بۇ ماقالىنى تۈركىيە رامسار ئەرەنچەكىيملىرى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان.
30نەچچە يىلدىن بۇيانقى جوڭگۇئىقتىسادىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆرلىشى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كەلدى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر يەنەشەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مۆجىزلىرىنى كۆپتۈرۈشكە باشلىدى، نۇرغۇنلىغان جوڭگۇلۇقلارنىڭ خىزمەتنى ھايات نىشانى قېلىۋىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. سابىق گوگۇل باش لىدىرى، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغۇچى لى كەيفۇيېقىندا ئۆزىنىڭ يۇلۇن ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، كىسەللىكنىڭ ئۇزۇنمۇددەت خىزمەت قېلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ جوڭگۇدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا يۆتكىدى.
خىزمىتىڭىز قانچىلىك خىرىسقا تولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەربۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن. مورگىن سىتەنلىي) Morgan Stanley ( ئاسىيارايونىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى سۈنۋىي خەلىقئارالىق مەبلەغ سىلىش تۈرىدە ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان چوڭ قۇرۇقلۇقلۇق بانكىرھىسابلىنىدۇ. مۇۋەپىقىيەت قازانغان بۇ ئايال ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى. ئۇ ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىش، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى تەڭ قېلىش بەك مۇھىم دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، ئۇ ماشىنىدا يىغىن ئاچالايدۇ، ماتىرىيال كۆرەلەيدۇ،ئويلىنىدۇ ھەتتا چېچىنى بۈدرە قىلالايدۇ. ئۇ بىيجېڭدىن شاڭخەيگە قاتنايدىغانيۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا تىلفۇن زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم بىرلا ۋاقىتتابىر قانچە ئىشنى تەڭ بىجىرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ،بولمىسا ئۇخلايدىغانغىمۇ ۋاقتىڭىز چىقماي قالىدۇ، دەيدۇ.
سۈن ۋىينىڭ يولدىشى جون بولسا ۋول سېتىرت كوچىسىدىكى سىكەددىن ئادوۋكاتلىق ئورنىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، ئۇمۇبەك ئالدىراش. ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئۆگىنىۋالغان بىر ئىشى بولسا، خىزمەتتە ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ئويلىماسلىق، ئائىلىدە خىزمەتنى ئويلىماسلىق. بۇ ئۆيدە ئىلىكرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزنىمۇ ئاچماڭ دىگەنلىك ئەمەس، ئۇنداق قېلمىسىڭىز مەڭگۈ ئىشتىن چۈشەلمەيسىز. مۇھىمى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى كۆڭلىڭزدىكىئوخشىمىغان «قۇتا»نىڭ ئىچىگە سىلىش، خىزمەتتىكى ناچار كەيپىيات، بېسىملارنى ئۆيگەئېلىپ كەلمەسلىك. سۈنۋىي نىڭ دېيىشىچە، ئۇناھايىتى ئاسانلا خىزمەتكە باش چۆكۈرۈپ كېرىپ كېتەلەيدىكەن، ئەمما مۇھىم بولغىنىئۆيگە قايتقاندا خىزمەتنى «ئېتىۋىتەلەيدىكەن».
خىزمەت بىلەن ئائىلىنىڭ تەڭپۇڭلىىنى ساقلاش راستىنلا بەك تەس.2010- يىلى مورگىن سىتەنلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازار سودىسى- جوڭگۇيىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ تۇنجى ئىچىلىش مۇراسىمى پايچىكى ( IpO) دىكى سودىگەر ئورنىنى قولغاكەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، يولدىشى بىلەن ئوغلى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇكۈنلەردە جوڭگۇدىكى بىرىنچى قول بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈندۈزلىرى سودىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىگەن بولسا، كەچلىرى دوختۇرخانىدا كىسەل باققان. سۈنۋېي: خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىنتايىن كۈچلۈك ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ، دەيدۇ. مورگىن سىتەنلى ئاخىرىيىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولدى، سۈنۋېينىڭ ئوغلى بىلەن يولدىشىمۇ دوختۇرخانىدىن ساق- سالامەت قايتىپ چېقتى.
دىيۇتىسچى بانكىسى (Deutsche Bank)باش لىدىرىچىيەن جىڭنىڭ ئېيىشىچە، ئۇ شىركەتتە ئىلاجى بار خىزمەتلەرنى قول ئاستىدىكىلەرگە بۆلۈپ بىرىش، ئۆيدە ئىشلارنى ئىلاجى بار يولدىشىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، توختىماي كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئۆزىگە، ئۆزىگىلا خاس ۋاقىتىنى ئۇتۇۋالالايدىكەن. مەسىلەن، ھەپتە ئاخىرى يۈزىنى ئاسراش دىگەندەك.ئۇنىڭ يولدىشى شۋىتسىيە بانكىسىدا تىخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىدۇ،ئادەتتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
گەرچە خوجايىنلار يالغۇز ئۆزىلا ھىرىپ- ھالىدىن كېتىشنى خالىمىسىمۇ، لىكىن قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن چارچاپ كېتىشىنڭ ئالدىنى ئىلىشىكىرەك. چىيەن جىڭ مۇنداق دەيدۇ: ھەر قىتىم «غەزەپلىنىش يوللانمىسى» يوللاشتىن بۇرۇن ئىككى مىنىۇت توختىۋالىمەن. ئۆزۈمنى بىسىۋالغاندىن كىيىن، ئادەتتە بۇيوللانما ياكى چېقىرىۋىتىلىدۇ ياكى قوللىنىلغان سۆزلەر ئۆزگەرتىلىدۇ. سۈن ۋېي بولسا، ئىلاجى بار يىرىم كېچىدە خىزمەتداشلارغا تېلىفۇن ئۇرماسلىق ۋەيا پوچتا يوللانما يوللىماسلىق كىرەك، بولمىساخىزمەتداشلار جىددىي قايتۇرۇشۇم كىرەك دىگەن بىسىمغا ئۇچرىشى مۈمكىن، دەيدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى:نۇرئىمانگۇل ئابدۇرەشد
تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن
مەنبەسى:ئامېرىكا ۋول كوچىسى تورى
رامسار كىيملىرى ئادېرسى:ئۇرۇمچى خەلقئارا بازار ۋە دۆڭكۆۋرۈك تۈركىيە تىجارەت مەركىزى 3-قەۋەت 0991-2850077
تور ئادېرسى:www.ozturk.cn/bbs
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibirlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-25 11:58 AM