10-يولىنىڭ ئاپتۇزىغا چىقىپ قالدىم قارىسام ئاپتۇبۇستا لىق ئادام ...قولىدا بالىسى بار بىر ھەدىمىز بار ئىكەن قارىسام يىنىدىلا بىر گىرىمنى پوقتەك قىلغان قىزچاق ئولتۇرۇپتۇ ...ھىمچكىم ئۇ قىزنى ئورۇن بوشىتىڭ دىيىشكە پىتىنالمىدى،كىم بۈلسۇن ئارىمىزدا بىر قەشقەرلىك ئاكىمىز بارئىكەن
ئاكىمىز: ،،،ماڭ قايلىسا خان نىمىندا خەتنىسىنى قىلغان بالىدەك ئولتۇرلا مىدىرلىماي ....بۇندا ئولتۇرسىلىرى مەن تىخى توغۇتلۇق بولسا مۇنۇ ئورۇندۇققا سىزىكمىكى دەپتىمەن ..
ھىلىقى قىز ھىچنىمىنى چۇشەنمىدى بولغاي ئاكىمىزغا قاراپ
قىز :نىمە ؟
ئاكىمىز : ھىچنىمە ئۇكام ھەرقانچە بىر چاڭتو ماڭسىلىرىمۇ دەپلا ھىلىقى قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاپتۇبۇس تۇتقۇچىغا تۇتقۇزۇپ قويدى ھەدىمىز ئورۇنغا كەلدى ..تەسىراتىم قەشقەرلىك ئاكىمىز مىنى شۇ بىر ئاددىيغانا ھەركىتى بىلەن تەسىرلەندۇردى.
يەنە بىر كۈنى قەشقەرلىك ئاغىنىمىز ئاچقان تىلفۇن دۇككىنىغا باردۇق بارساق تىجارەتنى دەھشەت قىلىۋىتىپتۇ ..بىر قىسىم كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي.
بىر قىز ... مۇنۇ تىلفۇنغا سىستىما قاچىلامسىز
دوستۇم ... قايسى سىستىما
قىز ...ئۈندىدار كىيۇ -كىيۇ
دوستۇم ... بولىدۇ ..مانا قاچىلاپ بولدۇم كۆرۈپ بىقىڭ ..
قىز ... رەسىم يوقكەنغۇ ....
دوستۇم ...مانا رەسىم كۆرۈپ بىقىڭ
قىز... كىنو يوقكەنغۇ
دوستۇم .... مانا كىنو قاچىلاپ قويدۇم كۆرۈپ بىقىڭ
قىز .....پەيزى موزىكىلا يوقكەنغۇ
دوستۇمنىڭ قىزنىڭ قاچىلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بىرلا دىمىگىنىنى بۈلۈپ تۇرۇپ يۈزىگە سالماي ئەمدى ئاچچىغى كەلدى بولغاي
دوستۇم ... ماڭ قايلىسا خوننن ما كومپىيۇتىرنى بىرەي ئۆيگە ئاپىرىپ ھەممىنى قاچىلاپ ئەتە ئەككىلىپ بىرەمللا.....
ئارقىدىنلا يەنە بىر خىرىدار كەلدىم ئالما تىفۇنغا سىم ئالاتتىكەنتۇق
خىرىدار :ئاۋۇ سىم نەچچە پۇل
دوستۇم 20 يۈئەن
خىرىدار 8 يۈئەن بىرەيمۇ
دوستۇمنىڭ يەنە دەھشەت ئاچچىغى كەلدى بولغاي
دوستۇم : ماڭ قايلىسا پولەن بازاغا بارسىلا بۇيەدە ئىرشو نەرسە ساتمايمىز
خىرىدار : بولدى ئۇكام سىزمۇ دىگىنىڭىزگە ساتماسسىز .. ئاۋۇ سىم نەچچىدىن ساتىسىز؟
دوستۇم : نەچچىنى ئالسىڭىز شۇنچىنى ساتىمىز
خىرىدار :ئەي ئۇكام ئاۋۇ سىمنى قانداق ساتتىڭىز داۋاتىمەن ؟
دوستۇم : ئولتۇرۇپ ساتتىم كۆرمىدىڭىزما
خىرىدارنىڭ قاتتىق ئاچچىغى كەلدى بولغاي
خىرىدار : ئەي نىمىنداق گەپ چۇشەنمەيدىغان بالا سىز ئاۋۇ سىمنىڭ پۇلنى قانچە ؟
دوستۇم : ئۇ سىمنىڭ ئايرىم پۇلى يوق ..ئالسىڭىز 15 كويدىن بىرەي ...
خىرىدار يامانلاپ چىكەتتى ...