مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1241|ئىنكاس: 8

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى توغرسىدا دەسلەپكى مۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 04:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى توغرسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە

- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

-  ھەقىقىي مېتودولوگىيسىز ھەقىقەتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.【1】


   ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەتقىقاتتا قوللىنىدىغان مېتودى بولىدۇ.مېتود بولسا كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش،مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتىكى قورالى.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن،ئۈگنىش ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن،مېتود ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تەتقىقات توغرا،ئىلمىي بولغان مېتودقا مۇھتاج.بۇ يەردە《مېتود》بىلەن《مېتودولوگىيە》نى ئايرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مېتود(方法,Method)-تەتقىقاتچى تەتقىقات جەريانىدا ئەمەلىي قوللانغان قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ.مېتودولوگىيە(方法论,Methodology) بولسا،شۇ قائىدە،باسقۇچ ۋە يېتەكچى پىرىنسىپلارنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش دائىرسى ئۈچۈن قوللانغان نەزەرىيۋىي باياندىن ئىبارەت.【2】

تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدە نەزەرىيە تەتقىقاتى ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلدى.مۇشۇ ساھەلەردىكى مېتودولوگىيە مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى.شۇ سەۋەپلەردىن تەتقىقات نەتىجىللىرىمىز ئىلمىيلىكتىن خىلىلا يىراق.بۇ توغرسىدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئوبزورچى يالقۇن روزىغا:《ھەر قانداق تەتقىقات توغرا ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەگە مۇھتاج.ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەجىرىبلەردىن ئۆتۈپ نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇلگەن مېتودى بولىدۇ.شۇ پەننىڭ نەزەرىيسىنى قېتىرقېنىپ ئۆگەنمىگەندە شۇ پەننىڭ خاراكتىرىنى،تەتقىقات ئوبىكتىنى،تەتقىقات مېتودىنى،ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئىنچىكە بىلگىلى بولمايدۇ.بىزنىڭ ئالىم-مۇتەخەسىس دەپ ئاتىلۋاتقان تەتقىقاتچىللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۆزى شۇغۇنلىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيە سېستىمىسىنى تۈزۈك بىلمەيدۇ.شۇڭا،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ماقالە-ئەسەرلىرى يوق دىيەرلىك.يازغانلىرى كونسىپىك سەۋيىسىدىكى ئاددى ماقالە-ئەسەرلەر،مۇستەقىل ئىلمىي خۇلاسىدىن خالىي تەكرار يازمىلار،ئىلىم بىلەن شۇغۇنلىنىشقا ئاساس بولدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىلمىي مېتود》【3】دىگەن.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدىكى بەرپاچىلارنىڭ كاتتىسى،《ئىزچى》ئالىمدۇر.ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتود مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مەرھۇم ئالىم  ھەر قايسى تەتقىقات ئەسەرلىرىدە ھەر خىل مېتودلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.ھازىرغا قەدەر بۇ توغرسىدا تەتقىقات بولغىنى يوق.پەقەت ئوسمان ئىسمائىل تارىم《تارىم》ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》ناملىق ماقالىسىدە ئاز-تولا ئىزدەنگەن.ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق يەتتە نۇقتىدا خۇلاسىلىگەن:

1.دىئالىكتىلىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىملىق بىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرغان.

2. قاتلام نەزەرىيسىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە مەسىللەرنى مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە شەرھلەشكە تىرىشقان.

3.ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنى قوللانغان.

4.ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيەتىنى يەككە تەتقىق قىلماستىن،ئۇنى ۋەتىنىمىز جوڭگونىڭ تارىخى،ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى،پۈتكۈل شەرقىنىڭ تارىخى ھەتتا دۇنيا تارىخنىڭ ئىچىگە قويۇپ،ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان.

5.ھەر خىل پەنلەر نۇقتىسىدىن ئومۇميۇزلۇك ۋە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

6.ھەر بىر مەسىلىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق شەرھىلىگەن.

7 .ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلغان.【4】

   ئېنىقكى،ئاپتور كۆرسەتكەن بۇ يەتتە تۈرنىڭ بىرسىمۇ كونكىرىت تەتقىقات مېتودى دائىرسىگە كىرمەيدۇ.ئاپتور بىلىش نەزەرىيىسى،ئونتولوگىيە ۋە مېتودولوگىيە ئۇقۇملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ چۈشنىۋالغان ھەم شۇ بويىچە بايان قىلغان.ئاپتور تەتقىقات مېتودى توغرسىدا سۆزلەۋاتقانىكەن بۇ ئەلۋەتتە مېتودولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.گەرچە بۇ ئۈچى زىچ مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ،كونكىرىت قوللىندىغان ئورنى بار.

   بۇ ماقالەمدە ئالىمنىڭ بىر قىسىم خاس تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى【5】197 پارچە ماقالە ئارسىدىكى 90-يىللاردىن كېيىن يېزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىدە قوللانغان مېتود،ئالىم ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كۆپ قوللنىلغان تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مېتود دائىرسىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.

1.سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى (阶级分析法)

سىنىپىي تەھلىل(ئانالىز) ئۇسۇلى دىگنىمىز،ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە سىنىپقا بۆلۈنۈش ھەم سىنىپىي كۆرەش پەيدا بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا،ماركىزىمىنىڭ سىنىپ ۋە سىنپىي كۆرەش قارىشى بويىچە ئىجتىمائىي،تارىخى ھادىسىلەرنى چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【6】بۇ مېتود ئالىمنىڭ بارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرىدە قوللىنلغان بولۇپ،80-90-يىللار ئارسىدىكى ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كەڭ قوللىنلغان.مەسلەن:《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》ئاخىرلاشقان مەزگلدىكى ئەسەرلىرىدىن《شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىرىدىكى ناخشا-ئۈسسۈل سەنىئىتى》،《ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى <ئون ئىككى مۇقام>ھەققىدە》،《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى》قاتارلىقلاردا روشەن كۆزگە چېلقىدۇ.بولۇپمۇ مۇقام تېكىستلىرى تەھلىلىدە ئالىم بۇ خىل ئۇسۇلنى ناھايىتى خاتا قوللانغان.ئەمما مۇقام تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلانغان ئاخىرقى ئەسىرى《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》دە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مىقدارى ئازايغان ھەم ئىلگىركى سەھۋەنلىكلىرىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان،تۈزەتكەن بولسىمۇ،مەزكۈر ئەسەردىمۇ يەنىلا بۇ خىل مېتودنىڭ ئىزناسى بار.

   《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) ئالىمنىڭ ئەڭ كاتتا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئەسىرىنى《مەدەنىيەت زور ئىنقلابى》دا يازغان ۋە تولۇق تاماملانمىغان بولسىمۇ،1986-ۋە 1994-يىللىرى ئىككى قېتىم تۈزەتكەن.تارىخ تەتقىقاتدىكى پېشىپ يېتلگەن دەۋرىگە ۋە ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ۋەكىللىك قىلدىغان ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئەسەردىمۇ سىنپىي تەھلىل ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ،تۈرك(تۈركى) قەبىللەرنىڭ پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭلىرى ياكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت تالىشش كۆرەشلىرى دىھقانلار ئىنقىلابى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.

2.تارىخى سېلىشتۇرما ئۇسۇلى (历史比较法)

بۇ خىل مېتود مەلۇم بىر تارىخى شارائىتتىكى ياكى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەسىللەرنى تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.【7】بۇ ئۇسۇلدا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە شارائىتتىكى تارىخ سېلىشتۇرۇلۇپ،ئوخشاشلىق ۋە پەرق ئانالىز قىلىنىپ،تارىخ تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتى تېپىپ چىقىلدۇ.بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئارسىدىكى چۈشىنىش،ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مىللىي كەمسىتىش،دىنني كەمسىتىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئالىم《ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى》،《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بۇ ئۇسۇلدىن كەڭ پايدىلانغان.بولۇپمۇ《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》دا ئالىم ھەر قايسى تۈركىي قەبىللەرنىڭ ئوخشىمىغان شارائىت،ئوخشىمىغان ئورۇندىكى ئەھۋاللىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇ ۋە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ،خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى تۈركىي قەۋىملەرنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنى تەنقىد قىلغان ھەم قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى لىللا باھالىغان.

3.گۇمانلىنىش ئۇسۇلى(怀疑方法)【8】

گۇمانلىنىش ئۇسۇلى ئىلىم ساھەسىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى دوگماتىزىمغا ۋە《ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت》كە قارشى تۇردىغان بىر خىل قاراش.بۇ خىل مېتودنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كەمسىتىش ۋە چۆكتۈرۈش خاھىشلىرىنى تەنقىد قىلدۇ ۋە قايتا قاراپ چىقىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》،《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،《<قۇتادغۇبىلىگ>خەزىنىسى》قاتارلىق كىتابلىرى ۋە《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》،《سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى توغرسىدا》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتوددىن پايدىلانغان.ئالىم يۇقارقى ئەسەرلىرىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى《غەرب مەركەز تەلىماتى》ۋە《شەرق مەركەز تەلىماتى》غا قارشى چىقىپ،ئۇيغۇر ۋە باشقا مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىنى بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسدىن لىللا ۋە ئوبىكتىپ تەتقىق قىلغان. 《بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە》،《<چىن>ۋە<ماچىن>ئىبارىسىنىڭ جوغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرىسى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە بولسا،ئۆزدىن بۇرۇنقى نوپۇزلۇقلارنىڭ قارشىنى كەسكىن رەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ پاكىتلىق،دەلىللىك،ئىلىمى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.

4.ئۇچۇر ئۇسۇلى(信息方法)

ئۇچۇر ئۇسۇلى،سېستىما ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئەسلى تەبىئەت پەنلىرىدىكى تەتقىقات مېتودلىرى بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن.ئۇچۇر ئۇسۇلى دىگنىمىز،سېستىمىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش ۋە ئايلىنىش جەريانى دەپ قاراپ،ئۇچۇرغا ئېرىشىش،تارقىتىش،پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى تەتقىقات ئارقىلىق ئوبىكىتنىڭ خۇسۇسىيىتى،ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى چۈشەندۇردىغان ئۇسۇل.【9】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》【10】ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىگە بۇ ئۇسۇلىنى تۇنجى بولۇپ تونۇشتۇرغان ۋە قولۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》،《غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى》دىن ئىبارەت كىتابلىرىدا ۋە《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》،《ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى》، 《كۈسەن رەسساملىردىكى ئېستىتىك ئاڭ توغرسىدا》،《ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى》قاتارلىق ماقالىلىرىدە مۇشۇ خىل مېتودىدىن پايدىلانغان.بىز ئالىمنىڭ 90-يىللاردىن كىيىن،ئەسەرلىرىدە بۇ خىل مېتوددىن ئىزچىل پايدىلانغانلىقىغا دىھققەت قىلشىمىز لازىم.

  ئالىم ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.تا ھازىرغا قەدەر ئالىمنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنمىدى.بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالىم ئەسەرلىرىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە چۈشىنىشىگە قولايسىزلىق تۇغدۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى تىلنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى،ئەسەرلىرىدىكى كۆپىنچە ئاتالغۇلارنىڭ بىۋاستە خەلقئارالىق شەكىلدە(ئېنگلىزچە ياكى روسچە) ئاتېلىشى،ئەسەرلىرىدە قوللىنىلغان مېتودلارنىڭ تەتقىق قىلىنماسلىقى قاتارلىقلار بىزنى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە قايمۇقتۇرۇپ قويماقتا.ئەڭ مۇھىمى،مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدە ناھايىتى خاتا قوللنىلغان مېتودلارمۇ مەۋجۇد.يۇقارقىلاردىن باشقا ئالىم ئەسەرلىرىدىكى بەزىبىر ئىسپاتلاش يېتەرلىك بولمىغان قاراشلار،كەسكىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر،سوۋىت ئالىملىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى زىيادە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار ئالىم ئەسەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

  شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى،ئالىمنى چۈشىنىشتە ۋە ئالىمغا باھا بېرىشتە ئۇنىڭ《خېلىغىچە كېچىكىپ ئويغاندىم ۋە تولۇق ئويغىنالمىدىم،دەۋىر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەسىت بولۇپ،تەنتەك چۈشەكەپ،مۇستەقىل ۋە بىۋاستە كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا مۆچەل-مۆچەللەپ كېچىكتىم؛تېماتىك تەسەۋۋرۇم نۇرغۇن جەھەتلەردە تار،قاتمال،زەئىپ بولۇپ قالدى》【11】دىگەن سەمىمىي سۆزلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!!!

2013-يىلى13-ئىيۇل،قورغاس

نەقىل مەنبەلىرى

【1】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1997-يىل نەشىرى 9-بەت.

【2】پاڭ جوخېڭ(庞卓恒)،لى شۆجى(李学智)،ۋۇيىڭ(吴英):《تارىخشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان》(史学概论)،ئالىي مائارىپ نەشىرىياتى2006-يىل نەشىرى 230-بەت.

【3】يالقۇن روزى:《نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى 2011-يىللىق 3-سان،39-بەت.

【4】ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.

【5】ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىنمەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى 461-بەت.

【6】王晓菊编著:《何谓历史学》,186页,中央编译出版社,2010。

【7】مۇتەللىپ ئىقبال:《ئىجتىمائىي پەنلەردىكى تەتقىقات مېتودى》،《شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2012-يىللىق 1-سان 110-بەت.

【8】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,157页,高等教育出版社,2006。

【9】欧阳康,张明仓:《社会科学研究方法》,248页,高等教育出版社,2006。

【10】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《تارىخ تەتقىقاتدىكى يېڭى مېتود-ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.

【11】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:《يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت》(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل نەشرى 419-،420-بەتلەر.

ئاپتور:ئېلشاد رەخىم 衣力夏提·热黑木江 (قورغاس ناھىيەسىدىن)

پوچتا نومۇرى:835200

يانفون:15276338094


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elxat99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 04:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 07:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق بىر پەننىڭ تەتقىقاتتا قوللىنىدىغان مېتودى بولىدۇ.مېتود بولسا كىشىلەرنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش،مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتىكى قورالى.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن،ئۈگنىش ياكى تەتقىقاتتا بولسۇن،مېتود ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھەر قانداق بىر تەتقىقات توغرا،ئىلمىي بولغان مېتودقا مۇھتاج،     

     دىگەن مۇشۇ ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچەم  بىر تەرەپلىمە ئىكەن،مۇشۇ ماقالىنى ئەستاياىل ئۈگەنسەم بولغۇدەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 09:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم شۇنى سوراپ باقسام، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئۆز ماقالىسىدا،ئاپتۇرنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى ئورگىنال ھالەتتە قالغان دەپ يازغان.

1. «ھەمراھى غەزەللەر»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)
ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى
1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).

-----------------------------------------------------------

كاللامدىن ئۆتمىگەن يېرى،ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن بۇ مەلەمۇتلارنى ئۆز كۈزى بىلەن كۈرۈپ يازغانمىدۇ؟ ئۇ ئورگىناللار ھازىرمۇ بارمىدۇ؟ نېمىشقا نەشىر قىلىنمايدۇ؟ ھازىر قەيەردە؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 11:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي . تېخى يىللار ئۆتكەنسېرى بىلىمىز ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ، ۋە ئۆزىنىڭ قەدرىنى . مىللىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زور يوقىتىش بۇ ...

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 12:38:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ئەپەندى ئۆزىنىڭ [ ئۇيغۇر  پەلسەپە تارىخى] دىگەن كىتاۋىدامېتودولوگىيە نەزىريىسى توغرىسىدا خېلى تەپسىلى توختىلىپتىكەن...ئالىمنى مەڭگۈ   ياد ئېتىمىز
\

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 12:52:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەمىشە ئۇتۇقلۇق بولغاي.


ئالىمغا، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتىلغان تەتقىقاتتا  ئالىمنىڭ 《خېلىغىچە كېچىكىپ ئويغاندىم ۋە تولۇق ئويغىنالمىدىم،دەۋىر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەسىت بولۇپ،تەنتەك چۈشەكەپ،مۇستەقىل ۋە بىۋاستە كۆزىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا مۆچەل-مۆچەللەپ كېچىكتىم؛تېماتىك تەسەۋۋرۇم نۇرغۇن جەھەتلەردە تار،قاتمال،زەئىپ بولۇپ قالدى》 دىگەن سەمىمىي سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىشىمىز،   ‹باھا›لىرىمىزنىڭ بىتەرەپلىمە، تەنتەكلەرچە بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى مەرھۇم ئالىمىمىز   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرى ساھەسىدىكى بەرپاچىلارنىڭ كاتتىسى،《ئىزچى》ئالىمدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە باھالاش ھەرتەرەپلىمە بىلىم، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بېغىشلاش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ.  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بىرقەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھېس قىلالىشىمىزغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىغا بىرنىمە دەپ بولالمايمىز. ئىخلاسمەن تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتى، قىزىقىشىنى كۈنسايىن ئۇلغايتىشى مۈمكىن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 02:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا »دىگەن كىتابىنى شۇنداق ئوقۇغۇم بار ئىدى .لىكىن نۇرغۇن كىتاپخانىلاردىن سۈرۈشتۇرۇپ قەتئى تاپالمىدىم .بولسا تورداشلارنىڭ مۇشۇ كىتاپ توغرىسىدا ئۈچۈر بەرسەڭلەر .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 12:26:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمنىڭ نۇرغۇن كىتاپلىرىنى ئوقۇيالمىدۇق. پۇرسەت تاپساملا چوقۇم ئوقۇيمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 12:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش