85مىڭ يۈەنلىك زىبۇ-زىننەت سىزگە مەڭگۈلۈك ھەمراھمۇ؟
خىزمەتدىشىم بىلەن ئىككىمىز ئىشخانىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق.تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ 35ياشلاردىن ھالقىغاندەك كۆرىنىدىغان بىر چوكان چالا كۈلگىنىچە كىرىپ كەلدى ۋە خىزمەتدىشىمغا يۈزىنى يىقىپ قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن كىرىسلۇغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىچە گەپ باشلىدى.
-قارا ئاداش قەشقەرگە ماڭغانتىم،ماشىنا بارمىدۇ؟(خىزمەتدىشىم يىشى بىر قەدەر كىچىك قىزبولغاچقا بۇ ‹‹ئاداش›› دىگەن گىپىگە سەل كۈلگۈم كەلدى.)
-با ئاداش،مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي...-خىزمەتدىشىم ‹‹تىزراق يوقال!››دىگەندەك قىلىپ تىزلا جاۋاپ بىرىپ بەلگۈلەش ئىشخانىسىغا تىلفۇن قىلىپ بىر كىشىلىك ئورۇن تىزىملىتىپ قويدى.شۇ ئارلىقتا ئۇندىدارغا ئۈچۈر كەلدى.ئۇ ئاۋاز چىققان يىگىتكە ئۆزىنىڭ قەشقەرگە ماڭغانلىقىنى،كۆرۈشكۈسى بارلىقىنىمۇ ئۇقتۇرۇپ ئۈلگۈردى ۋە تىلغۇننى قولىغا ئىلىپ كۆز-كۆز قىلغاندەك ئويناشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئون بارمىقىدا ئون تال ئالتۇن ئۈزۈك يالتىراپ تۇرغاندىن باشقا بىلەزۇك بىلەن ئۈزۈكلەر ئوتتۇرسىدا زەنجىر قىلىپ تۇتاشتۇرۇلغان قولىنىڭ دۈمبىسىمۇ كىشىنى باشقىچە تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى.شۇ ئارلىقتا خىزمەتدىشىم ئىغىز ئىچىپ؛
-يا شەنبە-يەكشەنبە بولمىسا،قەشقەرگە نىمىگە ماڭدىڭلا؟-دەپ سوراپ قالدى.
-نىمىگە ماڭامەن ئاداش،8-ئايدا ئويدە35مىڭ يۇەندەك پۇل ژۇغلىشىپ قاپتىكەن...ئويدىكى لامىزەللىگە دىمەيلا ئالتۇن-زىبۇ-زىننەت ئىلىۋىتەي دەپ زەرگەر بازىرىغا بارسام مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر خوتۇن بىرمۇنچە پۇللۇق نەرسىلەرنى ئالغىلى تۇرۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزىدىلا يەنە 50مىڭ يۈەن نىسى قىلىپ85مىڭ يۈەنگە بۇ ئالتۇنلارنى ياساتقان ئىدىم-ئۇ قولىدىكى زىبۇ -زىننەتلەرنى‹‹ كۆردىڭلىمۇ››دىگەندەك كۆرىستىپ قويغاندىن كىيىن-ھازىرغىچە مانچە پۇللۇق نەرسە ئالدىم دىمەي ئايمۇ-ئاي قەرىز تۆلەپ كەلگەن.بۇ قىتىم زەرگەر ئۇستام بەك سۈيلەپ قىلىپ يىللىق تارقاتقان ئىككىمىزنىڭ مال باھا ياردەم پۇلىمىزدىن22مىڭ يۈەننى بۇنىڭغا ئىشلىتىپتىكەنمەن ئويدە تىللاپ كەتتى.ئاچچىقىمدا ئويدىن يىنىپ چىقىپ مەكتەپ مۇدىرىغا روخسەت دەپلا قەشقەرگە ئويناپ كەلگىلى ماڭدىم.خوتۇن لازىم بولغاندا ئىزلەر ئۇ لامىزەللە....-شۇ چاغدا ماشىنا كىلىپ ئىشخانا ئالدىدا توختىدى.ئۇ خوشلاشمايلا ماشىنىغا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.ئۇ كەتكەندىن كىيىن خىيالغا پاتتىم.
ھازىر جەميىتىمىزدە قىسمەن ئاياللار مانا مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىك،كۆرەلمەسلىك،چىدىماسلىق قىلىپ بىر ئوبدان ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماقتا.بەلكىم بۇ ئوقۇتقۇچى( ئوقۇتقۇچىلار ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردۇر،قىسمەن يۇقىردا تىلغا ئىلىنغاندەك ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر ئاز سانلىقنى ئىگەنلەيدۇ.)بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئاچچىقى يانسۇنمۇ دەيلى،سۇنغان قاچىنىڭ ئەسلىگە كەلتۇرمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.يەنىلا ياماق چۈشىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۇقۇشۇمچە بۇ خانىمنىڭ يولدىشى ئۆزىدىن 3-4ياشلار كىچىككەن.ھازىر بۇلارنىڭ 2 بالىسى باركەن.بىر-بىرسىنى بەك ياخشى كۆرەرمىش...خانىمنىڭ تۇتقاقلىق كىسىلى بولغاچقا يولدىشى ھەممە ئىشتا‹‹ماقۇل››دەپ كۆندۈرۈپ قويۇپ ھازىر يىغىشتۇرالماي قالغۇدەكمىش...توۋا.
ئاياللار بۇ دۇنيانىڭ گۈلى،ئەرلەر شۇ گۈلنى پەرۋىشلەپ ئۆستۈرگۈچى باغۋەندۇر...باغۋەن تەلەپچان بولسا گۈلنىڭ ياخشى ئاينىشىدا گەپ يوق.لىكىن يۇقىرقى باغۋەن يەرلىك ئۇسۇلدا پەرۋىش قىلماي سۇنئى ئوغۇتنى گۈلنىڭ تۈۋىگە كۆپرەك سىلىپ قويغاندەك قىلىدۇ.
ئۇ ئايال كەتتى.قاچان كىلىدۇ ئۇنى يولدىشى بىلىشى مۆمكىن.لىكىن ئۇنىڭ ئاشۇ مىڭىشىدا نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس.
ئىككى بالىسى،يولدىشى ئۇنى ساقلىماي ئامال يوق.قايتىپ كەلگەندە ئاشۇ85مىڭ يۈەنلىك زىبۇ-زىننىتى ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھەمرا بولۇپ قىلىشى مۆمكىن.
مۇنبىرىمىزدىكى مۆھتەرەم خانىم-قىزلار،ئەپەندىلەر..قىنى ئۆز باھاىيڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقمامسىلە؟
مەنبە؛ئۆزۈم