123456789101112 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 05:31 PM 
خې خې ئاخىرىنى دەپ بەرسەم قانداق لەززىتى بولىدۇ.........؟ ...
ئۇ نىڭ بىلەن پاراڭلاشسام چارچىمايتتىم،سۆزلىرىمىز تۈگىمەيتتى،بەزىدە قاقاقلاپ كۈلۈپ دۇنيانى ئۇنۇتساق،بەزىدە ئورتاق قايغۇ،ئورتاق ھەسرەتلىرىمىز بىزنى مۇڭغا چۆكتۈرەتتى.ئۇنىڭ ئاللىقاچان ھاياتىمنىڭ قىسمىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى،بۈگۈن ئۇ نىڭ ئۆيىدىكىللىرى مېنى كۈيئوغۇللۇققا راۋا كۆرمىگەندىن كېيىن يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتاتتىم.بۈگۈن ئىككىمىز گەپ قىلىشنى خالىمىغاندەك ياكى ئارىمىزدا بىز قىلىدىغان گەپ قالمىغاندەك جىمجىت ئولتۇراتتۇق.
كوچا چىرىغىنىڭ سارغۇچ نۇرىدا ماشىنا ئىچى گىرىمسەن ئىدى،ئۇ قولىنى سۇنۇپ ئۆزى تەرەپتىكى ئوڭ قولۇمنى تۇتتى،ئۇنىڭ قولى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.مەن بۇنىڭ ماڭا تەسەللى ئېيتىپ قىلىنغان ھەركەت ئىكەنلىكىنى ياكى تەسەللى ئىزدەپ قىلغان ھەركەت ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم،پەقەت مەنمۇ يۈرىكىمدەكلا قىزىپ كېتىۋاتقان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ مۇزدەك قوللىرىنى قوللىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ئىسسىتىشقا ھەركەت قىلدىم.
ئارىمىزدا چىدىغۇسىز بىر خىل ئېغىر كەيپىيات داۋام قىلاتتى،ئۇنىڭ كەپتەرنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرى قاراڭغۇدا لىق ياشقا تولغاندەك چاقنايتتى،يەنە يېغلىغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنى ياكى چىراغ نۇرىدا ئۇنى شۇنداق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم.
كوچا چىراغلىرىنىڭ نۇرى ئاستىدا قاراڭغۇلۇق شەھەردىن قاچقان،بەلكىم ئاشۇ قاراڭغۇلۇق مېنىڭ قەلبىمگە كېرىۋالدىمىكىن،بەلكىم مىنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىمدەك تۇتۇق،قارا،چىدىغۇسىز بولۇشى مۇمكىنمىكىن؟
ئۇ قوللىرىنى قولۇمدىن چىقىرىۋالدى ،((نېمىشقا ئۇنداق قىلىدىكىنە؟))ماشىنىمۇ توختىدى.
-ئاللاغا ئامانەت ،ئۇتۇق!ئۆيگە يرتىپ بېرىپلا تىنىچ -ئامان بارغانلىقىڭىز ھەققىدە ئۇچۇر قىلىۋېتىڭ!
ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى .((ھە راست،مەن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغىلى ماڭغان ئەمەسمۇ؟))بىردەملىككە خىيالىمنىڭ قانداق بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم ھەم داۋامىنىمۇ ئويلىمىدىم،قانداق بولسا ئۇ بەرىبىر خىيالغۇ.
ماشىنىنى چوڭ تاغامنىڭ (ئانامنىڭ چوڭ ئىنىسى )ئۆيى تەرەپكە ھەيدەشكە بۇيرۇدۇم
ۋاقىت خېلى كەچ بولۇپ قالغان ئىدى،لېكىن بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرگۈم يوق،بۈگۈنلا بىلگۈم بار ئىدى.مېنىڭچە مەنزۇرەنىڭ دادىسى پەقەتلا يوق ئىشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دەپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمەستۇ.
ئىشىكنى تاغامنىڭ چوڭ قىزى ئەسما ئاچتى:
-ئۇتۇق ئاكا!-ئۇنىڭ چىرايىغا خۇشاللىق تەپتى ،-داد،ئۇتۇق ئاكام كەلدى،-دېدى ئۇ ئىچكىرىگە بوينىنى سوزۇپ.
-كىرە ئاكا ،تىنىچ كەلدىڭمۇ؟ئەجەپ خۇش بولدۇمكەلگىنىڭدىن.دادام خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ تۇرغان،-ئەسما تلىمۇ قىزغىن ،يېقىشلىق،ئەدەپلىك تۇرقى بىلەن توختىماي سۆزلەيتتى.
تاغام تۇرمۇشتا تەرتىپلىك ياشايدىغان ئادەم.ئاز يېيىش ،ئاز سۆزلەش ،ئاز ئۇخلاش ئۇنىڭ چوقۇم ئەمەل قىلىدىغان ئادەتلىرى
ئۇ،ئوتتۇرا بويلۇق ،ئازراقمۇ سەمىرىپ كەتمىگەن ،چىرايىدىن نۇر،تەبەسسۇم كەتمەيدىغان ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى.
ئايالى رەنا ئاپاممۇ ئوقۇمۇشلۇق،ياخشى خۇيلۇق ،قەشقەرنىڭ قەدىمى كوچىللىرىنىڭ بىرىدە قاتتىق تەربىيە ئالغان ،كېيىن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغىللىنىۋاتقان ئايال،شۇڭا تاغامنىڭ ئىككى قىزى شۇنداق ياخشى تەربىيە تاپقان.
-بۈگۈن تېخى ئۆزۈم بىلەن باغلاشقان ئىدىم،-دېدى تاغام ئالدىراپ مەن تەرەپكە كېلىۋېتىپ،-مەن ئىزدىمىسەم ئۇتۇق مېنى نەچچە كۈن ئىزدىمەيدۇ دەپ،-تاغام كۈلۈپ تۇرۇپ قوش قولىنى سۇندى،-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!يەنە مەندىن ئېگىزلەپ كەتتىڭمۇ نېمە ؟-تاغام ئۇنچە خوشخۇي ئادەممۇ ئەمەس ئىدى،لېكىن ئىنىم ئىككىمىزنى كۆرگەندە بۆلەكچىلا خۇشخۇيلىشىپ كېتەتتى ،-قارا،ئۆزۈمگە يېڭىلىپ قالدىم مانا ،مەن ((ھېچ بولمىغاندا ئۇتۇق مېنىى ئۈچ كۈن ئىزدىمەسلىكى مۇمكىن))دەپ ئويلىغان،لېكىن،ئىككى كۈن ئۆتۈپلا سەن مېنى ئىزدەپ كېلىپ ،يەنە بېر ئۆزۈم مېنى يېڭىۋالدى.
-....
تاغام گەپ- سۆز قىلماي تۇرۇشۇمدىن،چىرايىمدىكى ناخۇشلۇقتىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدى بولغاي :
-بىرەر ئىش بولدىمۇ؟-دېدى مەندىن كۆزىنى ئۈزمەستىن تۇرۇپ.
تاغامغا ئۇدۇل قارىدىم،لېكىن بىرەر ئىش بولدى ياكى بولمىدى دېمىدىم:
-سەن بىلەن پاراڭلاشقۇم بار ئىدى نۇرزات دادا ،-دېدىم پەقەتلا.
كىچىك ئىشلاغا مۇنداق بولۇپ قالمايدىغانلىقىمنى ،ياكى كېچىلەپ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمەيدىغانلىقىمنى تاغام ياخشى بىلەتتى .
خېلىلا كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ مۇشۇ تاغام كۆپ ۋاقىتلىرىنى مەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ،كۆپ تەرەپلىرىمىز ،مىجەزىمىز،ئاچچىقلايدىغان ياكى خۇشال بولىدىغان ئىشلىرىمىز ئوخشىشىپ كىتەتتى .
-كەچلىك تاماق يېدىڭمۇ؟-دېدى تاغام كۆيۈنگەن تەلەپپۇز بىلەن.
-يېدىم؛يېگۈممۇ يوق،لېكىن تاماققا زورلىما ،يىگۈم بولسا زورلىمىساڭمۇ يەيتتىم،-دېدىم ئىتتىك-ئىتتىكلا.
تاغام ماڭا قاراپ بىردەم تۇرىۋىلىپ:
-ئەسما،قىزىم،بىزگە بىر چەينەك چاي دەملەپ ،كۇتۇپخانامغائەكىرىپ بېرىڭ،-دېدى چىراغ يورۇقى چۈشۈپ تۇرغان ئىشىك تەرەپكە يۇزلىنىپ تۇرۇپ.
تاغام بالا ۋاقىتلىرىدا دىندىن خېلى پۇختا ساۋاق ئالغان،ئالى مەكتەپتە كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتالى ياساشنى ئۆگەنگەن ئىكەن،ھازىرمۇ بىر مەمۇرى ئورگاننىڭ تور يولى ۋە كومپىيۇتىر باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ،ئۆزىنىڭمۇ كىچىك تىپتىكى بىر شىركىتى بار،بەزى بۇيرۇتمىلارغا ۋاقتى چىقمىسا مەن بېرىپ ئىشلەپ بېرىمەن.