|
|
|
|
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگە سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى، ئاتاقلىق ئەدىب، سەنئەتكارلار، خىزمەتداش، كەسىپداش، دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار 15-سىنتەبىر ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىغا جەم بولۇپ،مەشھۇر رەسسام، سەنئەت مائارىپچىسى غازى ئەھمەدنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ 60 يىللىقى ۋە ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ 80 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى.
غازى ئەھمەد 1933-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلدى. ئۇ كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا ئامراق ئىدى. بۇ ئامراقلىق ئۇنى بارا-بارا تالانتلىق رەسسامغا ئايلاندۇردى. ئۇ 20- ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئىجاد قىلغان «ناھەق ھۆكۈم» ناملىق ماي بوياق رەسىم مەملىكىتىمىز مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ رەسىم ياش غازى ئەھمەدنىڭ شىنجاڭنىڭ پىرسۇناژلىق رەسىم ئىجادىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ رەسسامچىلىقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش ئىزىغا سالغانلىقىدىن دېرەك بەردى. غازى ئەھمەد سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىلدىن بۇيان «مۇقام»، «ھېساب ئېلىش»، «گىلەم . ئۇيغۇرلار»، «مۇزىكا مەستانىلىرى» قاتارلىق نامايەندە خاراكتېرلىق ماي بۇياق رەسىملىرىنى ئىجاد قىلدى. ئۇ بۇ رەسىملىرى بىلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ روھىيىتىنى جەۋھەرلەپ، مەنىۋىي ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈردى. شىنجاڭنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەسساملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىدى ۋە ئېلىمىزدىكى مەشھۇر رەسساملار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. غازى ئەھمەد يەنە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى قېزىپ، ئۆزلۈك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى «مەھمۇد قاشغەرىي»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ، «ئەلىشىر نەۋايى» ، «مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى» قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پىرىتوتىنى يارىتىپ، ھەر ساھەنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
غازى ئەھمەت ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خەتتاتلىق، بەدىئىي ئەدەبىيات بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق ئەسلىمىسى، «ئارزۇ» ناملىق شېئىر توپلىمى نەشىردىن چىقتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، تۈركىيە خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ قەدىرلەندى.
غازى ئەھمەدنىڭ رەسساملىق، خەتتاتلىق، ئەدىب-شائىرلىق ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى (مەدەنىيەت-تارىخ يۇرتى) ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات رەھمۇتۇللا سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەتتە ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، سەنئەتكارلار غازى ئەھمەدنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىگە، ئىجادىيەت ھاياتىغا باھا بېرىپ يازغان ماقالە، شېئىرلىرىنى ئوقىدى، ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئورۇندىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد غازى ئەھمەدنى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: خوتەننىڭ ئاۋات كوچىسىدا بىر دېھقاننىڭ ھەيكىلى بار، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا كۆركەم بىر رەسىم بار. بۇ نامايەندە خاراكتىرلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى غازى ئەھمەد ئىجاد قىلغان. غازى ئەھمەدنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلغان بۇنداق ئۆزگىچە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ھازىر ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا بىر روھ بار. ئۇ بولسىمۇ «تەڭرىتاغ روھى».
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-17 03:07 PM
|
|
|
|
|
|