2012-يىلى بىريىل ئىچىدە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلەرسانى 3000ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇ سان شۇ بىريىل ئىچىدە دۇنيانىڭ باشقا بارلىق جايلىرىدا (سۈرىيە بىلەن مىسىربۇنىڭ سىرتىدا) ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 4 ھەسسىدىن كۆپ. بۇ سانلىق مەلۇمات كىشىنى ھەقىقىتەنمۇ چۆچىتىدۇ، ئەمما بۇ ئون يىل ئاۋالقى دەۋر بىلەن سىلۇشتۇرغاندا ناھايىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان.
ئامېرىكىدىكى غەيرى ھۆكىمەت تەشكىلاتى دىئالوگ فوندى (Dui HuaFoundation) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2002 –يىلى ،جۇڭگودا 1.2تۈمەن ئۆلۈم جازىسى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنغان. مۇنداقچە قېلىپ ئېيتقاندا، ئۆتكەن ئون يىللار مابەينىدە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلەرسانى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئازىيىپ بارغان. بۇ ئىشقا نېسبەتەن دىئالوگ فوندى تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەي قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلغان. بىراق بۇنىڭغا ئالاقىدار تەرەپلەر ئاللاقاچان ئىسپات بەرگەن.
2012-يىلى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرنەپەر خادىمى ئاشكارىلاپ، تەندىن –تەنگە كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئادەم ئەزالىرىنىڭ يىتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان
.
قوپال تارىخ
تارىخقا نەزەر سالساق، دۆلەت قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى –كەينىدىكى بىر بۆلەك ۋاقىتتا يەرلىكتىكى پومشىچىكلارنى تازىلاش ۋە ئەكسىل ئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، ماۋزىدۇڭ كەسكىن پوزىتسىيەدە : « بىرتەرەپ قىلىنىدىغان (ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان) ئەكسېل ئىنقىلابچىلارنىڭ سانى جۇڭگو نوپۇسىنىڭ 0.1% تىن ئىشىپ كەتمەسلىكى، شەھەرلەردە بۇ نېسبەت 0.1% تە كونترول قىلىنشى كېرەك» دەپ يول-يورۇق بەرگەن.
قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە ، مىليۇن ئىنسان ئۆلدى. گۈللەنگەن سوتسىيالىستىك جۇڭگو جەمئىيىتى بەرپاقىلىش ئۈچۈن، چەت-ياقا، يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاۋام-پۇقرالار دۈشمەن كۈچلەرگە زەربە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى.
1976-يىلى ماۋزىدۇڭنىڭ ئۆلىمى بىلەن « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مۇ ئاخىرلاشتى، يېڭىدىن ھاكېمىيەت سەھنىسىگە چىققان دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلق-ئاممىسىنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەمدە خەلقنى ئىقتىسادى ئىسلاھاتقا ئۈندىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىنايى ئىشلار ئەدىلىيسى قانۇن سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش بۇرچى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
خىيانەتچىلىك ۋە زەھەرسودىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر جىنايى قىلمىشلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدۇ، ئەمما قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بولسا غۇۋا بىر ئۇقۇم ئىدى.
1983-يىلى ، قۇرال ئوغۇرلاش ۋە لۈكچەكلىك قىلىپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلپ ئېلان قىلىندى. نەتىجىدە، شۇ يىلى 2.4 تۈمەن كىشىگە ئۆلۈم جازىسى بېرىلىپ، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلىندى. ۋاڭ فامىلىلىك بىر نەپەر ئايال ئون نەچچە ئەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى؛ بىر نەپەر ياش، قىز دوستىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىرىم- يارتا كېيىم بىلەن چۈشكەن بىر يۈرۈش رەسىملىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. شىئەنلىك بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال «يەرئاستى» بەزمىخانا تەشكىللىگەنلىكى ، باشقىلار بىلەن بېنورمال جىنسى ئالاقىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن«بىر تەرەپ قىلىنغان »لارنىڭ ئىچىدە ھەتتا جۇدىنىڭ جىيەن نەۋرىسى جۇگوخوا مۇ بار ئىدى.
بىر ئىسلاھاتچىنىڭ ھېكايىسى
شىياۋياڭ 1998-يىلىدىن 2008 –يىلىغىچە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە تۇنجى ئەۋلاد ئالى باش سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. گەرچە ئۇ ئۇزۇن مەزگىل مۇھىم خىزمەتتە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋام ئارىسىدىكى تونۇشلۇقى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا يۇقۇرى ئەمەس. 1962-يىلى خەلق ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىنى باكالاۋۇرلۇق ئۇنۋانىدا پۈتتۈرگەن ئالى سوت مەھكىمىسنىڭ باشلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ليۇجىياچېن ئىككەيلەن كەسىپى ، مەسئۇلىيەتچان ۋە تەرتىپلىك بولغان قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قلىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن قوللىغۇچىلارغا ئېرىشتى. شىياۋياڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش ھەققىدىكى ئارزۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئۇنىڭ خەلق ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئۇستازى گاۋمىڭ شۈەندىن كەلگەن ئىدى.
1960-يىللىرى گاۋمىڭ شۈەن پىرافىسسۇر قانۇن ساھەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك زات ئىدى، گەرچە قارىماققا ئۇ مۇتەئەسسىپلەردىن كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما ئۇ دەل ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش تەرەپدارلىرىنىڭ باشلامچىسىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە، 1980-يىللارۋە 1990-يىللاردا قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان كەسىپ ئىگىلىرى جۇڭگو قانۇنچىلىق ساھەسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلاندى، بۈ بىرتۈركۈم قانۇن خادىملىرىنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
نوپۇزلۇق قانۇنشۇناس يۈپىڭ (Daniel Yu) كۆرسىتىشىچە، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شىياۋياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى سەزگۈرلۈك بىلەن پۈتكۈل يەرشارى مىقىياسىدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى بىر خىل كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتە تولىمۇ يېتىم ھالەتتە قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.
شىياۋياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ئەينى ۋاقىتتا تېخى ھېچقانچە ئادەم بىلمەيتى. جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق ئوبرازىنى ئويلاشقان شىياۋياڭ ئاشكارا ھالەتتە ئوتتورىغا چىقىپ، ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. جۇڭگونىڭ قاتتىق قوللار مەزھىپىدىكى رەھبەرلىرى دۆلەت سىرتىدىكى تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمايتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور جامائەت پىكىرىمۇ ئۆلۈم جازاسىنى ئۇزۇن مەزگىللىك قوللاشقا مايىل ئىدى.
«بۈگۈنكى جۇڭگودىكى ئۆلۈم جازاسى»( The DeathPenalty in Contemporary China) ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى سۇسان (Susan Trevaskes)نىڭ ئېيتىشىچە، شىياۋياڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش پىلانىنىڭ بىرى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈم جازىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشغا رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەن. ئۇ سوتچىلارنى قايىل قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قەستلەش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە زوراۋانلىق دىلولىرىغا نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا دەسستىشنى پىلانلىغان.
1983-يىلىدىكى قاتتىق زەربە بىرىش مەزگىلىدە ، سوتچىنىڭ ھۆكىمى ئۆلتۈرىسمۇ بولىدىغان ئۆلتۈرمىسىمۇ بولىدىغان جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بىرىشتە چەكتىن ئىشىپ كەتكەن، 2005-يىلى سوتچىلاردىن جەزمەن « ئاز ئۆلتۈرۈش، ئۆلۈم جازاسىدا ئىھتىياتچان بولۇش» تەلىپىگە رېئايە قىلىش تەلەپ قىلىندى.
شىياۋياڭنىڭ قارىشچە ئىككىنچىسى جۇڭگو قانۇنچىلىقنىڭ مېڭىشىغا لايىق يولدۇر. كۆپ ساندا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھەرگىزمۇ جىنايەت سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، ئەكسىچە يەرلىك دائىرىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئەھۋالنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىغا چىتىلىدىغان ئېغىر جىنايى قىلمىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار دائىرىلەر خىلىلا تەمتىرەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىرقىسىم ساقچىلار دىلونى تېز سۈرئەتتە پاش قىلىش ئۈچۈن، ئەمىلىنى ئۆرلىتىش ياكى مۇكاپاتلاش بىلەن رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر بىگۇناھلارغا قارا سۈركەپ، بىگۇناھ ياكى جىنايىتى ئۆلۈم جازاسىغا توشمايدىغانلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇخىل ئىشلارنىڭ مىدىيالار تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى ئارقسىدا خەلىقنىڭ دىققىتىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
مۇۋاپىق چىقىش يولى
2006-يىلى شىياۋياڭ قانۇن ھەققىدە بىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىرىشنى بەرپا قىلدى: بارلىق ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن دىلولار ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلىدىغان بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ بۇنى قوللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملارنى كۆپەيتىپ، بېيجىڭدا بىر ئورگان ئاپاراتى تەسس قىلىپ مەخسۇس تۈردە كۆپ مىقداردىكى دىلوھۆكۈملىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. بۇخىزمەت يولغا قويۇلۇپ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ كىسمى% 30 ئازايدى، ئىجرا قىلىنشىمۇ كۆرۈنەرلىك كېمەيدى، 2008-يىلىغا كەلگەندە ئۆلۈم جازاسى كىسىمى 5000گە چۈشۈپ، مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دىلولار غا قايتىدىن كىسىم كىسىلدى.
2011-يىلى جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىدىن 13ى چىقىرىپ تاشلاندى، بۇلار كىپەن ئوغۇرلاش، قەدىمقى جانلىقلارنىڭ تاش قاتمىسىنى ئوغۇرلاش …قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۇ جەھەتتە تاشلانغان نامايەندە خارەكتىرلىك بىر چوڭ قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا مىلتىق بىلەن ئېتىشنى «تىنىچ ئۆلتۈرۈش» (زەھەرلىك دورا ئوكۇلى ئىشلىتىش) كە ئالماشتۇرۇش باشلاندى.
دىئالوگ فوندى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كام (John Kamm) نىڭ بىلدۈرىشىچە؛ ئۆلۈم جازاسىنىڭ زور دەرىجىدە كېمەيتىلىشى يېقىنىقى ئون يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇھىم تەرەققىيات نەتىجىسى ئىكەن، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئەدىلىيە ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆلۈم جازاسى مىقدارىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تۆۋەنلىتىش ئىھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىدىن ئەنسىرمەكتە ئىكەن.
خەنچە «ئىقتىسادشۇناس»(《经济学人》) ژورنلىنىڭ تورنۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. | داداش تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا داداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-20 01:50 PM