1.ئۇچۇر كەلگەن ۋاقىتنى كۆرۈش. سىز پەقەت ئىكراننى ئوڭدىن سولغا سىرىسىڭىزلا كەلگەن ئۇچۇرنىڭ ۋاقتىنى كۆرەلەيسىز.
2.ۋاتېرپاس. كومپاس يۇمشاق دېتالىنى يەنە ۋاتېرپاس قىلىپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پەقەت ئېكراننى سېيرىسىڭىزلا ئۆز-ئارا ئالمىشىدۇ.
3.تېز سۈرئەتتە ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئېچىش. ئالما spotlightدەپ ئاتىغان ئىزدەش ئىقتىدارىدا ئۆزگۈرۈش بولدى. ئېكراننىڭ ئوتتۇرىدىن ئاستىغا قاراپ سېيرىسا بۇ ئىقتىدارنى ئاچقىلى بولىدۇ،سىز يېزىق، ئېلخەت، ئەپ،ناخشا، ئالاقىلاشقۇچى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىزدىيەلەيسىز.
4.ئاپتوماتىك قوللىنىشچان دېتاللارنى يېڭىلاش. سىز تەڭشەش ئارقىلىق ios 7نى ئاپتوماتىك ھالدا قوللىنىشچان دېتاللارنى يېڭىلاتقۇزالايسىز، يېڭىلاش جەريانىدا قوللىنىشچان دېتال بازىرى app storeنى ئېچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. كونكىرىتنى تەڭشەش ئۇسۇلى: ‹‹تەڭشەك››نى ئېچىپ ‹‹قوللىنىشچان دېتال››غا كىرىپ،‹‹ iTunes ۋە storeتۈرى›› گە ئاندىن ‹‹ئاپتوماتىك چۈشۈرۈش››نىڭ ئىچىدىكى ‹‹يېڭىلاش›› تاللاش تۈرىنى يېشىل ھالەتكە ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
5.يېڭىلانغان قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش. app storeنى ئېچىپ يېڭىلاش بەلگىسىنى چەكسىڭىز، تېز سۈرئەتتە يېقىنقى يېڭىلانغان قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرەلەيسىز.
6.كۆرۈش پەرقى ئۈنۈمى. ios 7پۈتۈنلەي يېڭى بولغان كۆرۈش پەرقى ئۈنۈمىگە ئىگە. بۇ سىزنىڭ ئىكراندىكى مەشغۇلاتىڭىزغا ئاساسەن ئېكراندىكى بەلگىلەر ماس ھالدا يۆتكىلىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ھالەتنى ياقتۇرمىسىڭىز،بۇ خىل ھالەتنى ئىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئېتىش ئۇسۇلى: ‹‹تەڭشەك››دىن ‹‹قوللىنىشچان دېتال››غا كىرىپ، ‹‹ئاممىباپ››نىڭ ئىچىدىكى ‹‹يۆتكىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش›› دېگەن تۈرنى يېشىل ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
7.تېز سۈرئەتتە ئاساسىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىش. ئىكراننىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە سېرىسىڭىز كونتىرول سۇپىسىنى ئاچالايسىز. بۇ ئارقىلىق سىز ئايروپىلان ھالەت، كۆك چىش، ئېكراننىڭ يورۇتۇلۇش دەرىجىسى،WiFi قاتارلىق تەڭشەش مەشغۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بارالايسىز.
8.نۇقتىدىن نۇقتىغا ماتىرياللارنى ھەمبەھىرلەش. AixDrop نۇقتىدىن نۇقتىغا ماتىرياللارنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق سىز رەسىم قاتارلىق ھۆججەتلىرىڭىزنى بىۋاستە باشقا ios 7سېستىمىلىق iphone ۋە ipad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە ئەۋەتەلەيسىز. بۇ ئىقتىدارنى سىز كونتىرول تاختىسىدا ئېچىپ ئىشىلتىسىز.
9.ئېلان ئىز قوغلىشىنى توسۇش. ios 7ئەسلى سىزنىڭ تور كۆزيۈگۈرتكۈچىڭىزدىكى كۆرۈش تارىخىڭىزنى ئۈن تۈنسىز ئىز قوغلاشنى ماقۇللىغان. سىز بۇ ئىز قوغلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. تەڭشەك › شەخسى سىر › ئېلان › ئېلان ئىز قوغلاش تۈرىنى يېشىل ھالەتكە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
10.ئۇقتۇرۇش مەركىزىدىن ھاۋارايى ، قاتناش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈش. سىز ئېكراننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا سىرىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۇقتۇرۇش مەركىزىنى ئاچالايسىز. ئاندىن ‹‹بۈگۈن›› دېگەن بەلگىنى چىكىش ئارقىلىق دەرھال بۈگۈنكى ھاۋارايى، قاتناش ۋە كالىندار قاتارلىقلارنى كۆرەلەيسىز.
11.كۆرسەتمىلىك ئىزدەشنى قوللايدىغان Siri. Siriھازىر Twitter نىڭ كۆرسەتمىلىك ئىزدىشىنى قوللايدۇ.
Siri.12ئەرلەرنىڭ ئاۋازىنى قوللايدۇ. سىز Siriنىڭ ئاۋازىنى ئەرلەرنىڭ ئاۋازىغا ئالماشتۇرالايسىز. ئۇسۇلى: تەڭشەك › ھەممىباپ › Siri› ئاۋاز جىنىس پەرقى.
13.ئالاھىدە بېكىتىلگەن تېلېفون نومۇرى ياكى ئالاقىلاشقۇچىنى توسۇپ قېلىش. سىز ئالاھىدە بېكىتىلگەن تېلېفون نومۇرى ياكى ئالاقىلاشقۇچىلاردىن كەلگەن تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنى توسۇپ قالالايسىز. ئۇسۇلى : تەڭشەك › يانغون › توسۇش › نومۇرنى ياكى تېلېفون دەپتىرىدىكى ئالاقىلاشقۇچىنى توسۇش تىزىملىكىگە قوشۇش.
14.قوللىنىشچان دېتاللارنى ئەپلىك ئۇسۇلدا تاقاش. Home كونۇپكىسىنى قوش بېسىش ئارقىلىق قوللىنىشچان دېتاللارنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، سىز ئۆچۈرمەكچى بولغان قوللىنىشچان دېتالنىڭ بەلگىسىنى ئاستىدىن ئۈستىگە سىرىسىڭىزلا بۇ قوللىنىشچان دېتالنى تاقۋىتەلەيسىز.
15.ئىجتىمائى ئالاقە ۋە ھەمبەھىرلەش ھېساباتىنى ئۇلاش. ios 7ئارقىلىق سىز Twitter、Facebook、Vimeoقاتارلىقلاردىكى ھېسابات نومۇرىڭىزنى بىۋاستە ئۇلىيالايسىز. بۇ ئارقىلق سىز تولىمۇ قولاي ھالدا ھەمبەھىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
16.يېڭى مۇزىكىلىق قوڭغىراق ۋە ئەسكەرتىش ئاۋازلىرى. Ios 7سېستىمىسىدا نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇزىكىلىق قوڭغىراق ۋە ئەسكەرتىش ئاۋازلىرى بار. سىز تەڭشەكنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئاۋاز›› ئىستونى ئارقىلىق تاللاپ ئىشىلتەلەيسىز.
17.يېڭى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ھەركەتچان ئارقا كۆرۈنۈش. ios 7قا ئاز بولمىغان يېڭىچە ئىكران ئارقا كۆرۈنۈشى قوشۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى يەنە ھەركەتچان ئارقا كۆرۈنۈش، تەپسىلى مەشغۇلات جەريانىدا سىزنىڭ مەشغۇلاتىڭىزغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تەپسىلى تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىشچان دېتالنىڭ تەڭشىكى ئىچىدىكى ‹‹ تام قەغىزى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسى›› ئستونىدىن تەڭشەشكە بولىدۇ.
18.مۇزىكا مۇلازىمىتى. مۇزىكا قويغۇچ ئارقىلىق سىز ياقتۇردىغان مۇزىكا ياكى ناخشىچى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزسىڭىزلا سىزگە ئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا قاناللىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ۋە سىزگە ھەقسىز ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇلازىمتى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار نۆۋەتتە بىر قىسىم ئېلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
19.خەت شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش. ios 7ئەسلى ھالەتتە بولسا كىچىك خەت شەكلىدە، ئەگەر سىز خەت شەكلىنى بەك كىچىك ھىس قىلسىڭىز، تەڭشەش ئارقىلىق چوڭ خەت شەكلىگە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. يەنى تەڭشەك › ئاممىباپ › چوڭ خەت شەكلى › ئىكراننىڭ ئاستىدىكى سىيرىلما بۆلەكنى سېيرىسىڭىزلا خەت شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.