مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11497|ئىنكاس: 185

ئېرىمنىڭ كىچىك خوتۇنى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېرىمنىڭ كىچىك خوتۇنى





دائىمقىغا ئوخشاشلا بىر گۈزەل سەھەر ئىدى.
ئۇ مەسچىتتىن كىرگەندىن كىيىن قوللىرىنى يۇيۇپ ، تۆرگە سېلىپ قويغان كۆرپىگە كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭغا قاراپ تەبەسسۈم قىلدىم ئاندىن يېڭىلا پىشۇرۇلغان سۈتنى چىنىلەرگە ئۇسسۇپ داستىخانغا ئەكەلدىم.
بالىلار ئوقۇشتا بولغاچقا ئىككىمىز يالغۇز ئىدۇق. ئۇ ئىسسىق سۈتكە چىلانغان ناننى بىردەمدە يەپ بولۇپ قاچىنى قويدى.
پاختىلىق چۈمكەكنىڭ ئاستىدىكى چەينەكنى ئېلىپ دەملىگەن چايدىن بىر پىيالە قۇيۇپ ،-چاي ئىچسىلە، - دەپ قوش قوللاپ سۇندۇم.
ئۇ چاينى ئىچپ بولۇپ پىيالىسىنى داستىخانغا قويدى ، مەنمۇ چېيىمنى ئىچىپ بولغاندن كېيىن قاچىلارنى يىغىپ يۇيۇش ئۈچۈن سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە، ئۇنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئايسۇلتان!
ئۇ بىرەر مۇھىم گەپ بولمىسا ئادەتتە ئىسمىمنى بىۋاسىتە چاقىرمايتتى، ئالاھىدىرەك ئىشلار چىقىپ قالغاندا مۇشۇنداق ئىسمىمنى چاقىرىپ ئاندىن گېپىنى دەيتتى.
-ھە، بىرەر ئىش بارمىدى؟ - دېدىم قولۇمدىكى پىيالىلەرنى داسقا سېلىپ قويۇپ.
- بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرە،-دېدى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
-…. يامان يولغا كىرىپ قالغان بىر ئايال باركەن شۇنى ئەمرىمگە ئېلىپ، تۇرمۇش غېمىنى تۈگۈتۈپ، ھەقنى تونۇتاي دەيمەن، ساۋاپلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى، بۈگۈن بىرنەچچىمىز بېرىپ نىكاھلىتىپ كېلىمىز. سەن باشقىچە قارىمايدىغانسەن-ھە؟-دېدى.
خىيالىمغا كىرىپمۇ باقمىغان بۇ ئىشنىڭ تۇيۇقسىزلا ئەمدى مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشنىمۇ بىلمىدىم.
ئۇ ياخشى ئادەم ئىدى، بىر ياخشى ئەر سۆيۈشكە، بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشقا ئەرزىيدىغان ئەر. يەنە دادا، ئاكا، ئېنى ، سۆيگەن يار… ھەممە نەرسەمنىڭ ئورنىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئۆمۈر يولدۇشۇم ئىدى.
يۈرۈگۈمدىن چىققان تىترەك ۋۇجۇدۇمنى تىترەتتى لېكىن ئۇنىڭ سېزىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم قوللىرىمنىڭ تىترىشىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن داستىخاننىڭ چۇچىسىنى سىيلاپ شۇ تال-تال چۇچىلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم.
ئۇ جاۋابىمنى ساقلاۋاتقاندەك جىمجىت ئولتۇردى ئاندىن گېلىنى قىرىپ يالغاندىن يۆتۈلۈپ قويدى ، بىرنىمە دېيىشىم كېرەك ئىدى.
نېمە دەي؟ بىر ئىككى يىلدىن بېرى ئانچە -مۇنچە باشقىلارنى شۇنداق قىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ياقامنى تۇتۇپ ‹‹توۋا›› دېگەن ئىدىم . ئەمدى نېمە دەي؟
كۆڭلۈم بىلەن ئىتىقادىم ئوتتۇرىسىدا قىلدەك تولغاندىم، سۈكەنگە قۇيۇلغان ئۈگۈتتەك يانچىلدىم ھەر قانداق ئويلىساممۇ بۇ ئىشقا ماقۇل دېگۈم يوق .
-ئۆزلىرى ھەممىنى بىلىلا… سىلە شۇنداق قىلسام توغرا دەپ قارىغان بولسىلا بوپتۇ…- توۋا بۇ گەپنى مەن دېدىم.
ئاغزىمغا ئۇنىڭدىن باشقا گەپ كەلمىدى، ئۇ ئوقىغاننى مەنمۇ ئوقىغان، بۇنىڭدىن باشقا بىرنېمە دېيەلمەيتتىم. لېكىن يۈرۈگۈمدىن ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېگۈم يوق ئىدى. ئەمما شۇنداقلا دېيەلەيتتىم. شۇنى دېدىم.
روھىم تېنىمدىن چىقىپ كېتىپ جىسمىم قۇرۇپ كەتكەندەك قاخشال بىر ھالدا ئولتۇرۇپ قالدىم.
چايلاردا پات- پاتلا خېنىملارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ ھەر خىل شەكلىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بەزىلەر مېنىڭ ئېرىمدەك يامان يولدىن قايتۇرۇپ ساۋاپ ئىزدەيمەن دەيتتى، بەزىلەر ياخشى كۆرۈپ قالغان بولاتتى، بەزىلىرى يەنە باشقا سەۋەپلەرنى تېپىشاتتى، بەزىلىرى يوشۇرۇنچە ئايرىم ئۆيلەرنى تۇتۇپ بېرىپ مەخپىي ياشايتتى.
ئىش قىلىپ يېقىندىن بېرى بۇ ئىش شەھرىمىز ئەرلىرىگە تۈرك كۆڭلەكلىرى مودا بولغاندەك مودىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئەرلىرى قوش خوتۇنلۇق بولىۋالغان خېنىملارنىڭ كۆزلىرىدىن چاچراپ تۇرغان كۈندەشلىك ھەرسىتىنى ، بىئىلاجلىق نادامىتىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىيتتى.
قىزىل راۋاقتىكى چۈش فېلىمىنى كۆرگەندە دىكلىماتسىيە قىلىنغان بىر شېئىرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى ئېسىمگە كەلدى.
‹‹ ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن غەم يىگەنلەر، ھايال ئۆتمەي ئاخىرەتكە راۋان بولدى.›› خۇددى مۇشۇ مىسرالاردىكىگە ئوخشاش ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يۈرۈپ ئەمدى مەنمۇ شۇ كۈنگە قالماقچى بولۇۋاتاتتىم، تېخى ئۆز ئۆيۈمدە، كۆز ئالدىمدا.
ساۋاپنىڭ يوللىرى چەكسىز كەڭرى ئىدى ، لېكىن مېنىڭ ئېرىممۇ مۇشۇ ‹‹ساۋاب››قا قىزىقىپ قاپتۇ-دە! ساۋاپلىق يولدا توغرا تۇرىۋىلىشقا كىممۇ پېتىنالىسۇن؟
ھەي ئېسىت ، گۈلزارلىققا تاغ تېكىسىنى باشلاپ قويسا گۈللەر ۋەيران بولماي قالامدۇ؟
ئونئالتە يېشىمدىن باشلاپ جېنىمنى بەدەل بېرىپ تۇتقان بۇ ئۆيگە ئەمدى يەنە بىر ئايال كېلەرمۇ؟ ئىچىمدىكى ئاچچىق كاللامنى تورمۇزلاپلا قويدى.
نېمانچە ئاجىزدۇرمەن؟ نېمىشقا دىلىمدىكىنى تىلىمدا دېمىگەندىمەن؟ نېمىشقا مەن خالىمايمەن دېمەيمەن؟
ۋاي خۇدايىم، ئۇ راستىنلا شۇنداق قىلارمۇ؟ كەچقۇرۇن يەنە بىر ئايالنى خوتۇنۇم دەپ باشلاپ كېلەرمۇ؟
نېمىشقا كىچىك خوتۇن بولماقچى بولغان شۇ خېنىملار ئويلىمايدىغاندۇ؟ ھېچكىم ئاچ- يالىڭاچ قالمىدىغۇ؟ كىچىك خوتۇن بولۇپ يەنە بىر يۈرەككە زىختەك سانچىلمىسىمۇ باشقا بىر ياشاش يولى چىقاتتىغۇ؟
‹‹مەيلى›› دېگەن شۇ ئاغزىمغا مىڭنى ئۇرغۇم كەلدى.
ئۇ مېنىڭ بەكرەك ئويلانسام قوشۇلماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق تۇيۇقسىز، قىستاپلا دېگەنمىدۇ؟
لېكىن… لېكىن …ئاللاھىم ئۆزۈڭ بار!
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !-ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىككە باردىم ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئاياللىرى- شۇنداقلا مېنىڭ دوستلىرىم كەپتۇ.
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! كېلىشسىلە،- چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم،چاي راسلىدىم نېمىشقىدۇر ھېچ ئىشىم قولاشمايتتى لېكىن كۈلكەمنى چىرايىمدىن ھەرگىز ئۆچۈرمىدىم.
بىلىمەن بۇ خېنىملارمۇ ئەرلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلدى.
-ئايسۇلتان خېنىم، تەييارلىق قىلىشىپ بېرىدىغان ئىشلارنى دېسىلە قول- قول قىلىلى،– دېدى ياشقا چوڭراق دوستىمىز گۆھەر خېنىم.
نېمە ئىش سەۋەپلىك تەييارلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى ھېچكىم ئېغىزدىن چىقىرىشمىدى. مېنىڭ بۈگۈنۈم ئۇلارنىڭ ئەتىسى بولمايدۇ دەپ ھېچقايسىمىز ئىيتالمايتتۇق، شۇڭا ئۇلارمۇ چەكچىيىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىمدىن ھەممىنى بىلدىمۇ ئارتۇق گەپ سوراشمىدۇق .
-بىلمىدىم… -دېدىم.
نېمە تەييارلىق كېتىدىغانلىقىنى راستلا بىلمەيتتىم.
شاگرت بالا گۆش، ئوتياش، نان، مېۋە- چېۋە… قاتارلىقلارنى ئەكىرىپ بېرىپ چىقىپ كەتتى.
گۆھەر خېنىم يالتىراق خالتىنى ئېچىپ قاراپ:
- ئون پارچە گۆش پارچىلاقلىق، قالدىسى پۈتۈن ئىكەن ئون كىشىلىك تەييارلىق قىلايلى، - دېدى.
ئون پارچە گۆشنى قازانغا سېلىپ قويۇپ ئۈچىمىز داستىخان راسلىدۇق، گېزەكلەرنى تىزىۋىتىپ خۇددى ئوغلىنىڭ تويىنى قىلىدىغان ئانىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم ، لېكىن كەچتە كېلىدىغىنى ماڭا كېلىن ئەمەس كۈندەش بولىدىغان ئايال ئىدى.
بەك-بەك يىغلىغۇم كەلدى لېكىن يىغلاپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشىپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىم ھېچكىمنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىمىدىم.
چۆچۈرىنڭ پىيىزىنى چوقۇپ ئولتۇرۇپ كۈندەش ھەققىدىكى كىچىكىمدە چوڭئانامدىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمدىن كەچتى. كۈندەشكە چىدىماقنىڭ تەسلىكىدىن بۈۋىپاتىمە ئانىمىزنىڭ ئاچچىق ياشلىرى پىيازنى مۇشۇنداق ئاچچىق قىلىپ قويۇپتىكەنمىش.
ئاللاھىم، نېمىشقا كۈندەشسىز دۇنيا ياراتمىغانلا؟
ئاياللار نېمىشقا كۈندەشلىك ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنى ئېزىدىغاندىمىز؟
-كەلدى…
-كەلدى،-دىيىشكەن ئاۋازلار بىلەن ئىشىككە قاراپ ماڭدۇق. چىقماي دېسەم مەن ئۆينىڭ ئىگىسى، چىقاي دىسەم زادى چىققۇم، ئەسلا قارشى ئالغۇم يوق.
خېنىملار بىلەن بىللە ئىشىك ئالدىغا چىقىپ قول باغلاپ تۇردۇق. بايىقى ئىككى خېنىمنىڭ كۈيەسى بىلەن يەنە بىرنەچچە ئەر كىشى ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
ئېرىمنىڭ مۇشۇ دەمدىكى چىرايىنى بەكلا كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى لېكىن ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدىم.
بىردەمدىن كېيىن ئىككى ئايال يۈزى يېپىلغان يەنە بىر ئايالنى قولتۇقلاپ يېتىپ كېلىشتى. خۇددى ھېلىلا پارتىلاپ كېتىدىغان مۇددەتلىك بومبىدەك ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان نامەلۇم گەۋدىگە قاراپ تۇيۇقسىز جاقىلداپ كەتتىم، تىترىكىمنى ئۆزۈمدىن باشقىغا سەزدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بەك كۆپ كۈچىدىم .
چايلار قۇيۇلدى، تاماقلار تارتىلدى، خۇددى بىرسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىۋاتقاندەك ھەركەتلىرىم بەكمۇ كالامپايلىشىپ كېتىپ باراتتى.
-ھۇجرا قايسى؟ ئورۇن كۆرپە تەييارمۇ؟ -دېدى كىمدۇر بېرى.
ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. توغرا، ئۇلار بۈگۈن ھوجرىغا كىرىدۇ، ئۇلارغا بىرگە ياتىدىغان ئورۇن كېرەك. چەكچىيىپ تۇرغان كۆزلىرىمدىن ھەممىنى چۈشەنگەن دوستۇم ئېرىمنى چاقىرىپ بىرنىمىلەرنى دېگەندەك قىلدى. كېيىن ئۇلار ئەرلىرى بىلەن بىللە كەتتى.
ئاشخانىدىكى ئەتىگەندىن بېرى ئىشلىتىلگەن بارلىق قاچىلارنى يۇيدۇم، سۈرتۈپ ئىشكاپلارغا تىزدىم. ئاشخانىنى تازىلىدىم تاملىرىنىمۇ سۈرتۈپ چىقتىم.
ئېرىمنىڭ قاچانلاردا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى يېڭى ھوجرىسىغا چىقىپ كەتكىنىنى بىلەلمىدىم. ئىككى دوستۇم ئېرىمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىككىنجى قەۋەتتكى بىر ئۆينى ‹‹ھۇجرا›› قىلىپ مېھمانلىق ئورۇن كۆرپىلەرنى ئەكىرىپ بەرگەندەك ئىدى.
مەن يالغۇز، يېگانە ئىدىم. پۈتۈن دۇنيادا ھايات ئادەمدىن مەنلا قالغاندەك يالغۇزلۇق مېنى قاپسىۋالدى. ھوجرىمىزغا كىرىپ ياتتىم.
ئىچىمدە بىر ئاچچىق ئوت كۆيۈۋاتاتتى. ئۇ ئوت مېنى كۆيدۈرەتتى، ئۆرتەيتتى. تولغۇناتتىم، ئېرىم نېمىش قىلىۋاتقاندۇ؟ نېمە دېگەندۇ؟ ئۇ ئايالغا قانداق قاراۋاتقاندۇ؟ ئۇنى تۇتقانمىدۇ، سۆيگەنمىدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن …
ئۆز ئۆيۈمدە ئۆز ئېرىم باشقا بىر ئايال بىلەن …-ھە! خۇدا ئۆزۈڭ ساقلا!
يەنە تولغۇنۇپ كەتتىم ئىچىمنى مىڭلاپ ھەرە چاقاتتى، مىڭلاپ قۇرۇت غاجايتتى. ئۇلارنى ھەر خىل تەسەۋۋۇر قىلاتتىم.
ئاخىرى چىدىماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. كېچىنى ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزغىلى بولمايتتى. كىمدۇر بىرسىنىڭ ‹‹دەردىڭنى ئادەمگە ئەمەس ئاللاھقا تۆك›› دېگىنى ئېسىمگە كېلىپ جاينامازنى سېلىپ يۈكۈندۈم….
كۆزلىرىم بۇلاققا ئايلاندى.
ئەتىگەنكى ناشتىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئىچىمگە سىغدۇرغان مىڭ پاتمان ئوتنى ئاللاھقا تۆكتۈم.
نەۋرىلىك بولاي دېگەندە نېمە كۈن بۇ؟بالىلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئەرلەرنىڭ نومۇس ئېڭى بەك تۆۋەنمىدۇ؟ ئەجەبا چوقۇم نىكاھىغا ئېلىپ مۇشۇ ئۆيگە ئەكەلسە ئاندىن ياردەم قىلغان بولامدىغاندۇ؟ نىكاھىغا ئالماي تۇرۇپ ھىدايەت يولىنى كۆرسۈتۈپ قويغىلى، تۇرمۇشۇمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، توغرا بىر ياشاش يولىنى تېپىپ بەرگىلى بولماسمۇ؟
جېنىم ئېرىم، دۇنيادىكى بارلىق ئازغان مەزلۇملارنى ئەمرىڭگە ئېلىپ بولالارسەنمۇ؟ سەندىكى مال-دۇنيا يەتسىمۇ ئەرلىك ئەركەكلىك مەجبۇرىيتىڭنى يەتكۈزەلەرسەنمۇ؟ مەسئۇلىيتىڭنى تولۇق ئادا قىلىپ ئىككى ئالەم يۈزۈڭ يورۇق يۈرەلەرسەنمۇ؟ بالىلىرىڭ ‹‹كىم بۇ›› دېسە نېمە دەرمىز؟ ئەلە-مەلىگە كىم دەرمىز؟ نېمىشقا ئىككىمىزنى ئۈچ قىلىپ قويىسەن؟
ماددىي ياردەمنى سەن قىلساڭ، مەنىۋى ياردەمنى مەن قىلسام ئۇنى ھەمشىرىمىز ئورنىدا كۆرسەكمۇ بولماسمىدى؟
مېھماندىنمۇ بەك ئىززەتلىشىپ ئۆتكەن ئىدۇق كۆڭلۈڭدىكىنى كۈزۈڭدىن بىلەلەيتتىمغۇ؟ قاچاندىن بېرى ئۇ كۆزلەر مەندىن سىر يوشۇرىدىغان بولۇپ قالدى؟!
ئەي قىز! سەن قىز ئەمەسسەن سەن بىر زۇلۇمگەرسەن. سەن ئۆزۈڭگە ئوخشاشلا بىر ناتىۋاننى ئەزگۈچى زالىمسەن! سېنى ئۇلار ‹‹يولىدىن ئازغان-دېدى›› سەن ئازغۇنمۇ؟ ئەمىسە نېمىشقا يەنە بىر قېتىم ئازىسەن؟ سەن داداڭدەك بىر ئەرنىڭ يوشۇرۇن خوتۇنى بولۇش ئارقىلىق ئازغۇنلۇقۇڭدىن قۇتۇلماقچىمۇ؟ سەن بىر مەلىكە ئىدىڭ، ئاتا- ئاناڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدىڭ ئۆزۈڭنى ئەرزىمەس، يىرگىنچلىك بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپسەن ئەمدى يەنە نېمە قىلاي دەيسەن؟ مېنىڭ بۇ كىچىك ۋەتىنىمدىن نېمە ئىزدەيسەن؟ ساڭا خاتىرجەملىك يوق، مېھىر- مۇھەببەت يوق ھەتتا ئىللىق بىر ئادىمىي مۇئامىلىمۇ يوق. نېمىشقا بۇ ئۆيگە قەدەم باستىڭ؟
ئېرىم دەپ ئەگىشىپ كەينىدىن ماڭالمىساڭ، ئايال بولۇپ پېتىنىپ بىر بالا تۇغالمىساڭ، ئاتا-ئانا، دوست- بۇرادەرلىرىڭگە قۇلاقتەك باغاق تارقىتىپ تويغا چاقىرالمىساڭ سەن قانداق نورمال ئادەم بولىسەن؟
ئەجىبا سېنىڭ ھاياتىڭ ئوغۇرلاپ كېلىنگەنمۇ؟ سەن ھاياتنى مۇشۇنداق مەخپىي ياشاپ تۈگەتمەكچىمۇ؟ ھاياتىڭنى مۇشۇ ئالقاندەك ھويلىدا كۆزۈمنىڭ نۇرىدا مىڭ ئۆلۈپ لىۋىمنىڭ ھورىدا مىڭ تىرىلىپ ئۆتكۈزمەكچىمۇ؟…
ئېھ، بىچارە ئايسۇلتان ئەمدى نېمە كۈنلەرنى كۆرەرسەن؟ قايسى ئازاپ ئوچاقلىرىدا كۆيۈپ، قايسى ھەسرەت يالقۇنىغا تۇترۇق بولارسەن؟ بۇرۇن كېچىلىرىڭمۇ كۈندۈزدەك ئېدى ئەمدى تامامى كۈنلىرىڭ كېچىگە ئايلىنىپ كېتەرمۇ؟
بەرداشلىق بىرەلەرسەنمۇ؟
بۇ چىداپ يۈرگىلى بولىدىغان ئازاب ئەمەس، ئىگەم، ئۆزۈڭ مەدەت بەر، ئۆزۈڭ سەۋر بەر مەندىن گۇناھ ئۆتۈپ قالمىسۇن مەن سەۋەپلىك يەنە بىر بەندىگە ئازار يېتىپ قالمىسۇن.
ئىگەم، بۇ ئازاپلارنى مەندىن كۆتۈرىۋەت سەندىن شۇنى تىلەيمەن ماڭا خاتىرجەملىك بەرگىن ئىگەم.
سەھەردە يۇيۇنۇپ يېڭى كىيىملىرىمنى كىيدىم، دۇبەيدىن ئەكەلگەن ئەتىرىمنى چېچىپ ئاياملىق شارپامنى ئارتتىم.
ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈپ كىرىشىمگە ئۈستىدىن چۈشىۋاتقان ئېرىم بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم.
ئۇ:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!- دەپ قويۇپ سوپۇن پۇراپ يېنىمدىن ئۆتۈپ تالاغا چىقىپ كەتتى، خۇددى يات ئادەمدەك.
ئەمدى نېمىش قىلارمەن؟ ئاۋۇ ئايالغا چاي تەييارلايمەنمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرۈشىمەن؟ ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىمىزمۇ؟
كىيىملىرىم چىرايلىق ئۆزۈم ئەتىر پۇراپ تۇرىمەن لېكىن ئىچىم تۈتۈن ئىدى. قولۇم ئىشقا بارمايتتى. تۇنجى قېتىم بۇ ئۆينى تاشلاپ يىراقلارغا كەتكۈم كەلدى.
يەنە ھوجرىمىزغا كىرىپ ئولتۇردۇم ئەمدى ھېچكىم بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشنى خالىمايتتىم.
-ئايسۇلتان، ناشتا قىلايلى، بۇ ياققا چىقە!
ئېرىمنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئاشخانىغا چىقتىم. چوڭ قىزىم بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ياشتىكى بىر قىز كۆرپىدە ئولتۇراتتى. كىرىشىمگە ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەقلىرىدىن بىرسى سالامدۇر. سالامنى ئىلىك ئالماسلىق ھەددىممۇ؟ مەنمۇ سالام بەردىم.
داستىخان سېلىپ ئېرىم(ئېرىمىز دىيىشىم كىرەكتۇ بەلكىم) سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن ئىسسىق نان بىلەن چاي ئىچتۇق. ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى.
- مەن دۇككانغا كەتتىم، چۈشتە تاماققا كېلىمەن.
ئۇ چىقىپ كەتتى.ئەمدى ئىككىمىزلا قالدۇق چاي ئىچكەن قاچىلارنى يىغىپ يۇيۇش ئۈچۈن تۇرىۋىدىم ئاسلاننىڭكىدەك تولىمۇ تۆۋەن بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-ماڭا بەرسىلە، مەن يۇياي.
شۇ چاغدىلا ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىدىم، تولىمۇ چىرايلىق، تومۇچۇقتەكلا بىر قىز ئالدىمدا تۇراتتى. چىرايىدا ، چوڭ كۆزلىرىدە، ئادەمگە ئەيمەنگەندەك قاراشلىرىدا بىر مەسۈمەلىك پارلاپ تۇراتتى. ھېچبىر كېچىچە مەن ھەسرىتىنى چېكىپ چىققان كۈندىشىمغا ئوخشىمايتتى.
مۇشۇ يېشىدا ئۇ قايسى ‹‹يامان يول››غا كىرىپ قالغان بولغىيتتى؟
-بولدى ئۆزۈم يۇياي، -دېدىم.
ھەرقانچە تىرىشساممۇ ئاۋازىم قوپاللا چىقتى. نە ئامالىم بولسۇن؟ كۆزلىرىمگە ئۇ مەسۈم كۆرۈنگىنى بىلەن يۈرۈگۈم ئۇنىڭ كۈندەش ئىكەنلىكىنى تونۇپ بولغان تۇرسا! ئۇ ئاۋازىمنىڭ قوپاللىقىدىنمۇ بەك كۆزلىرىمدىكى دەھشەتتىن قورقتىمۇ مىسسىدە چىقىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ كىشىلىك نىكاھلىق تۇرمۇش قوينىغا كىرىپ قالدىم.
بۇنداق قوش نىكاھ، قانۇندا چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن پىنھان تۇتاتتۇق. لېكىن قانچە پىنھان تۇتۇلغان ئىش شۇنچە تىز تارقىلىپ كېتىدىكەن. تېلىفۇنلار كېلىپ تۇراتتى ھال سورىدۇق دىيىشىپ گەپ تاتىلايتتى. ئىچ ئاغرىتقان بولىۋىلىشىپ يۈرەك يارامنى ئېچىشتۇراتتى.ئۇنداقلارغا ھەرگىز سىر بەرمەيتتىم، ھامان بۇ ئىش تۈگەپ ئەسلىدىكى خاتىرجەم تۇرمۇشۇمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن دېگەن ئىرادەم ھېچكىمگە چىش يېرىپ دەرت تۆككۈزمەيتتى.
ئۇ ئايالغا گەپمۇ قىلمىدىم، قىلىدىغانغا ئىشمۇ بەرمىدىم ھەممىنى ئۆزۈم قىلدىم . نېمىلا ئىشنىڭ يېنىغا كەلسە قولىدىن ئېلىۋالاتتىم، گەپمۇ قىلمايلا قولىدىن ئېلىۋالاتتىم. ئېرىمنى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىشتىن چەكلىيەلمىسەممۇ لېكىن ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئىشىغا ياتلارنىڭ قولىنى تەككۈزمەسلىك قولۇمدىن كېلەتتى.
سەھەردە ھويلىنى سۈپۈرۈشتىن تارتىپ تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش… ئىش قىلىپ بارلىق ئىشنى يەنىلا ئۆزۈم قىلاتتىم.
كەچكىچە ئىككىمىز بىر ھويلىدا يالغۇز ئولتۇراتتۇق لېكىن گەپ قىلمايتتىم. چىرايىغىمۇ قارىمايتتىم. ئاش پىشسا گەپ- سۆز يوق بىر قاچا ئاشنى ئالدىغا قوياتتىم، چاي دەملىسەم بىر پىيالە چاينى قۇيۇپ سۇنۇپ بىرەتتىم.
يەتتە كۈندىن كېيىنكى كۈنى كەچقۇرۇن ئېرىم ھوجرىمىزغا كىرىپ كەلدى. خۇددى يات بىر ئەر يېنىمغا كىرىۋاتقاندەك چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئۇمۇ چىرايىمدىكى ئالاقزادىلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. بىردەم جىمجىت قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. نېمىشقىدۇر ئۇنى يات ئادەمدەك ھېس قىلىشتىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم.
ئۇنىڭ ئورنىنى راسلاپ بېرىپ يېنىپ چىقتىم، كېيىنچىرەك قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى ئىزدەپ تېپىپ قىلىشقا باشلىدىم، كاللام ئۇنىڭدا ئىدى.
ئۇنىڭ راستلا مېنىڭ يېنىمغا كىرگۈسى بار بولغىيمىدى، ياكى…؟ چاي چەينەكلىرىنى سىم يۇيغۇچ بىلەن يۇيۇپ ئاقارتىۋاتاتتىم خىيالىم ئاچچىق خاتىرىلەردە ئىدى.
قۇلىقىمنىڭ يېنىدىن كېلىۋاتقان تىنىقتىن چۆچۈپ ۋارقىراپ تاشلىدىم.
ئۇ قولۇمدىن تۇتقانچە ھوجرىمىز تەرەپكە تارتتى. ئۇ 25 يىللىق ھەمراھىم، تۇنجى ھەم ھازىرغىچە كۆڭۈل بېرىپ سۆيۈپ ياشاۋاتقان ئېرىم ئىدى. لېكىن، قەسەمكى، مۇشۇ دەقىقىدە ھەقىقەتەن ئۇنى دېلىم خالىمايۋاتاتتى.
ئەتىگەندە چىقسام ھېلىقى ئايال ھويلىنى، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىپتۇ، چاي دەملەپتۇ ، داستىخان ساپتۇ لېكىن ئۆزى كۆرۈنمەيتتى.
ئەجىبا ئۇنىڭمۇ كۈندەشلىكى تۇتۇپ قالدىمىكىن؟ ئۇنىڭمۇ مېنى كۆرەرگە كۆزى يوقمىكىن؟ ئۇمۇ چىراغ ئۆچكەندە قاراڭغۇ دەرىزىگە قاراپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ چىقتىمىكىن؟ ئۇمۇ رەشىككە چىدالماي ھوجرىسىغا بېكىنىۋالدىمىكىن؟
ئېرىم ئىككىمىز بۇرۇنقىدەك يالغۇز ئولتۇرۇپ چاي ئىچتۇق. ئۇ ئايالنىڭ ئىزلىرىنىڭ ئۆزى سۈپۈرۋەتكەنچە ھويلىمىزدا قايتا پەيدا بولماسلىقىنى تىلەيتتىم.
لېكىن ئېرىم دۇككانغا كەتكەندىن كېيىن پەسكە چۈشتى، بېشىمنى لىڭشىتىپ سالامىنى ئىلىك ئالدىم.
بىر تويغا بېرىشىم كېرەك ئىدى تەييارلىنىپ مۇھىم نەرسىلىرىمنى نېرى قىلىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاندىن تويغا كەتتىم، ئۇ ئايال ھوجرىسىدا قالدى.
ئەگەر بىلسە ئىشىككە سېلىنغان قۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ جاۋابى ئىدى. چۈشەنسە ئاشۇ قۇلۇپ ئۇنىڭ مۇشۇ ئۆيدىكى ئورنىنى كۆرسۈتىپ قوياتتى. لېكىن ئۇ نېمە ئويلايدۇ مەن ئۇنى بىلىشكە قادىر ئەمەس ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتتىم.
تويدىن كەلسەم يۇقۇرىدىن كۈلكە ئاۋازى كەلگەندەك تۇيۇلدى ئۇ خوتۇننىڭ ئۆيىمىزدە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىممۇ ياكى جىن ئازدۇردىمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپتىمەن.
ئېرىم ئۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى ھەر ئىككىلىسى بەكمۇ خوشالدەك قىلاتتى.
رەشك مېنى ئۆرتىدى، كۈل قىلدى كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلارنى سۈرتۈشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپتىمەن ، ئېرىم نېمە قىلماقچىدىكىن ئۇنىڭغا قوللىرىنى ئۇزىتىۋىتىپ مېنى كۆرۈپ قالدى. مەن كەينىمگە ياندىم.
تويغا كىيگەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇۋىتىپ مۇنچىغا كىرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇندۇم تاكى جاقىلداپ تىترەپ، چىدىيالماي قالغۇچە مۇزدەك سوغۇق سۇنى بېشىمدىن چۈشۈرىۋەردىم كاللامدىن ھېلىقى سىمالار يەنىلا ئۆچمىدى بەلكى ئاشۇ مۇزدەك سۇلارغا قوشۇپ تېخىمۇ مەھكەم ئۇيۇپ كەتكەن ئىدى.
جاينامازنى قولۇمغا ئالدىم ، ئاللاھىم، بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى سەن بارلىق كەلمىش كەتمىشلەر سەندىن. جېنىمنى ئال سەندىن شۇنى تىلەيمەن ئىگەم جېنىمنى ئالغىن، ئۇخلىغان جايىمدىن تۇرمايلا قالاي ئىگەم، مېنى بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلدۇر . پەقەت سەنلا مېنى بۇ دىشۋارچىلىق، ۋەس-ۋەسە نادامەتلەردىن پارىغ قىلالايسەن . سەن ھەممىگە قادىرسەن ئىگەم. مېنىڭ بۇنداق كۈندە ياشىغۇم يوق، بۇنداق ئازاپلىق كۈنلەرنى كۆرگۈم يوق.
ماڭا سەۋر بەرگىن دېدىم ئىگەم سەۋر قىلالمىدىم. چىدام بەرگىن دېدىم ئىگەم چىدىيالمىدىم. چىدىغىلى بولمايدىكەن، سەۋر قىلىپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدىكەن سەن ئىنساننى شۇنداق مۇھەببەتلىك ھەم شۇنداق چىدىماس يارىتىپسەن.
ساڭا تېۋىنىمەن، ساڭا يېلىنىمەن جېنىمنى ئال مېنى قۇتۇلدۇرۇپ دەرگاھىڭغا ئېلىپ كەتكىن .
يىغلاپ –يىغلاپ جاينامازدىلا يېتىپ قاپتىمەن ئۇخلاپ قالدىممۇ ھۇشۇمدىن كەتتىممۇ بىلمەيمەن ئەتىسى قىززىپ كەتتىم .
ئېرىم دۇككانغا كەتتىمىكىن، ھېلىقى ئايال يېنىمغا كىردى ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ھالىم ، كۆزلىرىمنى ئاچقۇدەك ماغدۇرۇممۇ يوق ئىدى.
ئۆز ئۆيۈمدە غېرىپ، مىسكىن بىر ھالغا چۈشۈپ قالدىم.
ئۇ چاي ئېلىپ كىردى ئىچمىدىم، شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ كىردى ئىچمىدىم. ئۇنىڭ قولى تەككەن ھەر قانداق نەرسىگە قارىغۇم كەلمەيتتى. مەن قارشىلىقىمنى، نەپرىتىمنى پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىپادە قىلالايتتىم.
ئۇ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يېنىمغا كېلىپ قولىنى پىشانەمگە سۇندى، قايسى كۈچكىن قوللىرىنى سىلكىپ چۈشۈرۋەتتىم.
ئۇ چىقىپ كېتىۋاتقاندا كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى كۆرۈپ قالدىم.
ياش! ياش نېمە قىلىپ بىرەلەيتتى ؟ بىر ئايالنىڭ ئېرىگە ئەگىشىپلا ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بۇ تۈلكىنىڭ ياشلىرىغىمۇ شۇ دەقىقىدە نەپرىتىم كەلدى. ھەتتا ئۇنىڭ تومۇرىدا قان، كۆزلىرىدە ياش بارلىقىدىنمۇ گۇمان قىلاتتىم.
ئالۋاستىنىڭ تومۇرىدا قېنى، كۆزلىرىدە يېشى بولمايدۇ-دە!
دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم. بۇ كۈنلەر ماڭا مىڭ يىلدىنمۇ ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇ خوتۇن مېنىڭ ئۆيۈمدە، مېنىڭ ئېرىمنىڭ قوينىدا بىخىرامان يايراپ ياشاۋاتاتتى.
كۆزلىرىم يۇمۇلار ئەمەس چەكچىيىپ شۇ ئىككىسىنىلا خىيال قىلاتتىم. ئادەم روھىي كونتۇرۇللۇقىنى يوقىتىپ قويغان ۋاقىتتا يۈرىكىگە شەيتان ئۇۋا سالامدىكىن خىياللىرىم شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدىن كۆرمەي يۈرىۋاتقان بۇ كۈنلىرىم نەچچە ھەسسە ئازاپلىق داۋاملىشىۋاتاتتى.
ئېرىم تاماق ئەكىلەتتى ئۇ خوتۇن ئەتكەن تاماق دەپ گۇمان قىلىپ يىمەي- ئىچمەي يۈردۈم.
بىر كۈنى ئۇ:
- ئاچامنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلدىم، سېنى ئامراق دەپ ئاتايىتىن ئۆزى ئېتىپ بەردى، ئىچىپ باققىن ، ھېلىمۇ ئاجىزلاپ كەتتىڭ،- دېدى.
لېكن يەنىلا گېلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى.
ئۇ كارۋاتنىڭ ئالدىغا ئورۇندۇق قويۇپ ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى،ساقاللىرى پاكىز قىرىلغان، كۆڭلەكلىرى خۇددى مەن يۇيۇپ دەزماللاپ بەرگەندەكلا ئاق، قىسقا ياسىتىلغان چاچلىرى دوپپىسىدىن سەلگىنە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بوكىسچىلاردەك كېلىشكەن ئۇستىخىنىغا خوپلا كەلگەن كىيىملىرى ئۇنى سالاپەتلىك كۆرسىتەتتى. چوڭ قارا كۆزلىرىدىن مېھىر، كۆيۈم تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭغا قاراپ يېتىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى، شۈنچىلىك غەيرەت قىلىپمۇ ياشلىرىمنى باشقۇرالىمىدىم ئاۋازىمنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلغانچە ياشلىرىم ئۇلغۇيۇپ كېتىپ باراتتى.
ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ ئولتۇردى ياشلىرىمغىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن قاراپ ئولتۇردى. ئاندىن كارۋاتنىڭ باش تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان لۆڭگىنى ئېلىپ ياشلىرىمنى سۈرتتى، چېكە چاچلىرىمنى تۈزەپ لىچىكىمنى پىشانەمگىرەك سۈرۈپ قويۇپ يەنە ئولتۇردى.
-بۇنداق قىلىدىغان ئادەم باشتا قوشۇلمايمەن دېسەڭ بولماسمىدى؟ ئۆزۈڭ ‹‹بوپتۇ ›› دېمىگەنمىدىڭ؟… مەن سېنى راست قوشۇلدىمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.
ئۇنداق قىلما سەن ئۇنداق ئىچى تار ئايال ئەمەس ئىدىڭ… مېنىڭ نېمە مەخسەتتە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىمنى سەن بىلىسەن، مېنى تەڭلىك قىلما مۇھىمى ئۆزۈڭنى بۇنچە قىينىما.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.ياشلىرىم ئۇنىڭغا كۆرسەتمەي دېگەنچە ئۇلغۇيۇپ يەنە تەرەپ –تەرەپتىن تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ئۇھ… سەۋر، ئىگەم ماڭا سەۋر كېرەك، سەۋر قىلغۇدەك ماغدۇر بەرگىن ئىگەم!
يۈرۈگۈم خوددى ئورنىدىن چىقىپ كەتمەكچىدەك ئېغىر قوزغالدى شۇ دەقىقىدە جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ تارتىشمايتتىم. پەقەت مۇشۇ ئاچچىق دۇنيادىن چىقىپ كېتەلىسەملا مەن جېنىمدىن ئايرىلىشقىمۇ رازى ئىدىم.
ئەرنىڭ ئەمرىنى تۇتۇش، گېپىنى يىرماسلىق، ئىتائەت قىلىش… ماڭا بۇلارنى كىم ئۆگەتتى؟
ئەمدى قوشۇلمىساڭ بولمامتى دەۋاتقان كىم؟ ئىگەم، مەن قوشۇلمايمەن دىيەلەمدىم؟ ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھكار بولۇشقا پېتىنالامدىم؟
دوختۇرخانىدا ئۇزۇن يېتىپ قالدىم ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى جېنىمنى، روھىمنى، تېنىمنى ئىگىلەپ مېنى بارلىقىمدىن ئايرىماقتا ئىدى.دوختۇرنىڭ:
‹‹ دورىدىنمۇ، خوشال كەيپىياتنى ساقلاش ھەم ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش بەك مۇھىم، ئەگەر دىققەت قىلمىسا ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئۆپكە توبېركليۇز كېسىلىگە ئۆزگۈرۈپ قېلىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن، چوقۇم دىققەت قىلىڭلار!›› دەپ تاپىلىغىنى بىلەن كەيىپىياتىم خوشال ئەمەس نورمالمۇ بولالمايۋاتاتتى.
كېچەممۇ كۈندۈزۈممۇ ھەسرەت ، ئازاب، رەشىك بىلەن لىق تولغان ئىدى.
-ئۆيگە كېتىمەن، -دېدىم بىر كۈنى ئېرىمگە.
-تېخى ساقايمىغان تۇرساڭ قانداق بولىدۇ؟-دەپ ماڭا قارىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكىنىنى، رەڭگىنىڭ قېنى قېچىپ، جاۋغايلىرىنىڭ ئەتراپىغا قورۇقلارنىڭ ئىز سالغىنىنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئېچىشتى.
-ئۆيدە ئارام ئالاي، ياكى ئاچامنىڭ يېنىغا كېتەرمەن، -دەپلا يەنە كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
- نەگە؟ نەگە كېتىسەن خوتۇن؟سېكىلەك چوكان ۋاقتىڭدا تۇتۇپ قويۇلدۇرغان ئۆيۈڭنى تاشلاپ نەگە كېتىسەن؟ ئەمدى بالىلار تەتىل قېلىپ كېلىدۇ
ياخشىلىنىپ قالىسەن ھېچيەرگىمۇ كەتمەيسەن.
ئەر- خوتۇن دېگەن ئاغرىغاندا ، قېرىغاندا، بېشىغا كۈن چۈشكەندە يېنىدا بولىدۇ دېمىسە نېمە قىلىدۇ ماكان تۇتۇپ؟ مەيلى، ئۆيدە ئارام ئالىمەن دېسەڭ ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كېتەي دورىلىرڭنى ئۆيدە يەرسەن، تاماقنىمۇ ۋاقتىدا يىيەلەيسەن قۇلاي بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ يەيدىغان دورىلارنى ئېلىپ قايتىپ چىقتىم. ئۆيگە يېقىنلىغانچە يۈرۈگۈم قالايمىقان سوقۇپ ، تىنىقىم ئىتتىكلەپ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم.
ئىشىك ئالدى، ئۆي، ھويلا شۇنداق پاكىز تازىلاقلىق تۇراتتى. ‹‹ ئۇ تېخىچە بار ئىكەندە؟- دەپ ئويلىدۇم ئىچىمدە›› دوختۇرخانىدىكى ۋاقىتتا خۇددى ئۇ كېتىپ ئۆيۈم بۇرۇنقىدەك ئۆزۈمگىلا تەۋە بوپ قالغاندەك ئىسسىق تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ قالغان ئىدىم. ياكى ئېرىم مېنىڭ ئەھۋالىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى كەتكۈزىۋەتكەندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەك ئىچىدە جاڭگالدا ئۆسكەن ياۋا گۈلدەك سەلگىنە ئېگىلىپ سالام بېرىپ تۇراتتى.
كارۋاتتىن تۇرۇپ باقماي بىلەلمىگەن بىلەن كېسىلىم خېلىلا ئېغىر بولسا كېرەك ئېرىم يۆلەپ تۇرسىمۇ سىغىنىقىپ جايىمغىلا ئولتۇرۇپ قالدىم.
كۈندىشىمنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى خۇددى ئۈزۈپ تاشلىۋىتىلگەن، دەسسەپ يانچىۋىتىلگەن گۈلدەك بىچارە ھەم قەدرسىز ھېس قىلدىم.
ئېرىم كۆتۈرۈپلا ئەكىرىپ كارۋىتىمغا ياتقۇزۇپ قويدى.
كۈندېشىم يېنىمغا كىرمىدى، ئەھۋالمۇ سورىمىدى ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇنى كۆرۈشنى خالىمايتتىم.
قىرىق نەچچە يىللىق ھاياتىمنىڭ ھەممە شاتلىقى، قايغۇسى، ھاياجانلىق ياكى مۇسىبەتلىك بارلىق دەملىرى كاللامدىن پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ كەتكەندەك پەقەت مۇشۇ يېرىم يىل ئىچىدىكى ھەر بىر دەقىقەم ئېسىمگە قوغۇشۇندەك ئۇيۇپ كەتكەن ئىدى. كۆزۈمنى يۇمساممۇ ئاچساممۇ خىيالىم شۇ ئىشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايتتى.
تېنىم ئاجىز، روھىم چۈشكەن، كۆڭلۈم پەرىشان… ئىھ ، ئايسۇلتان قىزلارنىڭ ئەركىسى، يىگىتلەرنىڭ ئارمىنى، چوركانلارنىڭ بەرناسى مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرسەنمۇ؟ رەسىدە قىزلىرىڭ، يىگىتلىك ماقامىدىكى ئوغۇللىرىڭ ئاشۇ جىننىڭ قولىغا قالارمۇ؟ ھايات شۇنداق ئاجىز نەرسىمىدۇ؟ شۇنداق ئاسان ئاخىرلىشىدىغان نەرسىمىدۇ؟
ساقىيىپ كەتسەم بولاتتى ….ئەزىزلىرىم ياتنىڭ قولىدا قالمىسۇن.
مەن نېمە دېگەن شىخسىيەتچى؟ ئۆزۈمنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئۆلۈمۈمنى تېلىگىنىم نېمىسى؟مەن سۆيگەن دۇنيا، مەن تۇغۇپ، بېقىپ قاتارغا قوشقان بالىلار قاراقسىز قالسۇنمۇ؟
ئىگەم، ماڭا شىپاھلىق بەرگىن مېنى ئەزىز قىلغان بالىلىرىم ياتنىڭ قولىدا قالمىسۇن. ئۇلارنى ئۆزۈم تويلىرىنى قىلىپ يوللىرىنى كۆرسەتكىلى نىسىپ قىلغىن ئىگەم.
شۇنچىلىك ماجالسىز ئىدىمكى ھەتتا ئېسىممۇ جايىدا ئەمەستەك مىنۇتىغا نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ تۇراتتىم
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! -ئىشىكتە كىچىك قىينى سېڭلىم كۆرۈندى،- قانداقراق تۇرىلا؟ چىرايلىرىغۇ دوختۇرخانىدىكىدىن كۆپ ياخشى تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنداق تاتلىق بولغان بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىنىڭ تىترىشى، چىرايىمغا سەپسىلىپ تۇرغان كۆزلىرىدىكى ئېچىنىشتىن ئۆزۈمنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس ئىدى.
قېينى سېڭلىم كۈندېشىمنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالمىدى، ئىشىك تەرەپكە قاراپ قويۇپ:
-بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمىسىلە خانئاچا، ئاكام ساۋاپ ئىزدەپ، ياخشىلىق ئىزدەپ شۇنداق قىپتۇ. بۇ ئايالنى بىر دوستىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ھېلىقىدەك يەردىن قايتۇرۇپ چىققانمىش، بىر ئادەم بولسىمۇ ھايۋانى يولدىن قايتىپ ئادەملىك قەدر-قىممىتى بىلەن ياشىسۇن دەپ شۇنداق قىپتۇ. ھەممىمىز ئۆز غېمىمىز بىلەنلا بولۇپ كەتسەك تاشلانغانلار تاشلىنىپ قېلىۋەرسە بولمايدۇ. ئاياللار ئاسرىلىشى، قوغدىلىشى كېرەك. ئاكامدەك ياخشى ئەرلەر قانچە كۆپ بولسا جەمىيەتكە ، مىللەتكە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەتتى.
ئۇ ئەمدى يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
-مەن سىلىنى باقىمەن، تاماقلىرىنى ئېتىپ يانلىرىدىن ئايرىلمايمەن. سىلىمىچۇ خانئاچا، ئۇنى ئىشلىرىغا سېلىپ كۈچىنى كۆرۈپ يۈرىۋەرسىلە، ئۆيۈمدە بىر مۈشۈك باقتىم دەپلا ئويلىسىلا …
-مۈشۈك باقتىم! ؟
ئەي قىز سەن تېخى كىچىكسەن ، سەن بىلمەيسەن ھاياتتا زادى ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولىدۇ، تەڭ بەھرىمەن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولىدۇ. سەن بىر ئادەمنى مۈشۈك ئورنىدا كۆرمە، ئۇ مۈشۈك ئەمەس ئادەم.
ئۇ مەندىن بىر ئادەملىك ئورۇن، ئادەملىك قەدر- قىممەت تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ مەندىن سۆيگۈ-مۇھەببەت تالىشىدۇ.
سەن بىلمەيسەن، بىر چىمدىم توپىسىغىمۇ مېھرىم سىڭگەن بۇ ماكاننىڭ يات بىر ئاياقتا دەسسىلىشى- مېنىڭ بېشىم دەسسەلگەن بىلەن ئوخشاش.
بوپتۇ، سەن گۈزەل خىياللىرىڭنى سۈرۈپ ياشاپ تۇر، لېكىن بىر كۈنلىرى مەندەك ئورۇنغا ھەرگىز چۈشۈپ قالما سىڭلىم!
بىلىمەن، ئاكاڭ ياخشى ئادەم ، ياخشى ئەر، سۆيۈملۈك مەھبۇب .ئەگەر ئۇ بۇرۇندىن ناچار پەزىلەتلىك بىر ئادەم بولغىنىدا ئىدى، بەلكىم مەنمۇ بۇنچە چوڭقۇر ئازاپلارغا مەھكۇم بولماس ئىدىم.
سەن، مېنىڭ نېمىلەرگە ئازاب چېكىۋاتقىنىمنى بىلىشكە تېخى قادىر ئەمەسسەن، بۇ- ئازاپلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاچچىق ئازاپ، ئەڭ چىدىغۇسىز ھەسرەت جېنىم سىڭلىم!
ئەگەر بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم بولماي، سېنىڭ تۇرمۇشۇڭ بولغىنىدىمۇ مۇشۇنداق تەمكىن بولالارمىدىڭ؟ مۇشۇنداق سوغۇققان قارارلارنى چىقىرالارمىدىڭ؟ ئېرىڭنىڭ كىچىك خوتۇنىنى ‹‹ئۇ بىر مۈشۈك ›› دەپ ياشىيالارمىدىڭ؟
ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان، بېشىڭدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىشلار ئۈستىدە يەڭگىللىك بىلەن قارار چىقارما.
سېنىڭ دوپپاڭ سېنىڭ بېشىڭغىلا خوپ كېلىدۇ، ماڭا خوپ كەلمەيدۇ؛ سېنىڭ پىكرىڭ ،سېنىڭ كۆز قاراشلىرىڭمۇ پەقەت سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىلەرنى ئىپادىلەيدۇ خالاس.
مېنى ئازاپ چەكمىسۇن دەپ مۇشۇنداق دېگىنىڭنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئازاپ چەكتىم، بۇ ئازاپتىن قۇتۇلالمىدىم ھەتتا كېسەل بولۇپ كەتتىم.
ئېرىم ھەر قېتىم ئۇ ئالۋاستىنىڭ يېنىدا ياتقاندا مېنىڭ يۈرۈگۈم سانسىز يىرتقۇچ ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا تاشلىۋىتىلدى، قوقاسقا تاشلىۋىتىلدى.
مەن سىلەرگە قاراپ كۈلۈپ ياشىغان ئاشۇ چاغلاردا سىلەر پەقەت كۈلكەمنىلا كۆردۈڭلار، يۈرۈگۈم يىغلاۋەردى…
كەڭ كەتكەن شاللىق، پارلاق ئاپتاپتا يىڭناغۇچ قوغلاپ يۈرەتتىم، نەم ئىسسىق يەردىن كېلىۋاتقان ئاجايىپ بىر راھەتبەخش ئللىقلىق پۇتلىرىم ئارقىلىق جېنىمنى يايرىتاتتى شاللىقتىكى ھەر خىل يىڭناغۇچلار زادىلا تۇتۇق بەرمەيتتى ، قوغلاپ –قوغلاپ شاللىقنىڭ سىرتىدىكى دالىغا چىقىپ قاپتىمەن، ئالدىمدا كۆز يەتكۈسىز كەڭرى دالا يېيىلىپ تۇراتتى. نە ئادەم، نە ئۇچار قۇش ھېچنەرسە يوق … بۇ يالغۇزلۇقتىن تېنىم شۈركۈنۈپ كەينىمگە يانغۇدەكمەن، شاللىققا كىرىدىغان يولدا كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەن بەك ياخشى كۆرىدىغان قىزىل رەڭلىك باسنۇشكام جۈپلەپ قويغۇقلۇق تۇرغۇدەك. كىم قويۇپ قويغاندۇ؟ مەن بۇ ئايغىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم دەپ قولۇمغا ئېلىپ، شۇنداق ھېرىسمەنلىك بىلەن سىيلىغۇدەكمەن. كىيىن شاللىقتا شاللار يوق گۈللەر ئېچىلىپ كېتىپتۇ… بالىلار نەدىدۇ؟ قىزىم ئەتىر گۈلگە ئامراق ئىدى، ئوينىۋالغان بولسىچۇ!...بولمىسا بالىلارغا گۈل ئۈزۈپ ئالغاچ بارايمىكىن . تىكەنلەر كىرىپ يارا بىلەن تولغان يالاڭئاياق پۇتۇمغا قىزىل رەڭلىك باسنۇشكامنى كىيىپ گۈلزارغا كىردىم، مەيىن شامال كۆڭلىكىمنىڭ ئېتەكلىرىنى قايرىپ ئوينىغۇدەك يۈرۈگۈممۇ سەگىپ ئارام تېپىپ قېلىۋاتقۇدەكمەن، يىراقتىن تولىمۇ سۈزۈك ئەزان ئاۋازى ئاڭلانغۇدەك.
ئاستا- ئاستا كۆزلىرىمنى ئېچىپ قاراپ كەتتىم، نەدۇ بۇ؟ قېنى مېنىڭ گۈلزارلىقىم؟ قېنى ئۇ قىزىل باسنۇشكام ؟ كۆزۈم دەرىزىدىكى ھالرەڭ پەردەمگە چۈشۈشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە، كارۋىتىمدا ياتقىنىمنى بىلدىم.
پۇتۇمدا قىزىل باسنۇشكام ئاتا قىلغان راھەتلىم سېزىم تېخىچە بىلىنەرلىكلا ئىدى تاس قالدىم يوتقاننى قايرىپ پۇتلىرىمغا قاراپ باققىلى.
ئىشىكنىڭ يېنىدا يەرگە باققىنىچە كۈندىشىم تۇراتتى. ئۇنى تۈزۈكرەك كۆرمىگىنىمگە نەچچە ئايلار بولۇپ كەتكەن ئىدى.
تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا سەمرىپ، ئاقىرىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
-ئاچا، ئويغانلىمۇ؟…- سەل ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ گېپىنى باشلىدى،- مېنى كۆرگۈلىرى يوقلىقىنى بىلىمەن، ھەتتا مەۋجۇتلۇقۇمنىمۇ بىلگۈلىرى يوق. ئۇ يەرگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ يەنە گېپىنى داۋام قىلدى.
-مېنى كەچۈرسىلە، باشقىلارنىڭ: ‹‹ھاجىمنىڭ ئايالى قوشۇلۇپتۇ، بىر ئۆيدە ئاچا- سېڭىل بولۇپ ياشايدىكەنسىلەر، ئۇ خېنىممۇ جىق ئوقىغان، چەتئەللەرگىمۇ چىققان ئىلمى چوڭقۇر مەزلۇمكەن، سېنى قوبۇل كۆرۈپتۇ.›› دېگەن گېپى بويىچە بۇ ئۆيگە كەپتىمەن. مەن كىچىكلىك قىلغىنىمنى بىلدىم.
بىر ئەرنىڭ ئايالى بولماي تۇرۇپ ئايال كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىكەن.
مېنى كەچۈرسىلە، سىلىگە ئازار بېرىپ قويدۇم، مەن قەستەن قىلمىدىم
لېكىن پۇشايمانمۇ قىلمايمەن.
مۇشۇ ئۆيدە ئۆتكەن يېرىم يىللىق ھايات ماڭا نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەتتى. ھاجىم بەرگەن دەرسلەردىنمۇ كۆپ نەسىلەرنى بىلىۋالدىم ھەم سىلىدىن ھاياتقا، ھاياتنىڭ ئادەمگە بەرگەن قايغۇلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندىم. نېمىلەردىن ۋاز كېچىش نېمىلەرنى مەھكەم تۇتۇشنىمۇ بىلدىم.
ئاچا، بۇ يېرىم يىلدا سىلى ئازاپلانلا مەنمۇ ئازاپلانماي قالمىدىم.
مۇشۇ ئۆينىڭ مېنىڭ ئۆيۈم بولۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلدىم. لېكىن بۇ مېنىڭ ئۆيۈم ئەمەسكەن، ئۆي دېگەننى ئۆزى ئەجىر قىلىپ تۇتۇپ بارلىققا كەلتۈرىدىكەن. ئارزۇ قىلغانغىلا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن. ياخشى نەرسىلەرنىڭ ئېگىسى بولىدىكەن. ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئادەم بولۇش كېرەككەن.
ئەتىگەن ھاجىمدىن سۆزۈمنى ئالدىم، ئەمدى ئادەمدەك ياشايمەن ، ھەرگىز بۇرۇنقى نىجىس يوللار تەرەپكە قارىمايمەن.
ئاللاغا ئامانەت! سىلى بەك بەختلىك ئايال ئاچا، مەنمۇ سىلىدەك بەختىمنى تېپىشقا تىرىشىمەن.
ئۇ ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ھامان بۇ ئۆيدىن كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم لېكىن قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، ئۇ كەتتى.
خۇددى بېر قېتىملىق تەتۈر قۇيۇندەك تۇرمۇشۇمنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىپ ھېلى كۆكنىڭ قەھرىگە ئەپچىقسا ھېلى قاراڭغۇ ھاڭلارغا تاشلاپ تولۇق يېرىم يىل سۆرەپ يۈرگەندىن كىيىن جايىغا قويۇپ كېتىپ قالدى.
-ئەي قىز! – دېدىم ئۇنىڭ كەينىدىن.
ئۆزۈڭ كەتتىڭ روھىڭ بولسىمۇ بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلىسۇن :
ھاياتتا ھەر كىمنىڭ بىر كىشىلىك ئورنى بولىدۇ، ھەر قانداق ئادەم ئۆز ئورنىنى تاپالماي خاتا ئورۇندا تۇرۇپ قالسا ئۆمۈر بويى بىر پۇتلاپ ئۆرە تۇرغاندەك ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ.
ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆز لايىقىدا قەدىر – قىممىتى بولىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ئۇنداق ئىنساننى ھېچكىم قەدىرلىمەيدۇ، خار –زەبۇنلۇقتا ئۆتىدۇ.
تەڭرىم سەن ئۈچۈن ياراتقان ئورنۇڭنى تاپ ، ئۆزۈڭنى قەدىرلە تۇرمۇشنىڭ يارىسى بولۇپ ئەمەس ھاياتنىڭ كۈلكىسى بولۇپ ياشا.
ماددىي مەئىشەتلەر ئۈچۈن ئىنسانلىق ھوقۇقىڭدىن ۋاز كەچمە، سەن ئايالسەن- سۆيۈلگۈچىسەن. سەن ئايالسەن – ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېگە ئىنسانسەن بۇ ئارتۇقچۇلۇق، ھوقۇقلار ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن.
بارچە ئىنسان ئارمان قىلىدىغان گۈزەل ياشلىقىڭنى مازار چاشقىنىغا ئوخشاش قاراڭغۇ يوللاردا ياشاپ تۈگۈتۈپ قويما.
ساڭا بىر نۇسىرەتلىك يورۇق يول تىلەيمەن!
ئەمدى ھېچكىمنىڭ گۈلزارىنىڭ زېمىستانى بولۇپ قالما.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمدە ئازراقمۇ خوشاللىق سەزمىدىم.
-خانئاچا، ھېلىقى ئايال كەتتى. كىيىملىرىنى ئېلىپ بايا كەتتى. مېنى مۇشۇ ئۆينىڭ خىزمەتچىسى دەپ قالدىمىكى خوشمۇ دەپ قويماي كەتتى.
چىرايلىق خوتۇنكەن –ھە بولمىسا….
قېينى سېڭلىم توختىماي شۇ ھەقتە سۆزلەۋاتاتتى، مېنىڭ كاللام يەنە قالايمىقان خىياللاردا ئىدى.
ھوجرامنىڭ دېرىزىسىدىن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھېلىقى‹‹ھۇجرا››نىڭ دېرىزىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تالاي- تالاي قېتىم ئاشۇ دېرىزىدە چىراغ ئۆچۈش بىلەن تەڭ مېنىڭ يۈرۈگۈم شاكراپتا پىلتىڭلىغان ، قوقاستا پۇچۇلانغان ئىدى. ئەمدى ئۇ دېرىزىدە چىراغ يېقىلمايتتى. ئەمدى ئېرىم ھوجرىمىزغا قايتىپ كىرەتتى. لېكىن بىز بۇرۇنقىدەك ياشىيالايمىزمۇ؟ تاغ تېكىسى چەيلىۋەتكەن گۈلزارىمىزدىكى گۈللەر يەنە بۇرۇنقىدەك خۇش پۇراق چاچالارمۇ؟ بۇ يېرىم يىللىق ئاچچىق ھاياتنى ئۇنتۇپ ھاياتقا بۇرۇنقىدەك يۈزلىنەلەيمەنمۇ؟
ئۆزۈمنى كەچ كۈزنىڭ ئاپتىۋىدا ئاران مىدىرلاپ يۈرگەن ئېڭىز قۇرۇتىدەك نىمجان ھېس قىلدىم. ئەمدى يەنە بىر قېتىم قىرو چۈشسىلا ئۇ نىمجان قۇرۇت توڭلاپ ئۆلۈپ قالاتتى.
-خانئاچا، ياخشى بۇ ئايال قورسقىمدا بالام بار، ئۆي ئېلىپ بېرىسەن، ھەق بېرىسەن… دەپ جىدەل قىلماي ئاسانلا كېتىپ قالدى –ھە!
-بالىسى بارمىكەن؟
- بىلمەيمەن، يوقتۇ . ئەگەر ئۇ بىرنىمە ئۈندۈرىۋالىمەن دەپ شۇنداق قىلسا قانداق قىلاتتۇق دەيمەن شۇ.
-چاي قۇيۇپ بەرسىلە ئۇكام، ئەمدى ئۇ ئايال ھەققىدە سۆزلەشمەيلى مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق.

مەنبە :شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى 2013-يىلى 6-سان
xukrihuda_01.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 03:50 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 100 نىم دىگەن ئاجىز بىز .
zulayha + 500 بەك يىغلىدىم
vincent + 500 نادىر تېما
مەلىكە + 500 ئىسىل يازما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1600   باھا خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى يېڭى ئەزا «زۇلنۇرى»دىن سىلەرگە سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇنىڭغا يېزىلغان ئوبزۇرمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئىكەن ،بۇنىمۇ يوللاپ قويدۇم .




ئايال ئايالغۇچىدۇر

ئايجامال مۇھەممەت

ئادىتىم بويىچە ھەر قانداق يېڭى ژۇرنال قولۇمغا تەگسىلا مۇندەرىجسىنى كۆرۈپ چىقىمەن.《شىنجاڭ ئاياللىرى》 ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 6- سانىنى قولۇمغا ئېلىپلا《ئەسەر ۋە بەھر》 سەھىپىسىدىكى 《ئېرىمنىڭ كىچىك خوتۇنى》 دىگەن ماۋزۇ دىققىتىمنى تارتتى. دەرھاللا ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئوقۇۋېتىپ ناھايىتى ئىتائەتچان، يۇۋاش، ئېرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ساداقەتمەن بىر ئايالنىڭ كەچمىشلىرى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. گەرچە بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلىك مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا بولمىسىمۇ ئايال بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياش تۆكۈپ، ئازاپلاندىم ،تولغاندىم.مېنىڭچە بۇ ھىكايىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ئاياللار بۇ تۇيغۇدىن خالىي بولالمىدى ھەقىچان،لېكىن”ساۋاپ“نى ۋە ياكى باشقا تۈكى يوق ئىشلارنى سەۋەپ قىلىپ قوش خوتۇنلۇق بۇلۇپ بىر ئۆمۈر ئۆزىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمىتىنى قىلىپ جان – پىدالىق بىلەن پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇۋاتقان ئايالىنىڭ يۈرىكىگە زىخ سانجىپ يۈرگەن ئەرلەرنىڭ قانچىسى بۇ ھىكايىنى ئوقۇغاندۇ؟ئوقۇغان تەقدىردىمۇ خۇددى ئاشۇ ئايسۇلتان خېنىمنىڭ باي ئېرىدەك ئايالىنى”ئىچى تار “ دەپ غېمىدە يوق يۈرەمدىغاندۇ ؟دىگەن خىياللار كۆڭلۈمدىن كەچتى.
ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددى، ئىخچام بۇلۇپ ئاپتور چۈشىنىشلىك ، مېغىزلىق تەسۋىرلەر بىلەن ئايسۇلتاننىڭ باي ئېرى بىلەن ئۆتكەن 25 يىللىق ھاياتىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھالدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىپ بەرگەن. ھىكايىدىكى” ئايسۇلتان “خېنىم باي ، زەردار ئېرىنىڭ ” ساۋاپ “ ئۈچۈن قىزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ” يولدىن ئېزىپ قالغان“بىر قىزنى خۇپىيانە نىكاھىغا ئېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىشى بىلەن كۆڭلى قاتتىق ئازار يەيدۇ.ئۆزى ياشىغان مۇھىتتىكى ئەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشنىمۇ گۇناھ بىلىدىغان ئادەت بويىچە ياق دىيەلمەيدۇ، قانچە – قانچە كېچىلەرنى ئېرىنىڭ”يېڭى ھۇجرىسى “نىڭ دەرىزىسىگە قاراپ، ”ھۇجرىنىڭ چىرىغى “ئۆچسە، ئازاپ بىلەن تولغىنپ،تۈننى تاڭلارغا ئۇلاپ يىغلاپ چىقىدۇ،كېچە- كېچىلەپ يىغلاپ جەينامازدا ئولتۇرۇپ دەردىنى ئاللاغا تۆكىدۇ، لېكىن كۈندۈزى چىشىنى چىشلەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.ئاخىرى دەرد ئۇنى يىقىتىدۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۈندىشى”ئازغۇن قىز “، ئېرىنىڭ كىچىك خوتۇنى ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ئۆزى كېتىپ قالىدۇ،ھىكايە مۇشۇنداق تۈگەيدۇ،دەرۋەقە، بۇ خىل ئەھۋال ئەتراپىمىزدا راسلا كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا، مەن بۇ يەردە ھېكايىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپىقىيىتى ھەققىدە توختالماستىن،ھەتتا مېنىڭ كۆز ئالدىمدىمۇ بىر نەچچە ئاچىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنداق ئىشلار ئىشلارغا بىرلەشتۈرۈپ تۆت ئېغىز سۆزلەشنى توغرا تاپتىم. مۇشۇ كۈندە چايلاردا، توي – تۆكۈنلەردە ئاشۇنداق ھەممە يېرىنى چەتئەلنىڭ ئېسىل كىيىم كىچىكى بىلەن جابدۇپ، ئېسىل زىبۇ – زىننەتلەرنى تاقاپ يۈرسىمۇ ، ئەرلىرى بەزىلىرىنىڭ ئاشكارا، بەزىلىرىنىڭ يوشۇرۇن خوتۇن ئېلىۋالغانلىقىنى بىلىپ ئىچىدە مىڭ تولغىنىپ، كۆزلىرىدىن كۈندەشلىك ئوتلىرى چاچراپ تۇرىدىغان نۇرغۇن” ئايسۇلتان“لارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدۇق. تولىمۇ تاتلىق، تۈگىمەس غەيۋەتلەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ قالغان ئاشۇ چايلىرىمىزدا يېنىمىزدىلا يۈرگەن بىرەرسىنىڭ ئېرىنىڭ سىرتتا بىرسى بىلەن ئۆي تۇتۇۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدۇق،نۇرغۇن چىرايلىق قىز، سىڭىللىرىمىز گەرچە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، شۇنىڭغا لايىق ئەقىل ئىشلىتىپ توغرا تىرىكچىلىك يولىنى تاپاي دىمەي، ئاكسى ، دادىسى دىمەتلىك پۇلدار ئەرلەرنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ، ياكى ئۇلارنىڭ پەيلى قىلتىقىغا بىلىپ بىلمەي ئىلىنىپ قېلىپ، ئاخىرىدا تېخىمۇ ئەدەپ خەق مىڭ بىر جاپادا قۇرغان بەختلىك ئائىلىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۈچۈنچى شەخس بۇلۇپ ياشاش يولىنى تاللىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. تېخى يېقىندىلا شۇنداق بىر چايدا بىر ئىشنى ئاڭلاپ قالدىم. بىر ئەر ئايالى بىلەن تىرىشپ تىرمىشىپ نۇرغۇن يىل ئەجىر قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ جىق پۇل تېپىپتۇ، كارخانىسىنىڭ سودىسىمۇ راۋاجلىنىپ ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىن ئېسىل داچا سېتىۋاپتۇ، ئەر ئايالىنى جىق جاپا تارتتى دەپ خىزمەتتىن ئاجرىتىپ ئۆيدە بالىلىرىنى تەربىيلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئەرنىڭ بۇ ھىممىتىدىن سۆيۈنگەن ئايال ئۈچ پەرزەنتىنى بېقىش بىلەنلا مەشغۇل بۇلۇپ، ئېرىنىڭ سىرتتىكى ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي يۈرۈپتۇ، ئاخىرى ئېرى تۇيۇقسىزلا ” مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى، ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى “چۈشىنىپ قېلىپ، كىچىك بىر قىزغا ”كۆيۈپ “ قاپتۇ، ئۇ قىز ئەمدىلا ئۇنۋېرستېتنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي، ئاشۇ ئەر قۇرغان شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ئىكەن، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇنى قىزىقتۇرۇپتۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ياش، گۈزەللىكىدىن پايدىنىلىپ بۇ ئۆيگە كىرىش قەستىگە چۈشۈپتۇ،ئەر ئايالىغا خالىسا تەڭ ئۆي تۇتۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى، خالىمىسا ئايال نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى بېرىپ ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئايالى ئۇنىمىسا ھىلىقى ”تالا مۈشۈكى“ئۇنىڭغا تېلفۇندا تەھدىت سېلىپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولۇپتۇ، بۇ ئىشىنىڭ نەتىجىسى كېيىن قانداق بولدى، مەنمۇ بىلمىدۇق،ھەممىمىز توۋا دەپلا قېلىشتۇق، قىزلىرىمىزغا، ئەرلىرىمىزگە ئىنساپ تىلىمەكتىن باشقا چارىمىز يوق ئىدى.
خوش ، ئۇنداقتا ئاياللىرىمىزچۇ؟ قايسى بىر مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ئايال قانۇنغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالىدۇق؟ بۇ گەپنى ئېغىزدا دىمەككە ئوڭاي بولغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئىش، ئالدى بىلەن ئايالنىڭ ئويلايدىغىنى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرى بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كىمنىڭمۇ دادىسى قوش خوتۇنلۇق بولۇۋالغان قىزنى (ئوغۇلنى) 《كېلىنىم(كۈيۈغلۇم)》دەپ سىز بىلەن قۇدىلاشقۇسى كېلىدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىش پەرزەنتلەرنىڭ بېشىدىن بىر ئۆمۈر كەتمەيدىغان «ياغلىق قاپاق» بۇلۇپ قالىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلىدۇ، بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدۇ، ئەجىبا مۇشۇ ئەرلەرنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىشىنى بىلگۈدەك ئەقلى يوقمىدۇ ؟ ئەر كىشىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئايال كىشىنىڭ ئۈستى- بېشىنى ئوڭلاش، قورسىقىنى توقلاش بولسىلا بولمايدۇ، ئەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئايال ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەنگە ئوخشاش قۇربانلىق بېرىپ، ئايالى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسى بارلىقىنى بېغىشلىيالىسا، ئايالىغا پۈتكۈل مېھرى– مۇھەببتىنى بېرىپ، كۆيۈنۈپ تۇرسا ئۆزى كۈتكەندىن نەچچە ھەسسە مېھرى- مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. ئائىلىنىڭ خاراپ بۇلۇشى ياكى گۈللىنىشى ئەرنىڭ ساپاسىغا باغلىق، ئەر كىشى ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي، نىكاھنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرىدىكەن ئايالمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ، پەرزەنتلەر يېتىملىك كوچىسىدا تاشلىنىپ خارلىقتا قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئەۋلادنىڭ خاراپلىشىشى باشلىنىدۇ.
قەدىمدىن تارتىپ بالا تەربىيلەشتە ئانىنىڭ رولى مۇھىم دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا بۇرۇنقى زامانلاردا ئىككى خوتۇن بىر ھويلىدا تۇرۇپ بالىلارنى تەڭ تۇغۇپ، تەڭ تەربىيلىگەن ئىشلارمۇ جىق بولىدىغان ئىكەندۇق، لېكىن ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، ئاياللارنىڭ نىكاھقا بولغان قارىشىمۇ ئۆزگىرىپ، جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك قەدىر – قىممىتىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ، ئائىلىدە بولسا يەنە ئوخشاشلا پەرزەنت تەربىيلەش، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن پايپېتەك بۇلۇپ يۈرىدۇ، جەمئىيەتنىڭ كۆپ قاتلاملىققا، ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىمۇ ئېغىرلاشسا ئېغىرلاشتىكى ھەرگىز يىنىكلەپ قالغىنى يوق، ئاياللار مەيلى نىمىلا خىزمەت قىلسۇن ياكى ئۆي ئايالى بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسىدىلا ساداقەتمەنلىكتىن ئىبارەت بىر ئورتاقلىق بار، نىمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرى ئاشۇلارنى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى،ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئاشۇ ئەجرلىرىنى ئويلاشماي ئۆز شەخسىيىتىنىلا ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدى؟
بۇ يەردە مېنىڭ قوش خوتۇنلۇق بۇلۇۋالغان ۋە بولماقچى بۇلۇۋاتقان ئاشۇ باي ئاكا سۈپەت، دادا سۈپەت ھاجىملىرىمىزغا ياكى ۋە «ئۈچىنچى شەخس» ھەدە- سىڭىللىرىمىزغا ئىككى كەلىمە سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ :
ئاكا، سىز دۇنيانىڭ، ۋەتەننىڭ، ئائىلىدىن ئىبارەت ئاشۇ كىچىككىنە ۋەتەننىڭ ئۆزگەرتكۈچىسى، ھىمايىچىسى ئىدىڭىز، پۇل تاپتىڭىز. يول تاپتىڭىز، پەرزەنتلىرىڭلارنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇۋاتىسىلەر، كىشى كىرسە ئەيمەنگۈدەك داچىلاردا ھوزۇر ھالاۋەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىسىز، سىز ” ساۋاپ “ ئىزدەپ نىكاھىڭىزغا ئالماقچى بولغان قىزنى سىڭلىڭىز، قىزىڭىز قاتارىدا كۆرۈپ تەربىيلەپ، نامراتلىق دەستىدىن ئۆيلىنەلمەي قالغان بىرەر يىگىت بىلەن بېشىنى قوشۇپ،ساۋابنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئالسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ ؟ نىمە ۋەجىدىن كىچىككىنە سىكىلەك ۋاقتىدىن باشلاپ سىز بىلەن بۇ ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ، نۇرغۇن ئىسسىق سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ چاچلىرىغا ئاق كىرگەن جورىڭىزغا - پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئانىسىغا ئاشۇنداق ئېغىر ئازاپنى راۋا كۆرىسىز ؟ ئۇمۇ شۇنداق ياش ۋاقتىدا ئاجايىپ چىرايلىق ئىدى، نى- نى يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققان گۈزەللەردىن ئىدىغۇ؟!. سىزنىڭ نىكاھىڭىزغا ئۆتۈپ بارلىقىنى سىزگە تاپشۇرغان ئىدى. ئەجىبا بۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ سىز قىلىدىغان ساۋاپلىق ئىشلار بەك جىق ئىدى! قاراڭ، ئاۋۇ دوختۇرخانىلاردا يېتىۋاتقان، داۋالىنىشقا پۇلى يەتمەي دەرۋازا ئالدىغا چىقىرىپ قويۇلغان ھاجەتمەنلەرگە، كىمنىڭمۇ مۇشۇ كۈنلەردە خەققە قول سوزغىسى كېلىدۇ؟ دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزچىلىق بولسا كېرەك، شۇلارغا ياردەم قىلىڭ، مەكتەپتە ئوقۇيالمايۋاتقان، يۇقىرى ئۇقۇش خىراجىتى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بار، شۇلارغا ياردەم قىلىڭ.
ئەي ، ئازغۇن سىڭلىم! گۈزەللىكىڭدىن ئايمۇ خىجىل بولغىدەك چىرايلىقسەن، بىلىپ – بىلمەي، شېرىن – شېكەر سۆزلەرگە ئالدىنىپ ئېزىپ قالغان بولساڭ، توغرا يولنى ئاشۇ دادا سۈپەت ئاكاڭغا كىچىك خوتۇن بۇلۇش يولى بىلەن ئەمەس، سىڭلىسى، قىزى بۇلۇش يولى بىلەن تاپقىن، ھالال يول بىلەن ئەجرىڭدىن بەختلىك ئائىلە قۇرغىن، ھەرگىزمۇ خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، قاغىشى ئىچىدە ياشاشنى تاللىمىغىن. چۈنكى سەنمۇ بىر ئايال، سەنمۇ كەلگۈىسىدىكى بىر ئانا. پەرزەنتىڭ يۈزى يورۇق ياشىسۇن،«توقالنىڭ بالىسى» دەپ چاقىرىلىمىسۇن، ئەۋلادلار ساپ ۋە ۋىجدانلىق ئايالللاردىن تۇغۇلسۇن، ئۇلار سۆيۈلسۇن، رەڭگى سولمىسۇن... ئايال دىمەك ئايالغۇچىدۇر.

شىنجاڭ ئاياللىرى › ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلىنغان


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى يېڭى ئەزا «زۇلنۇرى»دىن سىلەرگە سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1585
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ.‏      
                                                                                         _سۈرە نىسا 3-ئايەتنىڭ ئاخىرى

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18733
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5976 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulnuri يوللىغان ۋاقتى  2013-9-17 03:47 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇنىڭغا يېزىلغان ئوبز ...

ئەتىگەندە بۇ تېمىنى ئۇقۇپ كۆڭلۇم ھەجەپ بىر يېرىم بولدى دېسە ،ئۆزەمنى مۇشۇ ئايسۇلتان نىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئۇقۇپ ئاخرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97633
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ياشلىرىمنى پەقەتلا توختىتىۋالالماي قالدىم.بىر ئېرى بار ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەم مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن.ئايال كىشى ئۆي تۇتقاندىن كىيىن ھەممىگە چىدايدۇ .سەۋىر قىلىپ ئۆتىدۇ.ھەتتا ھەممىدىن قاتتىق ئاتالغان يوقسۇزچىلىققىمۇ چىدايدۇ ئەمما ئېرىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ قوينىدا يېتىشىغا ھەرگىز چىدىمايدۇ .ئاغزىدا ھە دەپ يالغان كۈلۈپ يۇرگەن بىلەن دەدىنى ئىچىدە بىلىدۇ.
مەنمۇ جىق كۆرۈپ كەتتىم بۇنداق ئىشلارنى.چوقۇم شۇلانى خوتۇنلۇققا ئالغاندىلا ساۋاپ تاپقان بۇلامدۇ؟ئۆزىنىڭ قىزىدەك قىزلارنى .............نىمىشقا بالىسى بار ،تۇل قال ئاياللارنى ئالمايدۇ ؟
‹‹ ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرسەڭلار بىرى بىلەن كۇپايىلىنىڭلار›› ئادىل مۇئامىلە دېگەن قاندق بولىدۇ؟ تۈرك كىيىملىرى شەھەرچىسىگە ئەكىرىپ ئوخشاش كىيىم ئەپ بەسىلا بولامدا؟ چوقۇم ئىككىسىدىن بىرسىنىڭ مېھرى يەنە بىر سىنى بېسىپ چۈشىدۇ.‹‹ يېڭى كۆلنىڭ سۈيى تاتلىق ئەمەسمۇ؟›

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97789
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-9-12
ئاخىرقى: 2013-9-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھەيييييي نىمىلا دىگەن بىلەن ئايال كىشىدە.ھەر قانداق ئايال زاتىدا كەم ئەمەس كۈندەشلىك. ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال ئىرى ئالدىدا نىمە دىگەن ئاجىز.     لىكىن كۆپ ئاياللىق بولغاننىڭ ساۋابى چوڭ. مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ بولسا،ئىسلامىيەتكە كۆپ تۆھپە قوشالايدۇ. لىكىن ھەممە ئاياللىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ بولىشى تەس دەپ ئويلايمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 باشقچەساۋاپ تاپالمام.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18733
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5976 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sumbul-bigim يوللىغان ۋاقتى  2013-9-18 09:47 AM
ئايسولتان دىگەن كىم ئۇ

تېمىدىكى باش پىرسۇناژچۇ؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97789
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-9-12
ئاخىرقى: 2013-9-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئەرلەرنىڭ ئاشنا ئوينىشى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ.بىر ھىساپتا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ياخشى دەپ قارايمەن. بىرنجىدىن:ئىقتىسادى جەھەتتىن ياخشى.ئىككىنجىدىن: ھارام ئىشلاردىن ساقلىنالايدۇ.ئۈچنجىدىن:تىمىدا دىيىلگەندەك يامان يولغا ماڭغانلارنى تۈزىيەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
‏بۇ مېنىڭ شەخسى ئويۇم،قىزلار تىللاپ كەتمەڭلار يەنە......

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش