|
|
|
|
ئىنسان ئۈچۈن ئۆز قەلبىدە ئويغانغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ،ئۈن-تىنسىز قەلبىنىڭ چوڭقۇر تەكتى سەھراسىغا يۇشۇرۇپ پاك سۆيگۈسىنى تۇنجۇقتۇرۇشتىنمۇ قىيىن ئىش بولمىساكىرەك.
ئەتە سىنىڭ تۇيۇڭ،شۇ تاپتاكۆزلىرىمدە لىق ياش يۈرۈكۈمدە ئالامچە ھەسرەت،مەن ئاشىق بولغان ئويناق خىيالچان كۆزلىرىڭ ،ئەتىدىن باشلاپ باشقا بىرىگە مەنسۇپ بۇلىدۇ،ئىلگىرى چاچا=لىرىمنى سىلىغان ،ئايرىلىش ئالدىدا ياشلىرىمنى سۈرتكەن ئاشۇ ئۇماق قوللۇرۇڭ ئەتىدىن باشلاپ باشقا بىرىنىڭ ،باشقا بىرىنىڭ بېشىنى سىلايدۇ ئاھ،نەقەدەر ئېچىنىشلىق !سەن كىتىسەن مىنىڭ مىسكىن قەلبىمنى ھىجران چۆلىگە يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كۆزلىرىمدىن يامغۇر كەبى تۈكىلىۋاتقان ياشلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماستىن كىتىسەن .قانداق قىلاي سۆيگۈ دىگەننى
پۇل بىرىپ ئالغىلى ۋە ياكى سەدىقە ئورنىدا ئۈتۈنۈپ بەرگىلى بولمايدۇ دە-! مانا بۈگۈن سىنىڭ تۇيۇڭ .ئاسمان شۇنچىلىك تۇتۇق،مىنىڭ كۆز ياشلىرىمدەك تۈكىلىۋاتقان يامغۇر تامچىللىرى يەر جاھاننى كۆكەرتىپ دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىكى چاڭلارنى يۇيىۋاتىدۇ،مەن بۇ يامغۇردا قەلبىمدىكى ئازاپلارنىڭ پاكىزە يۇيۇلۇپ كىتىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .ئاھ خۇدا !يەر جاھاننى پاكىزلىيالىغان ئاشۇ يامغۇر قەلبىمدىكى دەرت-ئەلەملەرنىمۇ يۇيىۋېتىشكە قادىر بۇلالىسىچۇ كاشكى.شۇ تاپتا قەلبىم كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىترەپ،ياشلىق باھارىمغا چۈشكەن ۋاقىتسىز قىراۋلار مىنى تۇلىمۇ ھالسىزلاندۇرۋەتتى .ئەمدى بۇ مۇزلىغان ۋۇجۇدۇمدىكى بەخىتسىز سۆيگۈم نەلەردە سەرگەردان بۇلار........
مانا ئاخىرى كەچمۇ بولدى سەن شۇ تاپتا مەن بىلەن جىنىسداش بولغان ئادىمىڭ يەنى ئارزۇلۇق ياۋا گۈلۈڭ بىلەن توينىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقانسەن بىراق مەن تورخانىدا .سەن ئۈيۈڭدە يولدىشىڭ بىلەن كۈڭۈل ئاچساڭ مەن بۇيەردە كۈڭۈل ئېچىۋاتىمەن ،قانداق قىلاي مەندە بۇنىڭدىن باشقا ئامال بولمىسا .تېخى تۈنۈگۈنلا كۈرۈشكەن ۋاقتىمىزدا «جېنىم مەن سىنىڭ،ھېچكىم مىنى سەندىن تارتىۋالالمايدۇ ئۇلۇغ ئاللاھ خالىسا بىز مەڭڭۈ بىرگە ئۈتىمىز».دەپ كىتىشلىرىڭنى نىمە دەي ئەمدى...نەچچە سائەتتىن كىيىن تۇيۇڭ بۇلىدىغان تۇرسا مەن بىلەن كۈرۈشۈپ شۇ گەپلەرنى دىيىشكە زادى نىمە سەۋەپ بولدى؟ ئەمدى بۇنىڭغا مەن نىمە دەي،زادى نىمە دەي؟سەن بىلەن كۈرۈشۈپ بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بەكمۇ ئايدىڭلاشتۇرغۇم بار،تورداشلار قېنى دەپ بېقىڭلار شۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرشۇمنىڭ ئەھمىيتى بارمۇ زادى ؟ بۇ قانداق مۇھەببەت ئەمدى ! ! ؟ ؟
مەنبە :ئۈزۈم
|
|
|
|
|
|