ئەخمەتجان ھۆسىيىن ماي بۇياق كۆرگەزمىسى 29-سېنتەبىر قەشقەردە ئېچىلىدۇ مەشھۇر رەسسام ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ ياراملىق شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلىۋاتقان ياش رەسسام ئەخمەتجان ھۆسىيىننىڭ ماي بۇياق رەسىم كۆرگەزمىسى 29-سېنتەبىر قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى 3-قەۋەت كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلىدۇ. كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ «ئابدۇكېرىم نەسرىددىن ماي بۇياق سەنئىتى ئالى دەرىجىلىك تەتقىقات سىنىپى» دا ئوقۇش داۋامىدا ئابدۇكېرىم نەسرىددىننىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە سىزغان 70پارچىغا يېقىن ماي بۇياق رەسىمى قويۇلىدۇ. ئىمكانى يار بەرگەن سەنئەتسۆيەر دوستلارنىڭ كۆرگەزمىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى سورايمىز. ئەخمەتجان ھۆسىيىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئەخمەت ھۈسيىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1987 – يىلى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يۇپۇرغا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 2002 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتپىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. 2005 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بۇياق ئىلمى جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى ››، ‹‹ شىنجاڭ سەنئىتى ›› قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان .‹‹ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدە مەخسۇس تۇنۇشتۇرۇلغان 2013 – يىلى1-ئايدا ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئىجادىيىتى ئالى تەتقىقات سىنىپىنى پۈتتۈرگەن . بىر پارچە ئەسىرى 2013 –يىلى7-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇسۇل بايرىمى ماي بۇياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. 2007 – يىلىدىن ھازىرغىچە قەشقەر پەيزىۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 艾合买提.玉素因,男,维吾尔族,出生于1987年喀什地区岳普湖县。从2002年到2005年喀什师范学校美术专业就读,从2005年到2007年喀什师范学院艺术系美术专业就读。他现在喀什地区美术家社会成员,新疆油画学会成员。有些作品发表在《新疆教育》,《新疆艺术》等杂志。他被新疆经济日报上专门介绍经验。 2012年到2013年参加学习阿布都克里木.纳斯尔丁油画创作高级研修班。 他的一张作品在2013年7月在乌鲁木齐国际舞蹈节中参与油画展览。从2007年到现在担任喀什地区伽师县英买里乡中学美术老师。
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baburxah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-24 03:47 PM
|