قوينى ھاڭغا باشلىغان نەپىس
ئاۋىستىرالىيەدە كەڭرى كەتكەن بىر پارچەمۇنبەت ئوتلاق بار بولۇپ، ھەر قېتىم قويلار كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە بىرغەلىتە ئەھۋال يۈز بىرىدىكەن.
پادا-پادا قويلار بىر-بىرى بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ يايلاقنىڭ بىر چېتىدىكى ئېگىز يار ئۈستىگە چىقىپ، چوڭقۇر ھاڭغا سەكرەپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ قويلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى بۇنداق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرىۋالىدۇ؟ ئەجىبا قويلارنىڭ كۆزى كور بولۇپ قېلىپ، ئالدىدىكى ھاڭنى كۆرەلمىگەندىمۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆزىنى توسۇۋالغان زادى نېمە؟
زوئولوگلار بۇ ۋەقەنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن. قويلارنىڭ كۆزىنى باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى يايلاقتىكى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر توسۇۋالغان . قويلار پادىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قىستىشىپ چىقىپ، ھېچقانداق قوينىڭ ئايىغى باسمىغان يەردىكى ئەڭ يېشىل، ئەڭ يۇمران چۆپلەرنى يېمەكچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەس- بەستە بىر – بىرىدىن ئالدىنى تالىشىپ، ئۆزىنىڭ نەپسىنى تويدۇرۇش، بىر چىشلەم يۇمران چۆپكە ئېرىشىش ئۈچۈن بەسلىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارئۆزلىرىنىڭ ھاڭنىڭ لېۋىگە بېرىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالىدىكەن. ئاندىن بەسلىشىپ ھاڭغا سەكرىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت يېشىل ئوت- چۆپلەرنى يېيىشلا بولغاچقا، كۆزىگە ئوت- چۆپتىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدىكەن.
قويلارنى ھاڭ لېۋىگە باشلاپ ئاپىرىپ،ھالاكەت يولىغا ئىتتەرگىنى باشقا نەرسە ئەمەس دەل شۇ ئوت- چۆپ.
كىشلىك ھاياتىمىزدىمۇ بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغلاشقان ئەشۇ يېشىل ئوت-چۆپ دەل قەلبىمىزدىكى نەپسانىيەتچىلىك ئەمەسمۇ! نەپىسنىڭ ئۆزى تەگسىز ھاڭ، ئۇنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تارتىپ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ،يىراقلارغا نەزەر تاشلاڭ.
( بۈگۈنكى شىنجاڭ، تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ2011-يىللىق 9-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurzaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-18 09:30 AM