|
|
|
|
جياڭشىدا پۇلدانغا ئوخشاش ئاپتوماتىك كىتاب سېتىۋېلىش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى
23-چېسلا، جياڭشى ئۆلكىلىك كىتابخانىغا يېقىن جايدىكى ‹‹ كىتاب ATM ماشىنىسى›› رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، كىتاب ئارىيەتكە ئالغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.
جياڭشى ئۆلكىلىك كىتابخانا خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابخانىدا كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش مانىشىسى بېجىرگەن شەھەر ئاھالىسى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئارقىلىق كىتاب ئارىيەتكە ئېلىپ قايتۇرالايدىكەن، كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش كىنىشكىسى يوق كىشىلەر 100 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىلا، ئېكراندىكى ئەسكەرتىش بويىچە كىتاب ئارىيەتكە ئالالايدىكەن.
بۇ ماشىنا ئارقىلىق يەنە ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ماشىنىنىڭ تولۇق ئىسمى ‹‹شەھەر رايونى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك كۈتۈپخانىسى›› ئىكەن، ئىچىدە 400 دىن ئارتۇق ئارىيەتكە ئالغىلى بولىدىغان كىتاب ۋە 150 يۈرۈشتىن ئارتۇق كىشىلەر كىتاب قايتۇرالايدىغان بوشلۇق بار ئىكەن.
مەنبە؛ نۇر تورى
|
|
|
|
|
|