ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى
ھەقنى سۆزلەپ بولدۇق ساپاسىز ،
ھالال مېھنەت كەلدى جاپاسىز ،
ئاڭقىرالماي كىملەر گۇناھسىز ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
كەتكەنلەرگە قالدۇق تارتىشىپ ،
گاھ دالدىدا گۇناھ ئارتىشىپ ،
ئۇرۇق -تۇققان كەتتى ياتلىشىپ ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
ھەزەر قىلماي ئۆتمۈش ساۋاقتىن ،
ئۆمۈر ئۆتتى كەلمەي قاۋاقتىن ،
بەخىت ئىزدەپ چۈشمەي راۋاقتىن ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
كىر ئىزدىدۇق سەۋەن تاپالماي ،
يا ئەيىپنى يۈردۇق ياپالماي ،
قالدى مەنزىل ئاتلار چاپالماي ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
كۆڭۈل قانماي تېخى پىراققا ،
جانان ئىزدەپ كەتتۇق يىراققا ،
مۇھتاج تۈنلەر ئەمدى چىراققا ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
تۈگىمەيدۇ ھاياتنىڭ غېمى ،
تەڭشىلىپمۇ قالىدۇ كېمى ،
تىرىكنىڭمۇ چۈشىدۇ دېمى ،
ئۆگىنىپ قوي سەنمۇ ياشاشنى .
شىرئەلى مەمەت