مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3423|ئىنكاس: 13

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 04:45:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە

- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر.ئۇلار دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.‹تۈرك› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىتا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار.بىر خىل قاراشتىكىلەر تۈركلەر قەدىمدىن ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ياشىغان،ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى ‹تۈركە› (دوبۇلغا،قەدىمكى دەۋىردىكى ئەسكەرلەرنىڭ باش كىيىمى) گە ئوخشايدىغان بولۇپ،تۈركلەر مۇشۇ نام بىلەن ‹تۈرك› دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ،خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردا كۆپرەك مۇشۇ خىل قاراش ياقلىنىدۇ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ‹تۈرك› دىگەن سۆز ‹قۇدىرەتلىك›،‹قەيسەر›،‹ئىجادجان›،‹پىشقان›،‹گۈللەنگەن› دىگەن مەنىلەردە دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراشنى ياقلىغۇچىلار كۆپىرەك تىلشۇناسلاردۇر.يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ‹تۈرك› پەقەتلا بىر سىياسىي نام،ھېچقانداق مىللەت مەنىسىگە ئىگە ئەمەس،دەيدىغان يەنە بىر خىل قاراش مەيدانغا كەلدى.》【1

بۇ ماقالىدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈرك قارىشى بىلەن ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى سىلىشتۇرما قىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزدە تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقات باشقا ئەللەردىن كىيىن باشلانغان.ئازادلىقتىن كىيىن سىن جوڭمىيەن،ماچاڭشۇ قاتارلىقلار قىسقىچە تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغان.80-يىللاردىن كىيىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما كۆز-قاراشلار قېلىپلىشىپ قالغان.كىچىك جەھەتتىكى پەرقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تەتقىقاتتا زور ئۆزگىرىش بولمىغان.تەتقىقاتچىلار ئاساسەن خەنزۇچە قەدىمكى مەنبەلەرگە تايانغان بولۇپ،ئارخىئولوگىيلىك پاكىتلار ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى بويىچە تەتقىقات ناھايىتى ئاز بولغان.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) دا نۇقتىلىق ئەكىس ئېتىدۇ.تۆۋەندە بىر قانچە خىل قاراشلار نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇلىدۇ.

1.تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق تەتقىقاتچىلار خەنزۇچە مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن،تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى دىڭلىڭلار،قاڭقىللار (تېلېلار) دەپ قارايدۇ.ھەم بۇ قارىشىنى مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق تېخىمۇ دەلىللەيدۇ.【2】مۇسۇلمان تارىخچىلار قالدۇرغان يازمىلاردا بولسا《تۈرك-يافەس ئوغلى تۇر》دۇر دەپ قارىلىدۇ.《شەجەرەئىي تۈرك》،《تارىخى ھەمىدىي》قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدۇر.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا:《مەركىزى ئاسىيادا نۇرغۇن تارىخى قىسمەتلەر چۆكمىگە ئايلاندى.ئەمما مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى مىللىيەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تارىخى ياراتقاندىن كېيىن،ئۇ ئاق جىنسلىق ئارى①-ساك خەلقلىرى بىلەن،ساكلارنى ئاساس قىلىپ،قىسمەن موڭغۇلوئىد (سېرىق جىنىس) خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى.مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزى ئاسىيا ئاندرونوپ-ئارى،سىكىتاي-ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.بۇ ئىككى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركىزى ئاسىيا ئاق جىنىس ئىنسان تۈركۈمىنىڭ مىلادىىدىن ئىلگىرىكى 6-7مىڭىنچى يىللاردىن مىڭىنچى يىللارغىچە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مىلادىىدىن كىيىنكى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنىكى تۈركىي ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇناسىۋىيتى دىيىش مۇمكىن.بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ قىسمەن قوۋىملىرىدىكى پارالىلل زامانداشلىققا قاراپ،ئۇلارنى پۈتۈنلەي تارىخى مەنبەداشلىق ئالاقىسى بولمىغان باشقا-باشقا ئىككى خەلق قىلىپ قويۇش تارىخى چىنلىققا زىتتۇر.بۇ يېقىنقىي بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەركىزى ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەركىزى ئاسىياسىي،تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەقىقىي ئېتنولوگىيلىك مۇجەسسەم گەۋدىسىگە ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاق جىنىسلىق ئەجدادلىرى بولغان ئارى-ساكلارنى (جۈملىدىن دىڭلىڭ،ئۇجىيە،توخار ۋە سوغدىلارنى) ئۆزلەشتۈرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى-ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت》【3】دەپ خۇلاسىلەيدۇ.ئالىمچە،ئارىئان-ساكلار《ئاۋېستا》دا كۆرسىتىلگەن،تۇران ئېلىدە ياشايدىغان  جەڭگىۋار تۇرلار بولۇپ،بۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن《يافەسنىڭ ئوغلى تۇر》بىلەن زىت ئەمەس.

2.تۈرك ئىبارىسنى چۈشىنىش

ئىلىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئىبارىسىنى چۈشىنىشتە،مىلادىيە 552-يىلى ئىلىك ئارسىلان تۇمانخان تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇل-تاتار دالاسىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ.2009-يىلى نەشىر قىلىنغان،شۈ لىلىي(徐黎丽) باش بولۇپ تۈزگەن《تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى تەتقىقاتى》(突厥人变迁史研究) ناملىق كىتابتىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن.【4】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا،تۈرك ئىبارىسنى ئۈچ قاتلام-ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە پەرقلەندۇرۇش لازىم،دەپ قارايدۇ.《بىرىنچى،‹تۈرك› ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۈركلوگلىرى ئۇرقۇن ئابىدىللىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىكى ‹تۈرك›،‹تۈركىي› ئىبارىسى مەسىلىسى.ماھىيەتتە بۇ تىل،مەدەنىيەت،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس-ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.ئىككىنچى،‹كۆكتۈرك› خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىمىيەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە.ھونلارمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى.ھونلاردىن ئىلگىرىمۇ بىر قەدەر كىچىكىرەك ‹دىڭلىڭ ئېلى›،‹خۇجىيە ئېلى›،‹ئاراغول ئېلى› (中山国)،‹كۇيفاڭ›،‹تۇفاڭ› قاتارلىق ھاكىمىيەت ۋە قورغان-قەلئە ھاكىمىيەتلىرى بولغان.بۇنىڭدىن باشقا،ھونلار بىلەن كۆكتۈرك خانلىقى پۈتۈن تۇران زونىلىرىدا ياشايدىغان ئۈچ چەمبەر  (شىمالىي،غەربىي،شەرىقى تۇران) تۈركىي قەبىلىلەرنى تامامەن بىرلەشتۈرۇپ بولالىغانمۇ-يوق،بۇ تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە.ھونلار راسا كۈچەيگەندە،بىر قىسىم توخارلار كۇشان ئىمپىريىسى قۇرغان بولسا،كۆكتۈرك خانلىقى غەربىي،شەرىقى خانلىقلارغا بۆلۈنگەندىمۇ كاۋكاز-دېنىپىر ئارىلىغا،شەرىقى ياۋرۇپاغا كەتكەن ھون-ئاۋار تۈركلىرىنى باشقۇرمىغانىدى.ئۈچىنچى،ئەڭ قەدىمكى تۇرانىيلارنى-ئاندرونوپ ساكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.ئۇلار ھون خانلىقىدىن ئىلگىرى ‹دى›،‹زەي›،‹تۇفاڭ› (土方)،‹جىن› (禁,真 )،‹جۇلى› (株离)،‹لىن لى› (林离) ناملىرىدا،جۈملىدىن ‹تۇران› نامىدا ئەپراسىياپ ھاكىمىىتى شەكلىدە ساقلانغان.ئەپراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا،فرانزاسىيان) نامى ‹تۇر› نامى بىلەن ‹ئاۋېستا› دا ئۇچىرايدۇ.يەنە ئۇ ئىران شاھى كەيخۇسراۋ بىلەن ئەپراسىياپ جەڭلىرى سۈپىتىدە خەلق ئارسىدا كەڭ ساقلانغان ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسىنىڭ ‹شاھنامە› سىگە ئاساس سالغان.بىز خوتەندە ساقلانغان ۋە شۇەنزاڭنىڭ ‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋىرىدە غەربكە ساياھەت› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن پىلە قۇرتىنىڭ ‹شەرىقى تۇ ئېلى›(东土国 )دىن كەلتۈرۈلگەنلىكى رىۋايىتى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭدىكى ‹تۇر› (مەسلەن:‹پالۋانتۇر› قاتارلىق ئىگىز تۆپىلىك ياكى ئىستېھكام،قاراۋۇل تۇرلىرى) ناملىرىنىڭ كەڭ قوللىنىلشى،بىزگە ‹تۇر›،‹تۈرك›،‹تۇران› مەنىلىرىنى ئەسلىتىدۇ.بەلكى قەدىمكى ‹تۇرانىيلار› شەھەر-قەلئەلىرى ‹تۇر› ئىبارىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالسا كىرەك.》【5】

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بويىچە تەتقىق قىلىش قارىشى،ئىنسانىيەت مەنبەسىنىڭ بىردەكلىكى قارىشى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەر تارىخ قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تۈرك چۈشەنچىسىنى تارىخى نۇقتىدىن مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:《1)تۈركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۆزگەرگەن-موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛2)تۈركلەر ئىرق تىپى جەھەتتە موڭغولوئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان-ساكلارغا،شەرىقى جەنۇنىي ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يىقىن تۇرىدۇ؛3)تۈركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۈتكۈل تۇران-مەركىزى ئاسىيا،سېرىق دەريانىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا،يەنى شىمالىي،غەربىي ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛4)ھونلار تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت؛5)موڭغولوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمكى تۈركىي قەبىللەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس.تۈركلەشكەن موڭغولوئىدلار بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرىقى تەرەپتە) كۆپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرىغانلىقىنى،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەربىي تەرەپتە) ئازراق ۋە ۋاستىلىق ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىمىز؛6)قەدىمكى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋرۇپا جىنىسىنى نىسپىي ساقلىغان ھالدا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛7)ئەڭ قەدىمكى ئاندرونوپ-قاراسۇق-تاكار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى (خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسىي ھاياتىدا،تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.》【6】

3.تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى قارشى

دۆلىتىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئۆزگىرىش تارىخىنى ئوبىكتىپ باھالايدۇ.ئۇلارنىڭ پىكىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا،شەرىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،ھەر قايسى قەبىلىلەر ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى،تارىختىكى تۈركلەرگە سىلىشتۇرغاندا،زىمىن،تىل،ئىگلىك شەكلى،ئۆرپ-ئادەت،جىسمانىي ئالاھىدىلىك ھەتتا دىننى ئېتىقادتا ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش بولدى،تارىخ ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن،بۇنىڭدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ،مىللەتنىڭ ئۆزگرىشى مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلشى ۋە مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى،دەپ قارايدۇ.【7】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ مەسىلىگە كەڭ دائىرىدىن باھا بېرىدىغان بولۇپ،تارىخى مۇقەررەلىك نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلمايدۇ.بىر قاتار سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋە جوغراپىيىلىك سەۋەپلەرنى نەزەرگە ئالىدۇ.ئۇنىڭچە،《تۈركىي خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە) مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى،تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا ‹تۈرك› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ،‹تۈرك تىلى› (تۈركىي تىل ئەمەس) شەكىللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىدان (قارا خىتاي)،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرىپىدىن بىر قانچە قىتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچۈشى قاتارلىقلار سەۋەب بولدى.》【8】ئۇ يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچكى ئىتىتىپاقسىزلىقى،ئۆز بىشىمچىلىقى،روھى جەھەتتىكى مەنىۋىي ئاجىزلىقلىرىنى تەكىتلەپ:《تارىخ پات-پات مەركىزى ئاسىيادا بىرەر مىللەتنى ئاساس قىلغان پارچە ھاكىمىيەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى،بۇ پارچە ھاكىمىيەت ئاقساقاللىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ گۈركىرەشكەنلىكلىرى بىلەن،ئۇلارنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى ئارقا تېرەك قىلىش،ئۇلاردىن مەلىكە ئىلىپ قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ساقلاش،ئۇلارنىڭ بەرگەن ئۇنۋانلىرىنى ياكى نەسەپ ناملىرىنى ئۆزىگە تىل تۇمار قىلېۋىلىش خاھىشىنىڭ بىللە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇردى.خوتەن خانلىرىنىڭ ‹لى› فامىلىسىنى،قاراخانىيلار ئىلىك خانلىرىنىڭ ‹تاۋغاچ› نامىنى،بابۇرىيلار ئىمپېرىيىسى پادىشاھلىرى ۋە سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ‹موغۇل› نامىنى قوللىنىشى ئەنە شۇ ھەم پارچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتچىلىك ھەم بېقىندى روھىيەت زىددىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.ئوتتۇرا ئاسىيا،قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سوۋىت روسىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى روھىي ھودۇقۇشلىرىدىمۇ بۇ ھادىسە تەكرارلاندى.》【9】دەيدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى ئۇنىڭ مىللەت ۋە قىممەت قارشىغا ئاساسلانغان بولۇپ،بىر پۈتۈن تارىخ قارىشىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە،بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

                                           2013-يىلى 17-ئىيۇل،قورغاس.

نەقىل مەنبەلىرى

1ليۇ شىگەن:《تۈرك قاغانلىقى تارىخى》(ئەخمەتجان مۆمىن تەرجىمە قىلغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى 1-بەت.

【2】لىن گەن:《تۈرك تارىخى》(يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى.

徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。

3ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى مۇقەدىمە 10-11-بەتلەر.

ئارى①-گرىكچە كۆپلۇك مەنىسىدە 《ئارىيان》دەپ ئاتىلىدۇ.

【4】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,5،4页,民族出版社,2009。

【5】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 114-115-بەتلەر.

【6】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 124-125-بەتلەر.

【7】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。

【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 125-بەت.

【9】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى552-بەت.

ئاپتور: ئېلشاد رەخىم衣力夏提·热黑木江  (قورغاس ناھىيەسىدىن)

يانفون:15276338094

پوچتا نومىرى:835200


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elxat99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 04:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 07:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹تۈرك› دىگەن سۆز ‹قۇدىرەتلىك›،‹قەيسەر›،‹ئىجادجان›،‹پىشقان›،‹گۈللەنگەن› دىگەن مەنىلەردە دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراشنى ياقلىغۇچىلار كۆپىرەك تىلشۇناسلاردۇر.

دىگەن مۇشۇ قاراشلار بەكمۇ توغرا ،ئىلمى،ماھيەتلىك يەكۈندۇر.مەنمۇ بۇھەقتە كۆپ ماتىريال كۆرگەن،كۆپ ئىزدەنگەن.

   




قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84011
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 08:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ دەھشەت خاتالىقىنى بۇ تېمىنى 0 گە تەڭ قىپتۇ.
قارشى بىلەن قارىشى دېگەن گەپ ئوخشىمايدۇ.

burhanhoja بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 08:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7354
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1786 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 08:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى «تۈرك» ، دېگەن تارىخ  توغرىمىكىن، دەيمەن! چۈنكى قەدىمقى تارىخچىلىرىمىزنىڭ بەرى بۇ قاراشنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 09:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم سىزدىن شۇنى سوراپ باقسام، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن <مەدەنىيەت دالالىرىغا سەپەر> ناملىق ئەسىرىدە ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر قىسىم كىتابلىرىنى نەشىر قىلمىغان،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان دەپ ئىزاھات بەرگەن.

مەسلەن:

1. «ھەمراھى غەزەللەر»

2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).

4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).

10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .

11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)

ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى

1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).

2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).

3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).

4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).

5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).

6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).

7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).

-----------------------------------

كاللامدىن ئۆتمىگەن يېرى،ئاپتۇر بۇ تەپسىلارلارنى نېمىگە ئاساسەن يازىدۇ؟ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنمۇ؟ ئاپتۇر (يەنى ئا.مۇھەممەتئىمىن) راس يۇقىرىقىدەك ئورگىناللارنى قالدۇرغانمۇ؟ ئەگەر بولسا نەدە؟ نېمە ئۈچۈن نەشىر قىلىنمايدۇ؟



ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2884
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2547 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 09:50:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ناھىيىتى كەڭ مەزمۇنلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان،ئۇنى ئېرىنمەي قازغۇلۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 11:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ئالىم ھەققىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك مەخسۇس تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى ...

ئىتىپاقلىق كۈچ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36134
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 2419 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 11:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزئارا تەرجىمان ئىشلەتمىسە تىلىنى ئۇقۇشالمايدىغان خەخلەر ئۆزلىرىنى بىرمىللەتبىز  دېيىشىدۇيۇ، تەرجىمانسىز بىر-بىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئۇقالايدىغان خەلقنىڭ بىر تۈرك ئىكەنلىگىنى ئىنكارقىلىشىدۇ. ھەيرانمەن، قانداق نۇمۇسسىزلىقتۇ بۇ.

بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.   تۇرايىم: قۇت تۇرا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 01:43:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن.رەھمەت تىما ئىگىسى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش