مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3330|ئىنكاس: 40

گوگىل ئەينىكى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 10:57:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


GoogleProjectGlass --گوگىل كۆز ئەينەك پىلانى



QQ截图20130920103622.jpg


ئىلاۋە :
مەزكۇر تېما پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئالى مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن كېيىن  ئۆزۈمدە نۇرغۇنلىغان يېڭى قىزىقىشلارنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن،بەلكىم ياشلىقنىڭ كۆرسىتىۋاتقان كارامىتى ۋە ياكى ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ بېسىمى سەۋەپلىك بولىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە ، بۇ يەردە بۇ نەرسىلەر مۇھىم ئەمەس،ھەم ئۆزۈم توغۇرلۇق سۆزلەپ ئولتۇرسام ئوقۇرمەن زېرىكىدۇ. بىراق دىيىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم گەپ بولسا:
مەن IT ھەۋەسكارى بولۇپ قالدىم.
ئېسىمدە قېلىشىچە 2012-يىلنىڭ 6-ئايلىرى، ئادىتىم بويىچە بەيدۇ ۋە تېڭشۈن خەۋەر بەتلىرىدىكى تېخنىكا ۋە IT غا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئىزدەپ ئوقىۋېتىپ Google Glassتېمىسىدىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم، خەۋەردە دىيىلىشىچە گوگىل شىركىتى كەلگۈسىدە خۇددى ھوللىۋوتنىڭ كىنو -فىلىملىرىدىكى ئالاھىدە خادىملارغا سەپلەپ بېرىلىدىغان ئالاھىدە كۆز ئەينەكتەك، بىۋاستە تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكىنە تەتقىتاتى تەستىقتىن ئۆتۈپ ،تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپتىمىشلەر..Google Glass (كىيىنكى مەزمۇنىمىزدا گوگىل ئەينىكى،ياكى ئەينەك دەپ بىۋاستە ئېلىنىدۇ) نىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش قاتارلىق كىشىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلغان بىر <ئىنقىلاپ> خارەكتىرلىك مەھسۇلاتتىن بىرنى ئىشلەپ چىقارماقچى دىيىلگەن ئىدى..
ئەينى ۋاقىتتا تازا ئىشەنمىگەن، بىراق گوگىلنىڭ ئۆزگىچە شىركەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەم ئىختىساد ئىگىللىرى ھەم كۈچلۈك ئىلغار تېخنىكىسىنى ئويلاشقىنىمىزدا مۇمكىن بولسىمۇ بەلكىم نۇرغۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم،بىراق مەن خاتالىشىپتىمەن...
خوش، نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمەن دىگەندە، گوگىل بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلار نۇسقىسىنى ئاللا بۇرۇن بازارغا سېلىپ بولغان ئىدى،ھەم ئىشلەتكۈچىلەر نۇسقىسىنى كىچىككەندىمۇ 2014 -يىلى بازارغا سېلىشنى پىلانلاپ بولغان. بەلكىم بۇ توغرىسىدا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان تورداشلار خېلى كۆپ، بىراق بىلمەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز مەزكۇر ئەينەك توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

مەھسۇلات ھەققىدە :

GoogleProjectGlass -- گوگىل كۆز ئەينەك پىلانى



مەھسۇلات نامى : گوگىل ئەينىكى، ياكى گوگىل كۆز ئەينىكى.
ئەسلى ئاتالغۇسى : Google Project Glass
مەھسۇلات ئىشلىگەن شىركەت : گوگىل
ئىلان قىلىنغان ۋاقىت : 2012-04-05-كۈنى(مىنىچە بۇ ۋاقىت مەھسۇلات بازارغا سېلىنغان ۋاقىت ئەمەس )
تىپ،نۇسقا : كۆزگە (ياكى باشقا) تاقىلىدىغان كۆرسەتكۈچ،ياكى كۆزگە (ياكى باشقا) تاقىلىدىغان كومپىيوتېر.
قوللىنىلغان سېستىما : ئاندىروئىت
ھازىر بازارغا سېلىنغان ئەپ ئاچقۇچىلار نۇسقىدىكى باھاسى : 1500 دوللار (ئامىرىكا دوللىرى)
ئىقتىدارلار : ئەقلى ئىقتىدارلىق سېستىما، تېلفۇن ،GPS ،سىنغا ۋە رەسىمگە تارتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن، ئاۋاز ئاساسلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى قىلىپ تاللانغان، ھەمدە كۆز ئارقىلىق باشقۇرۇشمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىلغان.

مەھسۇلات تەتقىقات ۋە بارلىققا كېلىشى ھەققىدە :

گوگىلدىكى سىرلىق -X گۇرىپىسى

بەلكىم بەزىللىرىمىز گوگىلنىڭ ئەڭ سىرلىق ھەم ئەڭ ئىلغار بولغان X ئەتىرىتىنى بىلىشىمىز مۇمكىن. مەزكۇر گۇرۇپپا باشقىلار تەرپىدىن گوگىلدىكى ئەڭ سىرلىق، ھەم گوگىلدىكى پۈتۈن تالانتلىق ھەم ئەقىللىق كىشىلەر يىغىلغان ئورۇن دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.نىمە ئۈچۈن ؟سەۋەبى دەل گوگىل ئەينىكىدەك ئىنقىلاپ خارەكتىردىكى ئۈسكۈن-ئەسلەھەلەرنىڭ مۇشۇ گۇرۇپپا تەرپىدىن رىئاللىققا ئايلاندۇرۇلغانلىقىدا ! بەلكىم چۈشۈنۈپمۇ قالغانسىز، مەزكۇر ئەينەك دەل گوگىلدىكى مۇشۇ سىرلىق گۇرپپا تەرپىدىن بارلىققا كەلگەن..

ئەمدىكى ئىستىمالچىلار نۇسقىسى ھەققىدە :

ئىشەنچىلىك ئىچكى ۋە تاشقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا گوگىل ئەينىكى ئاللا بۇرۇن ئىستىمالچىلار سىناق قىلىش دەۋرىگە كەلگەن بولۇپ، لوندۇندا 1000 غا يېقىن گوگىل ئەينىكى تاقىۋالغان ئىستىمالچىلار پات ئارىدا پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى بار..توردىكى ئەپ ئاچقۇچىلار نۇسقىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشىلتەتكەندىن كېيىنكى ھېسىياتلىرىغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر كۆز ئەينەكنىڭ ئېغىرلىقى ئانچە ئېغىر ئەمەس،بىراق ئىچكى قىسىمغا كامىغا ئورۇنتىلغان.


مەھسۇلات ھەققىدىكى تەشۋىش ئەندىشىلەر...

دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، دىمەك بىز بايىدىن بېرى سۆزلەۋاتقان گوگىل ئەينىكىمۇ شۇنداق، تاكى مۇشۇ تۈردىكى خەۋەر تارقالغاندىن بېرى نۇرغۇن كىشىلەر ھېرىسمەنلىك بىلەن ئەينەك ساقلاۋاتقان بولسىمۇ بىراق بەزى بىر ئاممىۋې سورۇنلاردا گوگىل ئەينىكىنى چەكلەش ھەققىدە تۈزۈملەر ئورۇنتىلغان. مەسىلەن ئامىركىدىكى مەلۇم بىر كەچلىك بەزمىخانا ئىشىكىگە :
مەزكۇر كۇلۇپقا گوگىل ئەينىكىڭىزنى ئېلىۋېتىپ كىرىڭ ! مەزكۇر كۇلۇپ ھەر بىر كۆڭۈل ئاچقۇچىنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش ھوقوقىنى قوغدىشى، كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كىرەك !

مانا بۇ ئەندىشە ھەم خەلقارالىق جەمىيەت بۇنىڭدىن كېيىن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغۇسى. نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئەينەكتىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا سۈرەتكە، سىنغا ئالغىنى بولىدۇ. مانا بۇ ئارتۇقچىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى شەخسى مەخپىيەتلىك ساقلاش مەسلىسى ھەققىدە ئازىراق ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئىنىق ! ھەمدە ئىستىمالچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ! گوگىل يۇقارقى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئويلاپ كۆرىشى ھەم ھەل قىلىش ۋە ياكى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈش كىرەك..

مەزكۇر تېمىنى ئوقۇپ قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز ئەپ ئاچقۇچى نۇسقىسىنى زاكاس قىلسىڭىز بەلكىم تەلىيىڭىز بولسا بىر دانە ئالالىشىڭىز مۇمكىن،مىنىڭغۇ بىرنى ئېلىپ سىناپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، بىراق 1500 دوللار دىگەن بىزگە نىسپەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئەلۋەتتە !  ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق...ئەگەر تورداشلارنىڭ شارائىتى ياخشى بولسا بىرنى سېتىۋېلىپ سىناپ كۆرسە بولىدۇ..

2013-9-20 كۈنى  جۈمە.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Zulpikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 11:02 AM  


بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 11:56:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا قىممەتكەن.ئەڭ يېڭى ئايپەد تىنمۇ قىممەتكەن.   
بۇ كۆزئەينەكلىك ئاپپاراتنى جۇڭگو كوچىلىرىدا ھەرگىز تاقىيالمايسىز.

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 11:58:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 11:56 AM
راسلا قىممەتكەن.ئەڭ يېڭى ئايپەد تىنمۇ قىممەتكەن.   
بۇ ك ...

نىمىشقا تاقىغىلى بولمىغۇدەك ؟
قايسى جەھەتتىن دەيسىز ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

كۈچىمىز يەتمىگە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5611
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 3079 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 12:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ قاچانلىققا يالغاننى ياساپ چىقىدىكەن.....شۇ توغرۇلۇق بىرەر خەۋەر يوقمۇ؟

كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 12:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARAL52 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 12:01 PM
جۇڭگۇ قاچانلىققا يالغاننى ياساپ چىقىدىكەن.....شۇ توغرۇل ...

ئەجەپ بۇنى ئويلاشماپتىمەن..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9833
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5002 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 12:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zulpikar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 12:06 PM
ئەجەپ بۇنى ئويلاشماپتىمەن..

ئەجەپ قىززىق

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 12:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ بۇ نەرسە دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ! بۇنىڭغا شەك كەتمەيدۇ..

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 12:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zulpikar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-20 11:58 AM
نىمىشقا تاقىغىلى بولمىغۇدەك ؟
قايسى جەھەتتىن دەيسىز  ...

خېنەنلىك بۇلاڭچىلار كۆزەينەكنى بېشىغا قۇلۇپلاپ قويمىسا بۇلاپلا قاچارمىكىن

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 01:16:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى مۇشۇ گوگىل كۆز ئەينىكىنىڭ تەشۋىقات فېلىمىنى كۆرگىنىم ئىسىمدە....

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

روھى قەپەزدىن چۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14548
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8293
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 01:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى كورۋالدىغان كوزەينەك شۇما ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش