|
|
|
|
بوغالتىرلىقنىڭ خېيىم-خەتىرىدىن ساقلىنىڭ ئىلاۋە:دۇنياداخەتىرى يوق كەسىپ بولمىسا كىرەك، مەزكۇرئەسەر تەرجىماننىڭ كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ،پەقەت كەسپ ئىگىلىرىنىڭمەسئۇلىيەت ۋە ھوشيارلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولسۇن دىگەن ئۈمىدتە مۇنبەرگەيوللاندى.-تەرجىماندىن.
نۇرغۇنكىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بوغالتىرلىق –مۇقىم،يەڭگىل خىزمەت،شۇڭا كۆپلىگەن مۇقىم خىزمەتئىزدىگۈچىلەر بوغالتىرلىق كىنىشكىسىگە ئىمتاھان بىرىپ،بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىئۈمىد قىلىشىدۇ.ئويلىمىغان يىرى شۇكى بوغالتىرلىق خىزمىتىدە نۇرغۇن خيىم-خەتەريۇشۇرۇنغان،سەللا دىققەت قىلىنمىسا بەلكىم بىركۈنلەردە بېشىڭىزغا بالا-قازا كىلىشىمۇمكىن.بوغالتىرلىقتا دۇچ كىلىش ئىھتىماللىقى بولغان خېيىم-خەتەر تۆۋەندىكىلەردىنئىبارەت.1. باجخېيىم-خەتىرى:بوغالتىرلار ئەڭ كۆپ يولۇقۇپ تۇرىدىغان،شۇنداقلا كۆپلىگەنبوغالتىرلار ئادەتلىنىپ كەتكەن خېيىم-خەتەرلەرنىڭ بىرى.كۆپلىگەن كارخانىلارغانىسبەتەن بوغالتىرلىق بىلەن باج ئىشلىرى ئايرىلمىغان،بوغالتىرلار ھىساب بوغۇشبىلەن بىرگە باج مەلۇم قىلىش،تاپشۇرۇش خىزمىتىنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارىدۇ.نۆۋەتتەدۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ باجتاپشۇرۇش خېيىم-خەتىرىگە بولغان تۇنۇشى يىتەرسىز،ھەمىشە ئاز باج تاپشۇرۇش ھەتتاتاپشۇرماسلىقنى ئويلايدۇ.بۇخىلدىكى خوجايىنلاركۆپ ھاللاردا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىكھالدا بوغالتىرنىڭ ئاز باج تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.ھەتتا باجدىن قېچىشنىڭكونكىرت ئۇسۇللىرىدا كۆرسەتمە بىرىدۇ.بۇخىل ئەھۋالدا بوغالتىرلار خوجايىننىڭكۆرسەتمىسىنى ئالسۇن-ئالمىسۇن،باجدىن قېچىش قىلمىشى يۈزبەرگەنىكەن، خيىم-خەتەرتۇغۇلدى دىگەن گەپ.مۇبادا باجدىن قېچىش سوممىسى جىنايەت ئۆلچىمىگە يەتسە، تەكشۈرۈپ،بايقالدىنكىيىن بوغالتىرنىڭ سولاقتىن قۇتۇلمىقى تەس. ھازىر كۆپلىگەن ئوتتۇرا-كىچىككارخانىلار،بولۇپمۇ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بوغالتىرلىق خېيىم-خەتىرىگەبولغان تونۇشى تۆۋەن.كۆپلىگەن كىشىلەر باجدىن قېچىش قىلمىشىنى باجدىن مۇۋاپىقچەتلەش دەپ ئويلايدۇ.بەزىلەرباج ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ياخشى بولسا،باجدىنقېچىشنى تەكشۈرمەيدۇ دەپ ئويلىشىدۇ.بۇخىل تونۇشلار ناھايىتى خەتەرلىك،مۇباداتەكشۈرۈلۈپ قالسا كىشىلىك ھايات رېلىسىدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولىدۇ.2. كىردىت(ئىناۋەتلىكقەرز)خېيىم-خەتىرى:كارخانا تەرەققىيات مەبلىغى يىتىشمىگەندە بانكىدىن قەرز ئېلىشدائىملىق بىر كەسىپ.ئەمما بەزى خوجايىنلارئەمەلىي كەسپىي ئىھتىياجنى چىقىش قىلماستىن،ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن قەرز ئالىدۇ.بۇجەرياندا بوغالتىرلار كۆپىنچە خوجايىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە،بانكىغا ساختا ھىساباتماتىرياللىرىنى تەمىنلەيدۇ.ناۋادا زور سوممىلىق قەرز بولسا قايتۇرالمىغاننىڭئۆستىگە،قەرز بىرىشكە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىمۇ دەۋاغا چۈشۈپ قالىدۇ.بوغالتىرمۇقىلمىشىدىن بالا تېرىۋالىدۇ.3. تاشقى پىرىۋوتخېيىم-خەتىرى:دۆلەت تاشقى پىرىۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا،مۇناسىۋەتلىكبەلگىلىمىلەر بويىچە كەسپ بىجىرمىگەندە چارە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى كۆپ.بىرشىركەتنىڭ تاشقى پىرىۋوت كەسپىنى ئادەتتە بوغالتىر بىر تەرەپقىلىدۇ.خوجايىنلار مەنپەئەت ئۆچۈن، بوغالتىرغائەقىل كۆرسىتىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ.بۇمۇ بوغالتىر ئۆچۈن ئاپەتئۇرۇقىنى تېرىيدۇ.4. باشقا خېيىم-خەتەر:بەزى شىركەتتە خادىملار مۇناسىۋىتى مۇرەككەپرەك بولۇپ،ئىچكى قىسىمدا رىقابەتناھايىتى كەسكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بوغالتىرلىق پايدا-مەنپەئەت ئۆتكىلىدىكى خىزمەتبولغاچقا،ئىھتىياتسىزلىق قىلىنسا ئاسانلا باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدىغانگەپ.ئۇنداقتا بۇخېيىم-خەتەرلەردىن قانداق ساقلىنىش كىرەك؟مىنىڭ قارىشىمچە ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىكقانۇن-تۈزۈم،بەلگىلىمىلەرنى پىششىق ئىگەللەپ،نىمىنى قىلىپ،نىمىنى قىلماسلىقكىرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ئاندىن قارار چقىرىپ، خېيىم-خەتىرى چوڭ بولغان شىركەتلەردىنئايرىلىشنى ئويلىشىشى كىرەك.شۇندىمۇ خىيىم-خەتەر بولغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىقوغدايدىغان ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇشى كىرەك..
مەنبە: blog.sina.com.cn تەرجىمىدە: كېرىيەئىقبال كارخانا ئىشلىرى ئورنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozlat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-23 09:26 PM
|
|
|
|
|
|