بۇ ماقالىنى رامسار ئەرەنچەكىيملىرى ئالاھىدە تەۋسيە قىلغان.
ئىشخانىڭىزنىڭ مۇھېتىنى ھەم ئەدەپلىك، ھەم تەرتىپلىك قېلىشىڭزغا كېچىككىنە مەسلىھەت:
خىزمەت ئىپادىسى ۋە باشقا تەرەپلەردىكىمەسىلىلەرنى يەڭ ئىچىدە ھەل قېلىش.
باشقىلارنى كەينىدىن تەنقىد قىلماڭ. ھەرگىز سىز پەخىرلىنىپتىلغا ئالمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە گەپ قىلماڭ، ياكى يازماڭ.
خىزمەتداشلار يىنىڭزدا بار بولغان ئەھۋالدا،/5 10 لىك قائىدىگە ئەمەل قېلىڭ: تەخمىنەن 3 مېتىر دائىرىدىكى خىزمەتداشلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈڭ، 1.5 مېتىر دائىرە ئېچىدىكى خىزمەتداشلاردىن ئەھۋال سوراڭ.
خىزمەتچىلەرنىڭ تۆھپىسىنى چوقۇم قېلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىماڭ؛ ئالاھىدە ، مەخسۇس تىلغا ئېلىپ رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشقان خىزمەتلەردە، كۈچ تالىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ؛ چۈنكى خىزمەتنى چىرايلىق پۈتتۈرۈپ شەرەپكە نائىل بولغاندا ئۇلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنشىڭز كىرەك.
ھەرگىز باشقىلارنىڭگىپىنى بۆلۈۋەتمەڭ، ۋەياكى گىپىگە قوشۇق سالماڭ (گەرچە بىرەر كۆزقاراشنىئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قارار قېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ) ؛ ئەكسىچە ئىغىز ئېچىشتىن بۇرۇن سەۋرچان بولۇڭ، باش- ئاخىرىنى تولۇق ئاڭلاڭ.
سىزخاتالىق يۈز بەرگەندە بىر قېسىم مەسئۇلىيەتنىئۈستىڭىزگە ئىلىش توغرا كەلگەندىمۇ باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭ، ئەكسىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ- بولۇپمۇ سىز رەھبەر بولغان ۋاقتىڭىزدا.
زىددىيەتلەرنى، چوڭ تۆھپە ۋە باشقا ھىسىسي مەسىللەرنى ھەل قېلغان ۋاقىتتا، ئىلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمسى يوللاشنڭ ئورنىغا يۈز تۇرانە سۆزلىشىڭ.
باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، دىققىتىڭىزنى يىغىپ، تولۇق ئاڭلاڭ؛ خىيالىڭز باشقا يەرلەرگە كەتمىسۇن، ئۇششاق- چۈششەك نەرسە ئويناپ ئولتۇرماڭ.
نەپسىڭزنى بېسىپ، كەسپىي بولمىغان يوللانمىلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر يوللانما خىزمەت مۇھىتىغا ماس كەلمىسە، بۇ ئىشنى تىلغا ئالماڭ، ھەم يوللىماڭ.
--- كىرىستىنا پوراز (Christine Porath)،
مەكدوناو ئۇنۋرسېتىتى (McDonough School of Business) تىجارەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن پروففىسورى، مەخسۇس «ئەدەپسىزلىكنىڭ تەسىرى» ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى:نۇرئىمانگۇل ئابدۇرەشد
تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن
مەنبەسى:ئامېرىكا ۋول كوچىسى تورى
رامسار كىيملىرى ئادېرسى:ئۇرۇمچى خەلقئارا بازار ۋە دۆڭكۆۋرۈك تۈركىيەتىجارەت مەركىزى 3-قەۋەت 0991-2850077
تور ئادېرسى:www.ozturk.cn/bbs