غەيۋەت
ئاپتۇر: ئارىش ئەپەندى
بىزنىڭ بۇ كەنت ناھىيە مەركىزىدىن يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىنىڭ چىتىگە جايلاشقان بولغاچقىمۇ؟ كىشىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەنتتىن سىرتلارغا ئانچە چىقىپ كەتمەيتتى، توي-تۈكۈن بولسىمۇ مۇشۇ مەھەللە ئىچدە بولۇپ، قىزىنى ياتلارغا بەرمەسلىك بىرخىل ئادەتتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق ئادەتلەر يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپىيىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىدە بىرخىل قائىدە يۇسۇن بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى.
كەنتىمىزنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، ياخشى يامان گەپلەر بىردەمنىڭ ئىچىدە كەنتتىكى بارلىق چوڭ-كىچىكلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بولاتتى.
ئايالىم ئىشىكتىن كىرىپلا سۆزلەشكە باشلىدى. قارىسىلا ئاۋۇ پەتەكنى،
− كىمنى دەيسەن؟
چۈشىنەلمەي سورىدىممەن.
− سەمەتنىڭ قىزى پاتىمەنىچۇ؟
− ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ.
− ئەرگە تەككىسى كەلگەن ئوخشايدۇ.
سۇئال بىلەن قارىدىم مەن ئايالىمغا.
− ئەتىگەندىن بىرى مەھەللىنى بىرنى ئايلىنىپ چىقتى ئۇ پەتەك، ئۆزىنىڭ يېڭىدىن تېكتۈرۋالغان قاسماق ئەتلىسىنى كۆز-كۆز قىلىپ. ئەگە تەككىسى كەلمىگەن بولسا نېمە قىلىدۇ يېڭى كۆينىكىنى كۆز قىلىپ مەھەللە ئايلىنىپ، تايىنلىق مەھەللىدىكى ياشلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتەي دگەندۇ تايىنلىق.
ئايالىمغا قاراپ ئىچىمدىكى كۈلكەمنى ئاران بېسىپ.
− ھە ئەسلى سىنىڭمۇ يېڭى كىيىم كەيگىڭ كەپتىكەندە.
ئايالىم ئۈن دېمىدى.
− مېنىڭ بۇ ئايالىم مەھەللىمىزدىكى ياخشى-يامان ئىشلارنى ماڭا يەتكۈزىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
− قارىسلا.
− ھە يەنە نېمە بولدى، ساقا قاراپ-قاراپ، قاراپ يەنە قاراپ شۇ، قارىسام يەنە سەن شۇغۇ.
− مەزىننىڭ قىزى ئاماننىسا ئالىي مەكتەپتكە ئۆتۈپتىمىش، چوڭ شەھەردە ئوقۇغۇدەك.
− ئوۋ ياخشى ئىشكەنغۇ، مەھەللىمىزنىڭ پەخرى بولغۇدەك، بىز پەخىرلەنسەك بولىدۇ.
− قىزىدا بىرەر مەسىلە بولمىسا نېمە قىلىدۇ يىراق يەرگە ئەۋەتىپ. ئاڭلىسام، يېزا بازىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قورسىقىدا قالغانمىش. شۇڭا ئىمام بۇ سەتچىلىكنى قۇتۇلاي دەپ قىزىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئالدۇرۋېتىپ يېراق يەرگە ئوقۇش ئەۋەتمەكچى بولغان گەپ.
− بۇنداق بولمىغۇر گەپلەرنى نەدىن تاپتىڭ.
− بايام قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىدا پىت بىقىشقاچ شۇ گەپ بولدى. مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ، شۇ بىر سىلىلا ئاڭلىمىدىلا.
بىزنىڭ مەھەللىدە خەۋەرلەر مۇشۇنداق تېز تارقىلىدۇ، ياخشى ئىشلار يامانغا، يامان ئىشلار ياخشىغا ئۆرىلىشى ھېچ قانچە ئىش ئەمەس. بىراۋلار ئاجرىشىپ كەتسە ياكى توي قىلسا، ئىش قىلىپ، ھەممىسى نۇرمال ئىش ئەمەس، مۇشۇ مەھەللىمىزدىكى غەيۋەتخۇر ئاياللارنىڭ تاپمايدىغان گېپى يوق. لېكىنزە، ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. قايسى بىرىدۇر ئاغرىپ قالسا، قايسى بىرىنىڭ ئۆيىدە توي بولسا، ئاخشىمى مەھەللىدىكى قولى ئىشقا كەلگۈدەك قىز ئاياللار شۇ توي بولىدىغان ئۆيگە چىقىپ توينىڭ بارلىق تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بەرسە، ياخشىراق تاماق ئەتكەندە بولسا قۇلۇم قوشنىلىرىنى ئۇنتۇپ قىلىشمايدۇ. نۇرغۇن گەپلەرنى ئاغزىدا دېگەن بىلەن لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قانچىلىك يامانلىق كەلمەيدۇ.
بۈگۈنمۇ مىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىم خەۋەر ئېلىپ كىرگەن چىغى.
− ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ قىزى قايتىپ كەلگۈدەك.
− ھوي تېخى ئوقۇشقا بارغىلى ئالتە ئايمۇ بولمىغانتىغۇ؟
− شۇ، بىرەر ئىش بولمىغان بولسا، بۇنداق تېز يېنىپ كىلەمتى ئۇ جىنتەك، مەكتەپتە قىلغان سەتىچلىكىنىڭ چاۋسى يېرىلىپ كەتكەچكە تۇرغىدەك يۈزى قالماي يېنىپ كەلگەن گەپ.
− شۇنداقمۇ؟
− ئەلۋەتتە. مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ ئاغىزىدا مۇشۇگەپ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، نېمىشقا يېنىپ كېلىدۇ.
− ھەي تولا باشقىلارنىڭ ئىشىدىن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەندەك گەپ قىلماي ئىشىڭنى قىلە ماڭ.
مەھەللىمىزدە ئاماننىسانىڭ بۇ ئىشى قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. مېنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىممۇ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خەۋىرىدە بۇ توغرىسدا ھەرخىل يېڭى-يېڭى خەۋەرلىرىنى ئايىماي بېرىپ تۇردى. لېكىن بۈگۈن ئۇنىڭ بەرگەن خەۋرى ئادەمنى چۈچىتەتتى.
− ئاماننىسا ئۆلۈۋاپتۇ.
− نېمە؟ ئۇ بۇنداق بولمىغۇر ئىش قىلىدىغان قىز ئەمەستىغۇ؟
مەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن يوللاردا ئۇچرىتىپ قالاتتىم، ئۇ شۇنچىلىك ئەدەپ ئەخلاقلىق قىز ئىدىكى ئۇنىڭ ھەربىر يۈرۈش تۇرىشى شۇنچىلىك جايىدا، گەپ-سۆزى مۇلايىم چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدىغان قىز ئىدى.
ئۇنىڭ ئەخلاقىدىن ئۇنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگىلىمۇ بولمايتتى.
بۈگۈن ئاماننىسانىڭ نامىزىنى چۈشۈردۇق، ئەزەلدىن ئۆزىنى مەغرۇر تۇتىدىغان ئىمام ئاخۇنۇم بۈگۈن قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
نامازدا ئاماننسانىڭ ئۆلۈش ئالدىدا قالدۇرۇپ كەتكەن بىر پارچە خېتى ھەمىمىزنى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا قايىل قىلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يامان گەپ قىلغانلارنىڭ بېشى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ئاماننىسا خەتتە:
مەن ئۆز يۈرتۇمدىن ئايرىلغىم كەلمىسىمۇ ئەمما بىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىنتىلىشىم بىلەن يۇرتۇمدىن ئايرىلدىم. يۇرتىمدىن بارا-بارا يېراقلاۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتلاردا مەھەللىمىزدىكى ھەربىر كىشى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ھەر كۈنى مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇچىرىتىدىغان تونۇش چىرايلار، تونۇش ھەرىكەتلەر، سالام-سائەتلەر.
مەن قايناق شەھەرگە كىلىپ مەكتەپكىمۇ ئورۇنلىشۋالدىم، بۇ يەردىكى كىشىلەر ھايۋاندەك يۈرىشىدىكەن، قىزلار قىزلاردەك ئەمەس، ئۇلاردا نە ئەخلاق، نە غورۇر، نۇمۇس قىلىشماي سۆيۈشۋاتقان قىز يىگىتلەر، غورۇرىنى ئىت يەپ كەتكەن ئۆزىنى ئوغۇل چاغلايدىغان ئوغۇللار، بەزىلەرنىڭ مىنى مەتۇ دەپ زاڭلىق قىلىشلىرى. بۇ شەھەر، بۇ مەكتەپتە بىر كۈنمۇ تۇرغۇم كەلمىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق كىيىنىش، بۇنداق يۈرۈش بىرخىل مەدەنىيەت دەپ قارىلىدىكەن. مەن بۇ يەرگە بىلىم ئۈگۈنۈش، مەدەنىيەت ئۈگۈنۈش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، لېكىن ھەقىقىي مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئەسلى مەھەللەمدىكى ئاشۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىكەنتۇق بۇنى بىلمەپتىمەن. ئاخشاملىرى ياتاقلىرىغا كىرمەي بەزىدە مەس ئەلەس كىرۋاتقان قىز يىگىتلەرگە قاراپ، ئۆزۈمنى بۇ ناپاق تۇپراققا ماس كەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ يۇرتۇمنىڭ قانچىلىك ئەزىز ئېكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆز مەھەللەمدە نەپەس ئىلۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ مىنى بۇ ناكەس يۇرتتىن ئايرىلىشقا ئۈندەۋاتاتتى.
مەن يۇرتقا كەلدىم، كېلىپ بولغۇچە مەن توغۇرلۇق بولۇنغان سۆزلەر، مىنىڭ قىزلىق غورۇرمغا ئوقتەك تېگىشكە باشلىدى. ماڭا ھېچكىم ئىشەنمىدى. داداممۇ مېىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇردى. مەن چېدىمىدىم، قۇرۇق-تۆھمەت بىلەن يەنە ياشاۋېرىشنى توغرا تاپمىدىم، ئاشۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دوزاخ ئازابىنى تارتىشنى ئارتۇق تاپتىم. خەيىر قېرىنداشلىرىم، خەيىر مەن بىلەن ئويناپ كۈلگەن دوستلىرىم.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-23 05:21 PM