مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5470|ئىنكاس: 27

بىلىمخۇمار: ئامېرىكىنىڭ تېلېۋىزوردا شىركەت قۇرغۇچىلارغا ياردەم ق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 07:15:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنىڭ تېلېۋىزوردا شىركەت قۇرغۇچىلارغا ياردەم قىلىشى

بىلىمخۇمار
2013-9-21

تۈنۈگۈن ئىزدىنىش تورىدىكى «atella0997» ئىسىملىك بىر ئۇكىمىز مەن يازغان «مارستا ھازىر ھاياتلىق بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن تېمىغا ئىنكاس يېزىپ، مۇنداق دەپتۇ: «ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان بىلدۈرگۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت. بولسا سانائەت ،ئېلېكتىرون ۋە ياساش كەسپىگە ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ يوللىغان بولساڭلار، ھازىرچە بىزلەرگە كائىنات بىلىملىرىگە قارىغاندا سانائەت بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن، گەرچە كائىنات بىلىملىرى ئۆز كەسپىڭلار بولسىمۇ، سانائەت بىلىملىرىگە بولغان نەزەر دائىرەڭلار يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.»  مەن بۇ تەكلىپنى ئىنتايىن ئورۇنلۇق كۆردۈم.  بۇ تەكلىپنى ئورۇنلاش يولىدا قانداق قىلسام بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش جەريانىدا، ئېسىمگە ئامېرىكا تېلېۋىزورىدا ھەر ھەپتىسى بىر قانچە قېتىم قويۇلۇۋاتقان «لەھەڭلەر كۆلچىگى»(Sharks Tank)  دېگەن پروگرامما كېلىپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغا مۇشۇ پروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ پروگراممىنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەملىكەتلىك تېلېۋىزور شىركىتىنىڭ بىرى بولغان «ABC» شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ABC» دېگەن ئىسىم ئىنگلىزچە «American Broadcasting Company»(ئامېرىكا ئاڭلىتىش شىركىتى) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىسىمدۇر.

بۇ پروگراممىدىكى «لەھەڭلەر» بىر گۇرۇپپا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  بۇ كىشىلەر ئەسلىدە پۇلى ئانچە كۆپ ئەمەس كىشىلەر بولۇپ، ئۆزلىرى قاتتىق تىرىشىپ، شىركەت قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مىليونېر ۋە مىلياردېر بولغان 5-6 كارخانىچىلاردىن تەركىپ تاپقان.  بۇ تېلېۋىزور پروگراممىسىدا ئامېرىكىدىكى بىر يېڭى مەھسۇلات ياكى بىر يېڭى شىركەت توغۇرلۇق بىرەر يېڭى ئىدىيە تاپقان، ياكى بىر يېڭى مەھسۇلاتنىڭ سىناق نۇسخىلىرىنى ئىشلەپ چىققان ياشلار مۇشۇ «لەھەڭلەر» نى ئىزدەپ كېلىدۇ.  بىر قېتىمدا بىر ياكى بىر گۇرۇپپا ياشلار بىر بىزەلگەن ئۆينىڭ ئىچىدە قاتارى ئولتۇرغان 5-6 مەبلەغچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ياكى يېڭى شىركەت ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  سىناق تەرىقىسىدە ياسالغان ياكى بىر قىسمى سېتىلغان مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇ لەھەڭلەرگە كۆرسىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ.  ئاندىن ئاشۇ لەھەڭلەردىن ئىستەيدىغان مەبلەغنىڭ مىقتارى بىلەن شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.   مەسىلەن، شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ شەرتى مۇنداق بولىدۇ: «ماڭا يۈز مىڭ دوللار مەبلەغ لازىم.  بۇ پۇلنى پالانى، پالانى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىمەن.  بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن سىزگە شىركەتنىڭ 10 پىرسەنتىنى بېرىمەن.»  ئۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى 5-6 مەبلەغچىلەر بىردىن-بىردىن سۆزلەپ، شىركەت قۇرماقچى بولغانلاردىن سوئال سورايدۇ.  بۇ سوئاللار ھېلىقى مەھسۇلاتنىڭ بازار كۆلىمى، يىللىق كىرىمى، رىقابەتچىلىرى، تارقىتىلىش ئۇسۇللىرى دېگەندەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ بىر مەھسۇلات ياكى شىركەتكە قىزىقىدىغانلار يۇقىرىغا ئوخشاش ئىنچىكە سوئاللارنى سورايدۇ.  ھەمدە شىركەت قۇرغۇچى بىلەن سودىلىشىدۇ.  مەسىلەن، يۇقىرىدىكى شىركەت قۇرغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتكە نىسبەتەن «مەن ساڭا يۈز مىڭ دوللار بېرىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا شىركەتنىڭ 30 پىرسەنتىنى بېرىسەن.»  بۇ شىركەت ياكى مەھسۇلاتقا ئىشەنمەيدىغانلار بولسا، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن بۇ ئىشقا قاتناشمايمەن» دەپ ئۆزىنى بىر چەتكە ئالىدۇ.  مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق بەزى مەھسۇلات ياكى يېڭى شىركەت شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ۋە زۆرۈر بولغان مەبلەغ پۇلىغا ئېرىشىدۇ.  بەزىلىرى بولسا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي، بۇ سورۇندىن قۇرۇق قول قايتىدۇ.  بۇ پروگراممىغا مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنتايىن قىزىقىدۇ.  مېنىڭچە بۇ پروگراممىغا قىزىقىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ.  ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، ئەگەر سىز بىر مەبلەغ سالغۇچى بولسىڭىز، مۇشۇنداق بىر جەريان ئارقىلىق، بىكار ياتقان پۇلىڭىزدىن قىممەت يارىتىدىغان بىر يېڭى پۇرسەتكە ئىگە بولالايسىز.  ئەگەر سىز بىر يېڭى شىركەت قۇرۇشنى ئىستەۋاتقان بىرسى بولسىڭىز، مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق، قانداق مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا مەبلەغگە ئېرىشىش ۋە شىركەتنى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز.  مەزكۇر پروگرامما 2012- ۋە 2013-يىللىرى ئامېرىكىدا چىققان رېئاللىقنى كۆرسىتىدىغان پروگراممىلار كاتېگورىيىسىدە بىر قانچە دۆلەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ.  

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئانچە-مۇنچە سەنئەتتە تالانت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ تۇرىدىكەن.  بۇنداق پروگراممىلاردىن ئامېرىكىدىمۇ 5-6 سى بار بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ.  شۇڭا بۇنداق پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ بولۇپ تۇرغىنى بىر ئىنتايىن ياخشى ئىش.  ئوخشىمايدىغان يېرى، ئامېرىكىدا يالغۇز سەنئەتلا ئەمەس، ئىنسانلار ئىگە بولغان ھەر خىل تالانتلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق تالانت كۆرسىتىش پروگراممىلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.  شۇڭا ئۇلار ئىنتايىن رەڭدار كېلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىدا ئەقلىي كۈچ بىلەن بىلىم كۈچى ۋە بىلىم دائىرىسىنى نامايان قىلىدىغان، مەملىكەتلىك تېلېۋىزورلاردا نەق مەيداندىن كۆرسىتىلىدىغان پروگراممىلاردىنمۇ ئوخشاش مىقداردا بار.  مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلايمەن دەيدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق ئىككى ئىشنى جىددىي تۇتۇش قىلىپ قىلىشى كېرەك:  (1) يىپەك يولى مەدەنىيىتىدىن كېلىپ چىققان ھورۇنلۇق خاراكتېرىنى يوقىتىش (مەسىلەن، ئۆزى مەھسۇلات چىقارماي، بىر نەرسىنى بىر يەردىن بىر سومغا ئېلىپ، ئۇنى يەنە بىر يەردە ئىككى سومغا سېتىپ جان بېقىشقا ئۇرۇنۇش خاراكتېرى).  (3) مائارىپ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.  مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.

ئەمدى ئەسلىدىكى تېمىغا كەلسەك، مەن يۇقىرىدىكى ئۇكىمىزنىڭ تەكلىپىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن «لەھەڭلەر كۆلچىگى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىنى داۋاملىق كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى بىلەن ئۆزەم يېتىشەلىگەنلىرىنى تورلاردا قىسقىچە تونۇشتۇراي، دېگەن ئويغا كەلدىم.  ئەمدى تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەندە ۋاقىت قىيىنچىلىقى ئىنتايىن يۇقىرى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىدىكى ئىشنى ئامېرىكىدىكى بىرەر ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم قىلالايدۇ.  شۇڭلاشقا ئامېرىكىدا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بېرەلەيدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەرسى ياكى بىر قانچىسى بولسا، ناھايىتى ياخشى بولاتتى.  مەزكۇر يازمىنى ئوقۇغان ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن.

دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تېخنولوگىيە ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار توختىماي ۋۇجۇتقا كېلىپ تۇرىدۇ.  شۇڭلاشقا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئاز ئىش قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ «atella0997» ئۇكىمىزنىڭ تەكلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىرغىچە كۆرمىگەن قېرىنداشلارغا مېنىڭ «ئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىپ» دېگەن يازمام بىلەن «muhakima» ئۇكىمىزنىڭ «ئالىملىرىمىز ۋە باغداشلىقلارغا جىددى مۇراجىئەت» دېگەن تېمىسىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن.  ئۇلارنىڭ تور ئادرېسى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-19793-1-1.html
http://bbs.bagdax.cn/thread-19860-1-1.html

بۇ تېمىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا كۆچۈرۈپ چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


تۆۋەندىكى 1-رەسىم ھازىرقى «لەھەڭلەر كۆلچىگى» نىڭ ئەزالىرى، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار.  2-رەسىم بولسا شىركەتكە مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن لەھەڭلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىككى قىز.  


http://abc.go.com/shows/shark-tank/about-the-show




2-رەسىم

2-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kulpat + 199 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 199   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97527
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 01:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىلىم خۇمار ئۇستازنىڭ  خەلقىمىز ئۇچۇن سىڭدۇرۋاتقان  ئەجرى مىھنىتىنى  ساناپ تۇگەتلكىلى بولمايدۇ . نوۋەتتە ،مائارىپتا يۇكسىلىش ۋە يىڭىلق يارتىش مەسىلىسى ھەقىقەتەنمۇ بىر تەخىرسىز مەسىلە بۇلۇپ قالدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97697
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-9-8
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 02:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ...ئەلۋەتتە تىما يوللىغان قىرىندىشىمىز ئىيتقاندەك بىزنىڭ جەمىيتىمىز دەل مۇشۇنداق ئىشلارغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 02:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن ياخشى ھە؟ رەخمەت سىزگە

دوسلىرىم سىلەرنى سېغىندىم

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7442
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7747 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 02:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندىم سىزگە رەھمەت. سىزنىڭ يازمىللىرىڭىز بىز ئۈچۈن بىباھا گۈھەردۇر.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 03:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 04:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇلاردىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز كۆپ .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9525
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2693 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 04:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆھتەرەم ئالىمىمىزنىڭ ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋاقىت ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ يوللاۋاتقان تېمىلىرى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىباھادۇر.

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 05:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ شۇنچە ئالدىراش ئىشلىردىن ۋاقىت چىقىرىپ جەمىيتىمىزگە كۆڭۈل بۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،تىنىگە سالامەتلىك يار بولسۇن.
تىيەنجىن سۈنئى ھەمرا قانىلدا(天津卫视)، ئەركىن سىدىق ئاكا تۇنۇشتۇرغان تىلىۋىزور پىروگراممىسىغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بىر پىروگرامما بار.پىروگرامما ئىسمى خەنزۇچە‹非你莫属›ئۇيغۇرچە  ‹سىزگىلا مەنسۇپ›دىگەندەك مەنىدە.ئەركىن ئاكىمىز دىگىنىگە ئوخشىمايدىغان يېرى،ئۇنىڭدا خىزمەتچى ئالدىغانلار بىلەن خىزمەت ئىزدەيدىغانلار چىقىدۇ،سەھنىدە ئوندەك بەلگىلىك ئەمەلى كۈچى بار شىركەت باشقۇرغىچىلىرى ياكى شىركەت باشلىقلىرى بار،ئاندىن سەھنىگە خىزمەت ئىزدۈگىچى چىقىپ ئۆزىنى شىركەت خوجايىنلىرغا تۇنۇشتۇردۇ،ئاندىن شىركەت خوجايىنلىرى ئۇنىڭدىن سۇئال سورايدۇ.خۇددى يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا ئوخشاش .ئاخىردا بەزىلەر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرشىدۇ،بەزىلەر قۇرۇق قول قايتىدۇ.مۇشۇ پىروگراممىنى كۈرۈش ئارقىلىقمۇ  خېلى كۆپ بىلىملەرنى ئىگەللىگىلى بۇلۇدۇ.تورداشلارنىڭ پايدىلانغىدەك بولسا پايدىلنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8812
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2157 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 05:27:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندى ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ بىزنى بىلىشكە تىگىشلىك تەبئىي پەن ئاساس چۈشەنچىلىرى ، يىڭىلىقلار بىلەنلا ئەمەس  مۇشۇنداق يىڭى تەپەككۇر يىڭىچە ئۇسۇللاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان ئەجرىنى بەرسۇن  .  كۆپنى كۆرگەننىڭ  نەزىرىمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ  .  
ئۇلانما  قىلىنغان ئاۋۇ  تىمىڭىزنى  ئوقۇپ تولىمۇ تەسىرلەندىم  .  ئوغلانلاردەك  گەپلەرنى  قىلىپسىز  ھەم   ئەمەلدە  كۆرسىتىۋاتىسىز  .  ھارمىغايسىز   ئاكا  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mercury تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-22 05:29 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش