مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 15

تور بېكەتنىڭ قىممىتى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يامغۇر تامچىسى ...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48968
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 07:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەيلى قايسىلا جۇڭگو تور بېكىتىگە كىرىڭ 10 پارتىلاش خاراكتېرلىك چوڭ ماقالىنىڭ توققۇزى پالانى چولپان ناخشا ئوقۇۋاتقاندا قوڭى ئوچۇق قالدى، پۇكۇنى سىيىۋاتقاندا رەسىمگە تارتىۋالغان «写真图» ، پۇستانى بۈۋىمنىڭ سەكسى كۆرۈنۈشى دىگەندەك.. ھەممىسى بىر خىللا يۆلىنىشتە داۋاملىشىۋاتقان، سوغۇق قانلىق بىلەن تارازىغا سالغاندا پەقەتلا چەك باسمايدىغان ئەخلەت ئۇچۇرلار.
قايسىلا ئۇيغۇرچە داڭدار تور بېكەتكە كىرىڭ، ئالامەت نىنو، كارامەت كىنو، ھىندىستاننىڭ، كورىيەنىڭ دىگەندەك.... ئوبدانراق نەزەر سالغاندا پەقەتلا پايدىلىنىش قىممىتى يوق ئەخلەت مەزمۇنلار... ئەلۋەتتە بۇ كىنولارنىڭ سۈزۈكلىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاندىن باشقا نۇرغۇنلىرى باشقا سىن بېكەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بەتلەر.
يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان بىرەر مەھسۇلاتى يوق، مۇنبەر نامى بىلەن قۇرىۋالغان بىر سورۇنغا بىر مۇنچە گەپ تالىشىدىغانلارنى توپلىۋالغان. قايسى ساھە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا دەرھاللا ئومۇمى بەتتە ئۆزگىرىش ياساپ شۇنى چىقىرىپ باقىدۇ.
Adsense ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش ئومۇملىشۋىدى، 56 دىگەندەك چوڭ بېكەتلەرنى دىمەيلا تۇريلى... نۇرغۇن بېكەتلەر كۈچىنىڭ بارىچە كىنو - ناخشا دىگەنلەرنىڭ چۆرىسىگە ئېلان قىستۇرۇشتى.
Google غا ئوخشاش ئىزدەش ماتورىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھەممە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى بىردىن ئىزدەش بېكىتى قۇرۇشقا ئاتلاندۇردى بولغاي: تىز تاپ، ئاپشاركا، ئۇيگۇگول، ش.ج گۇگول، ئىزدەش.... يەنە نۇرغۇن.... بېكەتلەر بىرقلا پەيدا بولدى.
Google نىڭ مۇشۇ كۈنگە يېتىشىگە 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت كەتتى. ئەمما ھازىرقى ياش ئۇستا ئۇيغۇر پروگراممېرلار بىر كېچىدىلا گۇگول ياساشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. مەيلى قانداقلىكى تور بېكەت بولسۇن ئۇلار بىر كېچىدىلا بەرپا قىلالايدىكەن. ئوپمۇ-ئوخشاش بىر تور بېكەتنى بىر نەچچە تور نامى ئاستىغا كۆچۈرۈپ، پالانچى كىنو، پۇكۇنچى كىنو، پۇستانچى كىنو كۇلۇبىدىن ئىبارەت مول كىنو كۇلۇبلىرىنى نەچچە سائەتتىلا ۋۇجۇدقا چىقارالايدىكەن.
ھالبۇكى يۇقارقىدەك ئەھۋاللار تور بېكەتلەردە تېخنىكىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئىنتېرنېت ئىشلەتكەنگە چۇشلۇق كىشىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان ئۇچۇرلار ئاز ياكى يوق بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرچە تېخى مۇقىم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، مۇقىم خىزمەت بىناسىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا مۇلازىمىتېر ئۆيلىرى بولغان، مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرگەن، بىرەر بازارغا يۈزلەندۈرگەن ئۆنۈملۈك مەھسۇلاتى بار، ئىنتېرنېت بىلەن ئوينىغانغا چۇشلۇق يۇقىرى مائاشقا ئىگە نەچچە يۈز خىزمەتچىسى بار تور شىركەتلىرى بىزدە كۆرۈلمىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا Google ھەر كۈنى 600 يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەمما بىزدە بىرلا ئادەم بىر كېچىدە بىر قانچە تور بېكەت قۇرالايدۇ.
زادى قانداق مەسلە مەۋجۇت:
مەبلەغ سالماسلىق:
پالانى خەلقئارا ئۇنۋېرسال تور بېكىتى - نامىدىكى بېكەتلەرمۇ، 1 يۈەن خەجلەپ بىر تال تور نامى سېتىۋالغاندىن باشقا چوڭراق مەبلەغ سالمىغان، بېكارغا كەلگەن نەرسىگە ئىگىسىنىڭمۇ ئىچى ئاغىرمايدۇ. شۇڭا ئۇ بارلىق ۋاستىلەر بىلەن تور بېكەت كىرىمىنىلا ئويلىشىدۇ. تور بېكەت تېز ئارىدا ۋەيران بولسىمۇ، چوڭ زىيان بولمايدۇ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا 5 تور نامىنى كۆرسەتتى، ۋە ئۆزىنىڭ بۇ بەش تور نامى ئاستىغا بەش دانە تور بېكەتنى تەييارلاۋاتقانلىقى، بىر ئاي ئىچىدە پۈتتۈرۈپ ھەممىنى بىراقلا ئاچىدىغانلىقى، مېنىڭ مەسلىھەت بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ.... مەن 97 - يىلى ئىنتېرنېتنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان. ئۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇقىم مېڭىپ توختاپ قالماي كېلىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى ئۇقمايمەن. ئەمما ھەممە تور بېكەت ھەر يىلى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى كەلگەنلىكى مانچە يىللىقىنى تەبرىكلەپ يوغان لوزۇنكىلارنى ئېسىپ تەبرىكلىشىدىكەن.
باشقىلارنى دوراش:
سوپۇن ياسىسا سوپۇن، تالقان ياسىىسا تالقان، ئىچىملىك ياسىسا ئىچىملىك ياساپ بەسلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانلىرىدەك.... بۈگۈن قىزىل كالا، ئەتە قىزىل بۇقا، ئۆگۈن قىزىل تۆگە، ئىندىن قىزىل بۇغا، ئەمدى قىزىل تۇلپار چىققاندەك، ئامراق كىنو كۇلۇبى، دۇمباق كىنو كۇلۇبى، دومساق كىنو كۇلۇبى دەپ.... ئىنتېرنېت دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ... ئاغزىمنى ئېچىپلا قالىمەن بەزىدە. ئىلگىرى Siemens ماركىلىق يانفونلار يامان مودا ئىدى، نوكىيا ۋە موتورولانىڭ يەر شارى بازىرىنى تارتىۋېلىشى بىلەن، ئۇلار زاۋۇت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتتى بولغاي توڭلاتقۇ، كىرالغۇ دىگەندەكلەرنى ياسايدىغان ساھەگە يۈرۈش قىلدى. مېنىڭچە ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىڭ، ھەمكارلاشقىلى بولمىسا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق قىلىڭ، ئاشۇرپراق قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىسا، باشقا ئىش قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەممە ئادەم زاۋۇتقا كىرىۋالسا يەرلەرنى كىم تېرىيدۇ؟ .... دىگەندەك.
مۇنبەرلەردە MSN ئۇيغۇرچە قوللايدىكەنيەي، GoogleTalk ئۇيغۇرچە قوللىدىيەي دىگەندەك پاراڭلارنى قىلىپ قويىۋېدۇق، كۆزنەك مۇڭداشقۇ، كوت-كوت مۇڭداشقۇ، بىزنىڭ مۇڭداشقۇ، سىزنىڭ مۇڭداشقۇ، بارخان مۇڭداشقۇ دىگەندەك ئۇيغۇرچىنى ئالامەت قوللايدىغان، ھەممىسى تۇنجى .... ئۇيغۇرچە IM لار ئارقا-ئارقىدىن ياساپ چىقىلدى. MSN نىڭ بۇ كۈنگە تەرەققىي قىلالىشىغا 15 يىل كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئالامەت ئىلغار ئۇيغۇرچە IM لار بىر كېچىدىلا ياسىلىپ، MSN دىن ئېشىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ! ... ھالا بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ توپا-چاڭلىرى تېزلا بېسىقىپ قالدى، ئۇلاردىن شەپىمۇ يوق، ئۇرانمۇ يوق، ئەسەرمۇ يوق! غايىپ بولغان جىندەك !
ئۇنۋېرسال مۇنبەرچىلىك:
ھەممە چوڭ تور بېكەتنىڭ بىردىن مۇنبىرى باركەن، ھەممە مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يىگىرمە ئوتتۇز سەھىپىسى باركەن، ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرگەندە بارلىق مۇنبەرلەرنىڭ سەھىپىلىرى ئاساسەن ئوخشاش، IT بىلىملىرى، ئەدەبىيات، مۇھەببەت، تارىخ، ھىكايە شېئىرلار، گۈزەل - سەنئەت، پروگرامما لايھەلەش... دىگەندەك.
مۇشۇنداق قۇرىۋالسا ھەممە ئادەم شۇ مۇنبەرگە كىرىدىغاندەك، مەخسۇس بىر خىل مەزمۇندا قۇرسا باشقا ئادەم كىرمەيدىغاندەك. ئەلۋەتتە پولو يەيدىغان ئادەم كاۋاپخانىغا كىرمەيدۇ-دە !
مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىزدە ئوقۇتقۇچىلار كېچىچە ئۇخلىماي دىگۈدەك دەرس تەييارلايدۇ، بىر ئوقۇتقۇچى تەييارلىغان دەرسنى يەنە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ تەييارلايدۇ، بىرسى ماڭغان يولنى يەنە بىرسى ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بىلەن قايتا ماڭىدۇ. ئۇلار پايدىلىنىشقا تىگىشىلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىدىغان بىر مۇنبەر بولسا نىمە دىگەن گۈزەل!
مەخسۇس يانفون رېمونتچىلىرى مۇنبىرى بولسا بولىدىغۇ؟!
بىز نوكىياغا ئۇيغۇرچە خەت قاچىلاش، سېستىما قاچىلاش دىگەندەك تېمىلارنى يازدۇق ۋە كۆردۇق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يانفوندا كۆرۈلگەن بارلىق مەسلىلەرنى ئورتاقلىشىپ، ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ھەل قىلىدىغان، بىر ئادەم تارتقان جاپانى يەنە بىر ئادەم تارتماي تۇرۇپلا نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدىغان سورۇن بولسا نە گۈزەل !
ۋە باشقا مەخسۇس مۇنبەرلەر ......
يېقىندا تېخى مۇنداق بىر ئىش پەيدا بوپتۇ، قايسىلا ناخشىنى ئاڭلىسىڭىز دابليۇ دابىليۇ دابىليۇ غاراڭغۇرۇڭ كوم دەيدىغان سەت بىر ئاۋاز قىستۇرۇقلۇق. بارلىق ناخشا بېكەتلىرى ئۆز تور بېتىگە چىقارغان ناخشىلارغا مۇشۇ گەپلەرنى قىستۇرىۋالىدىكەن. خۇددى بۇ ناخشا ئۇلارنىڭدەك... ھې ھې ھې !
گەپنىڭ نەق يېرىگە كەلسەك، تور بېكەت ئەخلەت بولغاچقا ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارمۇ ئەخلەت، تور بېكەتنىڭ قىممىتى تۆۋەن بولغاچقا ئۇنىڭغا چىققان ئادەملەرنىڭمۇ ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭدا كۆرۈنگەن ئېلانلارنىڭمۇ باھاسى تۆۋەن، ئاخىرقى ھىسابتا تور بېكەتنىڭ كىرىمى يوق دىيەرلىك. ياكى Admin نىڭ جېنىنى ئاران باقالايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تورغا بولغان قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى.... ھازىر دېھقانلارمۇ QQ ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن تورخانا دىگەن كىيۇكىيۇ خانا ياكى كىنوخانا، ئىنتېرنېت دىگەن QQ شۇ ! ، QQ دىگەن قىز بالا قوشۇپ، ياكى ئوغۇل بالا قوشۇپ پاراڭلىشىدىغان، ئېپى كەلگەندە تونۇشۇپ قالىدىغان ئوقەت!


تەكلىماكان !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-26 10:30 PM  


تىمنى ئۆچۈرسەڭمۇ سەۋەبىنى دەپ ئۆچۈرشە ۋاي ...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10410
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 09:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىەزى خىلى داڭلىق مۇنبەرلەرمۇ   يان تەرەپكە  يىرىم يالىڭاچ  خوتۇنالرنىڭ رەسىمىنى  چىقىرىپ قويۇپتۇ
  بەزىدە   ساغلاملىق  مەھسۇلاتلىرىنىڭ  ئوچۇقلا ئىلانلىرى تۇرىدۇ  

شاھزاد

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 09:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ياقتۇردۇم.....
باشلانغۇچتا ئوقۇغان چاغلىرىمدا ئۈنئالغۇ لېنتىسى مودا ئىدى ،
تولۇقسىزغا چىقسام كىنو ئىشلەش مودا بولغان....
تولۇققا چىقسام شېركەت قۇرۇش.... ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا... توربەت قۇرۇش....
كېيىن نېمە مودا بولاركىن تاڭ...

خۇددى ھۈررەم كىنوسىنى جىق ئادەم كۆرگەندىن كېيىن ھۈررەم كۆينەكلىرى ، شارپىلىرى
ھە راست سوپۇنلىرىمۇ بار تېخى....

باشقىلار بىر ئىسىمنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتەلەيدۇ. ئەمما بىزلار بىر مەھسۇلاتقا30 ئىسىم قويۇپ300خىل ئېلان بىلەن ساتىمىز....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 09:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىغىپ ئېيىتقاندا بىزلەردە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىش تۇيغۇسى يوق دىمەكچىغۇ سىز.  
دىمىسىمۇ نۇرغۇن مۇڭداشقۇلار چىقتى، كاككۇك،بۇلبۇل، يەنە بىرنىمە ئىشقىلىپ، نۇرغۇن ئىزدەش تورلىرى چىقتى، ھازىر شۇلاردىن قايسى بار؟  يوللار، ئىزدە، ئىزدەش مۇشۇ 3لا قالدى، يەنە كىلىپ بۇلارمۇ ئېلاننى تازا قىلغان بىلەن، مۇشۇ ئىزدەش تورلىرىغا كىرىپ كۆۋرۈك دىگەن كىنونى ئىزدەپ بېقىڭ قېنى، تاپالمايدۇ.  مۇڭداشقۇلارمۇ يوقىدى، ھازىر ھەممە ئادەم تەرجىمانلىققا قەدەم باستى ئەمدى. باشقلارنىڭ ياسىغىنىنى تەرجىمە قىلىدىغان.  
ئەسلى ئۆزىدە مۇقىم بىر ئىددىيەنى تەييارلاپ، مەيلى زىيان چىقسۇن، مەيلى پايدا چىقسۇن تەۋرەنمەي ماڭغان بولسا نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى، نۇرغۇن ئۇيغۇرچە دىتاللار تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىگىلىرىمۇ بايلاردىن بولۇپ كىتەتتى.
قېنى داۋاملىشىپ باقسۇن، قاچان توختايدىكىن

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 09:27:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توربەت  ئىشىغا كەلسەك ، بىزدە  ھەمكارلىق ،  قوللاش   ئاز

كىتابخۇمار

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96203
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 09:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىياسەت ئامىلىمۇ بار

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 11:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ پوسكاللىسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى مەزمۇنلانىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستا

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 11:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلان بولمىسا تور بەتكە كىرىم نەدىن كىلدۇ

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96540
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 918
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 11:54:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورلىشىش ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۇندە بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىپسىز ، دېمىسىمۇ  نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەردە تايىنى يوق ئۇچۇرلار كۆپ بولۇپ، ئادەمنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلىدۇ، تور باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئۇسۇلى قاتارلىقلار ياخشىلانسا، ئامال بار جانلىق ئۇچۇرلار بېرىلىپ،پايدىسىز قۇرۇق ئۇچۇرلار يوللانمىسا،ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولاتتى ...

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-27 12:15:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى تەپسىلى، ئورۇنلۇق پىكىر قىپسىز. تور بىلىملىرىگە خېلى پىششىقكەنسىز ھە.

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش