تاپشۇرۇق ۋە ئۇنسىز تاپانچا
ئىنسانلار مائارىپ ئارقىلىق جەمئيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، تەرەقىيات ئىنسانلارغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئەكىلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن تەس ئىشلار ئاسانلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،دۇنيا مىھرى –مۇھاببەتكە توينىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۇن پۇتۇن دۇنيا مائارىپقا تايىنىپ قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ ،بىر كۈن مائارىپتا ئارقىدا قالغان مىللەت چۇقۇم تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچۇرغۇچى ،يەنى باشقىلار تەرپىدىن يېڭۈلگۈچى مىللەت ھىساپلىنىدۇ ،مەسلەن :2- دۇنيا ئۇرىشىدا ياپونيەگە ئاتوم تاشلانغان چاغدا پۈتۈن ياپۇنيە پالەچ ھالغا چۇشۇپ ئىش توختاپ ھەممە ئادەم جان قايغۇسىدا قالغاندا ،پەقەت بىرلا يەر, خارابىلىك ئاستىدا نورمال خىزمەت قىلغان ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ ،چۇنكى ياپۇن خەلقى باشقا نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويسىمۇ مائارىپنى بىر كۈنمۇ قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەن ،بۇنىڭدىكى سەۋەپ ياپۇنىيەنى بىردىن بىر قۇتۇلدۇرالايدىغان نەرسە مائارىپ ئىكەنلىگىنى بىلگەن .
بىز ئۇيغۇرلار مائارىپقا ،باللىرىمىزغا قانچىلىك كۆڭۈل بولەلەۋاتمىز ؟
بىز مائارىپتا باشقىلاردىن قانچىلىك يىراقتا ؟قانچە كۈن قانچە ئاي قانچە يىللار كەينىدە ؟بىز مائارىپتا ئىلگىرلەۋاتامدۇق ياكى ئارقىدا قېلىۋاتامدۇق ؟ مەكتەپ شارائىتى شۇنداق ياخشىلانغان مۇشۇنداق تەرەققىيات دەۋرىدە نىمە ئۈچۈن مەكتەپ بالىلارنى ئوزىگە تارتالمايدۇ ۋە جەلىپ قىلالمايدۇ ؟ بۇ يەردە بالىلارنى زېرىكتۈرۋاتقان بىر ئىش بار ،ئۇ زادى نىمە ؟ مەن بۇ ماقالەمدە مائارىپىمىزدىكى تاپشۇرۇق ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچى .
مەن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 、ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىببى ئۇنۋېرسىتىت قارمغىدىكى 6-دوختۇرخانىغا (مەخسۇز ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان ) ئەھۋال ئىگەللەش مەخسىتىدە باردىم پۇتۇن بىر6 قەۋەتلىك بىنا 95 %ئۇيغۇر بىمارلىرى بىلەن تولغان بولۇپ كۆز ئالدىمدا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق مەنزىرلەر كۆرۈنۈپ مېنى بەكلا بىئارام قىلدى ،20 نەچچە 30نچچە ياشقا كىرگەن قىران يىگىتلىكنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۆلۇپ قالغان ئوغۇللارنىڭ ياشانغان ئاتا –ئانىسىنىڭ يىتەكلىشىدە تەمتىلەم مېڭىشلىرى، ھەتتا چاقلىق ئورۇندۇقنى ياشىنىپ قالغان دادىلارنىڭ شۇ ياش بالىلىرىنى ھەيدەپ زالدا مېڭىشلىرى مېنى بەكلا بىئارام قىلدى ،كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلىشكە باشلىدى ،ئەسلىدە بۇ بالىلارنىڭ ,ياشانغان كۈچ مادارىدىن قالغان ئاتا-ئانىسىنى باقىدىغان ۋاقتى ئىدى، لىكىن مېنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنىم ئۇنىڭ ئەكسىچە ،بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مېنىڭ نەپسىمنى سىقتى ،مەن خۇددى نەپەستىن توختاپ قالىدىغاندەك چوڭ چوڭ تىنىپ كەتتىم .بۇلارنىڭ مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كېلىشىگە زادى نىمە سەۋەپ بولغاندۇ دىگەن بىر ئېغىز گەپ كالامدا تەكرارلىناتتى ،نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ياشلىرىىز زەھەرلىك چىكىملىك،نىشە،چۇمادو دىگەندەك ئادەم زەھەرلەيدىغان نەرسىلەرگە يېقىندۇ؟بىزنىڭ ياشلىرىمىز مۇشۇنداق تۈگۈشۈپ كېتەرمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن زەھەر چىكىپ كېسەل بولۇپ جان تالىشىۋاتقانلار بىزدە ئازلىماي بارغانسېرى جىقلايدۇ ؟دىگەن نىمە ئۈچۈنلەر بىلەن كۆڭلۈم بىئارام بولدى ......
مەن بىر سېستىرا قىزنىڭ ياردىمىدە 4-قەۋەتكە چىقتىم. بىر ياتاقنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق بۇلۇپ ئىچىدە ئىنتايىن چىرايلىق، لىكىن پۈتۈن بەدىنى، يۈز- قوللىرى جاراھەت بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن بىر قىز يالغۇز ياتاتتى ، سېستىرا قىزدىن- بۇ قىز نىمىشقا يالغۇز بۇ ياتاقتا دىسەم ،«بۇ كېسەل بەك ئېغىر شۇڭا ئايرىم ياتقۇزدۇق» دىدى .«مەن كىرىپ پاراڭلاسسام بولامدۇ» -بولىدۇ، دىدى .
مەن ياتاققا كۈلۈپ كىردىم ۋە خۇددى يېقىن ئۇرۇق تۇقۇنۇمدەك ئىنتايىن قىزغىن، خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالاملاشتىم .
-ياخشىمۇسىز ؟دەپ كۈلۈپ ئەھۋال سورىسام بۇ قىزمۇ شۇنداق خوشال ھالدا -ياخشى دىدى ،لىكىن ئاۋازى ئىنتايىن كۈچسىز ئىدى .
مەن بۇ قىزنىڭ نىمىشقا مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىغىنى شۇنداق بىلىپ باققۇم كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە قىز بىلەن پەراڭلاشتىم،-بەك چىرايلىقكەنسىز ،نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟-27ياشقا .
-سىز قانداق بولۇپ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىز؟
-ئىچكىردە تۇرغان- دىدى بوش ئاۋازدا ،-ئىچكىردە نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللاندىڭىز ؟-ئوغۇرلىق بىلەن ،بۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ كەتتى ،مېنىڭمۇ تەڭلا كۆزۈمدىن ياش تۆكۈلىشكە باشلىدى ،مەن بىر دەم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ سىز -ئوقۇمىغانمۇ ؟- ياق ،- سىز پەقەتلا ئوقىمىغانمۇ؟- بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇغان ،- نىمە سەۋەپتىن بىرىنچى سىنىپقىچە ئوقىدىڭىز؟ بۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەتلىك ياشلىرى توكۈلۈپ، ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازدا ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى ،مەن يېنىغا بېرىپ يىغلىماڭ سىڭلىم دەپ بېشىنى سىلىدىم.
قىزنىڭ كەيپىياتى بىر دەمدە مېنىڭ ئىش ھەركىتىمدىن بىر ئىللىقلىقنى ھىس قىلدى بولغاي ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
-مەن بىرىنچى سىنىپتا ئىككىنچى مەۋسۈمنىڭ يېرىمىغىچە ئوقۇدۇم ،بىر كۈنى مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىمىگەن ئىدىم ،ئەتتىگەندە ئۆيدىن مەكتەپكە بارىمەن دەپ چىقىپ مۇئەللىمنىڭ تەنقىتلىشىدىن قورقۇپ مەكتەپكە كىرەلمىدىم، چۈنكى مۇئەللىمىمىزنىڭ بەك ئاچچىقى يامان ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ ئەتراپىدا يىغلاپ تۇرسام بىزنىڭ بىر خوشنىمىز ئۇچراپ قالدى ،مېنى بۇ يەردە نىمىگە يىغلاپ تۇرىسەن دىگەنتى مەن يىغلاپ تۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنتىم ،مۇئەللىمدىن قورقۇپ مەكتەپكە كىرەلمىدىم دىسەم ،بولدى يىغلىما مەن سىنى پويىز ئىستانىسىغا ئاپىرىپ پويىزلارغا چىقىرىپ ئوينىتىپ ئەكىلەي دەپ قولۇمدىن يىتىلەپ ئەپ ماڭدى ،مەنمۇ كىچىك بولغاچقا ئەگىشىپ مېڭىپتىمەن دەپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى ،ئارقىدىن شۇ پويىز ئىستانىسىغا ئاپارغانچە مېنى ئىچكىرغا ئەكەتتى ،مەن ئالدانغانلىغىمنى بىلىپ ئۆيۈمگە كېتىمەن دەپ يىغلىسام ماڭا ئۇيقا دورىسى ئىچكۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەسلى ئۇلار داۋاملىق ئىچكىرگە بالىلارنى ئالداپ ئەكىرىپ ئوغۇرلىققا سالىدىكەنتۇق مېنىمۇ ئاپىرىپ ئوغۇرلىققا سالدى .
-سىز شۇ چاغدا نەچچە ياشتا ئىدىڭىز؟- 8 ياشتا ،-ئۇلار سىزنى ئۇردىمۇ ؟-ھە-ئە مەن كىچىك بولغاچقا مېنى ئوغرىلىققا ئېلىپ چىقسا مەن قورقۇپ ھىچ نەرسە ئوغرىيلىيالمىدىم مېنى كۈندە ئۇرىدۇ ،بىر كۈن بىر كۈن تاماق بەرمەي ئاچ قويىدۇ دەپ يۈرەكلىرىمنى ئېزىۋەتتى بۇ بىچارە قىزنىڭ ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ تۆكۈلۈپ ئاۋازلىرى بەكلا پەسلەپ كەتكەن ئىدى ،مېنىڭ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ گېلىمنى خۇددى بىرسى بوغىۋالغاندەك بىئارامسىزلاندىم ،كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ چىرايىمغا خوشاللىق يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ- سىڭلىم يىغلىماڭ سىز يەنىلا ھايات ،بىز ھەممىمىز ئەتە نىمە ئىش بولىدىغانلىغىنى بىلمەيمىز ،ساپ- ساق ئادەملەرمۇ بىر شوپۇرنىڭ سەۋەنلىگى تۈپەيلى مىنوت ئىچىدە بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ ،ئەنە شۇلارغا قارىغاندا سىز يەنىلا بەخىتلىك مەن بىلەن پاراڭلىشىپ شۇنداق چىرايلىق ئولتۇرۇغۇ مانا ،سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان شۇ ھايۋانمۇ ئۆز ۋىجدانىنىڭ سورىقىغا قىلىپ سىزنىڭ ھەر بىر ياشلىرىڭىز ئۈچۈن تىگىشلىك بەدەل تۆلەيدۇ ماڭا ئىشىنىڭ، دىسەم كۆز –ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتتى
بىر دەم تۇرۋالغاندىن كېيىن ،-سىز قانداق بولۇپ زەھەر چېكىپ قالدىڭىز ؟
-ئۇلار بىزنى ئوغرىلىققا سالغىچە زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ بېلىكىمىزگە ئۇرۇپ قويىدۇ ،بىر نەرسە ئوغرىلىيالىساق ئوكۇل ئۇرۇپ قويىدۇ، بىرەر نەرسە ئوغرىلىيالمىساق ئوكۇل ئورۇپ قويمايدۇ شۇڭا چۇقۇم ئوغرىلاش ئۈچۈن تىرىشىمىز، مېنى شۇلار مەجبۇرى زەھەرگە خۇمار قىلىپ قويغان دەپ كۆزلىردىن ياش توكۈلۈپ كەتتى ،、ئىنتايىىن ھالسىزلانغان ئاۋازىدا ئوزىنىڭ ئۈرۈمچىگە يېنىپ چىققىلى 4 يىل بولغانلىقى ،ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بەك خوش بولغانلىغىنى ئېيتتى .
-ئۆيىڭىزدىكىلەر ئەھۋالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالامدۇ ؟-ھە ئە ، بۇ بىچارە قىزدىن ئارتۇق سۇئال سورۇغۇم كەلمىدى ،بۇ قىزنىڭ ھالى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ ماڭا بۇ گەپلەرنى دەپ بەرگەنسېرى كۆزلىرىدىن ئازاپلىق ياشلىرى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى ،مەن بۇ قىزغا شۇنداق ئېچىندىم نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمىدىم ،ئاخىرى -سىڭلىم سىز مۇشۇ يەردە يېتىپ نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتىسىز ؟ قىز خۇددى مەندىن بىر ئۈمۈت كۈتكەندەك ياش كۆزلىرى بىلەن ماڭا پەلمۈرۈپ تۇرۇپ ،ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازدا ،مەن يەنە ياشىيالامەنمۇ ئۇخلاپ قالسام ئويغىنالماي قالارمەنمۇ دىگەن ئەنسىرەش ئىچىدە يېتىۋاتىمەن ، مېنى پەقەت بىرلا خىيال ئازاپلايدۇ دەپ ئاۋاز چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى ،مەن نىمە خىيال دەپ سورىسام، كۆز ياشلىرى تاراملاپ-تاراملاپ تۆكۇلۈپ تۇرغان ھالەتتا ئەينى ۋاختىدا كىچىكلىك قىلىپ نىمە ئۈچۈن تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەندىمەن دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ،مەن شۇ ئەسنادا تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت ئۈنسىز تاپانچىنىڭ بۇ بىچارە قىزنىڭ پىشانىسىگە 19 يىل بۇرۇن بەتلەكلىك ئىكەنلىكى كۆزۈمگە كۆرۈندى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانچىلىغان سەبى بالىلىرىمىزنىڭ پىشانىسىگە بەتلەكلىك تۇرغاندۇ ،شۇ تاپشۇرۇق سەۋەپلىك يەنە مۇشۇنداق ھەر خىل ئېچىنىشلىق تەقدىرلەرگە يولىقىۋاتقان قانچىلىغان ياش-ئوسمۈرلىرىمىز باردۇر ، دىگەن خىيال بىر دەمدە كاللامدا پەيدا بولدى، مەن بۇ قىزغا نۇرغۇن تەسەلىيلەرنى بېرىپ، چۇقۇم ئۈمۈتۋار بولۇڭ سىز يەنە ياشايسىز دەپ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خوشلاشتىم .باشقا بىمارلارنىڭمۇ قېشىغا كىرىپ ئۇلارنىمۇ ئوقۇشتىن بىزار قىلغان نەرسىنىڭ نىمىلىگىنى بىلىپ باققۇم كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن 5 كېسەل بىلەن سۆھبەتلەشتىم ئۇلارنىڭمۇ تاپشۇرۇق سەۋەپلىك سىنىپتا كۆپ تەنقىت ئىشتىدىغانلىغىنى ،ئوقۇش قىزغىنلىغى بولسىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ئويلىسىلا مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىغانلىغىنى،ھەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى ،مەن بۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىى مائارىپنىڭ مەغلۇبىتى ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم ،مەن نەچچە كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت ئۈنسىز ياپانچىنىڭ سەۋەبى بىلەن بىچارە قىزنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىغىنى ئاڭلىدىم ۋە قاتتىق قايغۇردۇم .
تاپشۇرۇق ھەققىدە ئىنتايىن جىق ئويلاندىم بالىلارغا تاپشۇرۇق زادى شۇنداق زۆرۈرمۇ؟ ،بۇ تاپشۇرۇق بالىلارنى زادى نىمىگە ئېرىشتۈرۈپ نىمىدىن مەھرۇم قالدۇرۋاتىدۇ ؟ئېرىشكىنى قانچىلىك مەھرۇم قالغىنى قانچىلىك ،نىمە ئۈچۈن بالىلارنى مەكتەپتە 8سائەت ھەتتا 9سائەتلەپ ئوقۇتۇپ تۇرۇپ دەپتەر ،قەلەمدىن ئايرىلالمايدىغان بەزى بىر ئورۇنسىز تاپشۇرۇقنى جىق بېرىمىز .مۇشۇ تاپشۇرۇق ساۋەپلىك بالىلارنىڭ دىلى قانچىلىك ئازار يەۋاتىدۇ، بىز مائارىپچىلار،ئاتا-ئانىلار مۇشۇنى ئويلاپ باقتۇقمۇ ؟........
مەن بىر كۈنى توردىن ھىندىستان فىلىمى‹‹ يەر شارىدىكى يۇلتۇ ز›› دىگەن كىنونى كورۈپ قالدىم ،بۇنىڭدا ئەمدى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن ئىشان ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن ئەقىللىق بولسىمۇ بىراق خەت ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولىشى سەۋەپلىك دائىم مۇئەللىم ۋە ئاتا –ئانىسىنىڭ، ئەيىپلەش ۋە تەنقىتلەشلىرگە ،ساۋاقداشلىرىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ ، ئىنتايىن ئۇۋالچىلىقلارغا قالىدۇ، بىراق بىر ياش ئەر ئوقۇتقۇچى بۇ بالىغا دىققەت قىلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدۇ ،كۆزىتىش جەريانىدا ئىشاننىڭ سىزغان رەسىملىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالىدۇ ،ئىنتايىن مول تەپپەككۈر بىلەن توشقان رەسىملەرنى كورۇپ بۇ بالىنىڭ ھىچ كىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئەقىل ۋە تەپپەككۈرگە ئىگە ئەكەنلىگىنى ھىس قىلىپ قالىدۇ ،ئىشاننىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا خەت يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۆگۈنەلمىگەن،تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قېرىق ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەنسرەپ ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولىدۇ ،لىكىن بۇ بىچارە بالا ئائىلىسىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي كۆزلىرى ئازاپلىق ياشلارغا تولۇپ كىتىدۇ ،مۇئەللىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىنىڭ ئەھۋالى توغۇرلۇق سوزلەپ قايىل قىلماقچى بولىدۇ. بىراق مۇئەللىم ئۇلارنى قايىل قىلالمايدۇ ،ئاخىردا غەزەپ بىلەن ئۇلارغا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ .
بىر كەننىتتە بىر ئورمانلىق بار ئىكەن، لىكىن پۇتۇن دەرەخلەر قۇرۇپ كەتكەن ،بۇ ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇرۇپ كەتكەنلىگىنى بىلەمسىلەر؟چۈنكى شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بىر ئەنئەنىسى بار ئىكەن ،ئۇ بولسىمۇ كىم خاپىلىق تارتسا،بىرەر ناھەقچىلىققا ئۇچۇرسا ،شۇ ئورمانلىققا كىرىپ ۋاقىراپ-جاقىراپ ،ئۆزلىرنىڭ ئاچچىقلىرىنى چىقىردىكەن ،كۈندە بۇنداق ئاچچىق تىللارنى ئاڭلاۋەرگەن ئورمانلىقتىكى دەل-دەرەخلە قۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.
مەن بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بىزنىڭ بىچارە سەبىي بالىلىرىمىز شۇ قۇرۇپ كەتكەن ئورمانلىققا ئوخشاش ئىكەن،بالىلار مۇئەللىملەردىن ئاتا-ئانىلاردىن مۇشۇ تاپشۇرۇق سەۋەپلىك ،ۋە باشقا سەۋەپلىك تەنقىتلىنىلسە ئۆزلىرنىڭ ناھەقچىلىققا ئۇچرىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي ،ياكى ئاچچىق چىقىرالماي پۈتۈن دەرت- ھەسىرتىنى ئىچىگە يۈتۈپ خۇددى شۇ ئورمانلىقتىكى قۇرۇپ قاخشال بولغان دەرەخلەردەك روھى قاغجىراپ ،چىرايىدىن كۈلكە ۋە نۇر قاچقانلىغىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم ،بولۇپمۇ ھازىر بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزدىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق بېسىمىنى ئاشۇرۋەتتى ،ھازىر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىلەر نىمىدىن ئەڭ بىزار دەپ سورىساڭلار ،ئىككىلەنمەستىن تاپشۇرۇقتىن بىزار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ تاپشۇرۇق ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئېغىر ئىقتىسادى بېسىم ئەكىلىۋاتىدۇ چۈنكى ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىگى پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولغانلىغى ئۈچۈن بېرىلگەن تاپۈۇرۇقلارنى تولۇق چۈشىنەلمەي ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ياكى ئوقۇتقۇچىلارغا پۇل بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ئارقىلىق تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكتىن قۇتىلىۋاتىدۇ , ئەگەر مائارىپىمىزدىكى تاپشۇرۇق مەسىلىسى ياخشى ئىسلاھ قىلىنماي ،يېزىشنى مەخسەت قىلغان ،بالىلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىدىغان ،نامۇۋاپىق تاپشۇرۇق سەۋەپلىك كۈندە تىل دەشنام ئىشتىتىدىغان ئىشلار داۋاملىشىۋەرسە،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ ,تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت ئۇنسىز تاپانچىنىڭ بىگۇنا قۇربانى بولۇپ كىتىدۇ ،بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇئارىپتىكى مۇھىم مەسىلە ،ئەۋلاتلىرمىزنىڭ خاراپ بولىشى،چۈشكىن بولىشى، كەلگۈسىمىزنىڭ ۋەيران بۇلىشى بىلەن باراۋەر .چۈنكى بىر بالا ئەگەر دائىم تەنقىت ئىچىدە ياشىسا ئەيىپلەشنى ،مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا يۈرەكسىزلىكنى،ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا غەم-قايغۇنى ، ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا جىنايەت تۇيغۇسىنى ،تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا مىننەتدارلىقنى ،رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا ئىشەنچنى ،رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا قەدىرلەشنى،تەڭ بەھرىمان بۇلۇش ئىچىدە ياشىسا مەردانىلىقنى ئۆگۈنىدۇ. ياش –ئوسمۈرلەر كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىگىلىرى ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-27 10:09 PM