نىياز ناۋاينىڭ نېنى
(سۆز ئويۇنى)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
نىياز ناۋاينىڭ ناھايتى نەپىس،نىپىز نېنى ناشتىلىققا نارىندىن نوچى.نۇرغۇن نامراتلار،نى-
نى نازىنىنلار،نايناقلار ناننى نىياز ناۋاينىڭ ناۋايخانىسىدىن نەق-نىسىگە نوكلايدۇ.نىياز ناۋاينىڭ ناۋايخانىسىنىڭ نامى نە-نەلەردە.
نورۋىگىيە،نىپال،نەنجىڭ،نىڭشىيا،نىيە،نەنسەن،ناراتلاردىكى نادىرناخشىچىلارمۇ نىياز ناۋاينىڭ نېنىنى نىشانلايدۇ.نۇرىمان،نۇرخان،نۇرنىساخان،
نىساخان،ناسىر،نەجمىدىن،نۇردۇن،نىزامىدىن،نىغمەتجانلارمۇنەۋرۇز-نەزىرلەردە نىياز ناۋاينىڭ
نېنىنى نەپسىگە نەقلەيدۇ.نىيەتلىرى نورمالسىزنۇرغۇن نامەرتلەر ناۋايلىقنى نومۇس،نا مۇۋاپىقلىقتا
نېكەپ،ناچارلىقتا ناتىقلاپ نۇقۇلايمىش.
نىھايەت! نىيىتى نائېنىق نىمجان ناكەسلەرنىڭ ناشتىلىقىغا نىجاسەت،نېرۋىسىغا ناغرا،نەپسىگە نوغۇچ،نوخلىسىغا نەشتەر نىسىپلانغاي!
نارىنچىلىق،ناۋايلىق،نابورچىكلىق،ناخشىچىلىق،نەشپۈتچىلىك،نەغمىچىلىك،نەشىرياتچىلىق،
نىمكارچىلىقتا نىسىۋىسىنى نەقلىگەنلەرنىڭ نممىتىگە نىممەت،ناشتىلىقىغا ناۋات،نۆۋىتىگە نوركا-
نۈسرەت نىسىپلىنىپ نامى نۇرلانغاي!
****