تەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلىڭ!
تەقدىر بىلەن قارشىلاشماڭ!
سىزگە مەلۇم بىر ھادىسە كەلسە(مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك)ياكى بىرەر نەرسە تەسىر قىلسا،سىز شۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلمىسىڭىز بۇ تەقدىر بىلەن قارلىشقانلىقىزنى ئىپادىلەيدۇ.يەنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ قايغۇرۇپ ئازاپلىنىش تەقدىر بىلەن قارشىلاشقانلىقىز.تەقدىر بىلەن قارشىلىش ئادەمگە زىيان ئىلىپ كېلىدۇ. بۇنى مىسال بىلەن سۆزلەيمەن.
ھاياتىڭزدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش ئورۇنلاشتۇرۇش،ھادىسە ھەممىسى تەقدىر.ئادەم ئانىسىنىڭ قارنىدىكى چاغدىلا تەقدىرى يېزىلىپ بولىندۇ.يەنى بۇ دۇنيادا قانداق قىسمەتلەرگە ،قانداق خۇشاللىقلارغا ..............دۇچار بولىشى يېزىلىپ بولىنىدۇ.
تەقدىرگە بويسۇنۇش ماڭا كۈلپەت كەلدى دەپ ئۆزىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش ياكى زارلىنىش ياكى ھاياتتىن ئۈمىدسىزلىنىش،ھاياتتىن تويۇش،جىم تۇرىۋىلىش ،بىشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن دېيىش ئەمەس،بەلكى تەقدىرگە بويسۇنۇپ (رىئاللىقنى قوبۇل قىلىپ)ھەركەت قىلىش ئادەمنى ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلدۇرۇپ،ھاياتتنى خۇشاللىققا،ئۈمىدكە،مەنىگە ئىگە قىلىدۇ.
تەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلىش‹‹تەقدىرەم ئۆزەمنىڭ قولىدا›› دېگەن بىلەن زىددىيەتلىك.
مىسال*:سىز چوڭ يولدا كېتىپ بارغاندا سىز كۆرۈشنى خالىمىغان بىرسىنى كۆرۈپ قېلىپ كەيپىياتىڭىز بۇزۇلدى.چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۆتمشىڭىز سىزنى ئازابلايدۇ.شۇڭا سىز ئۇنى كۆرۈشنى خالىمايسىز.ئەمما تەقدىر ئۇنى سىزگە يولۇقتۇرۇپ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر قىلدى.دېمەك سىز تەقدىرگە بويسۇنۇپ ئۇنى كۆرشىڭىز كېرەك.ئەگەر ئۇنى كۆرگۈم يوق دەپ تەقدىر بىلەن قارشىلىشىپ كۆزىڭىزنى تېڭىۋالسىڭىز يورۇقلىقتىن مەھرۇم بولىسىز.
*ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ.بىراق ھەممىلا ئادەم ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ.ئارزۇسىغا يەتكەنلار ۋە يىتەلمىگەنلەر ھەممىسى تەقدىر.
ئارزۇسىغا يەتكەنلەرگە تەقدىر پۇرسەت ۋە شارائىت يارتىپ بەرسە،ئەكىسچە ئارزۇسىغا يىتەلمىگەنلەرگە باشقىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.دېمەك سىز تەقدىرگە بويسۇنىشىڭىز كېرەك.ئەگەر مەن زادى ئارزۇيۇمغا يىتىمەن،تەقدىرەم ئۆزەمنىڭ قولىدا دەپ تەقدىر بىلەن قارشىلاششىڭىز،ياشلىقىڭىزنى ھەتتا ئۆمرىڭىزنى نابۇت قىلىسىز.چۈنكى سىز تەقدىر بۇيرىمىغانغا مەڭگۈ ئىزشەلمەيسىز. بۇ يەردە شۇنى دەپ ئۆتۈش كىرەككى مەيلى ئارزۇسىغا يەتكەنلەر مەيلى يىتەلمىگەنلەر،مەيلى كەسىپتە ئۇتۇق قازانغانلار بولسۇن ھەممىسى بىر تۇرمۇشنى يەنى ئائىلە،نىكاھ،پەرزەنىت تەربىيلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئەگەر سىز تەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلسىڭىز،يەنى تەقدىر سىزگە باشقا بىر تۇرمۇش يولى بەرگەن بولسا مەن زادى ئۆزەم ئارزۇلىغاننى قىلىمەن دېمەي ،بۇ تۇرمۇش يولىدا مېڭىشىڭىز لازىم.چۈنكى تەقدىر مۇشۇ يولدا سىزگە يەنە نۇرغۇن پۇرسەت،تەقدىرلەرنى ئاتا قىلىدۇ.شۇ پۇرسەت تەقدىرلەر ئارقىلىق سىز ھاياتىڭىزنى مەنەگە ئىگە قىلىسىز.زادى ئارزۇيۇمغا يىتىمەن دەپ قارشىلىق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە نۇرغۇن ئازاپ-ئوقۇبەت ئىلىپ كەلمەي بەلكى ئۆمرىڭىزنى زايە قىلىسىز. دېمەك مۇشۇ يولدا مېڭىشنى ئىرادە قىلغىنىڭىز تەقدىرگە بويسۇنغىنىڭىز،مۇشۇ يولدا ماڭغىنىڭىز ھەركەت قىلغىنىڭىز.بويسۇنۇش بولغانكەن ھەركەت بولۇش كېرەك.ھەركەت بولمىسا بوسۇنۇش بولماي،قارشىلاشقانلىق بولىدۇ.
*ناھايىتى سىمىز بىر قىز مودىل بولىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئەمما ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ئورۇقلايمەن دەپ ھەركەت قىلىدۇ.يەنى تەقدىرگە بويسۇنۇپ سىمىزلىكىنى ئىتراپ قىلىپ ئورۇقلاشتىن ئىبارەت ھەركەتنى قىلدى.ھەمدە ئارزۇسىغا يەتتى.ئەگەر ھەركەت قىلماي تەقدىردىن زارلىنىپ،مەن نىمىشقا ئورۇق ئەمەس دەپ ئازاپلىنىپ يۈرۈش ئۇ قىزنىڭ ھاياتىنى مەناغا ئىگە قىلمايدۇ.
*تىلى ئاجىز بىر بالا ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ،بىراق بۇ ھاياتىدا ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ.تەقدىر بۇ بالىغا گۈلدەك بىر ھۈنەرنى ئاتا قىلدى.بۇ بالا تەقدىرگە بويسۇنۇپ،ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتسە.ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ.ئەگەر مەن ناخشىچىلا بولىمەن دېسە تەقدىر بۇ بالىغا ئۇنداق شارائىت بەرمىگەن.شۇڭا بۇ بالا بۇ نۇقتىنى چۈشىنشى كېرەك.
سىمىز قىز بىلەن تىلى ئاجىز بالىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تەقدىر بولسا،بىرى ئارزۇغا پۇرسەت يارتىپ بەرگەن.بىرى ئارزۇغا پۇرسەت بەرمىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەقدىرنىڭ بىزگە يازغان ھايات يولىمىزنى تەپسىلىي كۆزتىشىمىز لازىم،بۇنداق بولمىغاندا تەقدىرنىڭ پۇرسىتىنى تاپالماي قالىمىز ياكى تەقدىر پۇرسەت بەرمىسىمۇ ئارزۇغا يىتىمەن دەپ ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىمىز ھەم كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىمىز.
*ئەگەر مەلۇم بىر يېقىنىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز،بۇ تەقدىر دەپ يەرلىكىگە قويشىڭىز كېرەك.بۇتەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلىش.ئەگەر ئۇ يېقىنىڭىزنىڭ تىرىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ،تەقدىر بىلەن قارشىلىشىپ تىرىلدۇرىمەن دېسىڭىز بىھۇدە ئاۋارە بولىسىز ھەم يېقىنىڭىزنىڭ جەسسىتىنى سىستىپ،روھىنى قورۇپ قويسىز،يامىنى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىز.
*قىزلارنىڭ ياتلىق بولىشى بىر تەقدىر.ئەگەر سىز ياتلىق بولمىسىڭىز بىر ئۆمۈر ھەتتا قىيامەتتىمۇ ئازاپقا قالىسىز.ئەگەر ياتلىق بولسىڭىز بۇ تەقدىرگە بويسۇنغانلىقىڭىز.بويسۇنغان ئىكەن ھەركەت قىلىش كېرەك.ھەركەت بولمىسا قارشىلاشقانلىق.بۇنداق بولغاندا سىز ئائىلە ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيلا قالماي بىر ئۆمۈر ئازاپقا ھەتتا ئاھانەتكە ،قارغىشقا ئەڭ يامىنى بەختىڭىزگە زىيان سالىسىز.ئۇنداقتا قانداق ھەركەت قىلىش كېرەك. ياتلىق بولغاندىكىن ئىرىڭىزنى سۆيىشىڭىز.ھۆرمەتلىشىڭىز.پەرزەنتىڭىزنى قاتارغا قوشۇشىڭىز كېرەك.ئەگەر سىزنىڭ يىگىتىڭىز تۇرۇپمۇ باشقا بىرىگە ياتلىق بولغان بولسىڭىز ،چوقۇم ئۇ يىگىتنى ئۇنتۇشقا ھەركەت قىلىشىڭىز،ھازىرىقى ئائىلىڭىزنى قوغداشقا ھەركەت قىلىشىڭىز كېرەك. تەقدىر بىلەن قارشىلاششىڭىز بولمىسا بۇزۇق دېگەن نامغا قالىسىز.
ئاتا-ئانىڭىز يىگىتىڭىز بارلىقىنى دېسىڭىزمۇ پەرۋا قىلماي،سىزنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولسا،سىز ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاتا-ئانىڭىزنى توسۇيالمىسىڭىز،تەقدىرگە بويسۇنۇپ ئاتا-ئانىڭىز ياتلىق قىلماقچى بولغان يىگىتكە تىگىڭ ھەم ھەركەت قىلىڭ .تەقدىر بىلەن قارشىلاششىڭىز،يەنى ئۆلۋالسىڭىز ياكى يىگىتىڭىز بىلەن قېچىپ كەتسىڭىز سىز ئۆمۈرلۈك ۋە دوزاق ئازابىغا مەھكۇم بولىسىز.
*ئوقۇغان كەسپىڭىز ئاخبىرات.سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپىڭىزدىن خىزمەت تاپالمىدىڭىز.لىكىن سىزگە باشقا خىزمەت پۇرسىتى بار.ئۇنداقتا سىز ئالدىڭىزدىىكى پۇرسەتنى بىلىپ خىزمەت قىلىشىڭىز،يەنى تەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلىشىڭىز لازىم.ئەگەر كەسپىمدىن خىزمەت تاپىمەن،باشقا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانمايمەن دېسىڭىز،نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزۈۋىتىسىز.ئەكىسچە قايسى خىزمەت بولسا قىلسىڭىز،شۇ خىزمەت قىلىش جەريانىدا كەسپىڭىزدىن خىزمەت چىقىپ قالسا يۆتكىلىسىز،بولمىسا بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋىرىسز.بۇنداق بولغاندا ۋاقتىڭىز بىكار ئۆتمەيدۇ.پۇل تاپىسىز،ئەڭ مۇھىمى خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تەقدىر سىزگە ئاتا قىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە(دوست،مۇھەببەت،بىلىم،يۈز-ئابرۇي..............)ئاتا قىلىدۇ.ئەگەر بىكار يۈرسىڭىز تەقدىر سىزگە ھېچ نەرسە بىغىشلىمايدۇ. بىكارچىدىن ھەممە نارازى.سىز جەميەتنىڭ ئەيىپلىشىگە،ئارىغا ئالماسلىقىغا ئۇچرايسىز.
تۇرمۇشتا بۇنداق مىساللار بەك كۆپ،ئەقىل ئىگىسى ھەققىي پىكىر يۈرگۈزگەندە بۇنى بايقىيالايدۇ...
خۇلاسە كالام،دېمەك تەقدىر بويىچە ئىش كۆرگەندە ئادەم ھاياتى ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.ئەكىسچە تەقدىردىن ئاغرىنىپ تەقدىرگە بويسۇنمىغاندا ئادەم ھاياتى قىممىتىنى يوقتىپ قالماستىن بىر ئۆمۈر ئادەمگە ئازاپ،پۇشايمان ئىلىپ كېلىدۇ.
مەلۇم سەۋەبلىك كەيپىياتىڭىز ناچارلاشقاندا، ياكى مەلۇم مەسلىگە يولۇققاندا سوقۇققانلىق بىلەن ياخشى ئويلىنىپ مەسلىنىڭ ماھىيتىنى تونۇپ تەقدىرگە بويسۇنۇپ ھەركەت قىلغاندا ،كەيپىياتىڭىزمۇ ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىدۇ.يولۇققان مەسلىمۇ ھەل بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:يۇقۇرقىلار ئۆزۈمنىڭ بايانلىرى.بەلكىم بەزىڭلار سېنىڭ نىمە سالاھىيتىڭ تەقدىر توغرىسىدا سۆزلەشكە دېسەڭلار،بەزىڭلار يۇقىرقى بايانلىرىمدىن نازازى بولىشىڭلار مۇمكىن.بۇ تەبىيى چۈنكى ھەرقانداق بىر مەسلە زىددىيەتتىن كىلىپ چىقىدۇ.بۇ زىدىيەتنى تەقدىر ئاتا قىلىدۇ.سىلەرنىڭ بايانلىرىمغا قارىتا قانداق تەنقىدىي پىكىرىڭلار بولسا ئايمىغايسىلەر.كەمتۈك يەرلەرنى،خاتا يەرلەرنى سىلەر ئارقىلىق تۈزتىپ ماڭىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HY@Li تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-27 11:35 PM