سۇئال: شىركەت نامىدا تىزىملاتقان ئاپتوموبىلدا ھادىسە يۈز بەرسە، شىركەت قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: شەخسلەر مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان ئاپتوموبىلنى مەلۇم قاتناش تىرانسىپورت شىركىتى نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يول قاتناش تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا تاش يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، شىركەت نامىدىن پايدىلانغۇچى بىلەن شىركەت چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلسا، جاۋابكارلىقنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: ئىجارە ئېلىش، ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بولمىغان كىشى موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئىشلەتكەندە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى جاۋابكارلىقى چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. كەملىگەن قىسمىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى تۆلەيدۇ. زىياننىڭ تۇغۇلىشىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىنىڭ خاتالىقى بولسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇئال: مەستلەر ياكى پىراۋىسى يوقلار قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟
جاۋاب: تۆلەم بېرىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 3-كىشى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى چېكى (نۆۋەتتە، ئۆلۈم، مېيىپلىق تۆلىمى 110 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش ھەققى تۆلىمى 10 مىڭ يۈەن، مال-مۈلۈك زىيان تۆلىمى 2000 يۈەن) ئىچىدە تۆلەم بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەيدۇ:
(1) شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوقلار ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(2) ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار ياكى دۆلەت چەكلىگەن مەست قىلىش دورىسىنى ئىشلەتكەنلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(3) ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۇغۇرتا سودا سۇغۇرتىسىنى ئەمەس، بەلكى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ. 3-كىشى دېگەندە، شۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدىگۈچى ۋە شۇ ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلاردىن باشقا كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى 3-كىشىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن كېيىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) I8 b9 a* |/ R" ~ [