|
|
|
|
مەدەنىيلىك بىلەنياۋايىلىقنىڭ پەرقى
ۋىئىن ۋىلىس (ئەنگىلىيە)
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا،تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە داڭلىق ئىنسانشۇناس ۋە ئارخىلوگ فىراپپىسور مارگىرىت مىدىخانىمنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم. لىكسىيە ئاخىرلاشقاندا،بىر ئاڭلىغۇچى فىراپپىسوردىن سۇئال سورىدى: - قەدىمقى دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلەخارابىيلىكىنى قىزىپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قەبىلىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى مەدەنىيەتشەكىللەنگەن ۋە مەدەنىي دەۋىرگە قەدەم قويغان قويمىغانلىقىغا نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈمقىلىمىز؟ مەن كۆڭلۈمدەبۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتا خارابىيلىقتىن تېپىلغان ساپال بويۇم، بېلىق قارمىقى ۋە ياكىدان يەنچىشتە ئىشلەتكەن يارغۇنچاق قاتارلىق نەرسىلەرگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشىمىزمۇمكىن دەپ ئويلىدىم. لېكىن مارگىرىت فىروپپىسورنىڭ جاۋابى مېنىڭ كۈتمىگەنيىرىمدىن چىقتى. ئۇ «يارىلانغانكىشىلەرنىڭ سۆڭىكىنىڭ سۇنغان جايىنىڭ تۇتۇشۇپ ساقايغان ساقايمىغانلىقىغا قارايمىز»دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە: «پۈتۈنلەيئىپتىدائىي ھالەتتە ياشايدىغان قەبىلىدە شەخىسنىڭ ھايات- ماماتى پۈتۈنلەي تەبىئەتنىڭتەبىئى تاللاش ۋە شاللاش قانۇنىيتى بويىچە بولىدۇ، كۈچلۈكلىرى تاللىنىپ، ئاجىزلىرىشاللىنىپ كېتىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى يارىدارلار ھايات قالمىسا، يارىداربولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى يالغۇز ياشاشقا ئامالسىز قىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. سۇنغان سۆڭەكنىڭتۇتۇپ ساقىيىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىر خارابىيلىقتىن بايقالغان نۇرغۇن ئىسكىلىتلار ئارىسىدا سۇنغانجاي تۇتۇپ ساقايغان نۇرغۇن ئىسكىلىتلار بايقالسا، بۇ ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېغىريارىلانغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھەمراھلىرى ئۇلارنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەرئېلىپ، ئۇلار ساقىيىپ بولغۇچە ئەتراپىدا توپلىشىپ تۇرۇپ گۈلخان يىقىپ ئىسستىپ،ئوزۇق تېپىپ يىگۈزۈپ، دورىلىق ئۆسۈملۈك تېپىپ سۈرتۈپ تاكى يارىدار تولۇق ساقايغۇچەبىللە تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ»دېدى، ئۇ ئاخىرداچوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: « سۇنغان سۆڭەكنىڭ ساقىيىشى ئىپتىدائىيئىنسانلارنىڭ ‹ھىسداشلىق› ۋە ‹ئىچ ئاغرىتىش›نى چۈشەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، دەل مانامۇشۇ ‹ئىچ ئاغرىتىش› ۋە ‹كۆيۈنۈش› بولسا مەدەنىيەت بىلەن ياۋايىلىق ئوتتۇرىسىدىكىبىردىنبىر پەرقتۇر».
(خەنزۇچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-19 11:35 PM
|
|
|
|
|
|