مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7532|ئىنكاس: 72

غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە يۈگرەپ كەلگەن قىز مۇيەسسەر سەپىرىنى تاماملىد   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83135
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3197
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2014-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 07:48:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم تورى ھەمكاردىشى بولغان چىمبۇلاق تورى بۇ پائالىيەتتە باشتىن ئاخىر مىسرانىم تورى قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختار مىسرانىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋال مىسرانىم تورىغا مۇيەسسەر ۋە چىمبۇلاق تورى نامىدىن رەھمىتىمىزنى ئىيتىمىز !
ئىككى ئوغۇلنىڭمىسر ئانىسى بولغان بىر ئايالغا 700 كىلومىتىر يۈگرىگىدەك غەيرەت قەيەردىن كەلگەن ، تەپسىلاتى بۇ يەردە !


چىمبۇلاق تورى تەنتەربىيە خەۋىرى : 9- ئاينىڭ 18- كۈنى غۇلجا شەھىرىدىن ئۈرۈمگىچە قاراپ يۈگرەپ يولغا چىققان قەيسەر قىز مۇيەسسەر ئىسمايىل ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، ئىرادىسىنى سىناپ ، 10 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ 8 كۈندە 700 كىلومىتىر مۇساپىنى يۈگرەپ بېسىپ 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوڭۇشلۇق ھالدا يېتىپ كەلدى .


مۇيەسسەر كۈتىۋىلىنماقتا


يۇقارقى سۈرەتتە مۇيەسسەرنى كۈتىۋالغىلى چىققانلار كوللىكتىپ رەسىمگە چۈشتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇيەسسەرنى قارشى ئېلىشقا چىققان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى "شىنجاڭ تەنتەربىيىسى" پروگراممىسى خادىملىرى ، تەنتەربىيە ساھەسىگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان چىمبۇلاق تورى ۋە كارۋان تورى ، شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە داڭلىق ماركا يارىتىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان "چېمپىيون تەنتەربىيە كىيىملىرى" ۋە ئابىدە شىركەتلىرى  شۇنداقلا غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە تۆمۈر پۇتتا مېڭىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوغلانى ئەخەت يۈسۈپ قاتارلىقلار پۇل ۋە ماددى بۇيۇملار بىلەن ئالاھىدە كۈتىۋىلىشقا چىقتى .


يۇقارقى سۈرەتتە مۇيەسسەر بىلەن بىرگە كەلگەن قېرىنداشلىرىدىن ھەدىسى مىھرىبان ۋە  ئاكىسى بىلەن بىللە

سەپەر باشلىنىشتىن ئاۋال مۇيەسسەرنىڭ بۇ مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مۇيەسسەرنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى ۋە يېقىنلىرى گەرچە دەسلەپتە قارشى تۇرغان بولسىمۇ مۇيەسسەرنىڭ 10 يىل بۇرۇن تەييارلىق قىلىپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بۇ پىلانىنى قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئاخىرى قايىل بولۇپ ئۇنى قوللىغان ، ھەتتا يولدىشى رەھمىتۇللاممۇ مۇيەسسەرنىڭ بۇ يۈكسەك غەيرىتى ۋە قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن . شۇنىڭ بىلەن مۇيەسسەر ھەدىسىنىڭ ماشىنىدا ھەمراھ بولۇپ مېڭىشى ۋە يولدىشى شۇنداقلا ھەدىسىنىڭ يولدىشى ئىككەيلەننىڭ ۋىلىسپىت ئارقىلىق ھەمراھ بولۇپ مېڭىشى ئاستىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن .




يۇقارقى سۈرەتتە مۇيەسسەر ۋە ئۇنىڭ يولدىشى رەھمىتۇللام چىمبۇلاق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرمۇھەممەد بىلەن بىللە

.

مۇيەسسەر ئۈرۈمچىگە سالامەت يېتىپ كېلىۋالغاندىن كېيىن چىمبۇلاق تورىمىز بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن گەرچە سەل ۋاقچىرەك خەۋەر تېپىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان بۇ قەيسەر ئايالنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە بۈيۈك غايىسىگە قايىل بولغانلىقتىن جىددى تەييارلىق قىلىپ شۇ كۈنى يەنى 26- سىنتەبىر كۈنى كەچتە چىمبۇلاق تورى ئىشخانىسىدا مۇيەسسەر ئىسمائىل بىلەن "چىمبۇلاق ئېكرانى" پروگىراممىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى ، بارلىق تەپسىلاتلار ۋە ئۇچۇرلارنى يېقىندا ئىشلىنىپ تەييارلىنىۋاتقان زىيارەت فىلىمىمىزدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ .


مۇيەسسەر ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چىمبۇلاق تورى رىياسەتچىسى رىنات مەخمۇت بىلەن سۆھبەتتە




زىيارەتتىن كېيىنكى خاتىرە سۈرەتلەر
سۆھبەت ئاخىرىدا پروگراممىمىزنىڭ ئالاھىدە قوللىغۇچىسى بولغان چىمپىيون تەنتەربىيە كىيىملىرى مۇيەسسەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بىللە سەپەرگە ئاتلانغان ھەمراھلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلدى .

.

ئەتىسى يەنى 27- سىنتەبىر كۈنى چىمبۇلاق تورىمىز بۇ ئەھىيەتلىك پائالىيەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرمۇش پروگراممىسىدا باتۇر ئۇيغۇر قىزى مۇيەسسەر ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى توغۇرسىدا مەخسۇس سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇردى .  تەپسىلاتىنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە قويۇلىدىغان تۇرمۇش پروگراممىسىدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ . مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسى ئۇيغۇرچە تورىنىڭ ئادېرىسى يەنى توردىن ئاڭلاش ئادېرىسى :
http://www.uycnr.com



شۇ كۈنى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئالاھىدە مۇيەسسەر چۈشكەن مىھمانخانىغا ئىزدەپ كېلىپ مۇيەسسەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى . تەپسىلاتىنى شىنجاڭ گېزىتىدىن كۆرۈڭ !

.

28- سىنتەبىر كۈنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ شەھەر ئاۋازى پروگراممىسىدا ئاتاقلىق رىياسەتچىمىز مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇيەسسەر ئىسمائىل ۋە ھەدىسى مىھرىبان شۇنداقلا تاراتقۇلار ۋەكىلى سۈپىتىدە چىمبۇلاق تورى قۇرغۇچىسى نۇرمۇھەممەد قاتارلىقلار سۆھبەتتە بولدى . بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدە مۇيەسسەر ئىسمائىل ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى كەڭ ئاڭلىغۇچىلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۈندىدار ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتكۈزگەن قوللاش ۋە ئاپىرىن ، سالاملىرى مۇيەسسەرنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردى .


نەق مەيدان ئاڭلىتىش ئۆيى



ئاڭلىتىشتىن كېيىنكى خاتىرە سۈرەت .

______
خۇلاسە :

مۇيەسسەر ئىسمائىل گەرچە ئاددىغىنە بىر ئائىلە ئايالى بولسىمۇ ئەمما ئۆزىدىكى يۈكسەك ئارزۇ ۋە غايىسى ئۈچۈن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارنى يېڭىپ مۇشۇنداق چوڭ بىر سەپەرگە ئاتلانغانلىقى ئۇنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغانلىقى بولسا ، ھاياتقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بەزىبىر كىشىلەرگە نىسبەتەن ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە گۈزەل ئارزۇلارنىڭ،  يۈكسەك غايىلەرنىڭ ھاياتقا ئوزۇق ۋە يېڭىچە مەنا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدۇردى .

دىمەكچىمىزكى ھاياتتا شۇنداق بىر كىشىلەر باركى بۇنداق غايىلەردىن بەك يىراق ، يىسە ، ئۇخلىسا ۋە پۇل تاپسىلا ھايات دىگەن شۇ دەپ ئويلايدۇ ، ئەمىلىيەتتە ھاياتتا سىناقلار ۋە ھەرخىل ئارزۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى تاۋلاپ بىر قېتىم بولسىمۇ ئەۋلادلىرى ئالدىدا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالالىغۇدەك  ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىش قىلىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ . لېكىن بۇنداق ھايات ئەڭ مەنىسىز ھايات بولىشى مۆمكىن ، ھىچ بولمىغاندا مۇشۇنداق يۈكسەك غايىگە ئىگە كىشىلەرنى ھۆرمەت قىلىش كىرەككى ھەرگىز سوغۇق سۇ سەپمەسلىك لازىم !

ئاخىرىدا مۇيەسسەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمىز !

ھۆرمەت بىلەن : چىمبۇلاق تور تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى
چىمبۇلاق تورى
2013.09.28




تولۇقلىما مەزمۇن (2013-9-29 07:05 PM):
تولۇقلاشقا تېگىشلىك بىر شېئىر چىقىپ قالدى

ئۇيغۇر قىزى مۇيەسسەر



غۇلجىدىن

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 11:42:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەيسەر قىز مۇيەسسەرنىڭ غەلىبىسىنى چىن دىلىمدىن موبارەكلەيمەن !!!

ئائىلىڭىزگە بەخت ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95721
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 11:47:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز  مۇيەسسەر،سىزگە ئاپىرىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:00:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ئاپىرىن مۇيەسسەر .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:10:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلىڭىزگە بەخت ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن غەلبىڭىزنى چىن دىلىمدىن موبارەكلەيمەن !!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-29 12:11 AM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5244
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8133
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:11:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەت سىزدەك قەيسەر ئانىلارغا مۇھتاج.
ئاپىرىن!!!!سىزدەك قەيسەر قىزدىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:22:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن… ئاللاھ يولىڭىزنى راۋان ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:26:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەتلىك قىزكەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:30:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن غەيرەتلىك قىز بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90467
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:34:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە ساغلاملىق مەڭگۈ يار بولسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش