مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9031|ئىنكاس: 48

لنېننى داۋالىغان ئۇيغۇر تېۋىپ ئىمىنھاجىم يىڭىجان توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85608
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 11:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  يىل باھارنىڭ بىر سەھىرى،ئەنجان شەھرىدىكى بىر رەستىدە جىنازىنى چۆرىدەپ نەچچە ئون كىشى مۇسىبەت قايغۇسىدا كىتىۋاتاتتى. `
رەستىنىڭ چىتىدە تۇرغان 35 ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى ھازىدارنى چەتكە تارتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا:  جەسەتنى تىرىكمىكىن دەپ قالدىم-دەپ پىچىرلىدى.
نىمە دىدىلە؟-ھازىدار ھاڭۋىقىپ قالدى.
بۈگۈنچە كۆممەي تۇرسىلا
ھازىدارنىڭ كاللىسدا «بۇ كىشىنىڭ ئىيتقانلىرى راسىت بولغىيدى،ئىلاھىم» دىگەن ئۈمىد ئاقار يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆتتى،ئۇ جىنازا كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلارنى ئارقىغا يىنىشقا بۇيرىدى.بۇ تاسادىبىلىقتىن جامائەت:
-بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟
شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟
ئاتام كۆرمىگەن،ئانام ئاڭلىمىغان گەپكەنغۇ بۇ دىيىشىپ ،قايناۋاتقان قازاندەك غۇلغۇلا قىلىشتى.ۋە جەسەت ئىگىسىنىڭ رايىنى قايتۇرغۇسى كەلمەي بىر-بىرلەپ تارقاپ كىتىشتى.«ئۆلگۈچى»نىڭ ئىككى ئىنىسىدىن باشقا ھىچكىمنىڭ جىنازا بار ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.ھازىدار پىشىن نامىزىدىن قايتىپ جىنازا بار ئۆيگە*
كىرىپ ئىككى ئوغلىغا «بىرەر تىرىكلىك ئالامىتى بارمۇ» دىگەن مەنىدە تىكىلدى.ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۈمىتسىز كۆزلىرىگە قاراپ مەيۈسلىنىپ
-نامىزىنى چىقىرۋەتسەك بوپتىكەن،بىر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن-دەپ پىچىرلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.. }.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئىنىسى :
-ئاكا ئاڭلىدىڭمۇ؟جىنازىدا شەپە بار-دىدى،ئاكا-ئۇكىلار ئالدىراپ يوپۇقنى ئاچتى،«جەسەت»قوللىرىنى كىپەنلىكتىن چىقىرىشقا ئۇرنىۋاتاتتى.ئىڭىكى يىشىلگەن«جەسەت» ئۇھ دەپ تىندى،ۋە كۆزىنى ئىچىپ ئۇكىللىرىغا قارىدى......
مىليۇن ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرىرسىدە كۆرىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ئەھۋالدىن ھەش-پەش دىگۈچە پۈتۈن ئەنجان خەلىقى خەۋەر تاپتى.  
ئىمىن ئاخۇن قاراقاش شەھەر ئىچىدىكى گۈزە مەھەلسىدە ئولتۇرۇشلۇق تىۋىپ كىشى بولۇپ1919-يىلى ھەج قىلىشنى نىيەت باغلاپ ئۆزى بىلەن 4 كىشى ئاتلىق سەپەرگە چىققان ئىدى.قونالغۇلاردا يولۇچىلارنىڭ ياكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاش زۆرۆرۈيتى بىلەن كۆپ ھاللاردا ھەمرالىرىنى ساقلىتىپ قويدى.ھەر كۈنى ئۇنى ساقلاۋىرىشتىن زىرىككەن ھەمرالىرى ئۇنى تاشلاپ يولغا راۋان بولۇشتى.يالغۇز قالغان ئىمىن ئاخۇن بىمارلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىدىمۇ ياكى سەپەرنى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇشتىن ئەنسىرىدىمۇ ئىشقىلىپ يۇرتمۇ-يۇرىت كىزىپ كىسەل داۋالاپ ئەنجانغا كىلىپ قالغاندى.كىشىلەر ئۇنى مۇساپىر تىۋىپ دەپ ئاتىشاتتى.
  _كىشىلەر ئۇنى ئورىۋىلىپ قار-يامغۇردەك سوئاللارنى ياغدۇرۋەتتى:
-ئۆزلىرى ئەۋلىيادەكلا كىشى ئىكەنلىغۇ؟
-قەيەرلىك ئۆزلىرى؟
-رەھىمقۇلنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىلە؟
مۇساپىر تىۋىپ:تىرىك ئادەم جەسەتتىن يەڭگىل كىلىدۇ،جىنازا كۆتۈرگەنلەرنىڭ بىلى ئىگىلمەي ماڭغىنىدىن تىرىك كىشىنى جىنازىغا سىلىپ مىڭىپتۇ،دەپ ئويلاپ قالدىم.ئۆلۈكتەك تىنىغى توختاپ كىتىدىغان،بىر نەچچە سائەت ھەتتا بىر ،ئىككى كۈندىن كىيىن ئەسلىگە كىلىدىغان كېسەللەرمۇ مىڭىدىن بىرى ئۇچرايدۇ-دىدى.مۇساپىر تىۋىپنىڭ ئابرويى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ «ئەۋلىيا تىۋىپ»قا ئايلاندى.ئۇ ئوبلاسىت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ ئۆتمەي ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئەتىۋارلاپ كىسەل كۆرسىتىشىگە ئىرىشتى.ئۇنىڭ تەرىپى قۇلاقتىن-قۇلاققا يىتىپ سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تۇنجى 1-نومۇرلۇق رەھبىرى لېنىننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.لېنىنىڭ تەلۋى بىلەن ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرى ئۇنى ئايرۇپىلان بىلەن موسكىۋاغا،كىرىمل سارىيىغا ئەۋەتتى.لېنىن ئۇنىڭدىن:
-ھەر بىر ئىشتا جىددىلىشىپ بىئارام بولۇپ كىتىمەن،ئىغىر-بىسىق بولۇشنى خالايتىم،بۇنىڭغا دورا بارمۇ؟-دەپ سورىدى..
ئىمىن ئاخۇن:
-بۇ كىسەللگىمۇ دورا بار-دىدى ۋە لېنىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئۆزى ئىلىپ يۈرگەن ھايۋانات سۆڭەكلىرى،ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى ۋە موسكىۋادىكى ئوت-چۆپ يوپۇرماقلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ مەجۇنات دورىلارنى ۋە شەربەتلەرنى ياساپ بەردى.مەخسۇس لىنىنغا قارايدىغان دوختۇرلار بۇ دورىلارنى ئانالىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن لېنىنىڭ ئىچىشىگە بەردى.بىر ھەپتىدىن كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ پەرۋاسىز،ئىغىر-بىسىق بولۇپ قالغانلىغىنى سەزدى.دۆلەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەسلىدىكى كەسكىن،جىددى مىجەزىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ دورىلارنى ئىچىشتىن ۋاز كەچتى.لېنىن تىۋىپقا ئەتىۋارلىق سوۋغاتلارنى بەردى ھەم ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەككە مەدىنىگە يولغا سىلىپ قويۇشنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلدى.
ئىمىن ئاخۇن ھەج قىلىپ قايتىش سەپىرىدە ئىران،ھىندىستان،تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلىپ قەشقەرگە كەلگىچە سەككىز يىل ئۆتتى.بىر سارايۋەننىڭ كىسىلىنى داۋالاش سەۋەبى بىلەن قەشقەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى.بىر كۈنى قەشقەردە ئىككى قاراقاشلىق سودىگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ خوتۇن-باللىرىغا،قىرىنداشلىرىغا دۇئايى-سالام ھەم پۇل ئامانەت قىلدى.سەككىز يىلدىن بىرى ھىچبىر ئۇچۇر خەۋەر بولمىغانلىقتىن ئۆيدىكىلىرى ئۇنى ئۆلدىگە چىقىرۋىتىپ ئولتۇرۇشقاندى،سودىگەرلەردىن خەت خالتا،ۋە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى ياشىرىپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ يولىغا قارايدىغان بولدى.بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن جامائەت بامدات نامىزىدىن تارقىغاندا ئىمىن ھاجىىم ئۆيىگە كىردى.باللىرى،تۇغقانلىرى،خۇلۇم خوشنىلىرى ئىمىن ھاجىم بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى.مەھەلىنىڭ ئىمامى:
-ئۆزلىرىنى ھايات ئەمەسمىكىن دەپ ئويلىۋىدۇق،خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىدار كۆرۈشتۇق.يىڭى جانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن-دىدى.شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر ئۇنى«ئىمىن ھاجىم يىڭىجان» دەپ ئاتايدىغان بولدى.كىيىن ئىمىنھاجىم خوتەندىكى «ئىسلام ھۆكۈمىتى»گە ئەسكەر بولۇپ 1933-يىلى يىڭىسادىكى جەڭدە قازا قىلدى.
(ئىمىنھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان 1944-يىلى سۆزلەپ بەرگەن)

مەنبە:يىڭى قاشتىشى ژۇرنىلى. ئەسلى ئاپتۇرى مەمتىمىن قۇربان.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 02:10:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلاھىم راسىت بولۇپ چىققاي بۇ ۋەقە. مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىمىزنى ئۇچۇرىدىغان يەل پەغەزلەر كۆپ .ئۇچىرغاچقا قايسى راست، قايسى يالغان بىلىپ بولمىدى كىشى. ھىلى جىكسون مۇسۇلمان دەۋاتقان، ھىلى ئوباما ئاتۇشلۇق دەۋاتقان. ئۇف...

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7338
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 08:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئەندىجانلىقلار بىلىشى مۇمكىن، بۇ مۇنبەرگە كىرىدىغان ئەندىجانلىقلار بارمىدۇ؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24179
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3738 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 09:10:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمىگەننى بىلىۋالدىم مانا .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11696
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 10:20:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست ۋەقە....

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11696
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 10:23:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار جىق..  2 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقا ئۇيغۇر ئەسكەرلەر، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بەرگەن ئۇيغۇر خەلقى  [چاۋشەن ئۇرۇشىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاۋشەنگە بەرگەن ياردىمىنى ھەقىقەتەن ھەددى ھېسابسىز دېسەك بولىدۇ، ئالتۇن، ئاشلىق، يوتقان كۆرپە، ئىئانە پۇللىرى ... قاتارلىق.]  مىللىتىمىزنىڭ بەرگەن ياردىمى چاۋشەن ئۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان، داۋالاش، ئوزۇق تۈلۈك، ماددى ئەشيالار ........

شېرىپ خۇشتارنىڭ: شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشەنگە بەرگەن ياردىمى ناملىق ماقالىسىغا قارالسۇن... پاكىت ، ئىسپاتلاربىلەن تولۇق..  لېكىن توردا يوق... مەن ئەسلى قوليازمىسىنى كۆرگەن.  

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11696
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 10:25:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرگىنى رىۋايەت
ئۇيغۇرنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەقىقەت

ئازادلىقنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇيغۇر بوۋاي ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يولۋاس ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە مىلتىق بىلەن ئەمەس.... ئۆلتۈرگىنى ئەڭ ئاخىرقى شىنجاڭ يولۋىسى ئىدى.....

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97601
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 10:50:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرىن ھاجىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 10:54:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Nimjan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-24 08:02 AM
بۇنى ئەندىجانلىقلار بىلىشى مۇمكىن، بۇ مۇنبەرگە كىرىدى ...

ئەندىجان ئەمەس ئەنجان.ئىملاغا دىققەت قىلايلى!

Wetem بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 12:04:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش