سىناق ھەر بىر جان ئولۇمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.
ئادەم ئۆز مەۋجۇتلۇقىدا گۈناھتىن يىراق ياشىسا،ياخشىلىق بىلەن مۇراد-مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ئادەم پەقەت تېرىكچىلىكتە قەتىل قىلىنىش ،ئەسىر ئېلىنىش،كېسەل بولۇش بىلەن سېنىلىدۇ.
دوستۇم ،سەن دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن خۇشال بول،ھەرگىز ھەقنى يوشۇرۇپ يالغانچىلىق بىلەن مەدھىيەلەنمە. ئادەمنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىنىشقا ھەقلىق.
ئاچ كۆزلەر پۇل، مال ،دۇنيا، مەرتىۋە قوغلىشىپ تىرىكچىلىق قىلىش بەدىلىگە ۋاقىتلىق راھەتلىنىدۇ. ئەمما ئاخىرەت كېمىسىدە غەرىق بولىدۇ.
كۆڭلى قارا ئادەم ھارامدىن قورقمايدۇ.كىشىنىڭ رىزقىغا ئاچ كۆزلەرچە چاڭ سالىدۇ. بۇ نېمەدىگەن ئىپلاسلىق.
دۇنيا بىر تىلسىم ، ئۇنىڭ چەكسىز قوينىدا ئادەملەر ئوخشىمىغان زىكىر، غايە-ئۈمۈد بىلەن ھاياتلىق ئۈچۈن تېرىشىپ-تېرمىىشپ ياشايدۇ. بەزىلەر ئادىمىيلىك،ۋىجدان-غۇرۇرى بىلەن ئەجىرىدىن ھەقىقىي ھايات مەناسى تاپسا ،يەنە بەزىلەر ناچار ئىللىتى ھورۇنلۇقى بىلەن بەختىنى ۋەيران قىلىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى ،ئادەم توغۇلۇپ تاكى ئالەمدىن كۆز يۇمغىچە بولغان ئارلىقتا بالىلىق،ياشلىق،قىرانلىق ۋە قىرىلىق مەنگىللەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ دەۋىرلەر بىر-بىرىدىن قىممەتلىكتۇر.
مەنسەپ جوزىسى تولىمۇ سىرلىق .ئۇ بۈگۈنكى كۈندە پۇل،بايلىق ئۇلپىتى بىلەن گۈزەل.
مەي ئىچىپ كوچىنى بېشىغا كىيگەن نادانلىق،بىخۇدلۇق پاتقىقىدا ئۆز بەختىدىن ئايرىلىپ ،شەيتانغان ئۇلپەتلىشىۋاتقان زەئىپ كۆڭۇل ئولجىسى. روھى قالاق ئەدەپ- ئەخلاق بېغىدىن شاللانغان پۇلغا ئامراق ئىپپەتسىز ئايال.ئۆز بەختىنى قارتا ،ئوشۇقتىن ئىبارەت قىمارغا دو تىككەن غايىسىز ئەر، سوئالسىز جاۋاب.
مەنبە: <يۈرەك نېمە دەيدۇ> كىتابىدىن ئېلىندى.
|