۆردۇم. غۇلجىدىن مۇيەسسەر ئىسمائىل ئىسملىك بىر قىز پىيادە غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە يۈگۈرۇپ 7 كۈندىن ئارتۇق ۋاقتتا بېرىۋالغانلىق خەۋرىنى ئوقۇدۇم. بۇ گەرچە بىر تەنتەربىيەدەك قىلسمۇ مەلۇم جەھەتتىن بىر خىل ساياھەت ،تەۋەككۇلچىلىك دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۆيدە بېكىنىپ ياتقان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.كۆڭۈلدىكى ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىدىرلاش ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەك. پاد پاد سىرتلارغا چىقىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىمىز،كۆرمىگەننى كۆرۇشمىز كېرەك. كۆپنى كۆرگەننىڭ بىلىگىنىمۇ ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ. شۇنداق ئەمدى دۇنيا بىزنلا كۆرۇپ يۈرىۋەرمسۇن بىزمۇ دۇنيانى، ،كۆزىمىز كۈندە كۆرىۋاتقان دۇنيانىڭ سىرتىدىكى دۇنيانىمۇ كۆرۇپ باقسۇن!
2013-9-29كۈنى يېزلدى
|
|
|
|
|
|