مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13535|ئىنكاس: 144

توي چىقىمى توغرىسىدا ئويلىشىپ باقايلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8995
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 12:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         توي چىقىمى توغرىسىدا ئويلىشىپ باقايلى
                   گۆھەرقىز ئىبرايىم
        
       كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە  ئەگىشىپ، توي ئۆرۈپ ئادەتلىرى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئوخشىمىسىمۇ لىكىن كۈنسىرى ھەشەمەت كوچىسىغا قاراپ قىلىپلىشىپ ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماقتا. مەن باشقا يۇرلارنىڭ ئۆرۇپ ئادىتىنى چۈشەنمەيمەن شۇ ۋەجىدىن يۇرتۇمىزنىڭ ئۆرۇپ ئادىتىنى يەنى قىزنىڭ ئۆيىدىكى توي چىقىمىنى نۇقتا قىلىپ سۆزلەيمەن، چۈنكى ھازىر قىزنىڭ ئاتا ئانىلىرى ھىندىستان قىزلىرىنىڭ تويلۇغىدەك تويلۇقنى كۆتىرەلمەي  غەم - ئەندىشە كىسىلىگە گىرىپتار بولماقتا.
     قىزنىڭ تويىنىڭ بىرىنجى قەدىمى  قىز سوراپ كىلىشتىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ چىقىملار بۇرۇنقىدىن ھەر ھالدا ئاددىلاشتى.
     قىزنىڭ تويىنىڭ ئىككنجى قەدىمى  ئىلىغ- سىلىغ باسقۇچى بولۇپ، ئوغۇللۇقتىن كەم دىگەندە 30ئايال 30ئەر كىلىدۇ، بۇلارغا داستۇرخان تىزىشنىڭ تەلىۋى  6خىل گىزەك، 6خىل پۇشرۇق(ساڭزا قۇيماق، پىچىنە- پىرانىك، باققالى..)،  6خىل مىۋە، 6خىل تاللار بازىرى مەھسۇلاتلىرى( ئالبىنى،دام-دام، مىترۇ،پىرەنىك...)قاتارلىقلاردىن  داستۇرخان يۈزىدە قول تاتقۇدەك يەر قالماسلىق.  بۇ داستۇرخانغا كەم دىگەندە 5000~10000يۇئەن سەرپ قىلنىدۇ. چۈنكى داستۇرخاندىكى نەرسىلەر ھەر بىر ئادەمگە بىردىن يالتىراق خالتا تارقىتىلىپ ھەممە تۈرىدىن بىردىن ئالدۇرلىدۇ.
   تاماق تۇرلىرىدىن چۈچۈرە ئاش، لەغمەن، پولا، گۆش مانتا، ھور نان، كاۋاپ قىلىنغاندىن سىرىت ھەر بىر ئادەمگە 300گىرامدىن گۆش تارتىلىدۇ. بۇ چىقىممۇ ئادەتتە 5000يۇئەن ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.
   ئوغاللىق ئىلىپ كەلگەن رەخ  ۋە ئالتۇننىڭ قىممىتى پۇلغا سۇندۇرلۇپ شۇنىڭ تەڭ يىرىمى ئوغالغا قويىلدۇ،  ( تەخمىنەن 3000~5000يۇئەن ئەتراپىدا). بۇنىڭ سىرتىدا ئوغاللىق بەرگەن 30000يۇئەن پۇلدىن 5000يۇئەننى ئوغالنى ياسىۋالسۇن دەپ قايتۇرۇپ بىرلىدۇ.   كەلگەن ھەر بىر ئەرلەرگە 2مىتىر گوڭزىچىن قويىلىدۇ.
    ئىلىغ- سىلىغ باسقۇچى ئادەتتە 18000دىن 25000ئەتراپىدا تاماملىنىدۇ.
   قىزنىڭ تويىنىڭ ئۈچىنجى قەدىمى  تويلۇق جابدۇر باسقۇچى بولۇپ، قىزغا ئەھۋالغا قاراپ 40~100گىرامگىچە ئالتۇن ئىلنىدۇ.(تەخمىنەن 12000~30000يۇئەنگىچە). ئىككى قۇر  قىممەت باھالىق كىيىم نۇركا بولۇپ  ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن 5000يۇئەندىن ~50000يۇئەنگىچە خەجلىنىدۇ.
   ئۆيى ئۈچۈن  2يوتقان ، 4 ھىكەنداز، 2 كۆرپە، 4ياستۇق، ئەديال ، 4 مىتىرلىق گىلەم، توڭلاتقۇ، سىيىجى، دىيەنشى،كىيىم جاۋىنى، يىتو ساندۇق، گاز ئوچاق، گاز ئۇچاق جاۋىنى، دىيەنشى جاۋىنى، موتۇ بولۇپ(ئالغان نەرسىلىرىنىڭ ماركىسى ۋە جىڭ جالىغىغا قاراپ) ئازدىگەندىمۇ 15000~50000يۇئەن كىتىدۇ.
   بۇندىن باشقا ئوغالنىڭ ياقىسىنى ئاقارتىپ قويۇش ئۈچۈن كىيىم 2000يۇئەن، ئوغالنىڭ دادىسىغا پەلتۇ ئاياق دوپپا شىم پەشمەت 2000يۇئەن، ئوغالنىڭ ئانىسىغا تۇركىيە كىيىمى،  پەلتۇسى ئۇزۈك كۆينەكلىرى بىلەن3000~10000يۇئەنگىچە چىقىم قىلنغاندىن سىرىت ئوغالنىڭ ئۆيىدىكى قىرىداشلىرىغا يىتو دەپ ھەر بىرىگە 500يۇئەن نەۋرىلەرگە بىر كىيىم رەخ، قىز بىر تۇققىدىن بىرىگە ئالتۇن ئۈزۈك،  ھامما تاغا ۋە بىر تۇققانلىرى، خولۇم- خوشنىلىرى ئۈچۈن كەم دىگەندە 10ئادەمگە 2مىتىر گوزىچىن2مىتىرشىپىڭ دۇخاۋا قويىلىدۇ.
    3000مىڭ يۇئەن تويلۇق ئىلىپ 5000يۇئەننى قايتۇرۋەتكەن قىزلىق ئاخىرىدا ئاز دىگەندىمۇ  50000~150000تويلۇق ئۈچۈن خەجلەپ  بۇنىڭدىن سىرىت توي چىقىمىنى قىلىپ، قىزىنى ئۇزىتىپ قويىدۇ.
      قىزنىڭ تويىنىڭ تۆتىنجى قەدىمى يوقلاق باسقۇچى بولۇپ، كاۋاپ، تۇخۇم شورپا ، سامسا ئۆپكە...قاتارلىقلار يىڭى قازانلارغا يىڭى داسقانلارغا سىلىنىپ قويۇپ كىتىلىدۇ، ھازىر تىخى ئاممىۋاينىڭ 7000سوملۇق قازىنىدا ئىلىپ  بىرىپ قويۇپ كىلىدىغانلارمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
       قىزنىڭ تويىنىڭ بەشىنجى قەدىمى   چىلاق باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭ چىقىم ئەھۋالى 2قەدەم ئىلىغ سىلىغ باسقۇچى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
     قىزنىڭ تويىنىڭ ئالتىنجى قەدىمى ئىككىنجى چىلاق، ھىيىت ۋە ئازنۇق بولۇپ بۇ چىقىملار تاكى قىز تۇغقىچە توختىمايدىغان ئۈزلۈكسىز چىقىملار بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن كىتىدىغان چىقىملارمۇ ئاز ئەمەس.
    قىز تويىنى قىلغان قولىدا بار ئاتا-ئانىلار كۆرەڭلىگەن ھالدا ھازىرقى بىر -ئىككى بالىغا قىلمامتۇق  دەپ مەغرۇرلانسا قول ئىلكىدە يوق كىشىلەر باشقىلاردىن قالماستىق، بالىسىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىش ئۈچۈن چەكسىز قەرىزلەرگە كۆمۇلۇپ، ئاتا-ئانىسى يوقلار ئىززىتىنى قىلىدىغان (ئوچىغىنى دىگەندەپۇل خەجلەيدىغان   ئادىمى  يوق دەپ تاشلىنىپ قالماقتا.
    ھازىرقى بىر توي چىقىمى كەم دىگەندىمۇ100000~250000يۇئەنگىچە بولماقتا، تويدىكى ھەشەمەتچىلىك كۆزىنى كور قىلىۋەتكەن  بىر قىسىم ئوغۇللار  ساپ مۇھاببەتلىك،  چىن ئەقىدىلىك،  دىيانەتلىك قىزلاردىن لايىق ئىزلىمەستىن  ياخشى يەرنىڭ قىزىدىن لايىق ئىزلەشنى ئۆزىنىڭ چىقىش يولى قىلاقتا.  پۇل مال دۇنياغا قانائەت قىلغىنىدا  بولسا ھەشەمەت ئىچىدە ئاددى قارىغان بەختى چىن سۆيگۈسى ئۈچۈن پۇشمان چەكمەكتە. بىر قىسىم  ئاددىراق ئائىلىدىن قىز ئالغانلار بولسا "سىنى ئالغۇچە پالانى باينىڭ قىزىنى ئالسامچۇ؟ سىنى ئالغۇچە  پالانى باشلىقنىڭ قىزىنى ئالسامچۇ دەپ چوقىلىماقتا، مانا بۇ بىر قىسىم ھازىرقى زاماندىكى ئوغۇللارنىڭ شۆھرەتلىك  غورۇرىنىڭ نەتىجىسى.
   پۇل ھەممىگە قادىرمۇ؟ راس پۇل بولمىسا جاننىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغىنى راس. بىراق پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ، بىراق ئىنسانىي ئىسىل پەزىلەتنى پۇلغىمۇ سىتىپ ئالغىلى بولارمۇ؟ ياق! پۇل ھەممىگە قادىرمۇ ئەمەس.
   مىنىڭ ياشلارغا: ئەي پەرزەنىتلەر سىلەرنى بىقىش قاتارغا قوشۇش يولىدا چاچلىرى ئاقارغان بەللىرى مۇكچەيگەن ئاتا-ئاناڭلارنىڭ بىلىنى تويدىن ئىبارەت ۋاستە بىلەن يەنە بىر قىتىم ئەگمەڭلەر! سىلەر تەييار بىزەلگەن ئائىلىگە كىرىپ خۇشال ياشاۋاتقاندا ئاتا- ئاناڭلارنىڭ گىلىغا يەيدىغان گۆشىنى، كىسىلىگە ئىچىدىغان دورىسىنى توختىتىپ قەرز تۆلەۋاتقىنىنى ئۇنۇتماڭلار، ئۇلارنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمرى قالدى توي سىلىغى بىلەن ئۇلارنى كىسەل قىلماڭلار ، ئەي ئوغۇللار  پۇل دىگەن ئوغۇل بالىنىڭ قولىنىڭ كىرىغۇ؟ پۇل ئۈچۈن قىزلارنى خىجالەت پاتقىقىغا باشلىماڭلار، قىزلارغا تويلۇق ئىلىپ ئەمرىڭلارغا ئىلىڭلاركى قىزلارنى پۇل خەجلەپ ئەر سىتىۋالىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماڭلار، سىلەرمۇ كەلگۈسىدىكى ئاتا- ئانىغۇ؟ بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم سىلەرنىمۇ بالاڭلار خىجالەت قىلغاندا بۇ دۇنيادىن كەتكەن ئاتا- ئاناڭلار ئۈچۈن يىغلىماڭلار دىگۈم كىلىدۇ.
      تورداش، توي ئىنسان ھاياتىدا بىر قىتىم كەلگىنى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش كىرەكمۇ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش كىرەكمو؟ بىر تويغا كەتكەن پۇلغا ئاتا- ئانىنى 10قىتىم  ھەرەمگە ئىلىپ بارغىلى بولىدىغۇ؟ قايسىمىز ئۇلار ئەجرىگە ئۇلارنى بىر قىتىم ھەرەمگە ئاپپىرىشنى ئويلاشتۇق؟  ئويلىشىپ باققايسىز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-24 05:26 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyoglani + 10 سىلەرنىڭ يۇرتتا مېھىر.
kuy@x + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى جايدىكى توينىڭ چىقىملىرى بۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق كۆپ قائىدە،؟نىمانداق كۆپ پۇل كېتدىغاندۇ؟بۇ قەيەرنىڭ توي قىلىش ئادىتى؟

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97707
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-9-8
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:09:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  نەنىڭ  قائىدىسى بۇ ،  نىمانچە  تەس ،نىمانچە كوپ  چىقىملا  بۇ؟  بىزنىڭ مەكىتتە ئۇنچە ئادەم  سەسكەندۈردىغان  ئىشلا  يوق،مەن  توي  قىلغاندا، ئانام  سىلا  سىلا  قىلىشمايمىز  دەپ،شۇ  توينىڭ  2  كۇنىسىلا  قۇدا- باجىلا مىھمان  بۇلۇشقان.ئەر  تەرەپمۇ ،ئايال  تەرەپمۇ  بىر  بىرىگە ئازراقلا  كۆڭلىنى  ئىپادىلەپ  بولدى  قىلىشقان.مانا  ىازىر  شۇنداق ياخشى  ئۈتىۋاتىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97707
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-9-8
ئاخىرقى: 2013-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:10:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق  ئادەمنى  سەسكەندۈردىغان  ئىشلا  بۇ، بەكلا  ئىشىپ  كىتىپتۇ  بۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:21:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تويغا دەپ يىغىپ قويغان 30مىڭ سوم بىلەن ئىش تاڭ ئاتمامدۇ نىمە ھازىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:21:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تويغا دەپ يىغىپ قويغان 30مىڭ سوم بىلەن ئىش تاڭ ئاتمامدۇ نىمە ھازىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93238
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەيەرنىڭ بولاتتى يەنە . قەشقەلىقنىڭ بولمامدۇ بۇنداق قاملاشمىغان ئورپ -ئادەتلەر .  ھە راست ، قەشقەلىق دوسلار خاپا بولۇپ كەتمەڭلار يەنە . بۇنى ماڭا شۇ يەلىك دوسلىرىم دەپ بەرگەن . بىر دوستۇم نەچچە يىل يۇرگەن يىگىتى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئاتا ئانىسى دەستۇرخاننى مولراق جايلاپ ئاپىرالمىغانلىقى ئۇچۇن چوڭلار جېدەللىشىپ   ئاخىرى يوغىناپ كېتىپ بۇ بەخىتسىز بىر جۈپ ياش ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن . بىچارىنىڭ 2- قېتىملىق نىكاھى كوڭلى چۈشمەسلىك سەۋەبى مەغلۇپ بولۇپ ،ئويىدىن چىقىپ كېتىپ ئۈرۈمچىدە سودا قىلىۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 03:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-9-24 03:21 PM
ھەي تويغا دەپ يىغىپ قويغان 30مىڭ سوم بىلەن ئىش تاڭ ئاتما ...

قەيەرنىڭ قائىدىسى بۇ،،دېمىسىمۇ ئىستىمالنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ توي چىقىمى ئارتىپ كېتىپ بارىدۇ

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش