ھۆرمەتلىك مىسرانىم مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار، ياپونىيەدە كارتون كەسىپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاچقان كارتون تەربىيىلەش سىنىپى ۋە باشقا پائالىيەتلىرى خاتىرلەنگەن سۆھبەت ۋىدىئوسى يوللىنىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئوغلانىمىزنى يەنىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلغاندىن سىرت، ئىشلىرىغا ئۇتۇق كۈنىگە بەخت تىلەيمىز.
رىۋايەت تورىدىن ئېلىندى
----------------------------------------------------------------------------------
2013-يىلى 8- ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ 26- كۈنىگىچە 3- قېتىملىق ‹ كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى › شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپى بىناسىدا ئېچىلدى.
بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە گۈزەل - سەنئەت شۇنداقلا مېدىئا ساھەسى قاتارلىق ھەرقايسى ساھە ۋە ئورگانلاردىن كەلگەن مېھمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن سىرت، بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا مەدەت بەردى ۋە قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار بولساكورلا، قەشقەر ۋە قاغىلىق ، تۇرپان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ، ھەممىسى توغرا بولغان كارتون فىلىم بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان.
بۇ قېتىملىق كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى- ۋە 2- قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىغا قارىغاندا ۋاقتى ئۇزۇن، ۋە ئەمەلىي مەشقلەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قىسقا كارتون ئىشلەش قاتارلىق كەسپىي يوسۇندىكى تەربىيىلەشمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
UACGيەنى ‹ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتون گۇرۇپپىسى› بولسا، ئېرپان يارمۇھەممەت 2013- يىلى تەشكىنلىگەن كارتون ئىشلەش گۇرۇپپىسى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا ئاساسلىقى دۇنيادا كارتون ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان ياپونىيىنىڭ كارتون ئىشلەش سېستىمىسىنى توغرا قوللىنىش ۋە ھەقىقىي توغرا بولغان ئىشلەش سېستىمىسى ئاستىدا فىلىم ئىشلەش ئېلىپ بارىدىغان فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدۇر.
تۆۋەندىكى ئالاھىدە ئىشلەنگەن فىلىمدىن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى مەزمۇنلۇق دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئاسپرانتلىقى ئوقوغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ نېمە ئۈچۈن كارتون تەربىيىلەش سىنىپىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە UACG گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسىدى شۇنداقلا مەزمۇنلۇق دىگىتال مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.