مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4621|ئىنكاس: 0

جۇڭگو ھاۋا ئارمىيسى باشقۇرىلىدىغان بومبىسى پەقەتلا بىر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 05:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر شارى تورى ئۇنۋېرسال ئاخباراتى، ئەنگىلىيە جېيىن مۇداپىئە ھەپتىلىكى 28-ئاۋغۇست خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى قورال-ياراق تەرەققىيات پىلانى قارىماققا جۇڭگوغا بولغان ئەندىشىگە ئەگىشىپ تۈزۈلۈپ كەلگەن.  يېقىندا، جۇڭگو ئاشكارىلىغان بىر قانچە نۇسخىدىكى ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ئامېرىكىنى يەنە ئەندىشىگە سالغان. ئەمما ‹‹جېيىن مۇداپىئە ھەپتىلىكى››نىڭ كۆرسىتىشىچە، تېخنىكا سەۋىيىسى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا تەرەققىياتىنى مۆلچەرلەش يەنىلا قىيىن ئىكەن، شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتىسز ئىكەن.


خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئازاتلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش ئايروپىلانى – قىرغۇچى-11Aۋەقىرغۇچى-11Bئىككىلىسى كۆرۈش ئارلىقىدىن ھالقىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا “PL-11”،“PL-12”نى ئىشلىتىۋاتقان.  يېرىم ئاكتىپ رادار يىتەكلەيدىغان “PL”-11غەرب ئەللىرىدە ئاللىقاچان ئارقىدا قالغان مەسھۇلات بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ھالبۇكى ئازاتلىق ئارمىيە تېخىچە بۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. “PL-12”بولسا جۇڭگو تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۆتىنچى ئەۋلاد ئىلغار ئوتتۇرا ئارىلىقتىن توسۇپ زەربە بېرىش ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا بولۇپ، ئاكتىپ رادار يېتەكچىسىنى ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو يەنە R-27ئوتتۇرا ئارىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا،R-73يېقىن ئارىلىقتا تۇتۇشۇش ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە R-77ئوتتۇرا ئارىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا قاتارلىقلارغا ئىگە. ئەمما بۇلار پەقەت سوۋىت-27 ۋە سوۋىت-30 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغىلا سەپلىنىدۇ.



خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ قىسقا ئارىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسى “PL-5”ۋە“PL-8”نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئەمما نۆۋەتتە ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ ‹‹شالدىراق قۇيرۇق يىلان›› ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبا تىپىدىكى ئىلغار قورال-ياراقلارغا ئىگە ئىكەن ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن. “PL-5”روسىيىنىڭ R-3دىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، “PL-8”بولسا ئىسرائىلىيە ‹‹بوغما يىلان›› ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىغا تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان ئىكەن. گەرچە بۇ ئىككى خىل باشقۇرىلىدىغان بومبا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگەرتىپ ئىلغارلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەڭ ئىلغار قورال-ياراق ھېساپلىنالمايدىكەن.



خەۋەردە ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، گەرچە جۇڭگونىڭ ھاۋادىن ھاۋاغا قارىتىلغان باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش كۈچى تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹بۇنىڭ پەقەت بىر زىننەت بۇيۇمىلا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى››نى كۆرسەتكەن.

مەنبە:
يەر شارى تورى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
othor + 111 زىننەت بۇيۇمى ياساشق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش