قىزىم قاچتىڭ
گۆھەرقىز ئىبرايىم
قىزىم سەن تولىمۇ ئەقىللىق تولىمۇ گۈزەل چوڭ بولدۇڭ، مەن ئاچاڭغا قارىغاندا سىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم، سىنىڭ ياخشى ئۇقۇپ داشۆلەردە ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىشىڭنى ئۈمىت قىلاتتىم.
"گۈزەل يوقاپ كەتتى" ئاپاڭنىڭ بۇ سۆزى يۈرىگىمگە خەنجەر بولۇپ سانجىلسىمۇ ئىشەنمىدىم، چۈنكى سىنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭغا ئىشەنمەيتىم.سىنى ھەممىلا يەردىن ھەممىلا ساۋاقدىشىڭدىن سۈرۈشتە قىلدىم، ئۇلار بىر يىگىت بىلەن *****يۇرتنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كىتىپ قالدى دىگىنىدە ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالماي قالدىم.
مەن سىنىڭ يوقاپ كەتكىنىڭنى ساقچىغا مەلۇم قىلدىم، ئۆزەم ***** شەھىرىدە بىر تاكسىغا چىقىۋىلىپ بارمىغان يىرىم ئىزلىمىگەن كوچام قالمىدى.ھىرىپ چارچىدىم، ئوچىغىنى دىگەندە جىسمانىي چارچاشتىن نۇمۇستىن چارچىدىم دىگىنىم تۈزۈك ئىدى.
مەن ئاپاڭنىڭ ئالدىغا سىنى تاپالمىدىم دەپ قايسى يۈزۈم بىلەن بىرىشنى بىلمىدىم، ئۆلىۋىلىشنىمۇ ئويلىدىم بىراق جۇرئەت قىلالمىدىم، نۇمۇستىن شەرمەندە بولىۋاتقىنىمدىن ، نەچچە يىل تىكلىگەن يۈز ئابروي ۋە ئىناۋىتىم سىنىڭ خاتالىغىڭ سەۋەبىدىن يەر بىلەن يەكسان بولىۋاتاتتى.مەن ئۇچرىغان تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ يۈزىگە قاراشقا پىتىنالماي ئۆزەمنى چەتكە ئىلىشقا مەجبۇر ئىدىم.
مەن ئۆيگە سالپايغىنىمچە قايتىپ كىرىپ بارچە ئاچچىغىمنى ئاپاڭدىن چىقىرىپ ئاپاڭنى ھارغىچە ئۇرۇپ ھالىمدىن كەتتىم، ئاپاڭ ئەنە كىسەل يوتقىنىدا ئىنجىقلاپ يىتىپتۇ. بىز باشقىلاردىڭ مەسخىرسىدىن قىچىپ تالا تۈزگىمۇ چىقالمىدۇق.
ھەپتىدىن كىيىن ساقچىلار سەن قول قويۇپ بەرگەن"ئۆز رازىلىغىم بىلەن قاچتىم ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن " دەپ ئىمزا قويغان ئىقرارىڭنى كۆتىرىپ كىردى، مەن بىشىمدىن بىر داس يۈندىنى قۇيىۋەتكەندەك سەسكىنىپ كەتتىم. سىنىڭ ھارام نىكانى ئۈستۈن بىلگىنىڭدىن،دىنىڭ ساپاسىڭنىڭ، ئەخلاق ساپاسىڭنىڭ،قانۇن ساپاسىڭنىڭ تۆۋەنلىگىدىن ئەپسۇسلاندىم.
داشۆ ئوقۇپ تىخى ئەمدىلا خىزمەتكە چىققان ئاچاڭ ياقا يۈرتتا مەردانە ياشاۋاتىدۇ، ئۇ توي قىلىشقا ئالدىرمىغان يەردە سەن نىمانچە ئالدىراپ كەتكەنسەن؟ سەن تىخى بۇ يىل ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىغىغا چىققان ئوقۇغۇچى ئىدىڭغۇ؟ تىخى سەن 18ياشقا تولۇق كىرمىگەن ئىدىڭغۇ؟ توي قىلىشقا ئالدىرغان بولساڭ ئۈن- تۇنسىز قىچىپ كەتكەندىن بىزگە دىسەڭ بولاتتىغۇ؟
قىزىم مەن قانداق قىلاي، سەن مىنى ئويلىماي ئىناۋىتىمنى يەر بىلەن يەكسەن قىلغاندەك مەنمۇ سىنى ئۆلدىگە چىقىرۋىتىپ خاتىرجەم ياشايمۇ؟ مەن مۇشۇ ئەلەملەر بىلەن يەنە ساڭا پۇل خەجلەپ تويۇڭنى قىلايمۇ؟
قىزىم مەن ئاچچىق ئەلەمنى سىنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ئىچىمگە يۇتتۇم، ئەل قاتارى سىنىڭ تويۇڭنى قىلىپ قويۇشقا ئاتلاندىم لىكىن سىنىڭ تويۇڭغا كىلىۋاتقانلار مىنى مازاق قىلىپ كىلىۋاتقاندەك ئۆزۈمنى قويۇشقا يەر تاپالماي قالدىم، بولسا تىرىك گۆرگە كىرىۋالسام دەيمەن.
مەن سىنىڭ ئۇماق سەبى گۇزەل چىھرىڭگە قاراشقا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، مىنىڭ ئالدىمدىن تەبىلىگىڭ سەبىلىگىڭ بىلەن چىقىپ كىتىشىڭنى ئۈمىت قىلاتتىم. بىراق سەن لەۋزىمنى ئالماستىن جاھىللىق بىلەن ئاتالمىش يىگىتىڭ ئارىيەت ئىلىپ بەرگەن، كۆپ قىزلار كىيىپ كىر بولۇپ كەتكەن، كۆپ نىكاھنىڭ گۇۋاچىسى بولۇپ نىكاھ ئۆتمەس بولۇپ كەتكەن توي كۆينىگىنى كىيىپ، يۈز كۆزلىرىڭنى چاڭچىلىدەك بوياپ، گۇزەل سەبىلىگىڭنى قىلىن داپلىق بىلەن تىگىشىپ، مىنىڭ يىغام بەدىلىگە كۈلۈپ چىقىپ كەتتىڭ.
مەن بالا بىقىپ مەغلۇپ بولغىنىمغا تەن بەردىم،ياخشى بالا تەربىيلىيەلمىگىنىمگە تەن بەردىم.
يۈرىگىمگە سىلىپ خەنجەر قوچىۋەتتىڭ،
ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى سورىۋەتتىڭ.
جان كۆيدۈرۈپ سىنى باقسام ئەتىۋارلاپ،
ئەلەم يۇندە سۇلىرىڭنى چىچىۋەتتىڭ.
بولۇپ داپشاق ئەر ئىزلەپ سەن قىچىپ كەتتىڭ،
تاۋىغىمغا زەھەر سىلىپ يۇرۇپ كەتتىڭ.
شەرمى ھايا پەردىسىنى قايرىپ قويۇپ،
ھارام نىكاھ مەنزىلىگە مىڭىپ كەتتىڭ.
ئۇشبۇ يۇرتنى مىنىڭ ئۈچۈن ھارام ئەتتىڭ،
غۇنچە ئىدىڭ ئىچىلماستىن توزۇپ كەتتىڭ.
ئىززەت ئبرۇي قەدىر قىممەت قىنى مەندە،
مىنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيانى ئۆلەم ئەتتىڭ.
ئەرلىك غورۇر يۈز ئابروينى يەرگە ئۇردۇڭ.
نۇمۇس قىلماي پىشانەمدە كۈلۈپ تۇردۇڭ.
ئەلەم بىلەن نۇمۇس بىلەن ئاھ ئۆلتۈرۈپ،
تىرىك گورغا بىشىچىلاپ كىرسۇن دىدىڭ.
قىز باققانغا سازايى دەپ پۇشمان يىدىم،
بولدى مىنى تىرىك گورغا كۆمگىن دىدىم.
قانداق قىلاي مەدەت بەرگىن ئۇلۇق خۇدا،
ئاھ بەندىدىن شەيتان گۇيلار يامان دىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-24 10:38 AM