ساقچى ماشنىسى بىلەنبالىسىنى مەكتەپكەئاپىرىپ-ئەكىلىش خىزمەت ئۈچۈنمۇ؟
ئۇمۇمنىڭ ماشنىسىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىش ھازىرقى جەمىيەتتە بىر خىل ئۇمۇملاشقان ئەھۋال.مەسلەن توي-تۆكۈن ئىشلىرىدا،بالىمىز ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقىتلاردا بىرەر قېتىم ئۇمۇمنىڭ ماشنىسىنى ئىشلىتىپ قۇيۇش گەرچە تۈزۈمگە خىلاپ بولسىمۇ،كۆپچىلىك بۇنى توغرا چۈشىنىپ قۇبۇل قىلالايدۇ.ناۋادا مەلۇم ج خ ئىدارىسنىڭ باشلىغى ۋە ياكى ج خ ئورگىنىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سەپلەپ بېرىلگەن ساقچى ماشنىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بالىسىنى مەكتەپكەئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان مەخسۇس ماشنا قىلىۋالسا،ھەم بۇنى ئادەت قىلىۋالسا، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تەبىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
«ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ساقچى ماشنىسى بىلەن بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكەلدى،بۇ خىزمەت ئۈچۈن دىيىلدى »دىگەن خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى:يېقىندا تورداشلار يۈننەن لۇشى ئورمان ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغىنىڭ ئۇمۇمنىڭ ماشنىسىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلەتكەنلىگىنى ئاشكارلىغاندا،ساقچى تەرەپ بۇنى خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن دەپ جاۋاپ بەردى.تورداشلار بۇنى «كارامەت جاۋاپ»دەپ مەسخىرە قىلىشتى.ئىشتىن كېيىن شۇ يەرلىك تەشۋىقات بۈلۈمى ئىشقا چېتىشلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالغانلىغىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردىن ئىككى ساقچى ماشنىسىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلەتكەن شەخىسنىڭ بىرسىنىڭ «كۆپ قېتىم ئىشلەتكەنلىگى»،يەنە بىرسىنىڭ«ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەنلىگى» تىلغا ئېلىنىدۇ.ساقچى تەرەپنىڭ ناھايىتى مەنىلىك چۈشەندۇرىشى مۇنداق:بالىنى مەكتەپتىن ئەكىلىش ئىشىغا كەلسەك،بۇ خىزمەت ئېھتىياجى ،بەزىدە ماشنىنى ئۆيگە ھەيدەپ ئەكىتىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ.خىزمەت ئورنىمىزنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىغى 50مىتىردىن ئاشمايدۇ.مەكتەپ ئۈتەر يول بولغاچقىلا بالىنى ماشنىغا سېلىۋالغان گەپ.
ساقچى ماشنىسنى شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىپ بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىش خىزمەت ئېھتىياجى ئىكەن،ھەرگىزمۇ ئۇمۇمنىڭ ماشنىسىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىش بولماسمىش.قاراڭ بۇلارنىڭ ئۇستاتلىغىنى!
مۇنداق پەرەز قىلىپ باقايلى:بۇ باشلىقنىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىغى 50 مىتىردىن ئاشمىغان بولسۇن، بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىش ئۈتەر يول بۇلۇپ قالدىمۇ دەيلى،سوراپ باقسام،ئىدارىدىكى بارلىق ساقچىلارنىڭ ئۈيى مەكتەپكە يېقىن ئەمەسمۇ؟ئۇلارمۇ ئۆزبالىلىرىنى ئۆتەر يول دەپ ساقچى ماشنىسىغا سالالامدۇ؟يەنە كىلىپ بۇ كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە-تىياتىرى«مۇھىم دىلولار ئالتىنجى گۇرۇپىسى»غا ئوخشىشىپ قالدىمۇ قانداق؟
مەنبە:سۇمرۇغ تورى http://bbs.ifeng.com/viewthread.php?tid=16443602
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusuf5126212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-21 02:05 PM