مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10241|ئىنكاس: 25

ئازاپنى ئۇنتۇشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8995
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 11:28:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                           ئازاپ ۋە ئازاپنى ئۇنتۇشنىڭ ئۇسۇلى

                                                   گۆھەرقىز ئىبرايىم


        ئازاپ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان، ئىنسان قەلبىنى ئىتتەك تالاپ، مۇشۇكتەك تاتىلاپ كىچە - كۈندۇز ئارام بەرمەي، روھنى چىرىتىپ، نۇرمال تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، يۈرەك مىڭىنى يەپ كىتىدىغان مەنىۋىيەتتىن قىيناش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئىنساننىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ئىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن روھىيىتىنىڭ قاتىلى ھىساپلىنىدۇ. ئازاپنى ئازاپ تارتقۇچىدىن باشقا ھىچكىم ھىس قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ تەسەللىسىمۇ ئۇسسىغان يىرىگە بارالمايدۇ.بۇ خىل پىسخىكىلىق ناچار روھىي ھالەت گەرچە ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشمىسىمۇ لىكىن كاللىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانى ناھايىتىمۇ ئازاپلىق ئۆزى بىلەن ئۆزى جەڭ قىلىش جەريانى بولغاچقا نۇرمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئازاپنى تىخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىدۇ .ھەر بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىلى ساپاسىنىڭ ئوخشاشماسلىغىغا قاراپ ئازاپقا تۇتقان پوسسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر توغرا تونۇپ ، كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇپ، ئۆزىنى يىڭىپ ناھايىتى تىزلا ئۆزىنى ئوڭلىۋالالىسا، يەنە بەزىلەر كاللىدىن ئۆتكۈزەلمەي زىيادە نەپرەت بىلەن ئۆچ ئىلىشقا، ئۆلىۋىلىشقا ۋە ئۆلتۇرۋىتىشكە ئۇرنۇپ، تەكرار خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ،  ئۈستمۇ -ئۈست بولغان ئازاپ سەۋەبىدىن ئۆمۇرلۈك روھىي مىيىپلاردىن بولۇپ قالدۇ.

     ئازاپ كىلىش مەنبەسىنىڭ ئوخشاشماسلىغىغا قاراپ تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرگە بولنىدۇ:

    1.سەپرا مىجەز سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش. باشقىلار بىلەن ئىناق ئىتىپاق ئۆتەلمەي، ھەدىگەندىلا باشقىلارنى تىللاپ، سىلكىپ، يىنىدىكى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا، بىزارلىغىغا ئۆچمەنلىگىگە ئۇچراپ ئازاپلىنىش.

    2.كۆرەلمەسلىك ئىچى تارلىق سەۋەبىدىن ھەر كۈننى زەھەر ئىچىۋالغاندەك ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈش. يەنى باشقىلارنىڭ غەلبىسىنى ، شان-شۆھرىتىنى ۋە بەختىنى كۆرەلمەي، باشقىلار كۈلگەنسىرى ئازاپلىنىش.

    3.ھەسەتتىن ئازاپلىنىش. ھەسەتتىن ئىبارەت ئىنسان روھىنى ئازاپلايدىغان جاھالەتنى بىشىغا كىيىۋىلىپ، قانائەتسىز ياشاپ، شۇنچە گۈزەل كۈن ۋە ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمەي ھاياتنى دوزاققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى شۇنىڭ چوغىدا ئازاپلىش.

     4.ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.ئۆچمەنلىك بىلەن چىرايىدىن خاپىلىق شۇملۇق ياغدۇرۇپ، ھەر كۈنىنى ھىلە نەيرەڭ ۋە تاكتىكا پىلانلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، خاتىرجەمسىز ياشاپ ئازاپلىنىش.

     5.مەھرۇم قىلىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.سۆيگىنى، قىرىنداش ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنىڭ مىھرى مۇھاببىتىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەسرەت چىكىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىدەك ئازاپلىنىش.

    6.ئايرىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.قەدىردانلىرىدىن ئۆمۇرلۈك ئايرىلىپ قىلىپ، تولدۇرغۇسىز روھىي ئازاپقا دۇچار بولۇپ ئازاپلىنىش.

    7.يىقىنلىرىنىڭ ئاسىلىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.كىشىنىڭ پەزىلەت خىسلىتىنى خاتا تونۇپ، سۆيۈپ ۋە دوست تۇتۇپ،سىناقتىن ئۆتمەستە نادانلارچە مىھرىنى ۋە سىرىنى بىرىپ ئۇلارنىڭ ئاسىلىغىغا ئازاپلىنىش.

     8.سۆيگۈنىنىڭ تاشلاپ كىتىشىگە ئازاپلىنىش.ھاياتنىڭ ئەگرى بۇگرى يولىنى ۋە شەيتاندىن ئىبارەت ئىبلىس ئىگەللەپ كەتكەن ئىنساننى خاتا تونۇپ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكىنىدىن، ئەقىدىسىنىڭ قەدىرسىز، چىن سۆيگۈسىنىڭ ۋاپاسىز، نىكاھىنىڭ بەخىتسىز ئاخىرلىشىغا ئازاپلىنىش.

      9. ئىغىر زىيان تارتىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.ئەڭ چوڭ ئۈمىت باغلاپ ئەجىر سىڭدۇرگەن ئىشىدىن ئويلىمىغان يەردىن زىيان تارتىپ، مەنىۋىي جەھەتتە مەن تۈگەشتىم دەپلا قاراپ قورقۇش ۋە ئازاپلىنىش.

     10.كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ ئازاپلىنىش.خاراكتىرى ، تەن قۇرلىشىدىكى ئەيپ، ئىقتىسادى ناچارلىق،جورىسىنىڭ بالىسىنىڭ سەۋەنلىگى....قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى دىمەتلىكلىرى ئالدىدا شاڭخۇ ئوبىكتى بولۇپ قالغىنىغا ئازاپلىنىش.

     11 . ئەقىدە قىلىپ  ئىشەچكە ۋە قەدىرلەشكە ئىرشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     12.كىسەل ئازاۋىدىن ئازاپلىنىش.

     13.جىسمانىي ۋە روھىي مىيىپلىق سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     14.ئورۇنسىز تۆھمەتكە قىلىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش. جەمىيەتتە پىتنە پاسات ۋە ئورۇنسىز تۆھمەتكە قىلىپ ،ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ ئازاپلىنىش.

     15.بىلىمسىز نادان ئۈلپەتلىرى سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.ناداننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، يامان نام يامان نەتىجىگە ئىرىشىپ قالغىنىدىن ئازاپلىنىش.

     16.ھەققانىيەت ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن رەزىللىك سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     17.ئىدىيىدىكى تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن ئاممىنىڭ ھىمايىسى قوللىشىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ئازاپلىنىش.

     18.تىل ھاقارەت ۋە خورلۇق سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     19. باشقىلارنىڭ غورۇرىغا ھاقارەت قىلىشى سەۋەپلىك ئازاپلىنىش.

     20.مەنمەنلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇغى سەۋەبىدىن نەزەردىن چۈشۈپ قىلىپ ئازاپلىنىش.

     21.ئۇرۇش تالاش، جىدەل ماجرا سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     22.خىزمەتتىكى ئوڭۈشسىزلىق سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     23.پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇش سەۋەبىدىن ئەپسۇس ئىچىدە ئازاپلىنىش.

     24.ئورۇنسىز پىتنە پاسات سەۋەبىدىن سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراپ ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قىلىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     25.ئەركىنلىگىنى يوقتىپ باشقىلارنىڭ كونتۇرۇللىغىغا چۈشۈپ قىلىش سەۋەبىدىن خاتىرجەملىگىنى يوقىتىپ ئازاپلىنىش.

     26.باسقۇنچىلىققا،ئۇۋالچىلىققا، ئورۇنسىز تۆھمەتكە ئۇچراپ ئازاپلىنىش.

     27.خىزمەت ۋەتۇرمۇش رىتىمىدا تەھدىت ۋەھىمىگە ئۇچراپ قورقۇنۇچ ئىچىدە ئازاپلىنىش.

      28.جىددىلىك ئۇيقىسىزلىق چارچاش سەۋەبىدىن خاتا ئىش قىلىپ قويۇپ ئازاپلىنىش.

      29.سىلىشتۇرۇش ۋە قانائەتسىزلىك سەۋەبىدىن بەختنى ھىس قىلماي جەننەتنى دوزاققا ئايلاندۇرۇپ ئازاپلىنىش.

     30.جەمىيەتتىكى كىشىلىك ئورنىنى يوقىتىپ ،تاشلىنىپ قىلىپ باشقىلار ئالدىدا ئەھمىيەتسىزلىگىدىن ئازاپلىنىش.

     31. ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسى ياكى خىزمىتىنى تارتقۇزۇپ قويۇپ ئازاپلىنىش.

     32.يوقسۇزلۇق،ئىلاجىسىزلىقنىڭ ئىلىپ كەلگەن ئۇرنىنى تولدۇرغۇسىز ئازاپ ئەلەم ۋە يوقىتىشلىرى ئۈچۈن ئازاپلىنىش.

     33.ۋىجدان ئازاۋى سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     34.باشقىلارغا ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتە ئالدىنىپ قىلىش سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     35.نۇرمالسىز پىسخىكا ۋە خامۇشلۇق كىسىنىڭ ئازاۋىدىن ئازاپلىنىش.

     36. ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغىنى ئۈچۈن ئازاپلىنىش.

     37.تەبى ئاپەت، ھادىسە ۋە بالا قازا ئىلىپ كەلگەن تالاپەتكە ئازاپلىنىش.

     38.باشقىلارغا ئاچچىقلاش،ئاغرىنىش،رەنجىش،خۇيلىنىش سەۋەبىدىن دوسنى دۇشمەنگە ئايلاندۇرغىنىغا ئازاپلىنىش.

     39.  مىننەتخورلۇق سەۋەبىدىن باشقىلارنى بىزار قىلىپ تىزىتىۋەتكىنىگە ئازاپلىنىش.

     40.خاتا بىسىپ قويغان قەدەم ئۈچۈن قانۇن تورىغا ئىلىنىپ قىلىپ ئازاپلىنىش.

     41.جورىسىنىڭ تالاغا قارىشى، بالىسىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقماسلىغى سەۋەبىدىن ئازاپلىنىش.

     42.ئاتا-ئانىنى قاخشاتقىنىغا، ياخشى ئوقىمىغىنىغا، دوستلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمىغىنىغا پۇشمان قىلىپ ئازاپلىنىش .......قاتارلىقلار.

      ئازاپنى يىڭىشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن تاللاپ قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ:

      1.ھەممىنى يوقاتسىمۇ ئۆز كونتۇرۇللىغىنى، ئۆز نىشاننى ، ئۆز ئەركىنلىگىنى، ئۆز ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىق كىرەك.

      2.ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بىرىپ، زۆرۇر تىپىلغاندا بۇ ئۆتكۈنچى ھالەتتىن ئۆتىۋالغۇچە ئۆزىنى ۋاقىتلىك گولداش ۋە ئالداش ئارقىلىق روھىي قەسىرىنى نامراتلاشتۇرماي نۇرمال كەيپىياتىنى تەڭشىۋىلىش   كىرەك.

     3.ئازاپ ئىلىپ كەلگەن مۇھىت ۋە ئادەمدىن بىر مەزگىل ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۇپ، ئازاپ ۋە نەپرەتنى، مەغلۇبىيەت ۋە تەجرىبە ساۋاقنى ئىلمىي ھالدا تەھلىل قىلىپ،قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەي، بۇ خىل رەھىمسىز رىياللىقنى قوبۇل قىلغۇدەك نۇرمال روھى ساپا يىتىلدۈرۈش كىرەك.

     4.بىر قەدەم چىكىنىپ، مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كەمچىلىك ۋە سەۋەنلىكنى تىپىپ تۈزىتىپ، كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنىڭ يوچۇقلىرىنى چىڭ ئىتىپ ئالغا تىرىشقۇدەك جۈرئەت يىتىلدۈرۈش  كىرەك.

    5.ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ، سەۋرىچانلىقنى يار تۇتۇپ، مەسىلىلەرگە سالماقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەيپىياتىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشىۋىلىشنى ئۈگىنىۋىلىش كىرەك.

    6.ناچار كەيپىياتتىن ئىبارەت ئازاپنىڭ بۇلىغىنىڭ سۇيىنى ئىچىۋەرمەستىن، كەيپىيات تۇراقسىزلىغى ئۇزۇنغىچە داۋاملاششا ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىزارلىغىنى قوزغاپ، يار يۆلەكسىز تەنھا قىلىشقا سەۋەپ بولىدىغىننى تونۇپ ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەن بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.

     7. دەردىنى ئەتراپتىكىلەردىن چىقىرىپ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئورۇنسىز زەھەرلەپ دۇشمەننى كۆپەيتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

     8.روھىي ھالەتنى تەڭپۇڭ تۇتۇشنى ئازاپنى يىڭىشتىكى ئاچقۇچ قىلىپ، ۋاقىتنى ئازاپنى يىڭىشتىكى ياخشى دورا بىلىپ، ئاچچىقلاشنىڭ ئوزىنى ئۆزى ئازاپلاش ئۈچۈن ئىچىلگەن زەھەر ؛باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاش؛ ئۈزىنى لەنەتكە دۇچار قىلىدىغان قىلمىش ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىپ ئازاپنى يىڭىش ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك.

    9.شۈكرى-قانائەتچان، كەڭ قوساق ئەپۇچان بولۇپ،ئۇتمۇشنى ئۇنتۇپ، دۇشمەننىڭ شىرىگىدەك ئازاپ بىلەنلا يۇرمەستىن، ئۆزى ئۈچۈن بولسىمۇ ، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي، ئۆزىنى قەدىرلەپ باشقىلاردىن بەختلىك بەشقىلاردىن خۇشال ياشاشقا تىرىشىش كىرەك.

    10.ئازاپنى بىشىغا كىيىۋالماستىن قەدرىنى بىلمىگەن بىر ۋىجدانسىزدىن ئايرىلغىنىغا،قۇتۇلغىنىغا ۋە ئاسىلىق قىلغان ئادەمدىن تىزراق قۇتۇلغىنىغا خۇرسەن بولۇپ، ۋاقىتنى ئازاپلىنىشقا سەرپ قىلىۋەتمەي تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلەپ يىڭى نىشان ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك.

     11.پاسىپ ئوي ،چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىكلاردىن تىزرەك قۇتۇلۇشتا، ئۈزىنىڭ - ئۈزىگە ياخشى دورا ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماي، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى رۇھى ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلماي، ئۈز ئەخلاق پەزىلىتىنى ساقلاپ،تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، قولدىن بېرىپ قويغانلىنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئۈمىتۋار، غورۇرلۇق، خۇشال ۋە قەيسەر ياشاشقا تىرىشىش كىرەك.

     12.يۇز بىرىپ بولغان رىياللىققا ، ئازاپ ۋە قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي،   ئوڭشسىزلىق ئۈچۈن غايىدىن ۋاز كەچمەي كامىل ئىشەچ بىلەن كەلگۇسىگە يۈزلىنىش كىرەك.

      13.يىراقلارغا نەزەر سىلىپ،ئەتىگە بولغان ئۈمىت بىلەن بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇپ، دۇنيادا ئازاپ ئوقىبىتى يوق ئادەم يوقلىغىنى بىلىپ، ھەر بىر كۈننى ، ھاياتنىڭ ھەر بىر سىنىغىنى ئىللىق چىراي كۈتىۋىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرغۇدەك جاسارەت تىكلەش كىرەك.

      14.ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت، نۇرمال خاراكتىر ۋە روھىي ھالەتنى ئاچقۇچ قىلىپ ئازاپ قۇلۇپىنى ئىچىپ، قولدىن بىرىپ قۇيغان نەرسىگىلە ئىسىلىۋىلىپ،ئېرىشكەنلىرىگە سەل قارىماستىن  ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىگە، ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنگە، ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىش كىرەك.

       15. ئازاپ ئالدىدا باتۇر بولۇپ، ھەممىنى يىڭىپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرسىگە ۋە  سۆز چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماي، دۇشمەن ئالدىدا قان ئاقسىمۇ ياش ئاققۇزماستىن،باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يۇقاتماستىن مەردانە ياشاش ئىرادىسى تىكلەش كىرەك.

       16.ئۆزىنى پەس كۆرۈش ،كەمسىتىش تۇيغۇسىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ يىنىكلەيمەن دەپ چۈشكۈنلەشمەي،غەم ـ قايغۇ ئازاپ ئىچىدىلا يۈرمەي ، ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇرۇپ يالغۇز بىكىنۋالماي،بەدەننى پاكىز تۇتۇپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، كۆڭۈلدىكى دوسىتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كۆڭۈللۈك ئاممىۋىي سورۇنلارغا، ساياھەتلەرگە بىرىپ، ياخشى ناخشا مۇزىكا ئاڭلاپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئۈمىدسىزلىك  پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ناچار ھەركەت ئادىتىگە قەتئى چەك قويۇپ، ئازاپنى تىزرەك ئۇنتۇيدىغان چارە ئاماللارنى قوللىنىپ ،  قەددىنى تىك تۇتۇپ نەزەرنى قەدەم ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىپ قايغۇرماي ، باتۇرلارچە ياشاش ئىرادىسى تىكلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كىرەك.

      17. ئۈمىدسىزلەنگەندە باشقىلاردىن ئۈمۈت كۈتمەستىن ئۈزىدىن تەسەللىي تېپىشنى،  ئۆزىگە ئىشىنىشى،  ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىدىن پەخىرلنىشنى ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىش كىرەك.باشقىلارغا روھسىز ھالىتىنى كۆرسەتمەي، ھاۋاسى ساپ خىلۋەت جايلارغا بېرىپ قەددىنى قايتىدىن روسلىۋىلىپ،ياخشى ئوبرازىنى ساقلاپ، مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئىلىپ، خاتا قەدەمنى توغرىلاشقا جۈرئەت قىلىش كىرەك.

     18.بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ئىسسق سۇدا يۇيۇنۇپ، پۇتنى ئىسىىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنپ، قانغۇچە ئۇخلاپ ، سەھەر تۇرۇپ  سەيلە قىلىپ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىدە ساقىلغانلىرىنى بارلىق دەرد-ھەسرەتلىنى، ئويلىغانلىرىنى كۈندىلىك خاتىرە قىلىپ يىزىپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇش، ناخشا ئېيتىش، ئەرمەك ھايۋان ياكى گۈل-گىياھ بېقىش قاتارلىق ھاياتقا تارتىشىش ھېس قىلدۇرىدىغان ساغلام ھەۋەس يېتىلدۈرۈپ، چېنىقىش مەركىزى ياكى ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرېپ كەسپى ئۇۋلاشتىن   بەھىرىمەن بۇلۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئازاپتىن پەيدا بولغان جىددىلىگىنى تەلتۆكۈس بوشاشتۇرۇپ، ئەتىۋارلىنش ھىسياتىدىن بەھرىمەن بۇلۇش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى ھىس قىلىپ ئۆزىگە ۋاقىتلىق مەنىۋىي مەدەت تىپىش بىلەن بىرگە تاشقى قىياپەتكە دېققەت قېلىپ، يامان ئېللەتلەردىن يىراق تۇرۇپ ، سالامەتلىكنى ئاسراپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە مەدەت بېرىپ ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن رەھمىسىز بولۇپ، ئۆزىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئازاپنى يىڭىش كىرەك.

     19.ئەڭ قۇددىرەتلىك بولغان ۋاقىتتىن پايدىلنىپ ئەڭ رەھىمسىز ئازاپنى يىڭىپ، ئەڭ موھىم بولغان كۆتۇرەڭگۇ روھنى پەيدا قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان دۇشمەننى يىڭىپ، كىشىلىك ئىززەت ئابروي ۋە غورۇرنى قوغداپ، قانائەتچانلىقنى يار تۇتۇپ، ئازاپ تارتقانسىرى مەيۈسلانماستىن بەزى ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئۈگۈنۈپ، نادان نامەرت ئادەملەربىلەن مۇئامىلە قىلماي، ئۈمۈتسىز ئادەمدىن ئۈمۈد كۈتمەي،  قىلىۋاتقان ئىشىنى قىزغىن سۆيۈپ ، بىلىم قۇرۇلمىنى يېڭلاپ ، ئوڭۇشسىزلىققا ئازابلىنىپ ياش تۆكمەستىن ، ھاياتتا قانچىلىك ئۇڭۇشسىزلىق بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەڭ چوڭ شان -شەرەپلەرنىڭ بارلىغىغا ئۈمىت بىلەن ئىشىنىپ تىرىشىش كىرەك.

     20.ئازاپنى يىڭىشنىڭ دورىسىنى ھەرگىز باشقىلاردىن ئىزدىمەستىن ئۆز قەلبنى تازلاپ، رەھىمسىز رىياللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىپ، كۈندەشلىك، ھەسەت، ئۆچمەنلىك،گۇمانخورلۇق ۋە رەشىك ئوتى قاتارلىق قەلب ئەخلەتلىرىنى تازلاپ، ئۆزىنى قەدىرلىيەلمىگەن ئىنسان ئۈچۈن ئەخمەقلەرچە ئازاپلىنىپ ھەممىلا يەردە ئۆتمۇشنى تىلغا ئىلىپ باشقىلارنى بىزار قىلىپمۇ يۈرمەي ،  باشقىلاردىن ئاغرىنىش ۋە رەنجىش ئازاپلىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاختىنى تىجەپ، پۈتۈن زىھنىنى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆتكۈنچى ئازاپنى ئۆيلايدىغان ۋاقىت قالدۇرماي تىرىشىپ، ئۆز قەدىر -قىممىتىنى ئىسپاتلاپ، ئۆزىنى ئازاپلىغۇچىلار قەلبىدە پۇشمان ۋە ھەسەت ئوتىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 12:05 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xam12 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 07:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازابنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان بىرىنى ئۇچرىتىش...
ئەڭ ياخشى چارە.......

مەن ئازابتا قالغاندا ئۇنتالمىغاندا ، توساتتىن ئازابنى تاپالمىدىم قارىسام يېنىمدا
ئازابنى ئۇنتۇلدۇرغۇچى يۈركۈمنى ئېگەللەپتىكەن....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 08:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 07:42 PM
ئازابنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان بىرىنى ئۇچرىتىش...
ئەڭ ياخش ...


قارىغاندا ئاخرى كۆڭلىڭىزدىكى زەينەپتىن  بىرنى تېپىپسىزدە  كاككۇك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-18 08:47 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 08:44:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1670154432 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 08:41 PM
قارىغاندا ئدخرى كۆڭلىڭىزدىكى زەينەپتىن  بىرنى تېپىپس ...

شۇنداق .
ئەمدى كۇكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇچقىلى قويمايمەن .
ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارمەن دېسە ئۆزۈم ئاپىرىپ كېلىمەن.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83512
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3202
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 08:44 PM
شۇنداق .
ئەمدى كۇكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇچقىلى قويمايم ...

كۈنلەر ئۆتۈپ ، ئايلار ئۆتۈپ ، يىللار ئۆتۈپ ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كىيىنمۇ (باللىرىڭىز بولۇپ ، تۇرمۇشتا بىر - بىرىڭلارغا كونىراپ قالغاندا) سىز شۇ ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرغان بۇ مىھرىبانىڭىزنى ھازىرقىدەك قەدىرلەپ ئۆتەلەرسىزمۇ ھە ؟؟؟

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karapxa يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 09:46 PM
كۈنلەر ئۆتۈپ ، ئايلار ئۆتۈپ ، يىللار ئۆتۈپ ، ئۇزۇن ۋاق ...

ئەلۋەتتە ، ئاللاھ شۇ كۈنلەرگە نىسىپ قىلسا

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2941 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:51:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 08:44 PM
شۇنداق .
ئەمدى كۇكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇچقىلى قويمايم ...

ھى ھى كاككۇكجان  ئەمسە بىزنى قۇتلۇق كۈنلەرگە چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ ..سوۋغات ئىلىپ بارىمىز .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zvmrat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 09:51 PM
ھى ھى كاككۇكجان  ئەمسە بىزنى قۇتلۇق كۈنلەرگە چاقىرىشن ...

ئەلۋەتتە .... ئاللاھ شۇ كۈنلەرنى كۆرسەتسە سىزنى تەكلىپ قىلمىسام قانداق بولىدۇ.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2941 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:55:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 09:53 PM
ئەلۋەتتە .... ئاللاھ شۇ كۈنلەرنى كۆرسەتسە سىزنى تەكلىپ  ...

ھى ھى  ئاللاھ شۇ كۇنلەرنى نىسىپ ئەتسۇن !!

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5415
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20288
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2299 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 09:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zvmrat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 09:55 PM
ھى ھى  ئاللاھ شۇ كۇنلەرنى نىسىپ ئەتسۇن !!

رەھمەت قېرىندىشىم....

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش