مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16667|ئىنكاس: 70

ئاتۇشتىكى بايلىرىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98080
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-9-22
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 01:28:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتۇش يىپەك يولىغا جايلاشقان بىر ئۆتەڭ بولغاچ بۇ دىياردا ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمىز قەدىمدىنلاسودا- سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئاتۇش سودىگەرلىرى يۇرتىمىزنىڭ جەنۇپ-شىماللىرىغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، روسىيە، ياۋروپالارغىچە قەدەر كېزىپ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى ئۇندىن قالسا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل –پاراسىتى، چىۋەر-زېرەكلىكى، چەپدەس-چاققانلىقىغا تايىنىپ ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ بۇ ساھەدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاتۇش سودىگەرلىرىنىڭ يۇرت كېزىپ سودا قىلىش ئەنئەسىنىڭ ئىزنالىرىنى ئاتۇش خەلىق ناخشىللىرىدىنمۇ ئۇچرىتالايمىز. ئىلىغا چىقىپ كەتتى يول بىلمەيدىغان باللا- سودىسىنى قىلالامۇ چالا سودىگەر باللا دىگەن مىسرالارنى سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىشىم مۇمكىن، لىكىن بۇ تىما بۇ نۇقتىغا چېتىلمىغاچقا بۇنۇقتىنى مەدەنىيەت تارىخچىللىرىمىزغا قالدۇرىمەن.

خوش ! مېنىڭ توختالماقچى بولغۇنۇم زامانىمىزدىكى ئاتۇش بايلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزلەر، شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى بۇ تىما تەتقىقات ماقالىسى ئەمەس ياكى ئىلمى ئوبزورمۇ ئەمەس پەقەت ھېسسى يازمىدۇر، شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەرەپنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. مەن ئۆزۈم ئاتۇشلۇق شۇڭلاشقا نەچچە يىل جەريانىدا ئاتۇشتا ياشاپ ئاتۇشتىكى بايلىرىمىز توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى، ئاڭلىغان بىلگەنلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنداق دېگىنىم ھېسياتقا بېرىلىپ سۆزلەيمەن دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە ھېس-قىلغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھېسيات بىلەن يۇغرىلغان ھەقىقى ئەھۋالنى بايان قىلماقچىمەن.

ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئاتۇش جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن ئۈستۈن ئاتۇش، ئاستىن ئاتۇش دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

ئۈستۈن ئاتۇش پەقەت بىرلا يېزا ، بولغانلىقتىن ئۇيەردە ئاساسەن ئىشچى –خزمەتچىلەر، زىيالىلار، ھۇنەرۋەنلەر، دېھقانلاركۆپرەك بولۇپ تىجارەتچىلەرنىڭ نىسبىتى ئاستىن ئاتۇشقا قارىغاندا ئازراق.
ئاستىن ئاتۇشتا بولسا تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى كۆپرەك بولغان يېزىلاردىن سۇنتاغ يېزىسى ۋە ئازاق يېزىسى بار، ئاتۇشتىكى ئاساسەن مەشھۇر، داڭقى چىققان چوڭ بايلار مۇشۇ ئىككى يېزىغا مەركەزلەشكەن. ئاستىن ئاتۇشتىكى ئارغۇ، كاتتايايلاق دېگەندەك باشقا يېزىلاردا تىجارەتچىلەرگە قارىغاندا دېھقانلاركۆپ، چۈنكى سۇنتاغ يېزىسى ۋە ئازاق يېزىسىدىن باشقا يېزىلاردا تېرىلغۇ يەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر يەر تېرىپ دېھقانچىلىق قىلسىمۇ ئائىلىسىنى نورمال تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلالايدۇ، لېكىن سۇنتاغ يېزىسى بىلەن ئازاق يېزىسىدا تېرىلغۇ يەركۆلىمى ئازبولۇپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر يەر تېرىپ دېھقانچىلىق قىلسا ئائىلىسىنى (چوڭراق ئائىلە بولۇپ قالسا) ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئاران ئېرىشتۈرەلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى يېزا كىشىللىرىدىن تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىغا ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى نورمال سەۋىيەدە قامدىيالماسلىقى سەۋەپ بولغان. مەن بۇ تىمامدا  مۇشۇ ئىككى يېزىدىن چىققان بايلارنى كۆزدە تۇتىمەن چۈنكى باشقا يېزىلاردىن چىققان بايلار ئۇلار قاتارلىق پۇلدارلار ئەمەس ۋە ئاتۇشتىكى مۇشۇ ئىككى يېزىدىن چىققان بايلارغا نىسبەتەن ئۇلارناھايتى ئازپىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ.

ئاتۇش بايلىرىنىڭ خاراكتىرلىرى

ئاتۇش ‏ يېقىنقى زامان تارىخىدا نۇرغۇن، دىندار، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھەق سۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر سېخى بايلار ئۆتكەن بولۇپ ئەنە شۇلار جۈملىسدىن ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن، لېكىن ئەپسۇسكى ھازىرقى زامان ئاتۇش تارىخىدا ئاكا ئۇكا مۇسابايوفلاردەك ئۈلگىلەرنى كەمدىن كەم ئۇچرىتىمىز بەلكى ئۇچراتماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. دېمەك ھازىرقى زامان ئاتۇش بايلىرى تارىخىمىزدكى بايلارنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەئئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالمىدى.
بىلشىمچه ھازىرقى ئاتۇش بايلىرى ئاساسەن، يۇرتىمزىنىڭ ھەرقايسى شەھەر-ناھىللىرىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، ئوتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، روسىيە دە ۋە بىرقىسىم ئوتۇر-شەرىق ئەللىرىدە تىجارەت قىلىدۇ. ئاتۇشتا بايلارنى ئاساسەن تىجارەتچىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە دېھقانلاردىن باي بولغانلار يوق دېيەرلىك.
‏ھازىرقى ئاتۇشلۇق بايلاردىن شىنجاڭدىكى چوڭ ئۇيغۇر بايلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىرى خېلى كۆپ بولۇپ مىسالغا ئالدىغان بولساق : رايونىمىزدىن ھالقىپ ئوتۇرا ئاسىيادىمۇ كۆزگە كۆرنەرلىك دەرجىدە پۇل تېپىۋاتقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر پىشخىش زاۋۇتىنىڭ خوجايىنلىرى، ئىخلاس شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرى، مىراج شىركىتىنىڭ خوجاينلىرى، ئۈرۈمچى چەۋەندازلار سارىيىنىڭ خوجاينلىرى، غەربى دىيار سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجاينلىرى، بۇغرا ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجاينلىرى، كۈمۈش قىرغاق سارىيىنىڭ خوجايىنلىرى، پارلاق شىركىتىنىڭ خوجاينلىرى، ئاياس شىركىتىنىڭ خوجاينلىرى (يەنە خېلى كۆپ ئىسمىنى ئاتىمىغان مەلۇم شىركەتلەرنىڭ خوجاينلىرى) بار، بۇ بايلارنىڭ ئىچىدە ھىلىگەر بايلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەردە بۇلارنىڭ ھىلىگەرلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

1- بۇلار خەلق ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن ئۆزمەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلنىپ خەلىققە ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرستىدۇ. مەسىلەن :بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ خەلىقنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتى بارزىيالى، موللا يېقىنلىرى بار بەزىللىرىنىڭ بىۋاستە موللا تۇققانلىرىمۇ ھەتتا ئۆزلىرى زىيالى، موللاملىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا بۇلار موللا-زىيالىلار بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى شۇنداق ياخشى ئادەملەر، دىنغا مىللەتكە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر قاتارىدا كۆرسىتىشكە تىرشىدۇ. چۈنكى ئاددى ئادەملەرئىچىدە  موللا، زىيالىلار بىلەن ئارلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر دەپ ئويلايدىغانلىرى بار.

2- بۇلارساۋاپلىق، خەلق ياخشى كۆرىدىغان، تىللاردا داستان بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا بىر –بىرى بىلەن شۇنداق بەسلىشىدىيۇ بىراق ساۋاپلىق، خەلق ياخشى كۆرىدىغان، لېكىن تىللاردا داستان بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنچىۋالا بەسلەشمەيدۇ. مەسىلەن : يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان بايلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم ئىككىسى ئاتۇشتىكى چوڭ مەسچىتنى يېڭىلاپ سېلىش ئىشىدا شۇ قەدەر بەسلەشتىكى تاس قالدى داڭقى پۈتۈن ئاتۇشقا پۇر كەتكىلى، ئۇلاربۇنداق تالاشماي بىرى مەسچىت سالسا يەنە بىرى باشقا ئىش قىلسا بولىدۇ ۋە ياكى  بۇلار ئۈنتىنسىز ھالدا بىر بالىنى دىنى مەكتەپتە بولسۇن ياكى پەننى مەكتەپتە بولسۇن خراجىتىنى كۆتۈرۈپ ئاخىرغىچە ئوقۇتۇپ قويۇشتا بەسلەشسە بولىدۇ.

3- بۇلارئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئوننىڭ بىرىنى قىلىپ قويۇپ خەلىققە ھەممىسىنى قىلۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. مەسىلەن : بىر يېتىم بالىغا ياكى بىر تۇل خوتۇنغا ياكى بىر نامراتقا ئازراق ياردەم قىلىپ قويۇپ خۇددى بارلىق ياخشى ئىشلارنى  مۇشۇلارلا قىلۋاتقاندەك سىياققا كىرىۋالىدۇ، زاكاتنى تولۇق بەرمەي خۇددى تولۇق بېرىۋەتكەندەك بولىۋالىدۇ. نامازنى بىر قېتىم جامائەت بىلەن ئۆتەپ قويۇپ خۇددى ھەر قېتىم جامائەت بىلەن بىرگىدەك بولىۋالىدۇ.

4-بۇلار قۇمنى تاغ كۆرسىتىپ جەمىيەت –ۋەزىيەت ئۆزىگە بەرگەن ئىمكانيەتنىڭ خەيىرلىك ئىشلارنى تەلەپتىكىدەك قىلىشقا يار بەرمەيدىغانلىقنى ئۆزىنىڭ بېخللقىغا بانا قىلىۋالىدۇ(بۇنىڭغا ئەمىلى مىسال ئالمىساممۇ بۇ تەرىپى ھەممىزگە ئايان)

5- بۇلار قارىماققا ئىسراپچىلىققا ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان سىياقتا كۆرنۈۋېلىپ ئۆزى ئىسراپچىلىق قىلىدۇ. مەسىلەن : ئاتۇشتا مەلۇم ئىككى باي قۇدىلاشقان بولۇپ ئوغۇل تەرەپلام بىر مىليون چىقىم بىلەن توينى تۈگەتكەن قىز تەرەپ قانچىلىك چىقىم قىلدى بۇنىسى نامەلۇم. مىڭلارچە ئەپۇسكى بۇ ئىككىلى باينىڭ يېقىن ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئچىدە ئوقۇغان موللاملار بار بولۇپ ئۇلار باشقىلار ئىسراپچىلىق قىلسا بەك قارشىيۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ئىسراپچىلقىغا كۆز يۇمىۋالىغان. مەلۇم باي داموللام شۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىپ بىر تۇرالغۇ سالغان بولۇپ مەلۇم دۆلەتنىڭ مىنىستىرىنىڭمۇ ئۇنداق تۇرالغىسى يوق. ئەمىلىيەتتە بولسا بۇ باي داموللام ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىمىز دەپ جار سېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرسى.

6- بۇلار قارىماققا پۇلىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھالالدىن كېلىۋاتقاندەك كۆرسىتىدۇ ئەمىلىيەتتە بولسا بۇلار ھالالدىن پۇل تېپىۋاتامدۇ ياكى ھارامدىن پۇل تېپىۋاتامدۇ ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن :مەلۇم بىر خوجايىن ئاق سېتىپ  تورغا چۈشۈپ قالغان ئۇ خوجايىننى ئەمىلىيەتتە ھېچكىم ئۇنداق ھارامدىن پۇل تاپىدۇ دىمەيدۇ، يەنە مەلۇم خوجايىن جازانە پۇلنى بىمالال ئىشلىتىپ قارماققا ئۆزى جازانىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەردەك سىياققا كىرىۋالغان.

7- بۇلارموللىلارغا، زىيالىلارغا ئىقتىسات كەتمەيدىغان ئىشلاردا شۇنداق ئىخلاسمەن مۇخلىستەك بولىۋالىدۇ، ئىقتىسادى ئىشلاردا بۇنىڭ ئەكسى، مەسىلەن :بۇلار موللىلارغا شۇنداق بىر خىل ئىخلاسمەنلەركى ئەگەر ئۇ موللام نامرات بولغان بولسا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم قىلمايدۇ، ياكى موللامنىڭ بىر ئىلمى ئىشلىرى بولۇپ ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا مەبلىغى يېتىشمىسە ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. ئۇنداق ئەھۋاللاردا ئىخلاسمەنلىكلىرى ئاللا قانداق يەرلەرگە ئۇچۇپ كېتىدۇ.

مانا بۇخىل خاراكتىردىكى  بايلار كىشىلەردىن ئەسلى ماھىيەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ باشقىچە بىر ئېسىل كىشى سۈپىتىدە ئوتىرغا چىقىپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرماقتا. بۇلار بەك مەككار، ھېلىگەر بولۇپ بۇ خلدىكى بايلارنىڭ خەلىققە زىيىنى چوڭ بولماقتا.

ئىككىنجى بىر خىل خاراكتىردىكى بايلار بولۇپ، بۇلار باشتىكى خاراكتىردىكى ھلىگەر بايلارغا قارىغاندا ساددىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇتەكەببىرلىكلىرىنى، بېخللىقلىرىنى، ئىسراپچىلىقلىرىنى يوشۇرۇپ باشقا بىر سېخى بايدەك سىياقتا كۆرۈنۈپ يۈرمەي، ئوچۇق ئاشكارىلا چوڭچۇلۇق، مۇتەكەببىرلىك قىلىۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرى دىنى پەرمانلار، مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرگە رىئايە قىلىشقا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇلارنىڭ باللىرى –ئاياللىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ شۇ قەدەر چوڭچى ئىكەنكى كىشىگە خۇددى دۇنيانىڭ بايلىقلىرىنى مۇشۇلارلام يىغۋالغاندەك تۇيغا بېرىپ قۇيىدۇ، لېكىن بۇ بايلارنىڭ سىرىتقى كۆرنىشىدىنلا ئادەملەر ئۇلارنىڭ قانداق بايلار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغاچقا بۇلار  خەلقنى قايمۇقتۇرالمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ خەلىققە بولغان زىينى باشتىكى  بايلارنىڭكىدىن ئازراق بولىدۇ.

يەنە ئاز بىر قىسىم  دىندار، خەلىقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، دىنى، مىللى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان، پۇل –مال دۇنياسىنى ياخشلىق يوللىرىغا ئىشلىتىدىغان سېخى بايلار بولۇپ، بۇلارئاتۇشتىكى بايلارنىڭ  ناھايتى ئاز قىسمىنى ئېگەللەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى يوقنىڭ ھېسابىغا چىقىرىپ بۇلار توغرىسىدا توختالمايمەن، بۇلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.


ئاتۇش بايلىرى نىمە  قىلىۋاتىدۇ؟


ئاتۇش مەملىكىتىمىزدىكى نامرات رايونلار قاتارىغا كىرىدۇ، بۇيەردىكى نامرات دېھقانلار مەركەزدىن كېلىدىغان نامراتلار ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش تۈگۈل ئۇنىڭ ھىدنىمۇ پۇرالمايدۇ بۇپۇللار ئاساسەن پارخور ئەمەلدارلارنىڭ، قارنى تويماس پەسكەش بايلارنىڭ قولىغا چۈشۈش بىلەن بىرگە ئېشىپ قالغان پارچە پۇراتلىرى باي دېھقانلار بىلەنلا تۈگەيدۇ. بىچارە نامرات دېھقانلار يەرتېراي دىسە يەردىن چىققان مەھسۇلات يەرگە كەتكەن چىقىمنى كۆتۈرەلمەي زىيان تارتىدۇ، تىجارەت قىلاي دېسە تىجارەت قىلغۇدەك دەسمايە يوق، باشقىلاردىن قەرىز ئالاي دېسە باشقا دېھقانلاردىمۇ ئۇنىڭغا دەسمايىگە بېرىپ تۇرىدىغان ئوشۇق پۇل يوق، بايلاردىن زاكات ئالاي دېسە بايلار ئۇلارغا زاكات بېرىش تۈگۈل قەرىزمۇ بېرىپ تۇرمايدۇ، ھەتتا بۇ بايلار سەۋەپلىك ئاتۇشلۇق نامراتلار باشقا يۇرىت كىشىللىرى تەرپىدىن ئاتۇشلۇق باي دەپ قارىلىپ قېلىپ باشقا يۇرۇتلۇق قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىدۇ، شۇنداق قىلىپ قانائەتچان دېھقانلار بىرنى ئىككى قىلالمسىمۇ ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە شۈكۈر قىلىپ ياشايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ دېھقانلار تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئۈزۈم قويۇپ، چىققان مەھسۇلاتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىققان باققال يولداشلارغا سېتىپ بېرىپ، بىرئاز تۇرمۇشىنى ئوڭشىغان بولسىمۇ، بىچارە تەلەيسىز دېھقانلار كېيىنكى يىللاردا بۇ ئۈزۈملىرىنى ساتالماي، يەنىلا بىر چاپان ئىككى بولمايدىغان نامراتلىق ھالىتىدە تىپىرلاپ يۈرمەكتە.

بايلار بولسا تۈنىگۈنلا دېھقانچىلىققا تايىنىپ جېنىنى بېقىپ بولالماي بازارغا يۈزلەنگەن نامرات دېھقانلار ئىدى. ئەمدى بولسا ئۇلارئەسلىنى ئۇنۇتتى، ھېلىمۇئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ھالىدىكىدەك قىينچىلىقتا ياشاۋاتقان بىچارە قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.

ئۇنداقتا  ئاتۇش بايلىرى نىمە  قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپلارنى بېرىشىم مۇمكىن. بۇلار خەلق ئېھتىياجلىق ئۇل مۇئەسسىسە قۇرلۇشلىرىنى قىلماي، مەسىلەن: ئانا تىل مەكتىپى دېگەندەك ئۆزلىرىنىڭ بىر بىناسى بولغان بولسا ئۇنى ئونغا يەتكۈزۈش، ئون بىناسى بولسا ئۇنى يۈزگە يەتكۈزۈش قۇرلۇشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. (ئاتۇش شەھەر ئىچىدە ھۆكۈمەت بىنالىرىدىن باشقا بېنالارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بايلارغا تەۋە بىنالار لېكىن بۇ بىنالارنىڭ ئىچىدە بىر يېتىم –يېسىرلار مەكتىۋى، ياكى بىر ئانا –تىل يەسلىسى، ياكى بىر خەيرىيەت جەمئىيتىنىڭ بىناسى يوق. ئەلۋەتتە بۇبىنالار ئىچىدە  سودا- سارايلار ئىنتايىن كۆپ. )

بۇلار ئېشىنچە پۇللىرىغا نامراتلارنى، يېتىم -يېسىرلارنى  يۆلەپ دارۇلتاملارئاچماي بىر –بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئېسىل داچىلارنى سېلىۋاتىدۇ، بۇ داچىللىرنى نامراتلارغا كۆز-كۆز قىلۋاتىدۇ. ئۇ شەھەردىن، بۇ شەھەردىن ھەتتا چەتئەللەدىن  تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ، بۇلار پۇللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرمەي زاكىتىنى بەرسىمۇ ئوندىن بىرىنى بېرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى ئىسراپچىلىق بىلەن داڭقى كەتكەن توي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ(ئەگەر بۇلار پۇللىرىنىڭ زاكىتىنى تولۇق بەرسە ئاللا بۇرۇن ئاتۇشتا زاكات ئالغۇدەك  نامراتلار تۈگەپ بۇ زاكاتلار قوشنا يۇرىتلارغا تارقىتىلاتتى). بۇلارخەلق ئېھتىياجلىق، سەمەرىدىن خەلق پايدىلنىدىغان ئىلمى ئەمگەكتىن بىرەرگە مەبلەغ سالماي، ئاددى خەلىق ئۆمرىدىمۇ كىرىشكە قۇربى يەتمەيدىغان ئېسىل رېستۇران -ئاشخانىلارغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.

بۇلار بىرقىسىم كىشىلەرنى ئۆز شىركەتلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇددى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا رىزىق بېرىۋاتقاندەك ئۇلارغا قىلغانلىرىنى مىننەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا غوجاملىق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىۋاتىدۇ.
بۇلار دوختۇرخانا سېلىپ خەلقنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا ئالى بىنالارنى سېلىپ ئۇ بىنالارنى بەزمىخانىلارغا ئىجارىگە بىرىپ، خەلقنى مەنىۋى جەھەتتىن كېسەل قىلىپ قويۇۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ خوتۇنى بىر بولسا ئىككى قىلىش، ئىككى بولسا ئۈچ قىلىش، ئۈچ بولسا تۆت قىلىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. بۇلار مەھەللىسىدكى ئوقۇش ئىمكانىيتى ھازىرلىيالمىغان نامرات ئوقۇش يېشىدىكى باللارغا ئوقۇش ئىمكانىيتى ھازىرلاپ بېرىپ ئوقۇتۇپ قويماي، ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق دىگەن بانىلار بىلەن دۇككانلىرىنى ئاچقۇزۇپ تىجارەتكە سېلىپ خىزمىتىنى قىلدۇرىۋاتىدۇ. بۇلار نامراتلارنى يۆلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇلارنى ھورۇن، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان دەپ ئەيىپلەپ ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىۋاتىدۇ ھەتتا بەزى بايلار نامراتلارنى  ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ئىشلەتمەي، تىرىشماي نامرات بولۇپ قالغان دەپ تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ، بۇلار مىليونلىرىنى مىليارت، مىليارتلىرىنى تىرلىيات قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەگەربۇلارنىڭ قازانغان ئۇتىقى بار دېيىلسە بۇلارنىڭ ئەڭ زور ئۇتىقى پۇلنى بۇلار ئەمەس پۇل بۇلارنى باشقۇرۇپ، ئاتۇش ھازىرقى زامان تارىخدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، دىنى ۋە مىللى ئەئئەنىدىن يىراقلاشقان، غەلىتە بىر ئەۋلات بايلار توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، رىۋايەتلەردىكى غەلىتە مەخلۇقلارنى ۋۇجۇتقا چىقرالىغانلىقىدا خالاس.

ئەي غاپىل بايلار! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ ؟؟؟


ئەي ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلۋاتقان ئىنسانلار!!! سىلەر  دىن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئۆزەڭلار قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئۆتىدۈڭلارمۇ ؟ ھەممە ئىشنى ئۆزەڭلارنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈنلا قىلامسىلەر ؟ئومۇمنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇ توغرىسىدا سوراپ قالسا نېمە دەپ بانا كۆرسىتەسىلەر؟بانايىڭلار تۈگەپ كەتمەسمۇ؟

ئەي ئاللاھ تائالانىڭ قۇللىرى  !سىلەر قىيامەت كۈنى قارۇن بىلەن ئەمەس ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىف قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە قوپۇشنى خالىساڭلار پۇل-مالدىن ئېبارەت ئاللاھ تائالا سىلەرگە سىناق قىلىپ بەرگەن بۇ ئامانەتنى ئۆز يولىدا ئاللاھقا قايتۇرۇڭلار. سىلەرنىڭ گۈزەل ئاياللىرىڭلار، كۆرەڭ باللىرىڭلار، مىليارت پۇللىرىڭلار، ئېسىل ئۆيلىرىڭلار، ھەشەمەتلىك ماشىناڭلار، كېيىۋالغان ئېسىل كىيىمىڭلار، سېلىۋاتقان ئېگىز بىنالىرىڭلار، ئېلىپ قويغان يەر مۈلكۈڭلارھەممىسى پانى دۇنيانىڭ سىلەرگە سىناق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىللىرى بولۇپ ئۇلار ئۇ دۇنيادا ئەسقاتمايدۇ، بۇ بىر سىناق قېنى بۇ سىناقتىن ئۆتەلەمسىلەر ؟ ياكى ئۆتەلمەي ھازىرقى ھالىڭلار بويۇنچە قېلىۋېرەمسىلەر؟ بۇ سىلەرنىڭ ئىنساپ-دىيانىتىڭلارغا باغلىق.

(ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن –كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار، ۋە ئىكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تاتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت )باردۇر. (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزقىش كېرەك)سۈرە ئال ئىمران 14- ئايەت. )

ئاخىرقى ئىككى كەلىمە  :

بۇ مېنىڭ ئىمانى –ۋىجدانى بىمار بولسىمۇ تېخى ئۆلۈپ قالمىغان بايلىرىمىزغا قىلغان خىتابلىرىم بولسا، بۇبايلارنىڭ ئىچىدىكى دىنى پەرمانلىرىمىزغا پەرۋامۇ قىلىپ كەتمەيدىغان، ھالال -ھارام قارشى ئېنىق ئەمەس، ئىمانى –ۋىجدانى ئۆلۈكلەرگە  دەيدىغىنىم: ئەي ئاتۇش بايلىرى ئېسىت ! سىلەرگە ئار، سىلەرگە نومۇس.

‏ئەسكەرتىش:بۇ تېما ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەيپىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ يېغرىنى تاتلاش مەخسىتىدە يېزىلمىدى،بەلكى ئەملىيەتنى ئاچچىغراق ھېسيات بىلەن سۆزلەپ تېمىدا ئېىيتىلۋاتقاندەك بايلارغا  ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى . باي بولۇش ئەيىپ ئەمەس لېكىن تىمىدا ئېيتىلىۋاتقاندەك باي بولۇش ئەيىپ . تېمىدا دېيىلگەندەك بايلار باشقا يۇرىتلىرىمىزدىمۇ بولىشى مۇمكىن ،شۇڭلاشقا بۇ تىمىنى دەستەك قىلىۋېلىپ   ئاتۇشلۇقلارنى ئەيىپلەپ يۇرىتۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ مەرەزنىڭ  ئۇرۇقىنى ئۇيغۇر قېرېنداشلىرىمىزنىڭ  ئارسىغا چاچماسلىقىڭلارنى سورايمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95793
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 10:07:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ، بۇ ئالتۇن دىياردىكى سودىگەرلەر ۋە ئۇلار توغۇرلۇق خېلى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپسىز ، بىزنىڭمۇ قالتىس باي تۇققانلىرىمىز بار بۇ يۇرتتا ، ئۇلارمۇ كارخانا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئوغۇل قىزلىرىمىزنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى .........
گۈللەنگىن - ئاتۇش ، گۈللەنگىن دىيارىم !

ئويلار ئىلكىدە يۈرىمەن جىمجىت ،
تەقدىر ئۈستىدە خىياللار سۈرۈپ .
ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كېلەرمۇ بىر كۈن ،
دۇنياغا قارايمەن ئۈمۈدلۈك بېقىپ .

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7133
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 10:21:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىچىم ئاچچىق بولدى. تەكاسۇرغا بېرىلىپ كېتىپ ئۆلۈمنى ئېسىدىن چىقارغان ئابرويپەرەس نەپسانىيەتچى بايلار نېمە ئۈچۈن تويمايدۇ؟! ئويلىسىلا ئادەم بىئارام بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانى بىن لادىنمۇ كاتتا باي، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ مال–دۇنياسىنى، جېنىنى جىھادقا ئاتىدى. دۇنيانىڭ زومىگىرى بولغان ئامېرىكىنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئاخىرىدا شېھىت بولغان بۇ ئادەم باشقا بايلاردەك خاتىرجەم ياشاشنى، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خالىمامدۇ؟!
بىزنىڭ بايلىرىمىزچۇ، ئۇنداق چوڭ ئىشلار قولىدىن كەلمىسىمۇ توردىشىمىز تىلغا ئالغاندەك ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىپ، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپ، نامراتلارنى يۆلەپ خەلقنىڭ دۇئاسىنى ئالسا بولمامدۇ؟!
مىڭ قاقشىغان بىلەنمۇ ئۇلار قانچىلىك ئوڭشىلىتتى... ئۆزىمىز قاقشاپ قالىمىز شۇ، ئۇ غوجاملار بىر مىليونلۇق توينى ئويناپ، 10 مىليونلۇق داچىسىدا ئەيش–ئىشرەتنى قىلىۋېرىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3863
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10207
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 9494 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 10:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاتۇشتىن، يېزىلغان بۇ ۋەقەلەر مېنىڭچە %99  راست، دوپپامچىلىك كېلىدىغان بۇ ئاتۇشتا سودا ساراي، دۇككانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدۇ، ھازىر ئاتۇشتا دۇككانلار كىشى بېشىغا 3 دىن توغرا كېلەمدىكىن دەپ قالىمەن. بۇرۇن ناھايىتى ياخشى ئىزچىلار پۇتبۇل مەيدانىمىز بار ئىدى، ھازىر يوق،  شۇ بايلار مۇشۇنداق ئىشلارغىمۇ ئازىراق ھەسسە قوشقان بولسا ياخشى بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 11:45:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلار پۇل تاپسا ئۆزى ئۈچۈن تاپىدۇ، ھەرگىز باشقا بىرەرسى ئۈچۈن تاپمايدۇ،،،ئۇلار پۇل تاپقاندىن كىيىن پۇلىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتمىدى ،باشقىلارغا ياردەم قىلمىدى دەپسىز ،ئۇلار ھېچ بولمىسا ئائىلىسىدىكىلەرنى خەقنىڭ قۇلىغا قارىتىپ قويمايدۇ ،ھېچ بولمىسا ئۇرۇق تۇققانلىرنى بولسىما يۆلەيدۇ،ھېچ بولمىسا تىللاردا داستان بولغۇدەك ياخشى ئىشلارنى بولسىمۇ قىلىپتۇ،،،بايلارنى نامراتلارغا ياردەم قىلمىدى، ياخشى ئىشلارنى قىلمىدى دەپ ئۇلاردىن ئاغرىنماي بىزمۇ ئاللاھ شۇلارغا ئوخشاش ياراتقان ئىنسان بولغاندىكىن شۇلار  تاپقان پۇلنى بىزمۇ تېپىپ ئۇلار قلالمىغان ياخشى ئىشنى بىز قىلساق بولدۇ،،،بايلار نامراتلارغا ياردەم قىلدىغانغا قەرېز ئەمەس،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 11:51:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلار نامراتلارغا ياردەم قىلدىغانغا قەرېز ئەمەس،،،،نامراتلارمۇ بايلارغا ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسان بولغاندىكىن ئۆز كۈچىگە تايىنپ پۇل تاپسۇن،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1407 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 11:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ھەقىقەتنى  ئېچىپ  سوزلەپسىز  .         بايلىرىمىز      ئويلىنىشقا    تىگىشلىك
مەسىلە                    


ئامىرىكىدا    بايلار   شىركەت  قۇرىدىغانى   مەبلەغ   بىلەن  تەمىنلەپ   پايچىك     بولىدىكەن

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 11:56:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق  بايلىرىمىز  ھەممە يۇرتتا بار ،بارلىق  بايلىرىمىز شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى بايلىق،مال-دۇنيا دېگەن ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى،سىنىقى بۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى چوقۇم ھىساپ ئىلىنىدۇ، شۇڭا مال دۇنيانى توغرا يول بىلەن ھالاللىق بىلەن تىپىپ،تورا يولغا ئىشلىتىش بەكمۇ مۇھىم، بۇنداق قىلالمىغانلار  بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئاخىرەتتە چوقۇم ھىساپ بىرىسىلەر،چوقۇم جازاسىنى تارتىپ قالىسىلەر!! ئاللاھ ھەممىڭلارغا ئىنساپ بەرسۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دىيارىم + 50 نادىر ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87112
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 12:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئاتۇشتا راسىت دىگەندەك بايلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەرلەر...دىھقانلار ئاساسىي جەھەتتىن بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ چىقىش يولىنى ئۆزى تىپىۋىلىش ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ...مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ..بىزنىڭ  ئەنە ئاشۇنداق بىر قىسىم قول ئىلكىدە بار بايلار پۇلغا زورلاپ باللىرنى ياكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ياخشى مەكتەپلەرگە .. تىقىدىغان ئشلار باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا كۆپرەك دەپ ئويلايمەن ... بۇ ھال بىر قىسىم قول ئىلكىدە يوق كىشىلىرىمىزنى ھالسىرتىپ قويىۋاتىدۇ...چىرىكلىك پارىخورلۇك ئىشلىرىنى تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىۋاتىدۇ...شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە دىھقان پەرزەنتلىرى باشقا يۇرتلارغا خىزمەت ئىزدەپ كىتىۋاتقان ئىشلار بىزنىڭ ئاتۇشتا ھەقىقەتەن كۆپ...شۇڭا ھازىر شىنجاڭنىڭ قەيىرىگە قارىسىڭىز بىز ئاتۇشلۇقلار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muyas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-25 01:12 PM  


قىزىڭنى نۇمۇسچان قىل،                           ئوغلۇڭنى تېرىشچان قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90036
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 350
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 12:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيدۇ بۇار شۇنداق يۇرت ۋاز شۇنداق داڭ ۋاز مەنمۇ شۇلارنىڭ ئارسىدا تۇرۋاتمەن سوزلاپ كەلسەم گەپ جىق ئىچىم ئاچچىق بولدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش