مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1203|ئىنكاس: 8

يادنامە(ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىنگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 02:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 يادنامە
     بۈگۈن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ28-كۈنى.
    بەلىكىم تارىختىكى مۇشۇ كۈن تالاي ۋەقەلەرگە شاھىتتۇر.1933-يىلى مۇشۇ كۈندە جوڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىمى،ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرىنىڭ بەرپاچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنياغا كەلگەن.بۇگۈن بىز ئالىم تۇغۇلغانلىنقىنىڭ 80 يىللىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمىز.
  بىر نۇرمال جەمىئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىلىم سەرخللىرىنى تەتقىق قىلىش،ئۇلارنى يادلاپ تۇرۇش،ئۇلارنىڭ بىباھا ئۈگۈتلىرىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ماياك قىلىش تولىمۇ ئەقەللىي بىر ئىش ئىدى.بۈگۈنكى كۈندە ئاكادىمىيەلەر،تەتقىقات ئورۇنلىرى.ئۇنۋىرستىتلار،مەكتەپلەر ئالىم ئۈچۈن داغدۇغلۇق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا تامامەن نورمال ھادىسە ئىدى.ئەمما بىز ئۇنداق مەنزىرلەرنى كۆرەلمىدۇق.
   نەچچە كۈنلەردىن بۇيان،مەن توردا ئىزچىل ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا ئاتاپ ماقالىلەرنى ئىلان قىلدىم ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ئالدىن تەبرىكلىدىم.بۇ جەرياندا تورداشلار ناھايىتى ياخشى باھالارنى ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.بىر نەچچە ماقالەمنى مىسرانىم،باغداش،يازغۇچىلار،ئەلكۈيى قاتارلىق مۇنبەرلەرگە بىراقلا چىقاردىم.مۇشۇ باھانىدە نۇرغۇن ياخشى دۇستلار بىلەن تونۇشتۇم.يېڭى قۇرۇلغان بىر نەچچە تور بەتنىڭ مەسئوللىرى ماڭا تېلفون قىلىپ،يېڭى ماقالىلىرىم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوللىشىمىنى تەۋسىيە قىلدى.مەن بۇنىڭدىن سۆيۈندۇم ھەم ماقۇل بولدۇم.
   ئەسلى بۇ ماقالىلىرىم مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىش ئۈچۈن يېزىلغاندى.ئەمما نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئەڭ مۇھىمى ئالىمىنى خاتىرلەش كۈنىنىڭ قىستاپ قىلشى بىلەن توردىلا ئىلان قىلۋەتتىم.كۈنىمىزدە ئۇيغۇر تورلىرى ناھايىتى جانلانماقتا.مەتبۇئات مۇستەبىتلىكىگە سېلىشتۇرغاندا،تور ئەركىن بىر دۇنياغا ئايلاندى.كىشلەرگە پىكىر قىلىش بوشلۇقى بەردى.ھەر قانداق بىر ئىشنى زور دەرىجىدە ئاممىۋىلاشتۇردى.مېنىڭچە،مەتبۇئات مۇھەررىرلىرى ئەمدى ئۆزىنىڭ مۇتئەسىب ۋە بىيۇكىرات ئىديىسىنى ئۆزگەرتىشى لازىم.ئۇلار تور دۇنياسىغا دائىم نەزەر سېلىپ تۇرۇشى،ياخشى ئەسەرلەرنى توردىنمۇ تاللىشى كىرەك.بۈگۈن بىز تور دۇنياسىدا ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەپ ئولتۇرۇپتىمىز.تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىردىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
    ئاللاھ ئالىمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-28 07:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 08:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىمىز بۇ يادنامەمنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىپتۇ.بۇ نىم دىگەن نۇمۇسىزلىق ھە توۋا قىلدىم ئەجىبا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يازغۇچى ئەمەسمۇ،شۇ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن سويمىنىڭ ئۇستازى ئەمەسمۇ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 09:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىمىز بۇ يادنامەمنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىپتۇ.بۇ نىم دىگەن نۇمۇسىزلىق ھە توۋا قىلدىم ئەجىبا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يازغۇچى ئەمەسمۇ،شۇ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن سويمىنىڭ ئۇستازى ئەمەسمۇ؟؟؟

ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، ئۇنى بايقىمىسا نىمە پايدا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:07:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-28 09:39 PM
بىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىمىز بۇ يادنامەمنى ئەخ ...

ناھايىتى توغرا دىدىڭىز .

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2884
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 04:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elxat99 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-28 08:38 PM
بىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلار مۇنبىرىمىز بۇ يادنامەمنى ئەخ ...

بۇ تېمىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى شوركا راستىنلا ئاتىسىنى بىلمەيدىغان نائەھلى ئوخشايدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2884
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 04:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق چاچلىق بىر ئالىم چۈشۈمدە ھامان!

(مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ
80
يىللىغىغا)

قاراخان

بەختلىك ئۆتتۈڭمۇ ئۆيۈڭدە ،ئەلدە،
بۇ بىزگە قاراڭغۇ زەبەردەست ئالىم.
كىم سېنى ئىتتىردى دىسەم ئەجەلگە،
سەن دىدىڭ ‹‹نادانلىق››ئۆسەكچى زالىم.
تەگدىمۇ دىسەممەن ئىمانىڭ چەلگە،
دىدىڭسەن ئۇ داغقا چىدىماس بېتىم.

ھاياتلىق كانىنى قازغاندا تىنماي،
تۆپەڭدە پىتنىخور ئاچتى يەرمەنكە
بەزىلەر ئورىمۇ قازدى ئۇخلىماي،
سەن ئاچقان راۋان يول،يېشىل چىمەنگە.
چاپلاشتى ساڭا كۆپ مەلئۇن رۇدىپاي،
سەن ئۇنى ئورىدىڭ يالقۇن كېپەنگە.

باستى كۆپ سەۋدالىق ئەلىمى سېنى،
تەئەججۈپ ئەيلىدىڭ ئۇنىڭغا يارقىن.
ھەركىمنىڭ كۆرسىتىپ قويدۇڭ رىسقىنى،
زاۋالدا قالغانغا بولدۇڭ نۇر - چېقىن.
سەن بولدۇڭ تارىمنىڭ زۇمرەت تاشقىنى،
سەن بىلەن ئۆركەشلەپ ئاقتى روھ ئېقىن.

قەدىمجاي سېنىلا  تۇغقاندەك پەقەت،
ئېغىر يۈك يەلكەڭنى باستىغۇ بەتتەر.
سەن بىلەن ئېچىلدى ئەلدە پاراسەت،
سەن  ئەينى سامادا  چاقنىغان ئەختەر.
ئەل كۈلسە بىلدىڭسەن ئۇنى پاراغەت،
قويمىدىڭ ئىقلىمنى قىلچە بىنەزەر.

فارابى تىكىلەر ساڭا پەخىرلىك،
يۈسۈپمۇ سېنى دەر داستان خۇمارى.
مەھمۇدنىڭ تىللىرى چىقتى تەسىرلىك،
ئېسىلدى بوينۇڭغا مەشرەپ تۇمارى.
ئۇيغۇرنى تاپقۇزدۇڭ شۆھرەت ئەسىرلىك،
چىقاردىڭ ھەييامدەك مەجنۇن شۇئارى.

رەسۇلنىڭ يېشىدا توپتىن ئايرىلدىڭ ،
قالدى توم،بەھىرلىك ئامانەتلىرىڭ.
مەرىپەت يولىدا دەرۋىش، سائىلدىڭ ،
قالدى كۆپ يېشىمسىز بىشارەتلىرىڭ.
سەن غورۇر ،ۋىجدانغا تۇغما نائىلدىڭ،
بەدەل كۆپ ،ئاز بولدى دارامەتلىرىڭ.

تامادىن يىراقسەن مېھنەتكە مۇشتاق،
مىننەتكە سەندە يوق قىلچىمۇ ئورۇن.
قوغلاشماي ئۆتتۈڭغۇ سەپتە نام-ئاتاق،
يۇلغۇندەك قىزىرىپ، تۇرمىدىڭ سولغۇن.
بىلگەنگە بۇ ئالەم دىدىڭغۇ سىناق،
نەپسىڭگە بىر كۈنمۇ بولمىدىڭ تۇتقۇن.

كەلمەسكە كەتتىغۇ سېنىڭدەك زەكى،
تاپالماس مىڭ يىلدا چەكسىمۇ پەرياد.
مەيلى سەن ئۇيغۇر بول ياكى ئەجنەبى،
ئالىمسىز بازىرىڭ بولار پات كاسات.
ئاڭا كۆر ساھىبخان گۈمنام، تەجەللى،
ئەي ئالىم چۈشۈمنى قىلىۋەر ئاۋات!

2013-يىلى28-ىنتەبىر

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 07:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27- كۈنى ئالىم ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى قەشقەر شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت ناھەيىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. تەپسىلى مەزمۇن مۇنبەرگە يوللىنىدۇ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 10:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا تەشەككۇر! ئالىملىرىمىزنى يادلاپ تۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز. مۇشۇنداق كەيپىياتنى قۇيۇقلاشتۇرشىمىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 11:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشنى تورداشلارنىڭ ئىسىگە سالغانلىقىغا رەخمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش